روھچىننى تاپتۇق ℃330
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئۇقۇرمەن !
دۇنيادا ئۇغرىدىن مەينەت نەرسىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىۋاتىمەن. شۇنداقلا، سىزنىمۇ ئىشەندۈرىمەن.
بىر ۋاقىتلاردا ئۆيدە تاختا مۈشۈككە چۈشكەن چاشقاننىڭ ئۆلۈكىنى, باشقا چاشقانلارنىڭ يەۋەتكىنىنى كۆرۈپ «مۇنۇ ئوغرىلارنىڭ مەينەتلىكىنى قارا »دەپ قالغان ئىدىم. كىيىن، دوكىنىمنىڭ ئالدى سايىۋەنگە ئېسىپ قويغان 15 ۋاتلىق لامپۇچكىنى ئوغرى ئېلىپ كەتكەندە( ناھايىتى 0.8 يۈۋەنلىك نەرسىغۇ، ساتايدىسىمۇ ھېچكىم ئالمايدۇ) «ماۋۇ تىگى پەسلەرنىڭ قىلىقىنى» دەپ قالدىم. نەچچە كۈن ئىلگىرى تۇيۇقسىز بلوگ(مۇشۇ بلوگ شۇ)ئېچىلماي قويدى. (بەزەن تۇيۇقسىز ئېچىلماي يەنە بىرە سائەتتىن كىيىن ئوڭشىلاتتى) ئوڭشىلىپ قالىدىغۇ، دەپ كارىم بولمىدى. ئەمما، بۇ قېتىم راستىنلا ئېچىلمىدى. خەۋەرتاپتىمكى بلوگنى ئوغرى ئاپتۇ.(ۋاي ئاللا بۇنى زادى نېمىگە ئىشلىتىدۇ بىلمىدىم جۇمۇ). بېشىمدىن تۈتۈن چىقمىدى، تەرچىقتى( بېشىم گۈلخان بولمىغاندىكىن) نىمىشقا دىسىڭىز ئالدىمىزدىكى 9-ئاي كەلسە بلوگىمغا ساق ئۈچ يىل بۇلىدۇ. 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىجادى يازمىللىرىم ساقلانغان. لېكىن ئىچىمنى بەك پۇشۇرۇپ كەتمىدىم، يازمىللىرىم يۇقىغان بىلەن يازىدىغان قول ۋە كاللام تېخى ئوغرىلانمىدى( ئوغرىلار مۇشۇنداقلا قىلىدىغان بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنىمۇ ئوغرىلاپ كەتكۈدەك) شۇنداق قىلىپ، بلوگنىڭ تېخنىكى ئۇيغۇربەگ بۇرادەر بىلەن كۆرۈشسەم بلوگنىڭ ساندان زاپاسلانغان ئىكەن (بۇ بارلىق يازمىلار زاپاس ساقلانغان دېگەن گەپ) ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولمىدىم، يۈتۈپ كەتكەن باللىرىمنى تېپىۋالغاندەك خوش بولدۇم( باللىرىمنىڭ ئالدى ئۈچ ياشقا كىرەي دېدى ئەمەسمۇ) بۇ يەردە بلوگنى زاپاسلاپ قويغان ئۇيغۇربەگ بۇرادەرگە بەك مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرمىسەم بولمايدۇ. كىيىن يەنە بىر تاتلىق خەۋەر بايقالدى. ئىسىم باشقا ئۇرۇندا بۇلۇپ ئۇغرى بۇنىمۇ ئالالماپتۇ بولمىسا www.rohqin.comدېگەن بۇ ئىسىمدىن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ تۇرغان بۇلاتتۇق. ئوغرىنىڭ ئالغىنى بلوگنى قويغان بوشلۇق بۇلاپتۇ.( كالا باقامدىكى گۇي) شۇنداق قىلىپ بىرە ھەپتە دەم ئېلىشتىن كىيىن بلوگ قايتا ئەسلىگە كەلدى.
بۇ بىر ھەپتىكى ھېسياتىمنى بايان قىلسام، ھەميېنىمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك، دۇنيالىرىمنى ساقلايدىغان يىرىم يوقتىكىدەك( تۆۋە خۇدايىم مىنىڭ دۇنيالىرىم مۇشۇ يازمىلارمىدۇ) قۇرساق كۆپىگىم، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ بىرىدىغان سىردىشىم، ھەمراھىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك( بۇگەپ جايىدا، بلوگ ھەقىقەتەن مىنىڭ سىرداش ھەمراھىم) يۈرۈپ مەشھۇر بلوگچىلار ئېيتقان« بلوگى يوق ياش، تام تۈۋىدىكى تاش» دېگەن ئەقلىيە سۆزنىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر يەتتىم.
خەيرىيەت ! بۇران ئۆتۈپ كەتتى. روھچىن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، ئىنشا ئاللاھ يازمىللىرىمىز يەنە داۋام قىلغۇسى.
بۇ جەرياندا بلوگىمنى ياد ئەتكەن ۋە مەندىن ئەھۋال سوراپ ئەپسوسلىنىدىغانلىقىنى، تىزراق ئەسلىگە كىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن دوسلىرىمغا ئىگىلىپ تۇرۇپ سۇلۇق سالامدىن بىرنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. رەھمەت سىلەرگە …
كۈرەش
مەلەك
كۆنچى
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۆنچى