ئۈلۈم ھەرۋاقىت، ھەربىرىمىزنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرگەن ماماتلىق ئاپتۇۋۇزىدۇ. قاچان كىلىشىنى بىلمىسەكمۇ ئەمما چۇقۇم كىلىدىغىنىنى بىلىمىز. نىمە كۆرىشىمىزنى بىلمىسەكمۇ ئەمما باررىدىغان يىرىمىزنى بىلىمىز. ئۈلۈم زادى ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان ئەمما بىز دائىم ئۇنتۇپ قېلىشقا تىرشىۋاتقان باقىيلىق رەسمىيەتتۇر.

شۇنداق،  تۇغۇلۇش ۋە ئۈلۈش  بىز تاللىيالمايدىغان، چۇقۇم ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولغان  بىر بۇيرۇقتۇر. مەۋجۇت بولمىقىمىز ئختىيارلىقىمىز ئەمەس، پانى دۇنيادىن يۇقالمىقىمىزمۇ ھەم شۇنداق .

قاچانىكى پانى دۇنيانىڭ تۇزاندىللىرى بۇلۇشقا تاللاندۇق مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىمىز مەجبۇرىيەتكە، مەسئۇلىيەتكە تۇلۇپ كەتكەن. بۇلارنى تاللاش ياكى شاللاش ئىختىيارلىقىمىز ئەمەس. بىز چۇقۇم ئىجرا قىلىشىمىز كىرەك .

ئىجرا قىلمىساقچۇ ؟  ياراتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقالايدىغان نوچىلارنى  مەخسۇس بىرتەرەپ قىلىدىغان ماماتلىق پويىزى بىئىختىيار ھالدا سوت مەيدانىغا سۆرەپ ئېلىپ بارىدۇ-دە بىز قاچقان مەسئۇلىيەت، مەجبۇرەتتىن بىر-بىرلەپ ھىساپ ئالىدۇ.

ئەقىللىق ئادەملەر مانا شۇ كۈندىن قورقىدۇ ۋە ئۈزىنى شۇ مەيدانغا بېرىشتىن ئىلگىرى سوتلاپ تۇرىدۇ. شۇنىسى ئىنىقكى ئۈزىنى سوتلاپ تۇرغان ئەقىللىق قېرىنداشلىرىمىز  ئۇ مەيدانغا مەجبۇرى سۆرەپ ئېلىپ بېرىلمايدۇ.

ئەمدى ئۇقۇيدىغىنىمىز :  دۇنيا ھەقىقەتلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىدىغان بىر پانىيدېشىمىزنىڭ تۇغۇلۇش ۋە ئۈلۈش ھەققىدىكى بىرقىسىم سېلىشتۇرمىللىرى.

ھەيرانمەن ئادەم ئوغلى

تۇغۇلغان ۋاقتىڭدا ساڭا نامازسىز ئەزان ئۇقۇلىدۇ.

ئۆلگەن ۋاقتىڭدا ساڭا ئەزانسىز ناماز ئۇقۇلىدۇ.

تۇغۇلغىنىڭدا ئاناڭنىڭ قۇرسىقىدىن كىمنىڭ چىقارغىنىنى بىلەلمەيسەن

ئۆلگەن ۋاقتىڭدا كىملەرنىڭ مۆرىسىگە ئېلىپ كۈتۈرۈپ ماڭغىنىنى بىلەلمەيسەن

تۇغۇلغىنىڭدا يۇيۇندۇرلىسە ۋە پاكىزلاندۇرلىسە

ئۆلگەندىمۇ يۇيۇندۇرلىسە ۋە پاكىزلاندۇرلىسە

تۇغۇلغىنىڭدا ئاتا-ئاناڭنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى كۈلدۈرىسەن

ئۆلگەن ۋاقتىڭدا ئاتا-ئاناڭنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى يىغلىتىسەن

تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى تارا ۋە قاراڭغۇ جايدا ئىدىڭ

ئۆلگەندىن كىيىنمۇ تار ۋە قاراڭغۇ جايغا قايتىسەن

تۇغۇلغىنىڭدا سىنى يېپىش ئۈچۈن رەخ بىلەن يۆگەيدۇ

ئۆلگەن ۋاقتىڭدا يېپىش ئۈچۈن كىپەن بىلەن يۆگەيدۇ.

