ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (11)

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-25 16:46:21

چاتمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بېرىلگەن شەپە بويىچە، بۇ قىسىمدا گەپنى بۇلاڭچىلىقتىن باشلاش ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم. «ئالدىنقىسىنى يازايمۇ، كېيىنكىسىنىمۇ ۋە ياكى ھەر ئىككى قېتىملىقىنى؟» دەپ ئويلاپ تۇراتتىم، ئىشىك جالاققىدە يېپىلدى،

     
    ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (11)
     
    قاننىڭ ئېسى
     
    چاتمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بېرىلگەن شەپە بويىچە، بۇ قىسىمدا گەپنى بۇلاڭچىلىقتىن باشلاش ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم. «ئالدىنقىسىنى يازايمۇ، كېيىنكىسىنىمۇ ۋە ياكى ھەر ئىككى قېتىملىقىنى؟» دەپ ئويلاپ تۇراتتىم، ئىشىك جالاققىدە يېپىلدى، بۇ ئايالىمنىڭ سىرتتىن خاپا كىرگىنىنىڭ باياناتى ئىدى. شۇڭا كومپيۇتېرىمنى قاتلاپ قويۇپ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇردۇم.
    -ھېلىقى ئاغىنىڭىز ھەجەپ سەت ئىش قىپتۇ-ھە؟
    -قايسى ئاغىنەم؟
    -دەرەختىن يىقىلىپ چۈشكەنچۇ؟-كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلدىم ۋە سورىدىم:
    -نېمە ئىش قىپتۇ؟
    -ئۆيىگە مېھمان چاقىرىپ، مېھماننىڭ گېپى قۇلىقىغا ياقمىسا قوغلاپ  چىقىرىۋېتىپتىغۇ؟
    -ۋاي بۇ كونا ئىشقۇ؟
    -مەن تېخى بۈگۈن ئاڭلىدىم بۇ ئىشنى، بەك نومۇس قىلدىم، سىزنىڭ ئاغىنىڭىز بولغاچقا.
      دەرەختىن يىقىلغان دېيىلگەن بۇ ئاغىنەمنىڭ  ئىسمى مۇسابايئوغلى (مەن قويۇۋالغان ئىسىم مۇشۇ چاتمىدا)، ئۆيىدىن مېھماننى قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى مۇنداق: ئۆيىگە ئىككى مېھمان كېلىدۇ، مېھمانلار ئاتا-بالا؛ ئامېرىكىغا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن؛ دادىسى بىر ئىدارىنىڭ 3-مۇئاۋىن باشلىقلىقىدىن يېقىندا پېنسىيىگە چىققان؛ ئوغلى بىر ئىدارىنىڭ 4-مۇئاۋىن باشلىقى. چاقىراي دېسە خۇشامەت دەپ چۈشۈنۈپ قالارمۇ، چاقىرماي دېسە يۇرتدارچىلىقتا سەت بولارمۇ دېگەندەك ئىككىلىنىشتە، ئاخىرى ئايالىنىڭ بېسىمى بىلەن چاقىرىلغان مېھمانلار. داستىخان تارتىلىپ سۆھبەت باشلانغاندا مېھمانلار گەپنى ھە دېگەندىلا يۇرتتىكى كاتتا تەرەققىياتلار، ئېگىز-ئېگىز بىنالار، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردىن باشلايدۇ ۋە ئۇ يەرلەردىكى بەختلىك ھايات ئۈستىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن توختىلىدۇ. مۇسابايئوغلى دەسلەپتە تېمىنى يۆتكەپ باقىدۇ، ئامال بولمىغاندا:
    -ئەپەندىلەر، شۇ ئېگىز بىنالاردا ياشاۋاتقانلارنىڭ، شۇ داغدام يوللاردا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى كىملەر؟-دەپ سوراپ باقىدۇ. مېھمانلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، شۇ تەرەققىياتلارغا تۈرتكە بولغان ئومۇمىي يىغىن ۋە قۇرۇلتايلارغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ. مەدھىيىلەرنىڭ ئاخىرى چۈشمىگەندىن كېيىن، ئاغىنىمىز مېھمانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ:
    -مېھمانلار، بۇ ئۆيدە كىچىك بالىلار بار، دەۋاتقىنىڭلار يىللاردىن بېرى مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ قۇلىقىغا قۇيىۋاتقىنىمنىڭ تەتۈرى، بالىلىرىم كەچتە «دادا سەن بىزگە يالغان گەپ قىپسەنغۇ؟» دەپ قالمىسۇن، مەنمۇ سىلەرنى ئۇنداق-مۇنداق دەپ تەرىپلەپ ئولتۇرماي، ئورتاق نۇقتىلاردا گەپلىشەيلى.
