ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 25-05-2011 | خەتكۈشلەر: -

  • خۇداغا شۈكرى ئوغلۇم، ئاللاھنىڭ شاراپىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتىڭ، ئاناڭ ئىككىمىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى، تېخىمۇ توغرىسى جانابىي ئاللاھنىڭ قەلبىڭگە ھىدايەت نۇرى چېچىشى بىلەن ئېتىقادلىق، غۇرۇرلۇق بولۇپ چوڭ بولۇۋاتىسەن.

    مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئالتە ئايلىق بولدۇڭ. ئۇخلاپ قالغانلىرىڭدا بېشىڭدا تۇرۇپ، ئاللىقانداق خىياللارغا چۆكىمەن، پىلانلارنى تۈزىمەن…

    ئاناڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىلى ۋادىسىدا ئويناپ، مەن پەقەت بىر قېتىم ئۈزۈش نېسىپ بولغان ئىلى دەرياسىدا ئۈزۈپ چوڭ بولۇۋاتىسەن. داداڭ جەنۇبنىڭ قۇرغاق مۇھىتىدا جاپاكەش، ئەمما ئېسىل ئىنسانلار ئارىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاناڭ ئەركىن مۇھىتلارنىڭ بىرى بولغان ئىلى دىيارىنىڭ قىزى. سەندە مانا مۇشۇ ئىككى ئىنساننىڭ قېنى بار، مۇشۇ ئىككى ئىنساننىڭ گېنى بار. ناھايىتى پەرقلىق ئىككى خىل مۇھىتتىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئوغلىسەن، ئوغلۇم!

    ئاناڭ ئېسىل ئايال، ئۇنىڭ ئېسىللىكى مېنى ياخشى كۈتۈشى، ئاتا-ئانىمىزغا پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشىدىلا ئەمەس، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى يېتۈكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.

    مەكتەپكە كىردىڭ، ئوغلۇم، سېنى مۇشۇ ئەبجەش مۇھىتقا قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئەگەر ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولسىدى، سېنى ئۆزۈم تەربىيىلىسەم، ئاناڭ پەرزەنت ئۈچۈن خىزمەتتىن چېكىنسە، ئانا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خىزمەت ھېسابلىنىدىغان پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرسە تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولار ئىدى. ئەپسۇس، ئوغلۇم، نۆۋەتتىكى رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدۇم. بۇ دېگىنىم پەرزەنت تەربىيىسىدىن ۋاز كەچتىم دېگەنلىكىم ئەمەس، ئەلۋەتتە.

    ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد كاشغەرىيدەك، ئېينىشتىيىندەك ئادەم بول» دەپ تەربىيە قىلىشىدۇ. ياق، ئوغلۇم، ياق. مەندەك-داداڭدەك ئادەم بول. سېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلگەڭ مەن. سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزۈڭگە ئۈلگە ئىزدىمەكچى بولساڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا) مېنىلا ئۈلگە قىل. پەزىلەتتە، ئادىمىيىلىكتە پەقەت مېنى دورا، چۈنكى سەن مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىسەن، سەن بولغاچ مېنىڭ نەسەبىم مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.

    مەن سېنى ئالىم بول، داداڭدەك كومپيۇتېر خادىمى، ئاناڭدەك تېببىي خادىم بول دېمەيمەن. ئۈمىدىم شۇكى، سەن پەقەت ئادەم بولساڭلا مەن شۇنىڭغا رازى. ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئادىمىيلەر كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، سەندىن تەلىپىم پەقەت بىرلا: ئادەم بول، ئاندىن ئالىم بولىسەن، …. بولىسەن، ئوغلۇم.

    پات ئارىدا يىگىت بولىسەن، ھەدىلىرىڭنى ساڭا تاپشۇرىمەن. نېمە؟ ھەدىلىرىمگە مېنى تاپشۇرماي، ماڭا ھەدىلىرىمنى تاپشۇرامسەن دادا، دېدىڭمۇ؟ شۇنداق ھەدىلىرىڭنى ساڭا تاپشۇرىمەن. سەن دېگەن ئەركەك ئوغلۇم، ئەركەكلەر ھەرقاچان، ھەر زاماندا قىز-ئاياللارنى ھامىيلىقىغا ئېلىشى، ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك. بۇ ئەركەك زاتىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى.

    بىلەمسەن ئوغلۇم، كوچىلاردا يېرىم يالىڭاچ قىز-ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى شۇ يالىڭاچ قىز-ئاياللارنىڭلا ئەمەس، ئەركەكلەرنىڭ يارىماسلىقى. مەن سېنىڭ يارىماس ئەركەكلەردىن ئەمەسلىكىڭگە ئىشىنىمەن. چۈنكى ۋۇجۇدۇڭدا مېنىڭ-بىر ئەركەكنىڭ قېنى ئېقىۋاتىدۇ، ئوغلۇم!

