ناھايىتى نامرات بىرئادەمدىن دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە نىمە؟- دەپ سورىسىڭىز ئۇ دەرھال نامراتلىق، دىيشى مۇمكىن. دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر مۆتلەق بولمايدۇ، بىرئادەملەرگە ئاچچىق بولغىنى باشقىلارغا تاتلىق بۇلىدۇ. ئەمما بۇ يازمىدىكى «ئەڭ»لەر دۇنيادىكى نۇرغۇن دەۋىردە، كۆپ قىسىم ئادەملەرگە توغرا كىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىلەر تامامەن توغرا كىلىدۇ.
ئىشىنىمەنكى مۇشۇ يازمىدىكى «ئەڭ ياخشى»دەپ تەرىپلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئەڭ يامان» دىيىلگەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرالىسىڭىز، «ئەڭ قىيىن»دىيىلگەن نەرسىلەرگە قالماي، ئەڭ ياخشى دىيىلگەن كۈنلەرگە ئېرىشەلەيسىز .
دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە – مۇھتاجلىق ۋە يوقسۇللۇق.
دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن كەسىپ – قانداق ئادەم بۇلۇش.
دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل خىسلەت – سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق.
دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەخلاق – ئەپۇچانلىق.
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خۇلۇق – سەۋىرچانلىق.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ غۇرۇر – لەۋزىدە تۇرۇش.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيەت – ئۆزىگە ئىشىنىش.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلىق – سالامەتلىك.
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىت.
دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كېسەل – دىل يارىسى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئلۆلمەس تىما – پاك ئىنسانى سۆيگۈ.
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان – ئانا.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا – ئۆمۈر سودىسى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخىت – تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك.
دۇنياسىكى ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق – ھايا.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇقۇشماسلىق تۇغۇلۇش ۋە ئۈلۈش.
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۆنچى
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت