تۈركىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان «قەدىرىيە ھاشىم» ئىسىملىك بىر قىز يېقىندىن بېرى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. تىللىمىغانلار ئاز قاپتۇ. ۋاي نېمە بولغاندۇ، ئاجرىتىپ قوياي دەپ سورۇنغا يۈگۈرۈپ كەلسەم، تۈركىيەدە خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپتۇ، باشقا ئىش يوقكەن.
تۈركىيەدە يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينىماپتۇ، بىراۋلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ساتماپتۇ، پەقەت بىر كۆرەكتە خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپتۇ.
ئۈرۈمچىدە بىر-بىرى بىلەن زۆرۈرىيەتسىز ئەھۋالدا خەنزۇ تىلىدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئۇچرىتىمەن، ئۇلارنى ھېچكىمنىڭ تىللىغىنىنى، ئەيىبلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
مەن ھۆرمەتلەيدىغان سەنئەتكارلاردىن دىلبەر يۇنۇس ئىنگلىزچە ناخشا ئېيتسا، ئابدۇللاكام، ئەركىن ئابدۇللا خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپ بازارغا سالسا زوقلىنىپ ئاڭلاپ كەلدۇق. لېكىن، قەدىرىيە ھاشىم تۈركىيەدىكى بىر تالانت كۆرىكىدە خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئەپسانە تىللارغا كۆمۈلۈپ كېتىپتۇ. توۋا دېمەي نەچارە!
ئالدىنقى كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە تەرلەپ-پىشىپ يۈرسەم، بىر ئاكا بۇرادىرىم «تاغقا چىقىپ ئويناپ كېلىمىز» دەپ تېلېفون قىلىپتۇ. ھە دەپ تاغقا چىقتۇق. بىر كەم بولغاندا يامغۇر يېغىپ كەتتى، ئارقىدىنلا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتمامدۇ، ئالە شەرىڭنى دەپ قېچىپ كەلدىم.
مەنغۇ قاردىن قېچىپ ئۈرۈمچىگە كېلىۋاپتىمەن، ئۇرۇش رايونلىرىدىكى نارەسىدە بالىلار ئوق يامغۇرى ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇلار نەگە قاچار؟ شۇ ئەمەسمۇ، قاردىن قورقۇپ قېچىۋاتقان مەندەك توخۇ يۈرەك ئادەم ئوق ياغسا قانداق قىلىمەن دەيمەن-دە!؟
شۇ ئەمەسمۇ؟! چەتئەلگىمۇ چىقامدىغان، ئوينايمىز دەپ تاغقىمۇ بارامدىغان! باشقىلارغا تاتلىقمۇ يا ئاچچىقمۇ بىلمىدىم. ئەمما ماڭا جان بەك تاتلىق دېسە!
BTV نىڭ «ئەڭ ياخشى نەق مەيدان» پىروگراممىسىنىڭ ئەركىن ئابدۇللانى زىيارەت قىلغان سانىنى كۆرۈپ قالدىم: ئەركىن ئابدۇللا ئۆتكەندە «نىقاب II» فىلىمىدە رول ئېلىشنى رەت قىلىپتىكەن، يېقىندا ھوللىيۋود شاھزادىلىرىنىڭ بىرى Will Smith (بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ) نىڭ بىر فىلىمىدە رول ئېلىشنى رەت قىلغان چېغى. ئەنۋەر ھاكىمنىڭ «ھە دەپ قوي» ناخشىسىدا دېگىنىدەك، ھە دەپ قويۇپلا تور ئارىلاپ قالدىم. بەزى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە «مۇشۇ ئارتىس دېگەن خەق دۆت بولىدۇ زادى، نېمىشقا رەت قىلىدۇ، ئەلەي-بەلەي» دېگەندەك مۇنازىرىلەر قايناپ كېتىپتۇ.
قىزىق، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن باشقىلارنى باھالايدىغانلار ئاۋۇپ قاپتۇ دېسە. توۋا دەيمەن-دە …
ئەگەر مېنىڭ 98-يىلى گېرمانىيەگە چىقىپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى ئاڭلىسا، «ھۇ ئا…، دۆت قىسمەت» دەپ ئاغزىنى بۇزۇپلا تىللاپ كېتەمدىكىن تاڭ!؟
خوش جامائەت، يازمىنى ئوقۇغاچ، يارىمىسا تىللىغاچ تۇرۇشسىلا، مەن گاچچىدە قورساقنى توقلاپ كىرەي، ئاچ قورساققا تىل ئاڭلىسام ئىچىمگە ئۆتۈپ كېتىدۇ ھەقاچان، ماقۇل ئەمىسە، بەھوزۇر، بەھۇزۇر …
قارىسام دىۋان بىكار قاپتۇ ئۆزۈم باش بۇلۇپ بىر تىللىۋىتەي !
جەمىيەتنىڭ ئۇمۇمى ئېقىمى كەلكەندەك ھەممە ئادەمنى بىرلا يۆلنىشكە قاراپ ئېقىتىپ كىتۋاتىدۇ، بەزەن ئەخمەق كىشىلەر ( قىسمەتكام كەبى) ئۆز ئىدىيسى، تۇرمۇشتىكى تۇتقان يۇلى سەۋەپلىك ئېقىنغا قارشى ھەركەت قىلىپ جېنىنى قىيناپ كىتىۋاتىدۇ. نىم قىلىدۇ دەيمەن كاللىنى ئۇپۇرتىپ، جەمىيەتتىكى تۆمەنمىڭ ئادەمگە نىمە بولسا بىزگىمۇ شۇ بولمامدۇ ؟
ئادىمىيلىكىڭدىن كەچ ! ئىنسانىيلىقىڭدىن كەچ ! مۇسۇلمانلىقىڭدىن كەچ ! قۇرسىقىڭ تويسا ئارتۇق ئىشنى ئويلىما دىگەن شۇئارغا ئاۋاز قۇشۇپ قۇتاندا ياتامدۇق، ئۆيدىمۇ نىمە چاتىقىمىز بۇنداق ياشاۋاتقانلار بىرلا يالغۇز بولمىساق !
گەپلىرىم سەل قاملاشماي قالدى، قالغىنىنى قىسمەتكام قاملاشتۇرۇپ چۈشۈنىۋالىدۇ دەپ ئويلايمەن
2012/07/16
قىسمەت ئەپەندىم مېنىڭچە ىسىز ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلايدىغان سەۋرىچانلىقىڭىز بار ،
يوقۇرۇقى قەدىريە ھاشىم خەنسوچە ناخشا ئىيتىقىنىنى مەنمۇ تازا توغرا تاپمىدىم ،
1. تۇركىيە شوۋ سەھنىسىنى مەن قەدىريە ھاشىم بىلەن بىللە تونۇدۇم ، مېنىڭچە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاشۇنداق سەھنىنىڭ بارلىقىنى ۋە قەدىريە ھاشىمنى تۇنجى قېتىم تونۇدى ، خوش تۇنجى قېتىم دىگەننىڭ قانچىلىك سېھرى كۇچى بارلىقىنى بىلەمىسز قىسمەت بەي ، ئۆيدە ئاتا تۇنجى قېتىم تاماققا قول ئۇزۇتۇدۇ ، مەسچىتتە ئىمام تۇنجى قېتىم دۇئاغا قول كۆتۇرۇدۇ ، تۇنجى تۇغۇلغان بالا ئارزۇلۇق بولۇدۇ ، تۇنجى دىگەن بۇ سۆز بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان مەنىلەرگە تويۇنغان ، ئەمدى بۇ داۋۇت ھاشىمنىڭ سىڭلىسىمىكىن قەدىريە ھاشىم ئاشنىڭ ئالدىنى ئىت ئىچكەندەك چولاق ئۆشكە قويدىن بۇرۇن دىگەندەك ئىش قىلدى ، تېخى تۇركىيە شوۋ سەھىنىسدە ئۇيغۇرچە مۇقام ۋە ياكى باشقا خەلىق ناخشىلىرى نام چىقاردى دىگەننى ئاڭلىماي قەدىريە ھاشىم خەنزۇچە ناخشا ئېىيتتى دەپ پۇر كەتكەن گەپنى ئاڭلىدۇق ، ئسىت قۇلاقلىرىمىز ،
2. ئازادە گۇللەر ئازادە دىگەن بىر تۇرۇك ئايال ئىيتقان ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ ، ئەردۇغاننىڭ تۇنجى قېتىم دىيارىمىزغا قەدەم بېسىپ ئاندىن بېيجىڭغا بارغانلغىنى ،كۆزلەرنىڭ ياشقا تولغانلىغىنى بىلەمسىزكىن ،
3.قەدىريە ھاشىمنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ئاشنىڭ ئالدىنى ئىت ئىشكەندەك ئىش بولدى ،
2012/07/17
بۇ قەدىريە ھاشىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ئىش قىلىپ قويدى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇئاسىنى ئالالمىدى ، ئۇنداق ئادەم ئۆزىنى شوۋ سەھنىسدە جۇپ جۇپ مەن ئۇيغۇرتۇركۇم دەپ نىمە قىلىدۇ ،
2012/07/17
قىزىق ……
2012/07/29
ئاللا ئاللا، ۋاي باللا
2013/02/03