    پۇرسەت ئىچىدىن پۇرسەت چىقىرىپ سېنى ئۆز مەسلىكىم بويىچە تەربىيىلەۋاتىمەن، تەربىيىلەيمەن، تاكى سەندىن رازى بولغىچە …

    قادىر ئاللاھ سېنى كامىللىققا يەتكۈزگەي، مېنى ئۇلۇغ دادا شەرىپىگە ئىگە قىلغاي!

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    11 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      يەتتە ئىقلىم نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 26-ماي 08:29

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      يازمىڭىزنى كۈرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ،دىگىنىڭىز ناھايىتى توغرا ئالىم بۇلۇشمۇ تەس، بىراق ئادەم بۇلۇش بەك تەس، بىزدە نىمە كەم بولسا شۇنىڭغا ئىنتىلىش كىرە، بۇرۇن ئالىم كەچىل ئىدى ،ئالىم بۇلۇشقا تىرىشتۇق، ئالىملار كۈپەيگەنسىرى ئادەم قەھەتچىكى بۇلىۋاتىدۇ، بۇلۇپمۇ ئەر قەھەتچىلىكى دەڭە، شۇڭا ئۇغۇللىرىمىزنى ھەقىقىي ئەركەك قىلىپ تەربىيلەش. ئوغلىمىز بولمىسا قىزلىرىمىزنى پاكىز تەربىيلەش ھەربىر دادىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرىچى.
      يازما ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇننى بىرلەشتۈرەلمىدىم، زادى ئوغلىڭىز برمۇ -يوق؟ :evil:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      زەپەر نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 26-ماي 12:53

      ۋاي يەتتە ئىقلىم قېرىندىشىم، بۇ قىسمەت قارىي ھازىر بەكمۇ رومانتىك خىيال سۈرىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، مەنمۇ مۇشۇنداقراق خۇش خەۋەر بولسا بىر تەبىرىكلەپ قوياي دەپ ئويلىسام، بىر خىيال ئىكەن ئەمەسمۇ :mrgreen: ، لېكىن ئۇللۇغ ئاللاھتىن قىسمەتنىڭ تېزراق بۇ ئارزۇسىغا يېتىشىنى، پاقلاندەك ئوغۇلدىن بىرگە ئاتا بولۇپ، ئۇنى ياخشى تەربىيلەپ چىقىشىنى تىلەيمەن! :|

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 3#
      نۇھ نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 29-ماي 23:30

      ئاللاھ ئارزۇلارغا يەتكۈزسۇن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 4#
      ئەزىز نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 31-ماي 12:06

      ئۇلۇغ ئېگەم بۇيرىسا مەنمۇ 10 كۈن ئىچىدە ئاتا بۇلۇشۇم مومكىن…ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز..يازمىڭىزماڭا بەك تەسىرقىلدى..
      خۇدايىم ئەركەك بولسا چىن تۈمۈردەك، قىزبولسا يەتتە قىزلىرىمدەك ئىسىل ئۇيغۇرباللىرى قىلىپ تەربىيلەشكە تىرىشىمەن..ئاللا ئارمانىمغا يەتكۈزگەي..

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 5#
      يىلتىز نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئىيۇن 14:44

      يازمىڭىزنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم، بىلوگىڭىزغا تۇنجى كىرىشىم ئىدى، مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى، بولۇپمۇ مۇشۇ يازمىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى، يېڭى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان مەن ئۈچۈنلا يازغاندەك يېزىپسىز، ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 7#
      قادىخان نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 19-ئىيۇل 22:27

      قىسمەتجان، قىسمەتتېكىندىن خەۋەر بارمۇ يا؟ :x

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 9#
      تۇران تېكىن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئۆكتەبىر 23:52

      كىچىككىنە بىر ھېكمەتلىك تەربىيەلەردىن، ئالەمچە مىھىر – مۇھەببەتنى، چەكسىز ئۈمۈتنى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇنداقلا مۇشۇ بىر يازما ئارقىلىق قىسمەت ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ياشاش پەلەسەپىسىنى بىلىپ يەتتىم. بۇ ماڭا، بىزگە – ھەممىمىزگە ئۈلگىدۇر!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 10#
      شىرىن بۇلاق نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 18-ئۆكتەبىر 14:19

      بۇ قىسمەت قارىي ھازىر بەكمۇ رومانتىك خىيال سۈرىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، :sad:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 11#
      قۇتبىلىك نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 28-دېكابىر 08:45

      بالا تەربىيلەش ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ئىدىم، بەلەن ئۇچراپ قالدى، ئايالىم بىلەن مۇنازىرە تېمىسى بوپ قالغۇسى.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif