روھچىن

بىر يېقىنىم دەردىنى تۆكۈپ كەپتۇ . دىيشىچە  ئايالى بىلەن دائىم جىدەللىشىپ قالىدىكەن . ئوتتۇردا چوڭ ئىش يوق ئىكەن . شۇ پارچە-پۇرات گەپلەر بىلەنلاگەپ تالىشىپ قېلىپ جىدەل چوڭىيىپ كىتىدىكەن .توي قىلغاندىن بىرى ئۈزىنىڭمۇ ،ئايالىنىڭمۇ بەخىت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ باققان ۋاقىتلىرى يوق ئىكەن شۇڭا ئاجىرشىپ كىتىش خىيالى بارلىقىنى بارئىكەن ..
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەخلى قىلغۇدەك قىيىنچىلىق ياكى باشقا مەسىلە يوق ئىدى ماددىۋى جەھەتتىن غېمى يوق ئىدى . بىرى-بىرىنى ياخشى كۆرمەمدىكى دىسە ئۇنداق ئەمەس بىرى-بىرىگە زىيادە كۆيۈنەتتى لېكىن،ئۇلارنىڭ چىرايىدىن خاتىرجەملىكنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايتتى .
ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بىرنېمە كەم ئىدى لېكىن ئۇلارمۇ بىلەلمەيتتى .
ئەمىسە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا زادى نېمە كەم ؟ ئەجەبا بىرى-بىرىنى ياخشى كۆرۈشلا تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىغا يېتەرلىك ئەمەسمۇ ؟
مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە مۇھەببەت ئەر-ئايالنىڭ قەلبىنى يورۇتۇش يەنە باشقا نەرسىلەرگەمۇھتاج.
ئۇنداقتا نېمىلەرگە مۇھتاج؟


1- مۇھەببەت ئەركىنلىككە مۇھتاج .

ھېكايە:بىر قىز ئانىسىدىن سوراپتۇ ، ئانا مۇھەببەت نېمىگە مۇھتاج ؟ ئانىسى قىزىنىڭ قۇلىغا بىر چاڭگال قۇمنى ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە چىڭ سىقىشقا بۇيرۇپتۇ ،قىز قۇمنى سىققان ئىكەن بارماقلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېقىپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ ،يەنىمۇ چىڭ سىقىپتۇ ، قانچە چىڭ سىققانسىرى قۇم شۇنچە تىز ئېقىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ، نەتىجىدە قىزنىڭ قولىدا ھېچنىمە قالماپتۇ . ئانا يەنە بىر چاڭگال قۇمنى ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە ئالقىنىنى يېيىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ ،نەتىجىدە قۇمدىن بىرتالمۇ ئاقماپتۇ .
دېمەك مۇھەببەت ئەركىنلىككە مۇھتاج.ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرەلمىسىڭىز ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسىز . سىزئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز ئۇنى ئۆزئەركىنلىكىگە قۇيۋىتىڭ . مۇھەببىتىڭىز ئۇنىڭغا قەپەز بۇلۇپ قالمىسۇن .ئۇ سىز بولغانلىقتىنلا قىلغۇسى بار ئىشلارنى قىلىۋالالىسۇن . تۇرمۇشنى كۆڭلى تارتقان ئۇسۇلدا ئۆتكۈزسۇن .ئېسىڭىزدە بولسۇن ھەقىقى مۇھەببەت ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ياخشى كۆرگەن ئادىمىمىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قۇربان بولۇشتۇر .

2- قۇربانلىق بېرىشكە مۇھتاج.

