قۇلۇڭنى تۇتقۇم بار ئىدى

ھىكايە

كەينىڭدىن مېڭىپ پۈتۈن بويۇڭنى كۆزىتىۋاتاتتىم گويا تۇنجى قېتىم كۆرۋاتقاندەك. ئىككى قۇلۇڭ سەل ئىگىلگەن بۇلۇپ جەينىكىڭ بىلەن بىلىڭ ئارلىقىدىن بوشلۇق ئېچىلىپ تۇراتتى گويا مىنىڭ قۇلۇمنىڭ شۇ بوشلۇقتىن كىرىپ سىنى قولتۇقلاپ مېڭىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقاندەك تۇرۇپلا ئۆزۈمدە قۇلۇڭنى تۇتۇپ مېڭىشقا ئوتتەك بىرقىزغىنلىقنىڭ پەيدا بولغىنىنى ھېس قىلدىم. لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم بۇ بەختتىن مەھرۇم ئىدىم بەلكى مەھرۇم بولغىنى سەندۇرسەن ئەمما بۇنى ھېس قىلمايۋاتاتتىڭ !


ئالتە يىل نىمە دىگەن ئۇزۇن ۋاقىت لېكىن ئاشۇ ئۇزۇن ۋاقىت بىر تېمىتىم سۇنىڭ قۇمغا سىڭگىنىدەكلا تىز ئۆتۈپ كەتتى ئىككىلىمىز قىيالمايۋاتىمىز تىل ئىقرار قىلمىغان بىلەن كۆز ئىقرار قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرمىزغا نىمە كىرۋالغانلىقىنى بىلەلمەيمەن ئەمما ھەقىقەتەن كۈچلۈك نەرسە ئىكەن كۆز ياشلىرىمىزنى مەجبۇرى يۇتۇپ تىللىرىمىزنىڭ گەدىنىنى بېسىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىتىپ ئايرىلماقچى بۇلىۋاتىمىز
قۇلۇڭنى بىر قېتىم تۇتۇۋالغان بولسام . . . بىلىمەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم تۇتقان ئەمما ئىشەنگىنكى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن قۇلۇڭنى پەقەت تۇتۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ.
قانچىلىك سۆيۈملۈك ئىدىڭ ھە ؟ كىلىۋاتقىنىڭدا ئەتىراپىمدىكىلەرگە مەغرۇر قاراپ قۇياتتىم ئاۋۇ مىنىڭ ئايالىم دىگەندەك ! تاماقلىرىڭنىڭ تەمىدىن ئېغىزىمنى تامشىتىپ قالغاندا مۇشۇنداق تاماق چىقىرىپ بىر ئاشخانا ئاچساق تىزلا تۇنۇلۇپ كىتىمىز دەيتتىم .
ئاخشام بوينۇمغا ئېسىلىپ مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن قەلبىڭدىن مەڭگۈلۈك ئۇرۇن ئالغۇم بار دەپ يىغلاپ كەتكەنتىڭ . . . يۈرەكلىرىمىز بەرداشلىق بىرەلمىگەندە سۈنئى قېپىنى يىرتىپ چىقىپ ئەسلى جامالىنى زاھىر قىلاتتى، ئەمما بۈگۈن « ئاخشام سەندىن ئايرىلالماي مەن دىگەنتىڭىز» دېسەم سىزمۇ « مەنمۇ سەنسىز ياشىيالمايمەن» دېگەنتىڭىز دىدەڭ، «ئەمسە ئاجراشمايلى» دېسەم «بىز كىچىك بالا ئەمەس ئاجىرشىشنى قارا قىلىپ بولغانكەنمىز ئاجىرشىمىز» دىدەڭ . . .
تۆۋە خۇدايىم بىز زادى نىمىشقا ئايرىلماقچى ياخشى كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈنما زىيادە ياخشى كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈنما ئادەمنىڭ يېشى چۇڭايغانسىرى بىلمەيدىغانلىرى كۆپىيىپ قالىدىغان گەپكەن . . . مەن بىلەلمىدىم .
قۇلۇڭنى يەنە بىر قېتىم تۇتۇۋالغۇم كەلدى لېكىن سەن قىزىل ئىشىكلىك ئىشخانىغاكىرىپ كىتىپ بۇپتىكەنسەن .
قۇلاق تۈۋۈمدە ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن تىتىرەپ توۋلاۋاتقان قۇزا ئۇيقۇمنى ئېچىۋەتتى.
-دادا نىمىشقا بۇ قۇزىنى ئۆيگە ئەكىرۋالدىڭ، ؟ دىدىم ھەيران بۇلۇپ
- ئانىسى زىيادە ئامراق چىقىۋالدى.
- نىمە ئامراق چىقسىمۇ ئايرىۋىتەمسەن ؟
- بەك ئامراق چىقىۋالسا قۇزىسىنى يالاپ قانماي قۇلاق، پۇتلىرىنى چاينىۋېتىپ سالىدۇ بۇ قۇزىسىغا چىدىماي يەپكەتكەندەكلا بىر ئىش شۇڭا قۇزىسى سەل چوڭ بولغىچە ئايرىپ باقىمىز.
ئېغىلدىن ئانىسىڭ ئاۋازى ئۆيدىن قۇزىنىڭ ئاۋازى « قۇلۇقۇمغا پەرھاد ! شىرىن !» دەپ توۋلاۋاتقاندەكلا ئاڭلىنىپ قالدى

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*