«ئېگىلگەن ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻛﻪﺳﻤﻪﺱ»
ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ماقالنى ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ، ئۇچرىغان خورلۇقنىڭ ئازابى يېنىكلەپ، ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ تەسەللىي ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ گەپنى قايسى «ﺩﺍﻧﺎ »نىڭ دېگەنلىكىنى ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﯜﻛﯜﺭﯛﭖ قوياتتىم. بېشىم ئېگىلىپ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﺪﻯ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ئېگىلىدىغان ﻳﯧﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. لېكىن، بېشىم ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
«ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻪ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎ»
ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮﺍﻕ كاللام ﻛﯧﺴﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ قورقۇپ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎﻱ ﺩﻩﭖ ئۆتكۈزۈۋەتتىم، ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ئۆتۈپ ﻛﻪﺗﺘﻰ… ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪەك ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ھەممىلا ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻼ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟ ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯘﺭﺍﻱ دېدىم، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ زېرىككەندە ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﺭﻣﻪﻥ!!!
«ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ئېگىلىدۇ، ﺳﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯗ»
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ئېگىلىپ ﺳﯘﻧﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ نېمە ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﺎﺭ؟ «ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە بولۇپتۇ» دېگەندەك، ئۆزىگە تەسەللىي ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﻗﺎﻝ-تەمسىللەرنىڭ ﭘﻪﻳﺪﺍ بولۇشىدا ﺑﯩﺮﻩﺭ سەۋەب ﺑﺎﺭﻣﯘ-ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
«ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯘﯕﺪﺍ ﺋﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻮﻝ»
ﺑﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺩﺍﻧﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮﻛﻪﻥ، ﻣﯧﻨﻰ ئامېرىكىغا پرېزدېنت ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍ بولۇشقا ﺭﺍﺯﻯ. ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ بەك ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ پادىشاھنىڭ دېگەن گېپى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ دېگەن گېپى، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮمۇ ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻩﺳﺘﻪﻙ قىلىۋاپتۇ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ…
ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ 500 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻗﯘﺭ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ چوڭراق ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻗﻠﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
گەپلىرىم تاقا-تۇققۇ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، مۇنداقلار يازدىم، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻳﻮﻕ…
نادىر ئەسەركەن. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۇقۇس تولىمۇ ھۇزۇرلۇق ئىش. قەلىمىڭىز سۇنمىسۇن.
2011/05/09