ھېكايە:نامرات بىر ئائىلە بولغان ئىكەن ئېرىنىڭ تاپاۋىتىنىڭ تاينى بولمىغانلىقتىن ئايالنىڭ ھەم بالىلىرىنىڭ تۈزۈكرەك بىرقۇر كىيمىمۇ يوق ئىكەن . ئايالنىڭ بىر ئالتۇن زەنجىر ئالغۇسى بارئىكەن .ئېرى خېلى تىرىشقان بولسىمۇ زەنجىر ئېلىپ بەرگۈدەك پۇلغا ئېشىنالماپتۇ. ئېرى ئاخىرى ساختا زەنجىردىن بىرنى ئەرزان باھادا ئېلىپ ئايالىغا سوۋغا قىپتۇ . ئايالى سوۋغاتنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىپتۇ ،ئەتىۋارلاپ بوينىغىمۇ ئاسماپتۇ پەقەت پات-پات ئېلىپ كۈرۈپ يەنە ساندۇقىغا سېلىپ قۇيۇپتۇ .
كۈنلەر ئۈتۈپ بۇ ئايال ئېغىر كىسەلگە مۇپتىلا بۇپتۇ ، بۇ ئائىلىنىڭ تاپقان-تەرگىنى سورۇلۇپ تۈگەپتۇ ،ئەمما ئايالنىڭ كىسىلى ياخشىلانماپتۇ داۋاملىق داۋالىتىش ئۈچۈن پۇلغا مۇھتاج بۇلۇپ قاپتۇ . باللىرى ھېلىقى ئالتۇن زەنجىرنى سېتىپ داۋالىتىش پۇلىنى تەييارلىماقچى بۇپتۇ،ئەمما ئايال زادى ئۇنىماپتۇ ،باللىرى ئانىسىغا دىمەي ساتماقچى بۇپتىكەن ،ئانىسى زەنجىرنى كىم ساتسا شۇنىڭدىن ئىككى دۇنيا رازى بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتپ تۇختىتىپ قۇيۇپتۇ . ئىرى بولسا بىر ئېغىز گەپ قىلماي ئايالىنىڭ كۈزىگە قاراپ تارم-تارام ياش تۈكۈپ تۇرۇپتۇ .
ئايالىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرى قالغاندا قىزىنى يالغۇز ئەكىرىپ ۋەسىيەت قىپتۇ«قىزىم ئالتۇن زەنجىرنى ساڭا قالدۇرىمەن .زىنھار سېتىشنىڭ كۇيىدا بولمىغىن !چۈنكى بۇ ئالتۇن ئەمەس . داداڭ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا چىدىماي مۇشۇنداق قىلغان مەن دەسلەپ كۆرگەندىلا ئالتۇن ئەمەسلىكىنى بىلگەن لېكىن ئۇ داداڭنىڭ ئالتۇندىن قىممەت كۆڭۈل ئىزھارى شۇڭا ئالتۇندىن ئەتىۋار بىلدىم .داداڭ ھازىرغا قەدەر بۇنىڭ ئالتۇن ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ مەنمۇ بۇ سىرنى سەندىن باشقىغا تىنمايمەن . داداڭنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ئالتۇندىن قىممەتلىك تۇرسا يەنە ماڭا ئالتۇننىڭ نىمە كىرىكى .ئالتۇن-كۈمۈشنى قوغلىشىش پەقەت ئالتۇندەك قەلبكە ئېرشەلمىگەنلەرنىڭ ئىشى »
شۇنداق مۇھەببەت ئۆز ئورنىنى تاپقاندا ئۇ« ئېرىشىش»ئەمەس«قۇربانلىق بىرىش»كە ئايلىنىدۇ . سىز ئۇنىڭدىن بىر نىمىلەرنى تەلەپ قىلىپ كۆڭلىڭىزنى سۈيۈندۈرمەيسىز بەلكى ئۇنىڭغا تەقدىم ئىتىش ئارقىلىق ،ئۇنىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان خۇرسەنلىكتىن سۈيۈنىسىز .ئۇ نمىلەرنى خالايدۇ ؟ مەن ئۇنىڭغا نىمىلەرنى قىلىپ بىرەلەيمەن ؟ مىنىڭ قايسى ئىشلىرىمدىن بەك سۈيۈنىدۇ ؟ مانا بۇلار سىزنىڭ دائىم ئويلايدىغانلىرىڭىز بۇلۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ سىزگە خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلمايسىز بەلكى سىز ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىسىز .
«تۇرمۇش ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدەك چىملىقلاردا،يايلاقلاردا قول تۇتۇشۇپ سەكرەپ،تاقلاپ ئويناش بولماستىن ئۇ توختىماي زور دەرىجىدە قۇربانلىق  بىرىشنىڭ بەدىلىگە مەۋجۇت بۇلىدىغان نەرسىدۇر(ئابدۇرەھىم دۆلەت)»
سىز قارشى تەرەپنى ئۈزۈمگە ماسلاشتۇرىمەن، سىزىقىمغا ئەكىرىمەن دەيدىكەنسىز بۇ مۇھەببەتلىك تۇرمۇش بۇلالمايدۇ . سىز قارشى تەرەپكە ماسلىشىشىڭىز ،قارشى تەرەپنىڭ خۇشاللىقى،خۇرسەنلىكى ئۈچۈن ئۈزۈڭىزنىڭ خۇشاللىقى،ئارزۇلىرىنى قۇربان قىلىشىڭىز بەدىلىگە ھەقىقى مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى بەرپا قىلالايسىز .
ئۇنتۇپ قالماڭ ! مۇھەببەت زوردەرىجىدىكى قۇربانلىقنىڭ بەدىلىگە كىلىدىغان نەرسىدۇر.

