دۇكاننى يىغىپ ئالدىراپ ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم، چوڭ بازارنىڭ ئالدىدىكى ئادەم تۈپىدىن قىستىلىپ ئۆتۈۋېتىپ بالا كۆتۈرۈۋالغان بىرئايالنىڭ سومكىسىغا ئېسىلىپ ئەگىشىپ كېتىۋاتقان يانچۇقچىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى.
ئايال «لوپ بېكەت» كە ماڭىدىغان توكلۇق ھارۋىغا ئالدىراپ كەينىدىكى يانچۇقچىنى سىزەلمىدى. ئەتراپتا ئادەم كۆپ بولسىمۇ بىرەرى ئايالغا ئازراقمۇ شەپە بېرىپ قۇيۇشمىدى.ئاشكارا يۈز بىرىۋاتقان بۇ يانچۇقچىلىققا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى.
بىرنەچچە قېتىم پۇلۇمنى يانچۇقچى ئېلىۋالغاندىن كىيىن يانچۇقچىنى كۆرسەملا ئۈزۈمنى بېسىۋالالماي قالاتتىم.
بۇنداقلا بولدى قىلغۇم كەلمىدى ھېچ بولمىغاندا ئاۋۇ ئايالنى زىياندىن ساقلاپ قېلىشىم كېرەكتە .؟
ئايال بېكەتكە ماڭىدىغان توكلۇق ھارۋىدىن بىرگە چىقتى، يانچۇقچىمۇ كەينىدىن چىقىپ ئايالنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئولتۇردى، مەنمۇ ئەگىشىپ بېرىپ ئايالنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چىقىپ كەينىمگىرەك يۈرۈشۈپ يانچۇقچىنىڭ ھەرىكىتىنى تۇلۇق كۆرەلىگۈدەك ئولتۇردۇم.
ھارۋىغا ئادەم تۇلۇپ قوزغىلىپ مېڭىشىغىلا يانچۇقچى ھەرىكىتىنى باشلىدى،ئايال بولسا بالىسى بىلەن قالغان ئىدى .ھارۋىدىكى مەندىن باشقا بەش ئادەممۇ يانچۇقچىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆردىيۇ بىرەرى ئۈنلۈكرەك تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى ، بۇلارنىڭ ئىشىدىن ھەيران قالمىدىم .
ئالدىنقى قېتىممۇ قىزىق بازاردا بىرئادەمنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىۋاتقان يانچۇقچىنى تۇتۇۋېلىپ جېدەللىشىپ قالغاندا ھەممە ئادەم گۇناھنى ماڭا ئارتقان ، «ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭ ! ئوغرىنىڭ شېرىكلىرى جىق يالغۇز يەردە تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ قويسا ھېچنېمە قىلالمايسىز . ساقچىخانىغا بارسىڭىزمۇ سىزنى سۇلاپ قۇيۇپ ئوغرىنى قويۇۋېتىدۇ »دەپ تەربىيە بېرىشكەن ئىدى .
ھازىرمۇ بىرەرى يانچۇقچىنىڭ ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولۇپ قالسا يانچۇقچىنىڭ ئادەم يىغىپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇۋاتاتتى .«نېمە كۈن كەلسە بىر كۆرەي »دېدىم ئىچىمدە ۋە پۇلنى ئالسىلا قۇلىنى پۇل بىلەن تۇتۇپ كەينىگە قايرىپ قۇلىنى سۇندۇرۇۋەتمەكچى بولدۇم.
ئالدىمدىكى ئادەمنىڭ راسلا ساقچى ياكى ساقچى پورمىسى كىيىۋالغان لۈكچەك ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدىم . لۈكچەكمىكىن دېسەم جېدەل چىققان يەرگىمۇ مۇشۇ بېرىپتىكەن.يانچۇقچىنى دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ مىنىڭ قۇلۇمنى قېرىپ گەدىنىمدىن بېسىپ ساقچىخانىغا ئەكىرگىنىمۇ مۇشۇ ئىدى ، ئەمدى سوراقنىمۇ مۇشۇ قىلىۋاتىدۇ .