    تېما بىردەملىك يۆتكىلىدۇ، ئەمما تەكرار كونا پەدىگە قايتىدۇ:
    - ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىشىم ئالدىنقى يىلى پارتىيىگە كىرگىنىم،- دەيدۇ بالا مېھمان، ئارقىدىن يۇرتتا ھەر مىللەت خەلقىگە چاڭگاللاپ-چاڭگاللاپ تەپ-تەكشى چېچىلىۋاتقان مېھرى-شەپقەت نۇرلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ، ئاغىنىمىز ئىككىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇرىدۇ:
    -مېھمانلار، بۇ يىغىن زالى ئەمەس، مېنىڭ ئۆيۈم، بۇ ئۆيدە پارتىيىگە ئىلتىماس سۇنغانلار يوق، مېنىڭ خوتۇن-بالىلىرىم بار، سىياسىي تەشۋىقاتىڭلارنى تالادا قىلىڭلار.
    بۇ ئاگاھلاندۇرۇشمۇ تەسىرىنى ئۇزۇن كۆرسىتەلمەيدۇ، دادا مېھمان دۆلەتنىڭ خىراجىتى بىلەن چوڭ ئوغلىنى ئىچكىرىدە ئوقۇتقانلىقى ۋە كەنجى ئوغلىنى ئامېرىكىدا ئوقۇتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ پارتىيىگە ھەمدۇ-سانالار ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا بالا مېھمان ئۆزىنىڭ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇدا ئۈچ قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ:
    - بۇلاردا ئىمان بولمىغان بىلەن ئىنساپ بار...- مۇسابايئوغلى مېھماننىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمايدۇ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:
    -چىقىشە گۇينىڭ بالىلىرى بۇ ئۆيدىن!- دەپ ۋارقىرىغىنىچە داستىخاننى يۇلۇپ يانغا ئاتىدۇ، ئۈستەلنى ئۆرۈيدۇ، «ساراڭلىق قىلماڭ، نېمىلا دېگەن بىلەن مېھمان ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئايالىنىڭمۇ «سەنمۇ يوقال، گېپىڭ ئوخشاش بولسا» دەپ دەككىسىنى بېرىدۇ. مېھمانلار ھودۇقۇش ۋە ئۈركۈش كەيپىياتىدا ئۆيدىن ئايرىلىدۇ.
    ۋەقە ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئېغىزدىن چىقىرىشقا ئەپسىز بولغاچقا، جامائەت ئىچىدە بەك تېز تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئايالىم ۋەقەنى بەش يىلدىن كېيىن ئاڭلىغان گەپ. ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئەمدى مەندىن ئاڭلىغان ئايالىمنىڭ مەيدانى 180 گرادۇس ئۆزگەردى:
    -نېمە دېگەن شەخسىيەتچى، نېمە دېگەن دۆت مېھمانلار ئۇ؟! سورۇن دېگەندە ئەتراپىدىكى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىغا قاراپراق گەپ قىلمامدۇ؟ ئۇنداق ھەددىنى بىلمىگەن مېھماننى مەنمۇ قوغلىۋېتىمەن!