3- مۇھەببەت ھېس قىلىشقا(تۇنۇشقا)مۇھتاج.

ھىكايە: بىر قىز ئانىسىغا قەيداپ ئۈيىدىن چىقىپ كىتىپتۇ . قىز چارچىغان،قۇرساقلىرى ئاچقان ھالدا كىتىۋاتسا بىر ئايال ئۇچۇراپ مىھرىبالىق بىلەن بېشىنى سىيلاپتۇ ۋە ئۆيىگە ئەكىرىپ بىرچىنە چۆچۈرە بىرىپتۇ .قىز بۇئايالنىڭ خالىس قىلىۋاتقان ياخشىلىقىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كىتىپتۇۋە ئانىسىنىڭ دىلىنى رەنجىتكەنلىكىنى شۇڭا قەيداپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ .
ئايال مىھرىبانلىق بىلەن بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ «قىزىم مىنىڭ بىرچىنە چۆچۈرە بەرگىنىمگە تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتىڭىز  ئەجەبا ئانىڭىز سىزنى مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە قانچىلىك چۆچۈرە بەرگىنىنى ئويلىمىدىڭىزمۇ ؟سىزگە قۇرساق كۈتۈرۈپ تۇغۇپ بولغىچىلىك قانچىلىك جاپا تارتقىنىنى،قانچىلىغان چۆچۈرلەرنى ئىچىشتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟
سىز مۇشۇنچىلىك بولغىچە سىزنى دەپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى ؟ ئەجەبا سىز تۇغۇلغاندىن بىرى سىزگە بەرگەنلىرى  مىنىڭ بىرچىنە چۆچۈرەمگە تەڭ كەلمەمدىكەن ؟ ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ دىلىڭىزنى پەقەت رەنجىتكۈسى يوق لېكىن ئانىڭىزنىڭ كاللىسىدا سىزنىڭ غېمىڭىزدىن باشقىمۇ نۇرغۇن غەم بار ،ئامالسىز شۇنداق بۇپ قالغان . بېرىڭ قىزىم ! ئانىڭىز سىزنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ سىزگە ئاتاپ تەييارلىغان نۇرغۇن چۆچۈرلىرى بار ،ئۇ پەقەت سىزگىلا ئاتايدۇ»
قىز ئايالنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كىتىپتۇ ۋە يۈگۈرگەن پېتى ئۈيىگە يېنىپ كىلىپ ئىشىك ئالدىدا يۇلىغا قاراپ تۇرغان ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۈزىنى ئېتىپتۇ .
ھەممىمىز سىرتقى كىشىلەرنىڭ بىرەرئېغىز تەسەللىسىدىن،بىرەر قېتىم تاماققا چاقىرشىدىن ،بىرتال كىيىم ئېلىپ بىرىشىدىن تەسىرلىنىپ كىتىمىزيۇ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تالاي يىللاردىن بىرى ئۈن-تىنسىز تاماق بىرىۋاتقىنىنى ،كىيىم-كېچەك كېيگۈزىۋاتقىنىنى ئويلاپ قويمايمىز . ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى تۇغۇلىشىدىن بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيتىدىكىدەك ئويلايمىز .بىرەر قېتىممۇ كۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ«مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزغا رەھمەت ! مەن سىزدىن بەك رازى»دەپ باقمايمىز .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئاشۇ مىھنەتكەشلەردىن ئايرىلىپ قالغاندا ئاندىن شۇۋاقىتتا ئۈزىمىزنىڭ يېنىدا ھەقىقەتەن بىر پەرىشتىنىڭ بارلىقىنى ،بىزئۈچۈن ئۈزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىۋەتكەنلىكىنى،بىزئۈچۈن ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ھېس قىلىمىز ،يېنىمىزدا بارچاغدا بىرەر قېتىم  بىزگە قىلىۋاتقانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگىنىمىز ،ئاشۇ خىل شاۋقۇنسىز سۆيگۈسىنى ھېس قىلمىغىنىمىز ،ئۇنىڭدىن نەقەدەر خۇرسەن ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ قويمىغىنىز ئۈچۈن باغرىمىز ئۆرتىنىدۇ .

4- قەدىرلەشكە مۇھتاج.

ھىكايە: بىرجۇپ قىز-ئۇغۇل ئۇزۇن مەزگىل ئارلىشىپتۇ ،ئارلىشىش جەريانىدا ئۇلاربىرى-بىرىگە بەكمۇ ماس كىلىدىغانلىقىنى ،ئۆمۈرۈنىڭ ئاخىرغىچە بەخىتلىك ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشپتۇ ۋە ئىشتىياق بىلەن توي قىپتۇ .
ئەمما تويدىن كىيىن تۇرمۇشى ئويلىغىنىدەك بولماپتۇ. قىزنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى يامان بۇلۇپ ئاچچىقى كەپ قالسىلا كۈزى ھېچ نىمىنى كۆرمەيدىكەن .توي قىلغىلى نەچچە كۈن بولمايلا ئىرى بىلەن جىدەللىشىپ قاپتۇۋە ئىرى جىدەلنى ناھايىتى تەستە بېسىقتۇرۇپتۇ .بۇنداق ئىش داۋاملىق يۈزبىرىپتۇ ،توي قىلغىلى ئىككى ئاي بولغاندىن باشلاپ جىدەللىشىپ قالسىلا ئايالى «سۈزەمنى بىرىسە ئايرىلىپ كىتىمىز» دەيدىغان بۇلىۋاپتۇ ،ئەمما ئاچچىقى يانسا ئىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ يىغلاپ كىتىدىكەن ، ئىرىمۇ ئايالىنى ياخشى كۆرگەچ ئۇنداق ۋاقىتلاردا بىر ئاماللارنى قىلىپ جىدەلنى بېسىقتۇرىدىكەن لېكىن زادى سۈزىنى بىرىدىغان گەپنى قىلىپ سالمايدىكەن ، ئىرى  «بۇنىڭدىن ياخشى ئايال تېپىلمايدو،بۇئۆمۈرۈمدە يەنە بىرىنى ياخشى كۈرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس»دەپ ئويلايدىكەن ھەم بۇ ئىشلارنىڭ ھامان ياخشى بۇلۇپ كېتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدىكەن .
جېدەل داۋاملىشىۋىرىپتۇ .بىرەر ئېغىز گەپنىڭ ئارتۇق بۇپ قېلىشى ،بىرئىشلاردا بىر قارارغا كېلەلمەسلىكى بىرمەيدان جېدەلنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بوپقاپتۇ .ئۇلار ئاخىرى ئايرىلىپ كېتىپتۇ ، كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپتۇ ، «تەرك ئەتتىم بولمايلا بىزار،ئۇزاققىچە چەكتىم ئاھۇزار(گەندى)»دىگەندەك ئىش بوپتۇ .
يىگىت خوشلىشارۋاقىتتا«سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتىم جاھاندىكى جىمى نەرسىلەردىن ئارتۇق سۆيەتتىم . سىز ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەت دەرىخىنى ئاسرىمىدىڭىز ، ئۇنىڭغا خالىغانچە پالتا چاپتىڭىز ئاخىرى قۇرتىۋەتتىڭىز. سىزگە چىدىمىساممۇ ئايرىلىشقا مەجبۇرمەن .سىزنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلارغىمۇ سۇقۇشىشىڭىزغا ،سۆز سورىشىڭىزغا سەبرى قىلالمىدىم »دەپتۇ
شۇنداق   سۆيگۈدەرىخى تۈمۈر ئەمەس  تىكىپلا قويسا ئەبەدى تىك تۇرىدىغان ، ئۇ تۇلىمۇ يۇمران بىر كۆچەت ، قار-يامغۇر ،شامال-بۇراننىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ،ئۇ قەدىرلىنىشكە ،ئەتىۋارلىنىشقا،قوغدىنىشقا مۇھتاج. ئۇنىڭغا قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز شۇنچە ئاينىيدۇ  ،شۇنچە تىز مېۋە بىرىدۇ ،قانچە تاشلىۋەتسىڭىز شۇنچە تىز قۇرۇيدۇ،ھەتتا قۇرۇماي تۇرۇپلا يۇلۇپ تاشلىنىپ ئورنىغا باشقا كۆچەتلەر تىكىلىدۇ.ئۇنىڭغا پالتا چېپىشىڭىزغا تېخىمۇ بولمايدۇ  بولمىسا تىغ زىدىسى نەچچە يىلدىمۇ ئەسلىگە كىلەلمەيدۇ ھەتتا تاتۇق بۇلۇپ بىر ئۆمۈرساقلىنىپ قېلنىشى مۇمكىن. ئەر-ئايال ئوتتۇردا مۇھەببەتنىڭ بولغىنى پەخىرلىنەرلىك ئىش ئەمەس ،بەلكى ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ شۇ مۇھەببەتنى ئەتىۋارلاش،پەرۋىش قىلىش ،ئاسراش ئادىتى بارلىقى ھەقىقى پەخىرلىنەرلىك ئىش . ئوتتۇراڭلاردا سۆيگۈ بولغان ئىكەن ئۇنى قەدىرلەشنى بىلىڭ ! ئۇنىڭغا چاقچاق قىلماڭ ! ھەمراھىڭىزنىڭ دىلىنى رەنجىتىش سۆيگۈ دەرىخىڭلارغا پالتا چاپقان بىلەن ئوخشاش،پالتا چېپىۋەرسىڭىزئىنىقكى ھەرقانچە چوڭ دەرەخ بولسىمۇ ھامان بىركۈنى قۇرۇپ كىتىدۇ .