ساقچىمىكىن دېسەم ئېغىزدىن چىقىۋاتقان گەپ-سۆز،ئىش-ھەرىكەتتە لۈكچەكلەردىن پەرقلەنمەيتتى
گەپ قىلە ھوي ھېجىقىز ! دېدى سېسىق تىللاشلاردىن توختاپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن :نېمە دەپ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىۋالىسە ! ئۈزەڭنى ساقچى چاغلاپ قالدىڭما ! سەن ئوغرى تۇتۇپ يۈرسەڭ بىز نېمە ئىش قىلىمىز ؟ بىزگە سۇلاپ بېرىدىغان ئاچاڭ بارمىدى يە ؟ئا ئايالنى ئاچام دىۋىدىڭ: ئۇ ئايال مەن تونۇمايمەن دېدى، سومكىسىدىن پۇل ئالدى دىۋىدىڭ: پۇلۇم ساق ھېچنېمەمنى ئالمىدى دەپ تۇردى، بىگۇناھ ئادەمنىڭ قۇلىنى سۇندۇرۇپ قۇيۇپسەن، ئۇ بالىنىڭ ئوغۇرلۇقىغا بىرەر ئىسپاتمۇ كۆرسىتەلمىدىڭ ،موتودا سەككىز ئادەم تۇرۇپ سەنلا كۆرۈپسە باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ پۇت قۇلىنى سۇندۇرۇپ قويسام بۇلىۋىرىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭ بىز نىمىگە ھىساپ ؟گەپ قىلە زۇۋانىڭغا بىرنىمە كىرىپ كەتتىما ! بايا شىردەك ھۆركىرەپ نوچى بۇپ كىتىپتىكەنسەنغۇ ؟ جانبازلىقنى مەشىق قىلغۇڭ بولسا قارا بىزنىڭ ئېغىلدا مادا ئېشەكتىن بىرى بار سىنى ئېغىلغا سۇلاپ قۇياي خالىساڭ پۇت-قۇلىنى سۇندۇر ،كەينىگە ئېسىلساڭمۇ بۇلىدۇ . مەنمۇ زىرىكىپ قالغاندا ئويناپ قۇيىمەن . . . چىرايىمغا بىردەپ قاراپ تۇرۇپ ھېچقانداق ئىپادە ئالالمىغاندىن كىيىن تاماكىسىنىڭ ئىسىنى يۈزۈمگە پۈۋلەپ پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى . . . ئۈزۈمنى بارلىق كۈچۈم بىلەن تۇتۇپ ئولتۇراتتىم ، ئۇنىڭ گىپى قۇلۇقۇمغا كىرۋاتامدۇ ،كىرۋاتمامدۇ بىلەلمەيلا قالدى . بۇنداق ئىشقا بىرنەچچە قېتىم يۇلۇققانلىقتىن بۇلارنىڭ گىپىگە جاۋاپ بىرىپ ،گەپ قايتۇرۇپ ئاياققا چىققى بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم .
بىرەر سائەتلىك «سېسىق تىل» تەربىيسىدىن كىيىن بۇندىن كىيىن باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشمايدىغانلىقىم، جىنايى قىلمىشلارنى كۆرگەندە يىراق تۇرۇپ ساقچى چاقىردىغانلىقىم،ئىسپات بولمىسا باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلىقىم . . . . تورغۇرلۇق ئەھدىنامە . تۆۋە نامە يېزىپ بىرنەچچە يەرگە بارمىقىمنى بېسىپ بەردىم . يارلانغۇچىنىڭ تۈلىمى ئۈچۈن 500 كوي تۆلەيسەن دەپ ھەميانىمدىكى 385 كوي پۇلنى ئېلىپ قېلپ ساقچىخانىدىن چىقىرۋەتتى.
بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ كۈزۈمدىكى ياشنى يۇشۇردۇم .
باشقا ئىشلارنى كۆڭلۈمگە بەك ئالمىدىم ، لېكىن ئاۋۇ ئايالنىڭ 150 كوي پۇلدىن كىچىپ پۇلۇم ساق دىيشىنى، يانچۇقچىدىن قورقۇپ مىنى تۇنۇمايمەن ،مۇناسىۋىتىم يوق دەپ پىشىنى قېقىشتۇرۇپ كىتىشىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم . ئەگەر مىنى يالغانچى چىقارماي مەن ئاچام ئىدى دىگەندىكىن ئىنىم دەپ تۇرغان بولسا،سومكىسىدىكى ھالال پۇلىسى ئۈچۈن بولسىمۇ پۇل مىنىڭ بۇ ئوغۇرلاپتىكەن دەپ تۇرغان بولسا ئەھۋال ھەرگىز بۇنداق بولمايتتى .
خەپ ! ئىككىنچى يانچۇقچى دىگەن نەرسىگە پەرۋا قىلماسمىنا 150 كوي ئەمەس 15 مىڭ كوينى ئالسىمۇ ئارلاشماسمە. . . .
ساقچىخانىدىن 100 مىتىر ئۇزاپ بولغاندا كەينىدىمدىن بايىقى يانچۇقچى قۇلى تېڭىقلىق ھالدا كەلدى ۋە «قەسەم قىلدىم ! سولامچى ، شوۋا !ھەپتە ئىچىدە سىنىڭ ئىككى قۇلۇڭنى سۇندۇرۋىتىمەن» دەپ قۇيۇپ چۇزا تۇسۇپ كىتىپ قالدى .
ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ئىشىنىمەن چۈنكى ،بۇرۇندىن باشلاپ يانچۇقچىنىڭ ئادىمى بار بىرەرىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويساڭ توپلىشىپ كىلىپ ئۆچ ئالىدۇ ، مەندەك مۇسۇلماننىڭ ئادىمى يوق بارمىقىنى كىسىۋەتسەڭمۇ ھېچكىم بىرنىمە دىيەلمەيدۇ .
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى