1_120308143701_5

سىزنىڭ ئۈلۈمىڭىزگە ئىككى سائەتلا قالدى ! يەنە ئىككى سائەتتىن كىيىن ئۈلۈپ كىتىسىز ! ئىشەنمەمسىز ؟ مەن ئىشىنىمەن، سىز نىمىگە ئاساسەن ئىشەنمەيسىز ؟

سىز دىن سوراپ باقاي سىز ئۆزىڭىزنى ئۆلمەيمەن دىمەكچىمۇ، ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان خىيال بۇلۇپ قالسا پوق يەپسىز. چۈنكى، رەببىمىز«ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)ئال ئىمران 185-ئايەت» دىيىش ئارقىلىق دۇنيا مەۋجۇت بولغاندىن بىرى ھەربىر جانغا ئۆلۈمىڭ تەمىنى تېتىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپات، جازايىنى تۇلۇق بىرىپ كىلىۋاتىدۇ.

ناۋادا، ھازىرچە ئۆلمەيمەن، ئۆلۈم مەندىن خېلى يىراقتا دىمەكچى بولسىڭىزپەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ !«ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ. سۈرەھېجىر 38-ئايەت» بۇ مۆھلەت قاچانغىچە، 10 يىل، بىريىل، بىرئاي، 5 مىنۇت. بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

غازى ھاجىمنىڭ ئىنىسى غەربى دىيار مىھمانخانىسىنى ئىككى مىليۇن 400 مىڭغا ئېلىپ قۇيۇپ ئەتىسدىكى ئېچلىش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كىتىۋاتقاندا ماشىغا سۇقۇلۇپ كىتىپ ئۈلۈپ كەتكەن 24 ياشتا ئىدى.

  نۈرمۇھەممەت ھاجىم ماشىنىسىنى قىزىتىپ قۇيۇپ بىرپىيالە چاي ئىچىۋېلىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئۈيىگە كىرىپ كىتىپ قايتا چىقمىغان، ماشىنىسدا ئايالى قىزى ساقلاپ تۇراتتى. زاۋۇتتا 40 نەچچە ئادەم ساقلاپ تۇراتتى. ھاجىم 10 مىنۇتتا كىلىدۇ دەپ . 38 ياشتا ئىدى. مۆھلەت ئەنە شۇنداق تۇشىدۇ. چۈنكى رەببىم مۆھلەتنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بەرمىدى.  مۇشۇ كىشىلەرمۇ ئۆلۈمنى خېلى يىراق چاغلايتتى تۇيۇقسىز ئۈلۈم كەلگەندە نىمە قىلالىدى ؟

رەسۇلىمىز ئەلەيھىسسالام« ئەبابەكىرى سەن ئۆلۈمنى قانچىلىك يېقىن چاغلايسەن دېگەندە ئابابەكىرى؛ بىرىنچى رەكىئەتنى ئۇقۇپ ئىككىنچى رەكىئەتكىچە ئۆمۈرۈم بار يوقلۇقىنى بىلمەيمەن دېگەندە، رەسۇلىمىز ئەلەيھىسسالام مەن ئوڭ تەرپىمگە سالام بىرىپ، سول تەرپىمگە سالام بەرگىچىلىك ئۆمۈرۈم بار يوقلۇقىنى بىلمەيمەن دىگەن ئىكەن.

قانداق ئىككى سائەتلىك ئۆمۈرىڭىز قالغىنىغا ئەمدى ئىشەندىڭىزمۇ ؟ يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ گۇناھلىرىڭىز بولسا تۆۋبە قىلىڭ! كىشىلەرنىڭ ھەققى بولسا قايتۇرۇڭ ! دىلىنى رەنجىتكەن، ياش تۆككۈزگەن كىشىلەر بولسا رازىلىق ئېلىڭ ! چۈنكى ئەزرائىل ئالدىڭىزغا كەلگەندە يۇۋاشلىق بىلەن جاننى تاپشۇرۇش ھۇقۇقىڭىزلا بۇلىدۇ.

ئۆلۈمگە يۈزلىنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس، ئۆلۈمدىن ھەربىر ئادەم قاچىدۇ. قاچقانلارنىڭ ھەممىسى  ئىمانىغا ئىشەنچ قىلالمىغانلاردۇر. چۈنكى، ئۆلۈمگە خاتىرجەم يۈزلىنىش ئۈچۈن سەندە مۇنداق ئۈچ تەييارلىق بۇلۇش كىرەك.

1)   تەۋبە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھەرقانداق گۇناھىڭ قالمىغان بۇلىشى كىرەك: چۈنكى تەۋبە بۇ دۇنياغىلا مەنسۇپ نەرسە. باقى ئالەمدە تەۋبە دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بەلكى تەۋبىنىڭ ئورنىغا بىرلىدىغان جازا باردۇ. گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سوراش، تەۋبە قىلىش، چىن قەلبىڭدىن  يېنىش قاتارلىق تەۋبە ئەمەللىرىڭنى قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن بولساڭ ئىنىقلا ئۆلۈمدىن ئوتتىن قاچقاندەك قاچىسەن. چۈنكى،  ئۆلۈپلا قالساڭ گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بۇلىسەن. رەببىمنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەر 81-ئايەت)»

2)    بىرگە ياشىغان كىشىلەر ئوتتۇرسىدا باشقىلارنىڭ بىرىشكە ئۈلگۈرمىگەن ھەقلىرى قالمىغان بۇلىشى كىرەك. قالغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ھەقلەرنى ماددىۋى نەرسىلەر بىلەن ئەمەس ئوت بىلەن قايتۇرىسەن. دۇنيادا ئېلىۋالغان، يەۋالغان، تارتىۋالغان، ئۇنۇتۇپ قالغان ، باشقىلارنى رازى قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ماددىۋى ۋە مەنىۋى ھەقلىرى بولسا ئۇنداقتا ئۆلۈمدىن يەنىلا قاچىسەن. چۈنكى، بۇ دۇنيادا پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بۇلىدىغان ئىشنى ئاخىرەتتە يىرتقۇچ يىلانلارغا يەم بۇلۇش ۋە ئوتتا كۆيۈش بىلەن ھەل قىلىسەن. رەببىم ئېيتقاندەك«ئى مۆمىنلەر! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا – سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر – بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.(سۈرە نىسا 29-ئايەت)

3)    ئاخىرەت ئالىمى ئۈچۈن يىتەرلىك ئىبادەت قىلغان بۇلىشڭ كىرەك. ئاخىرەت بازىرىدا ئۆتىدىغان بىرلا نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا ئاخىرەت ئۈچۈن قىلىپ قويغان ئىبادىتىڭ! ئۇبدان ئاڭلىۋال باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۈچۈن، كۆز بۇياش ئۈچۈن قىلغان ئىبادەت ئەمەس پەقەت ۋە پەقەتلا ئاخىرەت ئالىمى ئۈچۈن قىلىپ قويغان ئىبادىتىڭ ! ھېچقانداق گۇناھىڭمۇ بولمىسا، باشقىلار بىلەن بولغان ئېلىم-بىرىم ھەققىڭمۇ بولمىسا، خالىس ئاخىرەت ئۈچۈن قۇبۇل قىلىنغۇدەك بىر ئىبادىتىڭمۇ بولمىسا ئۇنداقتا سىنىڭ تاشلانغان يىرىڭ بىر سايلىقلا خالاس. بەلكىم «ۋوي جەننەتنى ئۇنداق نوچى، مۇنداق پەيزى دەپ ئاڭلىغان قېنى» دىيشىڭ مۇمكىن. ئەمما ، ئۇنتۇپ قالما ئۇنداق پەيزى جەننەت بىكاغىلا تەييارقىلىپ قۇيۇلمايدۇ. جەننىتىڭ ئۈچۈن بىر قېتىم «اللە جىمى نوقساندىن پاكتۇر»دىگەن بولساڭ جەننەتتىكى بېغىڭغا بىر كۆچەت تىكىلىدۇ. جەننىتىڭ ئۈچۈن بىرقېتىم خالىس ناماز ئۇقۇغان بولساڭ جەننەتكە ئارام ئېلىشىڭ ئۈچۈن بىر ھوجۇرا تەييار قىلنىدۇ. مانا مۇشۇنداق، ئويلاپ باق  بىر قېتىم لەدي گاگانىڭ ناخشىسىنى غىڭشىپ قويساڭ دەۋزەختە تىلىڭنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بىر قاچا قوغۇشۇن قاينىتىپ قويسا، بىر قېتىم «اللە جىمى نوقساندىن پاكتۇر» دەپ قويساڭ جەننەتتە سەن ئۈچۈن بىر كۆچەت تىكىلىدىكەن. قايسى يولنى مېڭىشنى ئۈزۈڭ تاللا.

ئەگەر يۇقارقى تەييارلىقلارنى قىلالىغان بولساڭ سەنمۇ«مەن رەڭگارەڭ، جۇشقۇن ھايات ئالدىدا ئەزرائىلنى ناھايىتى ئاجىز دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغىنى ھاياتلىق داستىخىنىدىكى نىمەتلەرنى تىرىشتىن ئىبارەت(سەئىد قۇتۇبنىڭ سىڭلىسىغا يازغان خېتىدىن)» دىيىش ئارقىلىق ئۆلۈم ۋە ئەزرائىلنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولىسەن. ئەگەر تەييارلىقىڭ پۈتمىگەن بولسىچۇ ئۇنداقتا رەببىمنىڭ« ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.(سۈرە بەقەر95-ئايەت» دېگەن سۈزىدەك  زالىملاردىن بۇلۇپ قالمامسەن ؟

شۇنداق ئۈلۈم سىنىڭ ئالدىڭدىلا بەلكى نەپسىڭدىن، ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ يېقىن ئىككى سائەت ئەمەس بىر نەچچە دەقىقىمۇ قالمىغان بۇلىشى مۇمكىن. تىنىۋاتامسەن؟ تىلىڭدىن گەپ چىقىۋاتامدۇ ؟ ئۇنداقتا ئۆلۈمگە تەييارلىق قىل ! ئۈستىدە بايان قىلغىنىمدەك ئۈچ تەرەپتىن تەييارلىقىڭنى پۈتتۈرگىن-دە ئەزرائىلنى پاشا-چىۋىنچىلىكمۇ كۆرمەيسەن.  ئۆلۈمنىڭ ساڭا قانچىلىك قالغىنىنى ئەسكەرتىش ھاجەتسىز، راستىنلا ئىككى سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز قالغان بولسىمۇ . . .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*