ئىنىقلىقى ئالاھىدە يۇقۇرى

مەن ئۈچۈن بىرپارچە  رەسىمنى مۇۋاپىق خەت بىلەن بىرىكتۈرۈش  بىرپارچە شىئىر يېزىپ پۈتتۈرگىنىمدەك ھوزۇر بىرىدۇ .
كۈزۈمگە چىرايلىق كۈرۈنگەن بىر پارچە رەسىمگە ئىلھامىم كەلگەندە بىر بىرجۈملە سۆز قىستۇرىمەن دە  ئۇنى ئۈستەل تەگلىكىگە قۇيۇۋالىمەن  .
بۇسۈرەت تاكى يەنە بىر پارچە رەسىمگە خەت قىستۇرۇلغىچە تۇرۇدۇ .
رەسىمگە ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار .توردىن پات-پات رەسىم يىغىمەن يىغىۋالغان رەسىملىرىمنى تاللاپ خەتلىك قىلىپ ساقلاپ قۇيىمەن .
شۇنداق رەسىملەردىن بىرنەچچە پارچە بۇلۇپ قاپتىكەن  2 قىسىمغا بۈلۈپ يوللاپ قويماقچى بۇلىۋاتىمەن .
ئەلۋەتتە 3-4-قىسىملىرىمۇ چىقىشى مۇمكىن ھەۋەس بولغان ئىكەن خەتلىك قىلىنغان يىڭى رەسىملەرمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ  .

ۋاقىت

ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھازىر پۇتۇن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ قانۇنلۇق پائالىيتىگە ئايلاندى .ھېچ بىر ئەھمىيتى يوق ئىشلار دۇنياۋى پائالىيەتكە ئايلىنىپ كىشىلەرشۇنىڭغا مەستخوش بۇلۇپ كۈننى ئۆتكۈزۈدىغان كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ئىشلار مودا بۇپ قالدى .مانا بۇ مىنىڭ ئىنسانلارغا دىمەكچى بولغىنىم :ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدىم دەپ تۇرۇپقۇ ئىسراپ قىلىدۇ مەن ئۇبدان ئىشقىلىۋاتىمەن ۋاقتىمنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتىمەن دىگەن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ۋاقىتنىڭ ھەقىقى ئەھمىيتىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ .

رەسىم تىما كۆزنىكىگە پاتمىغانلىقتىن كىچىكلىتىلگەن ئەسلى ھالىتىدە كۆرمەكچى بولسىڭىز رەسىمنىڭ ئۈستىگە چىكىڭ ياكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن كۈرۈڭ

رەسىم چوڭلۇقى 1440×900
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

ئۈگەن

بۇ گەپنى شائىرىمىز غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەد دىگەن گەپ ئىدى لېكىن تۇلۇقىنى ئىسىمگە ئالامىدىم ئۇ ماتىريالنى تېخى تاپالمىدىم شۇنىڭ بىلەن ئىسىمدە قېلىشىچە كىرىشتۈرۈپ قويدۇم .
ئويغىنىش ئويغىنىش دەپ توۋلاۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى ئابدۇقادىر داموللاممۇ شۇنداق دىگەن ئىدى ھازىرمۇ شۇنداق دەۋاتىدۇ دەۋاتىمىز لېكىن كىملەر ئويغىنىپ كىملەر ئۇخلاۋاتىدىكىن

ئۇخلىغانلارمۇ ئويغىنىڭلار دەپ جۆيلىيدىغان بۇلۇپ كەتتى خەيرىيەت ئۈزىمىزنىڭ بىر ئۇبدان يۇلى بىريەرلەردە قالدى بىركىملەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەيمىز يىتەلمىسەكمۇ بولدى قىلمايمىز خەيرىيەت پىلسىراتتا يىتەرمىز

چوڭلۇقى1157×860

بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

سەن ئۈچۈنلا

مۇھەببەت -سۆيگۈ كونا ھەم يىڭى تىما چۈنكى ئۇ مەڭگۈلۈك . ھەر بىر دەۋىردە ئۆزگىچە شەكىل بىلەن مەيدانغا چىقىدۇ .كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنىشىنى مۇھتاجلىقىنى ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيدۇ . شۇنداق بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق بىراق بىزنىڭ بۈگۈنكى ھەممە نەرسە شەخسىيەتنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتىۋاتقان دەۋىردە مۇھەببەتمۇ باشقىچە چۈشۈنىلىدىغان بۇلۇپ قالدى .قانداقتۇر بىر بۇزۇقچىلىقنىڭ رەسۋاچىلىقنىڭ باشلىنىشىمۇ مۇھەببەت نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بۇلۇپ قالدى .بىراق يەنىلا تىلەيدىغىنىم ھەممە ئادەمگە ئۆزمەنىسىدىكى مۇھەببەت مۇيەسسەر بولغاي .

رەسىم چوڭلۇقى 1151×768
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

تەشنالىق

ئادەمنىڭ تەشنالىقى ئوخشاش بولمايدۇ .شۇنداقلا قاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ .خىلمۇ-خىل تەشنالىق ،خىلمۇ-خىل قاندۇرۇش ئۇسۇلى .جۈملىدىن ھالالدىن قاندۇرۇش،ھارامدىن قاندۇرۇش .زىيانلىق ئىچىملىكتىن قاندۇرۇش ،پايدىلىق ئىچىملىكتىن قاندۇرۇش دىگەندەك .ئەمما قەھۋە ھەقىقەتەن بىر ھوزۇر ھوزۇرلىىنىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋالغىنىمدا باشقىچە ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن . شۇنداق ئىنساننىڭ تەشنالىقى پەقەت بىر ئىستاكان ياكى بىر يۇتۇم سۇيۇقلۇق بىلەن قانىدۇ چاي ئىچسەڭمۇ قەھۋە ئىچسەڭمۇ ياكى سۇغۇق سۇ ئىچسەڭمۇ بۇلۇدۇ لېكىن ھالالدىن بۇلۇش كىرەك بىر يۇتۇم تەشنالىقنى دەپ ئاجىز تىنىڭنى ئوتقا تۇتۇپ بەرسەڭ بولمايدۇ .

رەسىمنىڭ چوڭلىقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

سۆيگۈ

سۆيگۈ ئىنسانلارنىڭ ئارسىدىكى مىھىر ۋاستىسىدۇر ئۇ خۇددى توك سىمىدەك بىرى-بىرىنىڭ ئوتتۇرنى ئۇلاپ ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىنى يۇرتىدۇ .ئىنسالارنى شەخسىيەتچىلىكتىن تۇسۇدۇ ئىتتىپاقلىشىشقا ھەمكارلىشىقا چاقىرىدۇ . ماڭىلا بولسۇن دەيدىغان مەنپەئەت پەرەسلىكتىن تۇسۇدۇ .ئۆزمەنىسىدىكى سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت ئىنسانىيلىق بۇلىقىدىن قېنىپ سۇ ئىچكەن ئادىمىيلىك ئۇچىقىدا تاۋلىنىپ چىققان ئاچكۆزلۈك، ساختىپەزلىك ،ھارامزادىلىق، پەسكەشلىك مەرەزلىرى يۇقۇپ قالمىغان پاكىز قەلىپ بولسىلا بولدى .

رەسىم چوڭلۇقى1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

ۋەتەن


ۋەتەننىڭ نىمىلىكىنى ئۇنىڭ قانچىلىك قىممەتلىكىنى خېلى ئۇبدان بىلىمىز . قەدرىنىمۇ قىلىۋاتىمىزيۇ ئەمما ۋەتەن يەنىلا ۋەتەن بولماقتا ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ باققانلار بىلىدۇ بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلىش ئەھمىيەتسىز بولسا كىرەك بۇيەردە شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىرپارچە شىئىرىنى قىستۇرۇپ قويساق كۇپايە بۇلۇدۇ

غېرىپ دەردىنى غۇربەتتىن ئادادىن سورا
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گادادىن سورا
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە نە تەم ؟
بۇنى ئۆز ئىلىدىن جۇدادىن سورا

سۈرەتتىكى خەت «ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان»

سۈرەت چوڭلۇقى 1600×1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

كەمچىلىكىڭنى تۈزەت

ئادمدە بىرمۇنچە ئارتۇقچىلىق بىلەن بىرمۇنچە كەمچىلىك بۇلۇدۇ .ئادەم ئۈزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلنىشقا بەكلا ماھىر كىلىدۇ . بىرئادەم ئۈگەتمىسىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە ناھايىتى ئۇبدان پايدىلنىدۇ بىراق ئۈزىنىڭ كەمچىكىلىنى بايقاش ھەم ئۇنى تۈزۈتۈشتە ئادەملەر بەكلا ئاجىز كىلىدۇ . ئاشۇ كەمچىلىكلىرىڭ ھاياتىڭنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە زىيان سالسىمۇ يەنىلا تۈزەتمەيسەن شۇ خۇي-پەيلىڭنى ئۆزگەرتەلمەيسەن شۇڭىمۇ بىزە « كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دىسە كۆنگەن» دەيدىغان گەپ بار . لېكىن ئادەم ئۈزىنى تەربىيلەشنى توختىتىپ قويماسلىقى كىرەك . ھەرۋاقىت كەمچىلىكىڭنى بايقىيالايدىغان ھەم ئۇنى تۈزۈتەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بۇلىشىڭ كىرەك شۇندىلا ئەتىراپىمىزدىكى تەقدىرنىڭ قۇلى بۇلۇپ ياشاۋاتقان تۈمەنمىڭ ئادەملەردەك پايدىلنىدىغان يەردە غىڭ-پىڭ قىلماي پايدىلنىپ پايدىلنىشقا كۈچۈڭ يەتمىسە قاقشاپ-شىكايەت قىلىپلا ئۈتۈدىغان لاردىن بۇلۇپ قالمايسەن . دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن تەربىيە ئۈزىنى تەربىيلەش .

رەسىم چوڭلۇقى 1600×1200
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز

بۈگۈنكىسى مۇشۇيەرگىچە بولسۇن قالغانلىرىنى 2- قىسىمدىن كۈرۈڭ !

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 8- فېۋرال 17:11 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سىزنى ئۇلىنىش قوشۇۋالاي دىگەن، ئەمما wp نىڭ دوستانە ئۇلىنىش قوشىدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، نەدىن قوشىدۇ؟

    • ۋاقىت: 2011- يىل 8- فېۋرال 18:32 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      باش قۇرۇش بېتىدە ئۇلانمىلار دەپ بىر يەر بار شۇيەردىن قۇشۇۋالسىڭىز بۇلىدۇ بەك ئاسان

1 قېتىم ئاتالدىڭىز

  1. [...] بىرىنچى قىسمىنى بۇيەردىن كۈرۈڭ ! [...]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*