      ئەسلىدە دەرەختىن يىقىلغان بىر ۋەقەلىك يوق، پەقەت بىر سورۇندا بولۇنغان مۇشۇنداق بىر چاقچاق بار، سورۇن ۋەتەندىن تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن يەنە بىر مېھماننىڭ شەرىپىگە، سورۇندا  تەڭتۇش ئاغىنىلەردىن بىرقانچىمىز ھازىر؛ پاراڭ تېمىسى ۋەتەن ۋە دۇنياۋى ئىشلاردىن كېيىن  چاقچاققا يۆتكەلدى. چاقچاق ئارىلاش تونۇشتۇرۇلۇش نۆۋىتى مۇسابايئوغلىغا كېلىپ، ئۇنىڭ تارىخىمىزدىكى مەشھۇر  بايلاردىن باھاۋۇدۇن باي مۇسابايوپنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندا، چاقچاقچى ئاغىنىمىز، مۇسابايئوغلىنىڭ بوۋىلىرىنىڭ ئىزىنى باسالمىغانلىقىنى چاقچاققا كەلتۈرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن توختالدى:
    ......
    -بۇ ئارىمىزدا ئولتۇرغىنى قەغەز مۇساباي...
    -بۇ دېگەن شاپىگىراپتا بېسىلغان مۇساباي...
    -بۇ دېگەن توكتا چىققان مۇساباي...
    .........
      ئۇلۇغ بىر ئىسىمنىڭ يېقىن ئاغىنىلەر ئارىسىدا بولسىمۇ چاقچاققا قىستۇرۇلۇشىنى توغرا كۆرمىگەن مېھمان، جىددىي پوزىتسىيىدە گەپ قىستۇرۇپ، بولۇنۇۋاتقان چاقچاققا يۈگەن سالدى:
    - يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئىككى ئۇلۇغ تۆھپىكار جەمەت ئۆتكەن، بىرسى مۇھىتىلار ئائىلىسى (گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىلار جەمەتى)، يەنە بىرسى مۇسابايوپلار جەمەتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسالماسلىق توكتا چىقىش دېيىلسە، يالغۇز مۇسابايئوغلىلا ئەمەس، ھازىرقى دۇنيادىكى خېلى-خېلى نامى بار بايلارمۇ توكتا چىققان باي ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ بۇ ئىككى ئۇلۇغ جەمەتىمىزدىكىگە ئوخشاش ئۆز جەمئىيىتىدە ھەم ئىقتىساد، ھەم پەن-مائارىپ ھەم ئىنقىلابتىن ئىبارەت ئۈچ سەپتە سەركىلىك قىلغانلار يوق.
      مېھماننىڭ بۇ ئورۇنلۇق، ئەمما جىددىي پوزىتسىيىسى سورۇننىڭ كەيپىياتىنى بىرئاز سۆرۈنلەشتۈردى. ئاغىنىلەردىن بىرى كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈچۈن تېمىنى نازۇك شەكىلدە يەنە  چاقچاققا يۆلەندۈردى:
    -توغرا، بازار قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن مۇسابايوپلار ئائىلىسىنىڭ ھەممە ئەزالىرى يەنە سودىگەر بولۇپ كەتتى، ئەمما مۇشۇ مۇسابايئوغلىلا ئۆزىنىڭ گېزىتخانىدىكى بىر ئوبدان خىزمىتىنى تاشلاپ، شۇنچە يىل تىجارەت قىلىپ، ئاخىرىدا شوپۇر بولىۋالدى.
    بۇ پاسقا يەنە چاقچاقچى ئاغىنىمىز جاۋاب قايتۇرۇپ، كەيپىياتنى ئەسلىگە كەلتۈردى:
    -مايمۇننىڭمۇ دەرەختىن يىقىلىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالىدۇ -دە؟!
      ئايالىم ئابايىقى ئاچچىقىدا مۇسابايئوغلىنىڭ ئىسمىنى دەرھال ئەسلىيەلمىگەچكە ئېسىدە قالغان شۇ چاقچاقتىن ئۈزۈندە ئالغان ئىدى.
      ئىشىكنىڭ شۇ جالاققىدە يېپىلىشى بىلەن ئۆيدە پەيدا بولغان ھاۋا رايى ئۆزگۈرۈشى، بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىمنى تېزىتىۋېتتى، ئەس-تۇيغۇلىرىم مۇسابايئوغلى بىلەن ئارىمىزدا ئۆتكەن قىززىق ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قېيىپ كەتتى.
