1_121216171913_5

بولدى قىل ئەي كۆڭۈل چەكمىگىن پەريات.
بولدى قىل ئەمدى سەن تۆكمە ئۈنسىز ياش.
بۇ دۇنيا رەھىمسىز كۆڭۈل يۇگەنسىز.
خار قىلما ئۆزۈڭنى بولدى قىل بەڭۋاش.

سۆيەلمەي ئۆزگىگە ئاشىق بولۇش ھەم.
سۆيۈلمەي ئۆزگىنى سۆيۈش ھامان غەم.
ئارامسىز يىغلايدۇ يۈرىگىڭ ھەر دەم.
ئۇ ساڭا پەرۋامۇ قىلمايدۇ بىر دەم.

سۆيگەنغۇ بولسىدى سەن سۆيگەنچىلىك.
ئەرزىيتتى ئەي كۆڭۈل قلساڭ قانچىلىك.
ئەپسۇس ئۇ، سۆيمىدى سېنى قىلچىلىك.
بولدى قىل ئەي كۆڭۈل كۆيمە بۇنچىلىك.

چىقىدۇ، بىر كۈنى، ساڭا، بىر قۇرداش.
ئۆتىدۇ، سەن بىلەن،ئەبەدى ئەبەت.
بولۇپ ئۇ مەڭگۈلۈك مەزمۇت بىر سىرداش.
گۈللەرگە پۈركەيدۇ  شۇ پاك مۇھەببەت.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*