Asim

ئاسىم ساقال

ھىكايە

روھچىن

-ئاسىم ساقال بىز بىر مەھەللىلىك، قۇرۇق مىۋە-چىۋە سودىسى قىلىدىغان باققال خوشنىمىز. بۇ ئادەم ئۆزى خوش چاقچاق، كەمتەر، بىنلادىندەك ئۇزۇن ساقال قۇيۋالغان ئادەم. شۇڭا ئىسمنىڭ كەينىگە« ساقال»نى قۇشۇپ «ئاسىم ساقال» دەۋالىمىز.


- قېنى ئۇنىڭ بىنلادىننىڭكىدەك ئۇزۇن ساقىلى، چەتئەللىكتەك زاڭقى پارقىراپ تۇرىدىغۇ،-دېدى ئايالىم. ئاسىم ساقالغا سالام قىلىپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن.-مەن ئۆيىڭىزگە كەلگەندىن بىرى بۇ ئادەم بىلەن بىرنەچچە قېتىم كۆرۈشتىڭىز ئەمما ھەرقېتىم ساقىلى يوق.
ئايالىمنىڭ بۇگىپى مىنى بىر يىل ئىلگىركى ئاسىم ساقالنىڭ ساقىنى چۈشۈرۋەتكەن ئىشلارنى يادىمغا سېلىپ قويدى.
ئاسىم ساقالنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار شۇنىڭ بىلەن قاملاشمىغان ئىشلىرىمۇ ئۇچۇراپ تۇرىدۇ.
بىر قېتىم دۇكىنىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق چىرايلىق چوكاندىن ئىككىىسى كىرىپ ئۇنى بۇنى كۆرگەچ سەل بىزەپ چاقچاق قىلىپ قالدى. بۇ ئاغىنىمىز بېشىدىكى ئاپ-ئاق ئەرەپ بۆكىنى، مەيدىسىدىكى ئۇزۇن پەرىشتە سۈپەت ساقالنى ئۇنۇتۇپ ئېغىزىنى قۇيۋەتتى.
بۇلارنىڭ قىلىشىۋاتقان گىپىگە قۇلاق سېلىشقا تاقەت قىلالماي يىراققىراق كىتىپ تۇردۇم.
- ئاداش بېشىڭلىدىكى دوپپا بىلەن ماۋۇ ساقال مۇسۇلماننىڭ سىياقى، مۇسۇلمان ھېچقاچان بىمەنە چاقچاق قىلمايدۇ. يات ئاياللارغا ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ. ئابروينى تۆكسەڭلا بىر ئاسىمنىڭ ئابرويىنى تۆكمەي ساقاللىق، دوپپىلىق بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىنى تۆكىسىلە.-دېدىم، خېرىدارنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كىيىن.
-ۋاي بىر ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ قويغانغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئابروي تۆكۈلۈپ كەتمەس، مۇسۇلماننىڭ ئابرويىنى مەن ھۆددىگە ئالمىغاندىكىن.
ئارتۇق گەپنىڭ ئېشەككە يۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كىتىپ قالدىم.
شۇ ئىشقا بىرە ھەپتە بولغاندىن كىيىن شامغا تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرسام سىڭلىم ئىشىكتىن يىغلىغان پېتى كىرىپ كەلدى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرسەم ئاسىمنىڭ دوكىنىنىڭ ئادىدىن ئۆتۈپتىكەن سىڭلىمغا چاقچاق قىپتۇ. سىڭلىم تىللاپتىكەن، سىڭلىمنى ئىشتاننىڭ ئىچىدىن گەپ قىلىپ تىللىۋېتىپتۇ.