5- ئەپۇ قىلىشقا مۇھتاج.

ھىكايە:بىر ئەر-ئايال بولغان ئىكەن ،ئايالى ئائىلە ئايالى ئىكەن، ئىرى سىرتتا تىجارەت قىلىدىكەن ،تىجارەت ئىشى بىلەن سىرتقا بىر چىقىپ كەتسە بەزىدە20-15كۈنلەردە پەيدا بۇلىدىكەن .
دەسلىۋىدە ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ كىيىنچە ئىرى ئۆزگىرەپ قاپتۇ .كەچ تەرەپلىرى ئۆيگە كىرمەيدىغان ، ئايالى، باللىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان بۇلىۋاپتۇ .بىرنەچچە قېتىم پاراڭلاشقان بولسىمۇ پايدىسى بولماپتۇ . ئىرى ئۈزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرىۋىرىپتۇ .
ئايالى كېيىنچە سىرتتا يەنە باشقا ئاياللارنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ،  گەرچە ئايالىغا قاتتىق ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ئېرى بىلەن جېدەللىشىپتۇ، ئاجرىشىش تەلىپىنىمۇ قويماپتۇ لېكىن ئىرغا ئائىلىنى بۇزماسلىق، بالىلارنى يېتىم قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ، ئائىلىنى   ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئېرى پەرۋا قىلماپتۇ. سىرتتىن ئالغان ئايالىدىن ئۇزاققا بارمايلا نۇرغۇن كۈڭۈلسىزلىك بىلەن ئايرىلىپتۇ. ئايالى «ئەمدى ئائىلىگە قايتىپ كېلىدىغان بولدى» دەپ ئويلاپتۇ لېكىن، ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماپتۇ  ئېرى يەنە باشقا ئاياللار بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرۈپتۇ.
بۇ جەرياندا ئايالىنىڭ يېگەن-ئىچكىنى گالدىن ئۆتمەي، دەرد-ئەلەمگە ئورۇقلاپ بىر تىرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئېرىگە بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتمەپتۇ. بۇرۇنقىدەك ھۆرمىتىنى قىلىپ، خىزمىتىدە بۇپتۇ، دىلنى رەنجىتىشتىن ساقلىنىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ھامان بېركۈنى ئېرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، ھەم ئاشۇ كۈننى ساقلايدىكەن.
ئايالنىڭ ئويلىغىنىدەك بۇپتۇ .ئىرى بىر مەزگىل سىرتلاردا يۈرۈپ باققان بولسىمۇ ھېچكىمدىن ۋاپا كەلمەيدىغانلىقىنى ،سىرتتىكىلەرنىڭ پەقەت يانچۇقتىكى پۇلنىڭ كۈچىدىنلا ئۈزىنى بېغىشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن ئائىلىگە قايتىپ كەپتۇ .
ئايالىنىڭ ئۈزىنىڭ نۇرغۇن خاتالىقلىرىنى ئىزچىل ئەپۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ،باشقا ھېچقانداق ئايال بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئەلەملەرگە چىدىغانلىقىنى ، ئايالىنىڭ ،ئەپۇچانلىقتا،كەڭ قورساقلىقتا ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشكىدەك ئېسىللىكىنى بىلگىنىدە . پۇشايمانلىق كۆزياشلىرى بىلەن ئايالىنىڭ باغرىغا ئۈزىنى ئېتىپتۇ  .
شۇنداق  تۇرمۇش تۇلىمۇ مۇرەككەپ نەرسە .نۇرغۇن ياخشى ،ئېسىل ئادەملەرنىڭمۇ ئازىدىغان ،قايمۇقۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ .
ئۆزگىلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ كىتىپ ئۈزىنىڭ ئەسلى تۇرمۇش يۇلىدىن چەتنەپ كىتىدىغان ئىشلار بار .
ئادەم دىگەن ئازغۇچى نەرسە  . ئۇ نۇرغۇن خاتالىقلار ئۈستىدە تۇرىدۇ . ھەقىقى مۇھەببەت خاتالاشقانلارنى خاتالىقى ئۈچۈن تاشلاپ كىتىش بولماستىن ئاشۇ خاتالىقىدىن چىقىۋېلىشقا ياردەم بىرىشتۇر .
ئادەم دىگەندە يا ئۇنداق يامۇنداق كەمچىلىكلەر تۈگۈمەيدۇ .ئۇنىڭغا تۈزۈتىش پۇرسىتى بىرىش كىرەك ، بەك ئەجەللىك خاتالىق بولمىسا ئەپۇ قىلىش ،بەزى كەمچىلىكلىرىگە يول قۇيۇپ  ئۇنى سىغدۇرۋېتىش كىرەك .ھەرقانچە قىلغان بىلەن ئۇ ئىنسان پەرىشتە بۇپ كىتەلمەيدۇ . ئۇنىڭ خاتالىقلىرى تۈگۈمەيدۇ . خاتالىققا تەربىيە بىرىش بىلەن بىرگە ئەپۇچانلىقنى ئۇنتۇماسلىق كىرەك .
بۇ يازمىنى ماڭا ئەڭ ياققان بىر جۈملە سۆز بىلەن ئاياغلاشتۇرماقچىمەن
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان ئادەم :

سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزنى
ياكى ئۆتمۈشىڭىزنى دەپلا سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.ئۆزىڭىزنى بەتبەشىرە چاغلىغان چېغىڭىزدا،ئۇسىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنى كۆزئالدىغاكەلتۈرىدۇ؛يۈرىكىڭىز سەدپارەبولغاندا،ئۇسىزنىڭ خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن چاغلىرىڭىزنى ئەسكە ئالىدۇ ؛نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش قىلغان چېغىڭىزدا ،ئۇسىزنىڭ پاك-غۇبارسىز چاغلىرىڭىزنى ئەسكە ئالىدۇ :نىمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي قالغان چاغلىرىڭىزدا،ئۇلارسىزنىڭ ھايات نىشانىڭىزنى ئەسكە ئالىدۇ .

يازما مەنبەسى:روھچىن قەلب دۇنياسى

ئادىرسى:?p=207

مەنبەسى ۋە ئاپتۇرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ئۇرۇنلاردا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 5 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 16- فېۋرال 13:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    چىن قەلىپتىن چىققان بۇ مۇلاھىزە ، بىر جۈپ قەلىپنىڭ چوقانلىرى …
    يازمىڭىزنى تولىمۇ ياختۇردۇم .

  2. سامپۇل
    ۋاقىت: 2011- يىل 16- فېۋرال 10:08 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تورىڭىزنى ياخشى قىلىۋاپسىز مەزمۇنلار ياخشىكەن قوللايمەن يۇرتدېشىم !!

  3. سامپۇل
    ۋاقىت: 2011- يىل 16- فېۋرال 10:07 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سامپۇل مىنڭمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇم .يۇرتۋازلىق گۇناھ بولمىغاندا ……..

  4. سامپۇل
    ۋاقىت: 2011- يىل 15- فېۋرال 05:01 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تۇرمۇش ھەقىقەتەن كىمىگە ئوخشايدۇ كىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پالاق تەكشى ماسلاشمىسا بولمايدۇ.ياخشى يېزىپسىز تىرىشىڭ yaxshi

    • ۋاقىت: 2011- يىل 15- فېۋرال 07:22 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      كىملىكىڭىزنى ئاجايىپ بىلگۈم كەلدى دېسە wah سامپۇل مىنىڭ تۇغۇلغان يىرىم تۇرسا

1 قېتىم ئاتالدىڭىز

  1. [...] بىز يازمامدىمۇ مەخسۇس توختالغان بۇلۇپ خالىسىڭىز «مۇھەببەت نىمىلەرگە مۇھتاج ؟»ناملىق بۇ يازمىنى ئۇقۇپ چىقسىڭىز مۇھەببەت ئۈچۈن [...]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*