[تەرجىمە] ئاللاھ، ساتىراچ

بىر كىشى چېچىنى ياسىتىش ئۈچۈن ساتىراشنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ، ساتىراش ئۇ كىشىنىڭ چېچىنى ياسىغاچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپتۇ، ئۇ يەردىن بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ئاللاھنىڭ بارلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قاپتۇ، ساتىراش : مەن ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن ..
خېرىدار : نېمە ئۈچۈن ؟
ساتىراش : مۇنداق، سىز كوچىغا چىقىپ قاراپ باقسىڭىز ئاللاھنىڭ مەۋجۇد ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ، ئەگەر ئاللاھ مەۋجۇد بولغان بولسا كېسەل كىشىلەرنى كۆرەرمىدىڭىز ؟ ئاللاھ مەۋجۇد بولغان بولسا مۇنچە كۆپ يىتىم بالىلارنى كۆرەرمىدىڭىز ؟ ئەگەر ئاللاھ مەۋجۇد بولغان بولسا ئاشۇنداق خاپىلىقلارنى كۆرەرمىدىڭىز ؟ مەن ئاللاھ بولغان زاتنىڭ بۇنداق ئىشلارغا يول قويىدىغانلىقىنى قەتئىي تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .
خېرىدار بىردەم ئويلىنىپ قالدى، جاۋاپ قىلاي دېدىيۇ گەپ چىڭىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن جىم بولدى .
ساتىراش ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن خېرىدار كوچىغا چىقىپ چاچلىرى ئۇزۇن، پاخپايغان، ئۈستىنى مەينەتچىلىك قاپلىغان بىرسىنى كۆرۈپ دەرھال ساتىراشنىڭ يېنىغا كىرىپ : ساتىراش دېگەننىڭ يوق نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز ؟ دەپتۇ .
ساتىراش ھەيران قالغان ھالدا : قانداقسىگە بۇنداق دەيسىز؟ مەن ھازىرلا تېخى چېچىڭىزنى ياساپ قويغان تۇرسام ؟
خېرىدار : ساتىراش دېگەن مەۋجۇد بولىدىغان بولسا، ئاۋۇ ئادەمدەكلەر بولمىغان بولاتتى .
ساتىراش : ساتىراش مەۋجۇد، ئەمما بۇلار يېنىمغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاشۇنداق شەكىلدىكى كىشىلەرنى كۆرىسىز .
خېرىدار : ئىش دەل مۇشۇنداق . ئاللاھ مەۋجۇد، لېكىن كىشىلەر ئاللاھنى تونۇمايدۇ، قۇللۇق بەجا كەلتۈرۈپ، ھاجىتى چۈشكەندە يېلىنمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا قىيىنچىلىق، خاپىلىقلارنى كۆرىسىز دەپتۇ.