پۇت قۇلۇم تىتىرەپ كەتتى، ئېشىپ مىنىڭ سىڭلىمنى تىللىغۇدەك ھالغا يىتىپتۇدە. «دوپپىسىنى ئال دىسە بېشىنى كۆتۈرۈپ كىلىدىغان»لاردىن ئىككىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاسىمنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە «مۇھىم پاراڭ بار»دەپ تۆردىكى ئۆيگە سۇلاپ ئىككەيلەننى يارگە باستۇرۇپ ساقىلىنى چۈشۈرۋەتكەنتىم.  «سىلىنىڭ سىڭىل ئىكەنلىكىنى ئۇقماپتىمە، مەن چاي قۇياي،» دەپ جېق گەپ قىلىپ كەتتى. لېكىن، مەسىلە مىنىڭ بىر سىڭلىمدىلا ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە ئاسىم ئەدەپسدىزلىك قىلىۋاتقان بارلىق قىز ئاياللار مىنىڭ سىڭلىم .
«ئىككىنچى ساقال قۇيۋالدىغان بولساڭ زاڭقىڭ بىلەن قۇشۇپ كىسىۋالىمەن» قورقۇتۇپ قويغان شۇندىن بىرى ساقال قويمىغان ئىدى. بىر يەردە ئۇچۇرشىپ قالساق سالاملىشىپ ئۆتۈپ كەتتۇق.
بۇلانى ئويلاپ جىمىپ قالدىم ئەمما يېنىدىكى ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلمىدىم. ئايالى ئايشەمگۈل خان ئاچام ئەمەس ئىدى. ئايالىدىن ئاجىرشىپ بۇ ئايال بىلەن توي قىلدىمۇ ياكى باشقا بىرىمۇ ئۇقمۇدۇم.
بۇ ئىش ئۆتۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن ناتۇنۇش تېلفۇننى تاپشۇرۋالدىم. تېلفۇن قىلغۇچى تەمتىرەپ تەستە گەپ قىلىۋاتاتتى.  تېلفۇن ئۇرغۇچى ئالدىنقى قېتىم ئاسىمنىڭ يېنىدىكى ئايال شۇ ئىكەن. ئاسىمنىڭ مەندىن بەك قورقۇدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كىيىن بەزى گەپلەرنى ماڭا دىيىشنى ئويلاپتۇ. -بۈگۈن ئۆيدە ئايالىم يوق ئالدىڭىزغا چىقالمايمەن. ئەتە كېلىڭ ئايالىم بار ۋاقىتتا پاراڭلىشايلى، دەپ ئوزىتىپ قويدۇم.
-بىز دەسلىۋىدە چ چ دا پاراڭلاشقان،- دىدى ئايال ئاسىم ساقال بىلەن تۇنۇشقان جەريانىنى سۆزلەپ.
ھەيرانلىقتىن ئېغىزىمنىڭ ئېچىلىپ قالغىنىنى ئۇقماي قاپتىمەن. ما ئاچاممۇ چ چ ئوينايدىكەن. ئاسىممۇ چ چ ئوينايدىكەن. «چ چ دا بارلىققا كەلگەن مۇھەببەت» داۋامىنى ئاڭلاپ باقاي، يەنە قانداق پارتلاش خاراكتىرلىك ۋەقەلەر چىقىدىكىن.
-كېيىن تېلفۇندا كۆرۈشتۇق، ئاندىن يۈزتۇرانە كۆرۈشتۇق، نىكاھىڭىزغا ئېلىپ دىسەم ئۇنىمىدى. لېكىن ھەرقېتىم كۆرۈشكەندەك بىريەردە بۇلۇپ قالدۇق.  بۇ ئىش مۇشۇندا كىتىۋاتقىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى بارا-بارا كۆرۈشۈشكە كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدىغان بۇلۇپ قالدى، ئەسلى چ چ دا پاراڭلاشقاندا ئۆزىنىڭ قۇرئان، كىتاپ بىلىدىغانلىقىنى، ھەر نامازنى مەسچىتتە ئۇقۇيدىغانلىقىنىڭ گىپىنى قىلغانتى، شۇڭا تەقۋادار مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمىسام نىكاھىغا ئالسا خىزمىتىنى قىلىپ ئولتۇسام دەپ ئويلىغان.
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئايال يىغلاشقا باشلىدى.
-بىر ئوغلۇم بار 3 ياشقا كىردى. ئىرىم ئېغىر ئاياق بۇلۇپ 6 ئايلىق بولغاندا سىرتقا بۇزۇلدى. ۋە مىنى بالىنى ئالدۇرۋېتىشقا قىستىدى ئۇنىمىسال يا بالىنى ئالدۇرۇش ياكى ئاجىرشىش شەرتىنى قويدى. بالىغا چىدىماي ئاجىرشىپ كەتتىم. ئېرىم ھاراقكەش ئىدى ما ئادەم تەقۋادا مۇسۇلمان بولغاندىكىن دەپتىكەنمەن.  يالغۇزلۇق يامانكەن. ئۈچ يىلدىن بىرى كۆرمىگەن كۈنۈم قالمىدى بالا تۇغۇلغاندىن بىرى دادىسى كۆرۈپ باقمىدى. شۇڭا ئىككىنچى خوتۇن بولساممۇ بالامنى ئۇبدان باقسام بوشراق خاپىلىق تارتىپ ئۆتەمەنمىكىن دەپتىكەنمەن.
شۇ كەچلىكى ھېلىقى چارپارمەنلىرىمنى ۋە بۇ ئايالنى ئېلىپ ئاسىمنىڭ ئۆيىگە باردىم ئايالنىڭ دىگەن بارلىق گەپلىرىنى ئاسىمنىڭ ئالدىدا دىگىلى سالدىم، ئايالنىڭ گىپنىڭ ھەممىسى راس ئىكەن  بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاسىمنىڭ ئايالى ئايشەمگۈل خان ئاچام تۆكۈلۈپ كەتتى. ئاسىمنىڭ بۇ تۇنجى قېتىمقى ئىشى ئەمەسكەن، ئىلگىرىمۇ بۇنداق چاتاقتىن نەچچىنى چىقىرىپتىكەن. ھەتتا توي قىلمىغان بىر قىزنى بۇزۇپ قۇيۇپ 35 مىڭ كوي تۈلەپ بىرىپ ئاران قۇتۇلۇپتۇ.
كاللام ياغ قۇيغاندەكلا قايناپ كەتتى. مانا مۇشۇنداق بىرە تال پەرىشتە سۈپەت شەيتانلار بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىغا ئولتۇرىدۇ.  ساقال قويغان، ئاق بۆك كەيگەنلەرنى كۆرگەنلەر بۇنداقلارنىڭ ھەممىسى بۇزۇق دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تېمىم نىجاسەت بىر قازان ئاشنى بۇلغىغاندەكلا ئىش.
كاللامغا چاقماق تىزلىكىدە بىز خىيال كىردى ۋە يېنىمدىكى ئىككەيلەنگە ھويلىغا ئەچىقىپ تاشنىڭ ۈستىدە ئولتۇرغۇزۇشقا باشلىدىم. ئاسىمنى ئىككەيلەن سۆرەپ مىڭىۋىدى، ئايالى «نىمە قىلىسىز ئۇكام ؟ ماڭا دەڭ» دېدى «تاش بۆرىكىنى ئىزىۋىتىمەن. ئىككىنچى ئايال كىشىگە يېقىن يۇلىيالماس قىلىۋىتىمەن». «ئۇكام ئۇنداق قىلماڭ ! مەن خوش بۇلاي» دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. پەرۋا قىلماي سىرتقا مېڭىۋىدىم پۇتۇمغا ئېسىلىۋالدى.  «دىندىمۇ پەندىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇنداق قىلماڭ ! ئاسىم تۆۋە قىلىدۇ، ئۇ ئوڭشىلىدۇ» ئايالنىڭ كىيىنكى گەپلىرىنى ئاڭلىمىدىم. ئايالنى سۆرەپ ئەكىرىپ ئىچىدىكى ئۆيگە سۇلىۋېتىپ بىر بۇلۇڭدا قى قىرشىپ تۇرغان ئۈچ بالىنىمۇ ئەكىرىپ سۇلىۋەتتىم ۋە ھېلىقى ئايالنىڭ، ئاسىمنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغان چاترىقىغا قاراپ كۈچەپ دەسسىۋىدىم ئاسىم كانىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك ۋارقىرىدى.
بۇ ئىش ئۈتۈپ ھەپتە بولغاندىن كىيىن ساقچىخانىدىن چاقىرىتقانلىق تېلىفۇنى كەلدى. ئاسىمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم ۋە دەرھال تەييارلىنىپ ساقچىخانىغا يۈرۈپ كەتتىم.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*