بىرىنچى قىسمىنى بۇيەردىن كۈرۈڭ !

رەببىم

ئىنسان ھەمىشە ئۈزىنى قالتىس -ياراملىق چاغلايدۇ .دۇنيادا ھېچكىمنى ئۈزىگە تەڭ قىلمايدۇ .دىشۋارچلىققا يۇلۇقسا <<كىملەردىن ياردەم كىلەركىن>> دەپ كىچىك بالىغىمۇ تەلمۈرۈپ باقىدۇ . رەببىم ئېيتىدۇ <<مەن سىلەرنىڭ بۇيان تۇمۇرۇڭلاردىنمۇ يېقىنمەن>>   ئەمما اللە قا يالۋۇردىغان ئۇنىڭغا ئېسىلىدىغان . كىچىلەردە بىدار بۇلۇدىغان كىملەر بار؟
بىر كىشى اللە قا ئىلتىجا قىپتۇ <<ئېي اللە سەن ئۇخلىمامسەن ! >>اللە جاۋاپ بىرىپ دپتۇ   <<سەن بىرقۇلىڭدا بىر چىنە سۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇخلاپ باققىن !>>

رەسىم تىما كۆزنىكىگە پاتمىغانلىقتىن كىچىكلىتىلگەن ئەسلى ھالىتىدە كۆرمەكچى بولسىڭىز رەسىمنىڭ ئۈستىگە چىكىڭ ياكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن كۈرۈڭ

رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ


قەلبىم

ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلى بەك تۈۋەن . شۇنىڭغا قارىماي يۈرۈگۈم شۇنىڭغىلا سۇقۇدۇ ! دائىم ئەسلەپ قالىمەن . سېغىنىپ قالىمەن . ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىشنى  كۈرۈشۈپ قېلىشنى ئويلىسام ھاياجانلىنىپ كىتىمەن . ئەمما بولمايدۇ  زادى بولمايدۇ  شۇنداق ئىكەن يۈرۈگۈمگە بولدى قىل ! دىگۈم يوق .ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇقۇشتىن   ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياجانلىنىشتىن توختىتىپ قويغۇم يوق.


رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

ھاياتلىق

كۈڭۈل تۇلىمۇ نازۇك نەرسە. ئۇنىڭغا تىگىپ كەتتىڭمۇ بولدى، تىزلىنىپ تۇرۇپ چاي تۇتساڭمۇ ئەسلىگە كەلمىكى تەس .ئەمما پايدا-مەنپەئەت ئالدىغا كەلگەندە ئۆزگىلەردە بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا نازۇك بىر كۈڭۈلنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتۇپ قالىمىز . ئۇنىڭ ياش تۈكۈپ قېلىشىنى ئويلىمايمىز .ياكى پەرۋا قىلمايمىز . باشقىلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەككەندە بولسا نەچچە كۈنگىچە قاقشايمىز .


رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

ئۈمۈت

ئادەم ھاياتىدا مىنۇت -سىكونىت ئۈمىتتىن خالى بۇلالمايدۇ . بۈگۈن قىلغىنىڭ ئەتە ئۈچۈن. ئەتە قىلماقچى بولغىنىڭ كىيىنلىلىڭ ئۈچۈن .
ھەرنەرسىدىن ئۈمۈت كۈتىمىز ئادەملەردىن ،تەبىئەتتىن ،ھادىسىلەردىن ،ھەتتا ھايۋانلاردىن . ئەمما ئەڭ ياخشى ئۈمىتكار ھەمىشە بىزگە قۇلىنى چوڭ ئېچىپ تۇرۇدۇ . تىلىگىن بىرەي .سورىغىن ئاڭلاي . تەڭلە تۇتقۇزۇپ قۇياي  دەپ . ئەمما بۇنىڭغا پەرۋا قىلىدىغانلار بەك ناھايىتى بەك ئاز . ھېچكىمدىن ئۈمۈت كەلمىگەندە ئاندىن رەببىگە يېقىلىدۇ    خۇددى زۈلەيخاغا ئوخشاش .


رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

ئېنساپ

ئۈزۈمنى چىڭ تۇتۇپ باقىمەن . گېلىمنى ،قۇلۇقۇمنى ،كۈزۈمنى تىزگىنلەپ شەيتاننىڭ نوقتا سېلىۋېلىشىدىن ساقلىماقچى بۇلىمەن . بىراق بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئەتتىگەندە ئېغىر بېسىپ قالىدۇ .نامازلارنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كىتىپ قالىدۇ . قۇرئان كەرىم تاشلىنىپ قالىدۇ . ئۈزۈمنى رەببىمدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقاندەك ،شەيتانغا قۇل بۇلۇپ قېلىۋاتقاندەك  ھېس قىلىپ قالىمەن ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بۇلىمەن  .شۇنداق ۋاقىتلاردا اللەقا ئىلتىجا قىلىمەن !

رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

يۈرۈگۈم

يۈرۈگۈم كىرەكمۇ ؟مەن «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر»نىڭ «ئانا» داستانىدىكى بىۋاپا ئۇغۇلنىڭ ئانىسى ئەمەسمەن. ئەتىراپىمدىكىلەرمۇ ھەم شۇنداق .لېكىن نۇرغۇن ئۇغۇللارنىڭ قىز دوستى ئۈچۈن ،نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۇغۇل دوستى ئۈچۈن ئۈلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن . ئەڭ قاملاشمىغىنى سىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئىھتىياجلىق بولغاندائۇ سىزگە ھەرگىز تەڭلىمەيدۇ بەلكى «قوغلىغاندىن قاچقۇلۇق» دەپ  سىزنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىشقا تىرىشىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ئۇنىڭدىن ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈپ نازۇك كۆڭلىڭىزنى زەنجىر بىلەن باغلاپ ياۋىشىتىپ ئۇ بىۋاپاغا نەپرەت ياغدۇرغاندا ئاندىن كەينىڭىزدىن «قاچقاننى قوغلۇغۇلۇق»دەپ يۈگۈرەشكە باشلايدۇ .

رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

ئائىلە

ئائىلە ئۇ شەخىسنىڭ بىرىكمىسى . ئائىلە مۇكەممەل ئەلدە مىللەت مۇكەممەل بۇلىدۇ . مىللەت مۇكەممەل بولسا ۋەتەن مۇكەممەل بۇلىدۇ . ئائىلە بۇزۇلغان ئەلدە مىللەت مۇنقەرىز ،ۋەتەن مۇنقەرىز . ئائىلىنىڭ ئورنىنى تۇنۇمىغان جەمىيەت يېقىندا بۇراندا قالىدىغان جەمىيەتتۇر .

رەسىم چوڭلۇقى 1024×768
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

پۇرسەت

ھەربىركۈننى ساق تاڭ ئاتقۇزغان ئىكەنمىز شۇكۇنكى قۇياشنىڭ نۇرىنى كۆرگىنىمىز  بىرقېتملىق پۇرسەتتۇر. بۇنداق پۇرسەت تىرىك يۈرگەن ئادملەرنىڭ ھەممىسىگە يۇلۇقۇدۇ. لېكىن ئۇنى تۇنۇيدىغان قەدىرلەيدىغانلار بەك ئاز !  شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتىن ئىسراپ قىلغان ۋاقىت كۆپ !شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە بايلاردىن نامراتلار كۆپ ،بىلىملىكلەردىن جاھىللار كۆپ   ھەممىسى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ نەتىجىسى .بىزدە «دالى گارنىگ »دەك ساق تاڭ ئاتقۇزغان كۈنى ئۈچۈن تەڭرى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلار بارمىدۇ ؟

رەسىم چوڭلۇقى :1600×1158
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

يەتتە كۈن

ئۈلۈمنىڭ مەنزىلى 7كۈن . بۇ ئانچە ئالاھىدە گەپمۇ ئەمەس.  لېكىن بەزىلەر بەك چوڭقۇر ئويلاپ كىتىپ نىمە گەپلىكىنى چۈشۈنەلمەي قالىدىكەن . ئۇ نىمە دىگەن گەپ ؟
ئۇ <<سەن ئۈلىدىغان كۈن بىرھەپتىدىن ئىبارەت 7كۈننىڭ بىرىگە توغرا كىلىدۇ >>دىگەن گەپ .دىمىسىمۇ شۇغۇ   جاھاندا سەككىزىنچى كۈن بارمىدى ؟

رەسىم چوڭلۇقى :1600×1200
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

رەسىم

بۇ شۇنداقلا بىر رەسىم ئارتۇق گەپ يوق !

رەسىم چوڭلۇقى :1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

تەشنالىق

بۇرەسىم ھەققىدە توپلامنىڭ بىرىنچى قىسمىدىمۇ توختالغان ئەمدى ئارتۇقچە گەپ قىلماي !
مەن شۇ قەھۋەگە  سەل ئامراق شۇڭا تۇلىراق قەھۋەنىڭ گىپىنى قىلىپ سالىمەن .

رەسىم چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

2- قىسىم مۇشۇيەردە ئاياقلاشتى .  ھەزىرچە بار رەسىم مۇشۇ . كىيىنچە يەنە تۇلۇقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن .
مىنىڭ پىكىرلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى خالىسىڭىز   ئويلىغانلىرىڭىزنى كەڭ-كۇشادە دەۋىرىڭ ! مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن ..

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 13- فېۋرال 21:12 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    يۈرەكنى ئۇنداق ئېلىپ بەرمەيلى …. hehehe

1 قېتىم ئاتالدىڭىز

  1. [...] بۈگۈنكىسى مۇشۇيەرگىچە بولسۇن قالغانلىرىنى 2- قىسىمدىن … 2011.01.12 ئاپتور: روھچىن خەتكۈچ: رەسىم،روھچىن [...]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*