    مۇسابايئوغلىنىڭ ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن كۈنى، ئايرىدۇرۇمدا ئۇچراشتۇق، پاسپورتىغا قارىسام، بىر بېتى يىرتىق، بىر بېتى ياماقلىق، سورۇدۇم:
    -ئاداش پاسپورتىڭنى ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ ئۇزارتىلغان پاسپورت دەۋاتاتتىڭ، كونسۇلخانىدا ئۇزارتىلغانمۇ، موزدۇزخانىدىمۇ؟
    -سېنىڭ بوياقچىغا ئۇزارتقان پاسپورتۇڭ ئامان-ئېسەندۇ؟
    ئۇ مەزگىللەردە پاسپورتتىكى بەزى  قارا تامغىلارنى دورا سۈركەپ ئۆچۈرۈپ ئىناۋەتلىك قىلىدىغان  ئىشلار بار ئىدى. مۇسابايئوغلىنىڭ بوياقچىغا ئۇزارتىش دېگىنى شۇ.
    مەن تۇرغان ئۆيگە كەلدۇق، ئۇ تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا، مەن ئوچاق بېشىدا؛ بىر چاغدا ئېنىق ۋە كەسكىن تەلەپپۇزدىكى مۇنۇ بۇيرۇقلار قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
    -تاشكەنتتىن يوللانغان 7 ۋاگون مال، ئالاشەنكوغا باراي دەپ قالدى، يەنە يولدا چىمكەنتتىن كېلىۋاتقان 5 ۋاگون مال بار، ۋاگون نومۇرلىرى.....
    -تاجىكىستانغا زاكالەت ئۈچۈن بېرىپ قويغان 500 مىڭ دوللارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن بىرىڭلار شۇ يەرگە بېرىڭلار.....
    چۆچۈپ ئەتراپىمغا قارىدىم، بۇ گەپنىڭ تېلېۋىزوردىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇرچە قانال يوق، چوقۇم مېنىڭ ئۆيۈمدە بولۇۋاتقان گەپ، مېھمانخانا ئۆيگە چىقسام، مۇسابايئوغلى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرىۋېتىپ قازاقىستاندىكى شېرىكى بىلەن سۆزلىشىۋېتىپتۇ. ئەگەر ئۇنى بۇرۇن تۈركىيىدە بىر قېتىم ئۇچراتمىغان ھەم ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن قازاقىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن بولسام، بايىقى گەپلەرنى بىر مەيدان پو ئېتىش ياكى سىر كۆرسىتىش دەپ چۈشەنگەن بولاتتىم. شۇنىڭدىمۇ تاماقتىن كېيىن سورىماي تۇرالمىدىم:
    -ئاداش، ئامېرىكىغا خاتا كېلىپ قالمىغانسەن؟
    -ۋاگوننىڭ گەپلىرىگە دىققەت قىپسەن-ھە؟- دېدى ئۇ ۋە ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىۋېتىپ، قارا، ئۆزۈڭنىڭ پاسپورتى بولمىسا، يۈز ۋاگونلاپ مېلىڭ بولسىمۇ، ئۇ ساڭا تەۋە مۈلۈك ئەمەس ئىكەن!!! -ئۇ «ئۆزۈڭنىڭ» دېگەن سۆزنى شۇنچىلىك ئۇرغۇلۇق قىلىدىكى، بۇ ئۇرغۇدا ناھايىتى چوڭ بىر ھەسرەت-نادامەت بار ئىدى. بۇ ھەسرەت ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى 9 يىللىق تىجارەت تارىخىدىن خۇلاسىمۇ ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر دوقمۇشتا قاقتى-سوقتى قىلىنىۋاتقان ئەمما سورىقى بولمايۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسىمۇ ۋە ياكى ئاتا-بوۋىسىنىڭ، مۇسابويوپلار ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىدىن چىقىرىلغان خۇلاسىمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. جاراھىتىنى، ياق، جاراھىتىمىزنى تاتىلىغۇم كەلمىدى.
    مۇسابايئوغلىمۇ ئىشنى شوپۇرلۇقتىن باشلىدى، باشتا كۆكتات توشۇش، تاماق توشۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچى توشۇش، ھازىر ۋىرجىنىيە شتاتىدا بىر ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا كادىر. ئۆي-مۈلۈكچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلىم، تۈرك ئۆي-مۈلۈكچى ئاغىنىمىزدىن تېلېفون كەلدى:
    -ئالامەت ئېسىل ھەم ئەرزان بىر ئۆي ئۇچرىدى، ھېلىقى ئۆي ئالىمەن دەپ يۈرگەن باينىڭ بالىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ماڭا دەپ بەر.
    مۇسابايئوغلىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى  دەپ بەردىم. چۈشتىن كېيىندە تۈركتىن يەنە تېلېفون كەلدى:
    -سەن كەلمىسەڭ بولمىدى، بۇ ئاغىنەڭنىڭ دىتى تازا يەتمەيۋاتىدۇ، سەنمۇ كۆرۈپ بىر مەسلىھەت بەر.
    باردىم، ماريلاند ئونۋېرسىتىغا قوشنا بىر كوچىدىكى كىچىك-كىچىك 9 بىنا  450 مىڭ دوللاردىن بازارغا سېلىنىپتۇ. ئۆي ئىگىسى سۆزلىمەكتە:
    -ھەر بىر بىناچاقنىڭ ئىچىدە 3 ئائىلىلىكتىن ئۆيى بار، ھەر بىر ئۆيى 1800 دوللاردىن 2 دىن 3 كە قەدەر ئوقۇغۇچىغا ئىجارىگە بېرىكلىك. بىناچاقنىڭ ئايلىق كىرىمى 5400 دوللار،  450 مىڭ دوللارنىڭ بانكىغا ئايلىق تۆلىمى 3000 دوللاردىن ئاشمايدۇ، ئايلىق ساپ كىرىم 2000 دوللاردىن تۆۋەن ئەمەس. سېتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ، تىجارىتىم چوڭايدى، كىچىك ئىشلاردىن قول ئۈزمەكچىمەن.
     ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىدە كىچىككىنە بىر چىگىت چاقىدىغان گەپ يوق. كىرىمى بۇنىڭغا يەتمەيدىغان، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق بىر بىنانى مەن تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا 515 مىڭغا ئالغان. ئەگەر يەنە قەرز ئېلىش ئىمكانىم بولسا، بۇ مەن قولدىن چىقىرىدىغان ئۆي ئەمەس. شۇڭا مۇاسابايئوغلىنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قارىدىم، ئۇ ئۆزىگە قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان بۇ پايدىدىن مىت قىلىپ تەسىرلەنمىدى ۋە تۈركنىڭ تەۋسىيىسىنى كېسىپلا رەت قىلدى:
    -ياخشى نىيەت بىلەن تەۋسىيە قىلىۋاتقىنىڭىزغا يۈزدە-يۈز ئىشىنىمەن. بىراق مېنىڭ ئىزدەۋاتقىنىم ئولتۇراق ئۆي، تىجاري ئۆي ئەمەس.
    -ئۇنى بىلىمەن، بۇ ئۆينى تىجارىتى بىلەن قوشۇپ ئالىسىز، يەنە بىر ئۆي ئالسىڭىز، ئۇ ئۆيدە بىكارغا ئولتۇرغاندەك بولىسىز ئەمەسمۇ؟
    -مەن بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايمەن.
