خاتىرە يىڭىلانمىغىلى بىرئايغا يېقىنلىشىپ قاپتۇ. بۇنىڭغا ئاساسلىقى مىنىڭ تىجارىتىم سەۋەپ بولدى . بەلكىم، قۇرۇق گەپ كىچىلىكتىمۇ تىجارەت قىلدىڭىزمۇ ؟ بلوگنى يىڭىلىغۇدەك بىرەرسائەتمۇ ۋاقىت ئاجىرتالمىدىڭىزمۇ دىيشىڭىز مۇمكىن ؟ ئەگەر سىزمۇ بلوگ يېزىپ باققان ياكى يېزىۋاتقان بىر بلوگگىر بولسىڭىز بىريازمىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىپ چىقىش ئۈچۈن يازما ئېلان قىلغۇچىلىك ۋاقىتنىڭ بۇلىشىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئۇبدان چۈشۈنىسىز .
ئەگەر سىز بلوگگىر بولمىسىڭىز بۇنوقتىنى مەڭگۈ چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن (چاق چاق قىلىپ قويدۇم)
ئىش قىلىپ بلوگ يېزىشقا ۋاقىتنىڭ ئۈزىلا يىتەرلىك ئەمەس. ئۇ توسقۇنسىز تەپەككۇر، جۇشقۇن ئىلھام، يىتەرلىك تىنىچلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن. يازمىلارنى زورلاپ يازالمايسىز، يازغاندىمۇ جا پۇلدەك كۆڭلىڭىزگە سىغماسلا بىرنەرسە بۇلۇپ قالىدۇ-دە يا كومپىيوتىرىڭىزنىڭ ئەخلەت تۇڭىدىن يا يادىكارلىقلار ئامبىرىدن ياتاق ئېچىپ بىرىسىز .
خوش ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك: مەن بىر تىجارەتچى . باشقا ۋاقىتلاردا ئۈركۈتكىلى چىۋىنمۇ تاپالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرىم بۇلىدۇ(تۇلا ئۈركۈتۈپچۇ ) لېكىن ھېيت يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا بۇرنۇمنىڭ ئۇچچىغا قۇنۇۋالغان كۇكۇيۇننى قوغلىغۇچىلىك ۋاقىتمۇ تاپالماي قالىمەن(ئازراق مۇبالىغە ئويناپ قويدۇق) خۇددى دىھقان بۇغداي تېرىپ پەرۋىش قىلىپ خامىننى ئالىدىغان ۋاقىتقا ئوخشاپ كىتىدۇ.
بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. كونىلارنىڭ (كونا دىيىش سەت تۇرامدۇ ھە ؟ ئاتا- بۇۋىمىز دىسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك) «شامال چىققاندا ئات توختىغاندا يات» دىگىنىدەك شامالنىڭ بارىدا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئېتىۋېلىشقا تىرىشتىم. ھەتتا بەزى كىچى-كىچىلەپمۇ ئېتىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئامراق بلوگىم يەسلىگە ئاپىرىپ قويغان بالىدەك تاشلىنىپلا قالدى. مەن تاشلىۋەتكەن بىلەن زىيارەتچىللىرىم تاشلىماپتۇ. قارىسام ئىنكاسلار تەستىق ساقلاپ رەتكە تىزىلىپ كىتىپتۇ. زىيارەت مىقدارىمۇ بەك چۈشۈپ كەتمەپتۇ. زىيارەتچىللىرىمنىڭ ۋاپادارلىقىدىن سەت يىغلىۋەتتىم(چاق چاق)
بۇيەردە بلوگ يىڭىلانمىغاندىمۇ كىلىپ تۇرغان چاي ئىچەلمىسىمۇ قەيداپ قالمىغان (قەيداپ قالغانلىرى بولسىمۇ ئوخشاش) بۇرادەرلىرىمگە سەمىمى رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا كەچۈرۈم سورايمەن.يەنە شۇنداقلا توغرا چۈشۈنۈپ ئەپۇ قىلىدىغىنىڭلارغىمۇ ئىشىنىمەن.
ئىنشااللە بۇندىن كىيىن خاتىرەم نۇرمال يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇرۇنقىدەك كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىپ تىما ئىنكاسلاردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىمىز.
ئاخىرىدا ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ، قېرىندىشىڭلار روھچىننىڭ ئايىمىڭلارغا ئاتاپ ئۇقۇغان بىر كۇبلىت شىئىرىغا نەزەر سالغايسىزلەر
ئايەمنىڭ ئاخىرىدا سالدىم داستىخان
قوللىرىمدا چاي-پىيالە بۇلاي ساھىپخان
ئىشىڭلارغا ئۇڭۇشلۇق، بەخىت تىلەيمەن
روھچىندىكى سەپىرىڭلاربولسۇن شادىمان
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى