ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ۋاز كىچىڭ !
باشقىلارنىڭ ئۇنى ،ئۇنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرىشىگە پۇرسەت بېرىڭ !
ئەگەر سىز ياخشى كۆرگەن ئادەم سىزدىن ۋاز كەچسە،ئۈزىڭىزنى ئەركىن قۇيۇپ بېرىڭ !سىزنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش پۇر سىتىڭىز بار.
بەزى نەرسىلەرگە سىز ھەرقانچە ئامراق بولسىڭىزمۇ ،سىزگگ مەنسۇپ بۇلالمايدۇ !بەزى نەرسىلەرگە سىز ھەرقانچە تارتىشسىڭىزمۇ،ۋاز كىچىشىڭىز پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن .
كىشىلىك ھاياتتا ھەرخىل بولغان مۇھەببەتلەر بۇلۇدۇ !
بىراق سىز ئۇ مۇھەببەتنىڭ سىزنى ئازاپلىشىشىغا ،سىزگە زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويماڭ !بەزى نەرسىلەرنى يۇقۇتۇپ قويۇش بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن .
بىر نەرسىنى ياخشى كۈرۈش سىزنىڭ شۇنەرسىگە چوقۇم ئېرىشىشىڭىزگە سەۋەب بۇلالمايدۇ .
ئەگەر ئېرىشسىڭىز ئۇنى چىن كۆڭلىڭىزدىن قەدىرلەڭ ! ئاسراڭ !
ئەگەر سەمىمىيەت ماڭا ئازاب بولسا مەن يالغانچىلىقنى تاللايمەن .
ئەگەر يالغانچىلىق بىرخىل ئازاب بولسا مەن گەپ قىلماسلىقنى تاللايمەن .
ئەگەر گەپ قىلماسلىق ئازاب بولسا مەن ۋاز كىچىشنى تاللايمەن .
ئەگەر مەھرۇم بولۇش ئازاب بولسا بەدەل تۆلەشتىن قورقامسىز ؟
ئەگەر ئالدىنىش ئازاب بولسا ئاياغلاشتۇرۇشنى تاللىمامسىز ؟
ئەگەر قوغلىشىش ئازاب بولسا ھۇشۇڭىزنى يىغىشنى تاللىمامسىز ؟
بىرخىل مۇھەببەت بار ئىنتايىن چوڭقۇرئىپادىلىگىلى بولمايدۇ .
بىرخىل مۇھەببەت بار ۋازكەچمەي بولمايدۇ !
بىرخىل مۇھەببەت بارسىزنى ئىنتايىن ئېغىر ئازاپلارغا تاشلايدۇ …سىز يەنىلا ۋاز كىچەلمەيسىز .
بىرخىل مۇھەببەت بار ئۇ بولسىمۇ ۋاز كىچىش .ۋاز كىچىش-ھەقىقى مۇھەببەتتۇر

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. جۇغلان
    ۋاقىت: 2011- يىل 3- ماي 03:41 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەمدى نىمە دەي؟! ماڭا ھېچقايسىسى چۈشمەيدىكەن…… hehehe

1 قېتىم ئاتالدىڭىز

  1. [...] شۇڭىمۇ، بۇنداق سۆزلەرگە زىيادە ھېرىسمەن. بۇرۇنمۇ خاتىرەمدە يىغىپ كىلىۋاتقان بۇنداق سۆزلەردىن ئىككى تىما يوللىغانتىم (قاراڭ ! ھايات ھاسىلاتلىرى، مۇھەببەت دۇردانىللىرى) [...]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*