      ئۇنىڭ «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايمەن» دېگەن سۆزلىرى مېنى تاڭ قالدۇردى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ كۆڭۈل دەپتىرىمدىكى قەھرىمان ئاغىنىلىرىمدىن بىرسى ئىدى. شۇڭا جىسمىم بىر توپ ئۆي سودىگىرى ئارىسىدا، ئەمما ئوي-خىيالىم مۇسابايئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپ يىللىرىدىكى-ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆچمەس بىر بابىدىكى-قەھرىمانلىق شەجەرىسىنى ۋاراقلىماقتا:
    1985 ‏-يىل، 12-دېكابىر، ئۈرۈمچى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا قاراپ ئاقماقتا، ئېغىزلىرىدا جاراڭلىق شۇئار، قوللىرىدا لوزۇنكا (نامايىش قانۇنلۇق بىر نامايىش، ئەينى چاغدا رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ئېنماۋ ۋە سوڭ خەنلياڭلار نامايىشچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشكەن). نامايىشچىلار مەنزىلگاھدا توپلىنىدۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىل تەلەپ قىلىدۇ، نامايىشچىلاردىن ۋەكىل سۈپىتىدە دەسلەپتە ئالدىغا سەكرەپ چىققان 5 ئوقۇغۇچىدىن بىرى ۋە 10 مىڭ ئوقۇغۇچىغا سەھنىدىن خىتاب قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى مۇسابايئوغلى. مەن شۇ دەقىقىلەردىكى خەۋپ-خەتەرلەرنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم: ئەگەر بىر تەتۈر شامال چىقىپ نامايىش قانۇنسىز نامايىش دەپ قارىلىپ قالسا، سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتكىنى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىن قوغلىنىش، ئىستىقبالى قاراڭغۇلىشىش خەۋپى بار ئىدىغۇ؟ ئەگەر نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگۈرۈپ قالسا، رەھىمسىز ئوق ئالدى بىلەن سەپنىڭ ئالدىدىكىسىگە تېگىش ئېھتىمالى يۈكسەكتىغۇ؟ يەنە ئاللىقانداق قالپاقتىن بىرسى كەيدۈرۈلۈپ، ئۆمۈر بويى تۈرمىدە چىرىتىۋېتىلىش خەۋپىمۇ يوق ئەمەستىغۇ؟! مانا مۇشۇ خەۋپ-خەتەرلەرگە قىلچە ئىككىلەنمەي كۆكرەك كېرىگەن بۇ قەھرىمان، 450 مىڭ دوللارلىق ئۆينى ئېلىش مەسىلىسىدە «بۇ خەتەرگە مەن تەۋەككۈل قىلالمايمەن» دەۋاتاتتى.
    مۇسابايئوغلى بىلەن بىللە يولدا  قايتىۋېتىپ ئىنسانىي تەبىئەت ئۈستىدە يەنە ئويلاندىم: دېمەك كىنودىكى قەھرىمانلار بىلەن رېئال ھاياتتىكى قەھرىمانلارنىڭ پەرقى مۇشۇ نۇقتىدا. بالا چاغلىرىمىزدا كۆرگەن بىر كىنودا خۇاڭ جىگۇاڭ دەيدىغان بىر قەھرىمان بولىدىغان، دۈشمەن ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆزىنى ئاتقاندا ئون نەچچە پاي ئوق يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۆلمەيدىغان ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ياشىسۇن پالانچى دەپ يېزىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرىدىغان؛ دوڭ سۈنرۈي دەپ يەنە بىرسى بولىدىغان، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن قولى بىلەن بومبىنى تىرەپ تۇرۇپ پارتىلىتىدىغان ۋە كۆۋرۈك كۈمپەيكۇم بولۇپ كەتسىمۇ  ئۆزى تىك تۇرالايدىغان.... كىنولاردىكى قەھرىمانلار مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل ۋە مۇكەممەلدىمۇ ئۈستۈن؛ ئەمما رېئال ھاياتتىكى قەھرىمانلار مۇكەممەللىكتىن ئۇزاق ياكى يېقىن ئەمما كەم-كۈتىسىز ئەمەس. رېئال ھاياتتىكى قەھرىمانلار، دۈشمەن ئىستىھكامىغا ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە بۇيرۇق بەرگەن قوماندانغا ‹ئاھ، ۋاقتى  ئەمەس ئىدى!› دەپ ئىچىدە بىر غۇدۇڭشىشى مۇمكىن، ئىستىھكامغا يېقىنلاشقاندا جانانى كۆزىگە كۆرۈنۈپ يانغا بىر داجىشى، ئوقنى دۈمبىسىدىن يېمەسلىك ئۈچۈنلا ئىستىھكامغا قايتا ئېتىلىشى مۇمكىن. رېئال ھاياتتىكى قەھرىمانلار ئۆزى مۇناسىپ بولمىغان جەڭ مەيدانىنى كەسكىن رەت قىلىپ، ئۆزىنى مۇناسىپ كۆرگەن جەڭ مەيدانىغا بۇيرۇق كۈتمەي ئۆزىنى ئېتىشى مۇمكىن.....
    - ئەگەر ئايلىق يىغىلىدىغان ئىجارە پۇلى 5400 لىكى راست بولسا،‏-دېدى مۇسابايئوغلى ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، ئۆي 450 مىڭ دوللارغا بەك ئەرزان، مەنچە بۇ باھا كۆز-كۆز باھا، سېتىلىشتا باھاسى قاتلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
    -ئۇمۇ ئېھتىمال، ئۆي كۆرگىچىلەرمۇ نورمالدىن كۆپ؛ ئەمما ئۆي ئىگىسى 9 بىنانى تەڭلا بازارغا سالغىنى ئۈچۈن، باھاسى كۆپ بولسا 550 مىڭغا چىقىشى مۇمكىن.
    -رەت قىلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مېنىڭ بۇ يىللاردىكى پىلانىم پۇل تېپىپ باي بولۇش ئەمەس، پەقەت ئائىلەمنى خاتىرجەم قىلىۋېلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان تەۋەككۈلچىلىكلەر بولسا ئەلۋەتتە ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن.
    ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا بىرئاز مەنتىقلىق تۇيۇلدى، كاللامدىكى چىگىشنى ئازراق بولسىمۇ يەشتى. دېمىسىمۇ مېنى ئۆي سودىسىدا بۇنچە تەۋەككۈلچى قىلىۋەتكەن بىرقانچە سەۋەبتىن بىرى شۇ يىللاردا ئائىلەمنىڭ يېنىمدا بولماسلىقى ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەزى نامەرد دىكتاتور دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچىلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئايال-بالىسىنى تۇتۇپ قېلىش، پاسپورت بەرمەسلىك يولىنى تۇتسا، بەزى قۇۋراق دىكتاتور دۆلەتلەر ئۆكتىچىلىرىنى ئايال-بالىسىنى يېنىغا چىقىرىپ قويۇش بىلەن جازالارمىش؛ چۈنكى ئۇ ئۆكتىچىلەر ئامېرىكىدەك بۇ رىقابەت دۇنياسىدا ئايال-بالىسىنى بېقىشتىن ئىبارەت بۇ تۇنجى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆكتىچىلىكى بىر مەھەل سۇغا چىلىشارمىش ۋە ياكى سۇسلىشارمىش. ئەلۋەتتە بۇ مىش-مىش گەپ ئۆكتىچىلەر ھاياتىغا ئومۇميۈزلۈك چۈشمىسىمۇ، تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتا يالغۇز ئەر بىلەن ئۆي-ئوچاقلىق بىر ئەرنىڭ پەرقلىق ئىمكانلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھىيلەپ بېرىشكە كۇپايە.  شۇڭا مۇسابايئوغلىنىڭ بۈگۈنكى پوزىتسىيەسىنىڭ جاسارەتسىزلىكتىن ئەمەسلىكىگە ئىشەندىم؛ ئەمما كاللامدا مۇنۇ سوئاللار جاۋاپسىز قالدى،بولۇپمۇ ئۆينىڭ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ تەخمىنىگە يېقىن ھالدا 750 مىڭ دوللارغا سېتىلغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن.