تۇغۇلغان ۋە ياشىغىنىڭدا كىشىلەر كۆرگەن، بىلگەنلىرىڭدىن سورىشىدۇ.

ئۆلگىنىڭدە پەقەت  ۋە پەقەت ياخشى ئەمىلىڭنىلا سورايدۇ ؟

ئەي ئادەم تۇپراقتىن يارتىلدىڭ !

ئۆلگىنىڭدە تۇپراققا قايتۇرۇش ئارقىلىق سىنى پاكلايدىغان زات كىم ؟

ئۈلۈم ئۈچۈن زادى قانچىلىك تەييارلىق قىلدىڭ !

 ئاپتۇرى:مۇھەممەد

تەرجىمىدە: روھچىن

ئەسلى مەنبەسى:بۇيەردىن كىرىڭ !

مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ئۇرۇنلاردا ئېلان قىلىنسا بۇلىدۇ.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 6 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. لاچىن
    ۋاقىت: 2011- يىل 12- سېنتەبىر 14:29 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىندىشىم
    كوپۇنچە تۇرمۇش ۋە مۇھاببەت توغرىسىدا يازغان تىيمىلىرىڭىزنى كۇرۇپ شۇتوغرىسىدا كوپرەك ئويلنىدىغان ئوخشايدۇ تۇرمۇشنىڭ ئاخىرقى بىكىتىنى ئۇنتۇپ قالمسا بۇلاتتى دەپ ئويلاتتم
    بۇتىيمىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم شۇتوغرىسىدا كوپرەك تەپەككۇر قىلشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن
    ئاللاھىم ھەقنى چۇشەنمەيدىغان قەلىپتىن ھەقنى كورمەيدىغان كوزدىن ھەقنى ئاڭلىمايدىغان كوزدىن ساقلىسۇن
    روھچىن ئەپەندىم ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن بەك ياخشى تىيما يوللاپسىز
    ئاپتور غىمۇ شۇ ئىنتايىن كاللا ئىشلىتىپ تۇ دۇنياغا كوز ئاچقاندىن تارتىپ كوزيۇمغىچە ئىخچاملىق بىلەن بەدەننى تىترەت كۇدەك ئىپادىلەپتۇ
    ئاللاھىم ھەممىڭلارنىڭ ئەجرىنى زىيادە بەرسۇن

  2. گۈل مەلەك
    ۋاقىت: 2011- يىل 30- ئاۋغۇست 08:14 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئامىيىن

  3. مەھبۇب
    ۋاقىت: 2011- يىل 18- ئاۋغۇست 03:34 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    شۇنداق ئادەمنى غەپلەتتىن ئويغاتقۇدەك تىما بوپتۇ،ئاللاھ ھەممىمىزنى غەپلەتتە قويمىسۇن. تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت!

  4. مەرۋەرى
    ۋاقىت: 2011- يىل 11- ئاۋغۇست 02:20 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەي ئادەم تۇپراقتىن يارتىلدىڭ !

    ئۆلگىنىڭدە تۇپراققا قايتۇرۇش ئارقىلىق سىنى پاكلايدىغان زات كىم ؟

    ئۈلۈم ئۈچۈن زادى قانچىلىك تەييارلىق قىلدىڭ !

    ——-
    بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇۋېتىپ قوللىرىم تىتىرەپ كەتتى، ئادەمنى غەپلەت ئۇيقىدىن ئويغاتقىدەك تېما بوپتۇ.

  5. ۋاقىت: 2011- يىل 10- ئاۋغۇست 22:04 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئاللاھ ئەجرىڭزنى بەرسۇن

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*