      مۇسابايئوغلىنىڭ شۇ كۈنكى رەت قارارى، راستىنلا ئۆزى دېگەندەك تۇرمۇش پىلانىدىكى تەرتىپتىنمۇ ياكى مۇشۇ سودىنىڭ ئۈچ كۈندىن كېيىنكى خۇلاسىسىنى ئالدىن بىلىۋېلىش ۋە ياكى ئۆي بازىرىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى  ئاقىۋىتىنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشتىنمۇ؟
      ئارىدىن 5 يىللارچە ئۆتكەن بىر كۈنى يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم:  ئۇ كۈنى ماريلاند ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوشنا شۇ كوچىدىن ئۆتكەن ئىدىم؛ يول ياقىسىدا بىر ئۆي سېتىش ئېلانى تۇراتتى، دەل شۇ چاغدا 450 مىڭدىن بازارغا سېلىنىپ 750 مىڭدىن سېتىلغان شۇ بىناچاقلاردىن بىرى 400 مىڭ دوللارغا سېتىشقا چىقىرىلغان ئىدى؛ بىنانىڭ ئەتراپىدا ئۇ چاغدىكىدەك 20-30 ئۆي-مۈلۈكچى 20-30 خېرىدارنى ئارقىسىغا سېلىپ كۆرۈشكە ئۆچىرەت تۇرۇش يوق؛ ئۆي بازىرى ئاللىقاچان موللاق ئېتىپ بولغان ئىدى.
    تاپقان جاۋابىم شۇ: قاننىڭ ئېسى (قاننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى)! بۇ جاۋابنى تېپىشىمغا مۇسابايئوغلىنىڭ شۇ چاغدىكى ئۆينى ئالماسلىق قارارىنىڭ توغرا بولۇپ چىققىنىدىن باشقا، مەن شۇ كۈنلەردە ئوقۇغان ئەزەربەيجانلىق شائىر بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ بىر يازمىسىدىكى مۇنۇ بايانلارمۇ تۈرتكە ئىدى: «كۆزنىڭ، قۇلاقنىڭ، مىڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بولغىنىدەك، قاننىڭمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى مەۋجۇتتۇر. 70 يىللىق كوممۇنىزم تۈزۈمى سەۋەبىدىن ئىسلامىي تەربىيىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم يېتىشكەن ئەزەربەيجان ياشلىرى، روس ئەسكەرلىرىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە «ئالللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ جەڭگە ئاتلاندى، مانا بۇ قاننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى!
    بەلكىم مۇسابايئوغلىنىڭ شۇ كۈنكى سودىدا كۆزىگە تاشلىنىپ تۇرغان پايدىغا كۆز تىكمەسلىكى، مۇسابايوپلار قېنىنىڭ ھەرقانداق بىر سودىدا باھا نورمالسىز ئاشقاندا ئۇنىڭ ئارقىغا يانىدىغانلىقىدەك دەۋرىيلىك قانۇنىيىتىنى ئەستە تۇتىشىدۇر؛ مۇسابايئوغلىنىڭ 20 ياش ۋاقتىدا 10 مىڭ كىشىنىڭ ئالدىغا سەكرەپ چىقىپ سىياسىي مەيداندا سەركىلىك قىلىشىمۇ-مۇسابايوپلار قېنىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مىللەتنى پەن-مائارىپقا يېتەكلەشتەك سەركىلىكىنى ئەستە تۇتىشىدۇر.
    شۇنداق، بۈگۈن ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە شامال ئۇچۇرۇپ چىقىپ يەنە يولىنى تېپىپ كېتىۋاتقان، بىر-بىرى بىلەن ئىزدىشىپ مىللىي بىرلىكىنى نامايان قىلىۋاتقان؛ مىللىي غايە، مىللىي ئارزۇلار ئۈچۈن بىر يەرلەرگە توپلىنىپ، بىر يەرلەردە قاتراپ يۈرىۋاتقان بولسا، بۇ قانداقتۇر سېستىمىلىق بىر مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيەسىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەل ئەنە شۇ قاننىڭ ئېسى-ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدىندۇر. ئەگەر بۈگۈن ئاقسۇدا كىشىلەر بوران چاپقۇننىڭ ئىچىدىمۇ بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشاۋلاۋاتقان، غۇلجىدا كىشىلەر چوڭ-چوڭ مۇسىبەتلەردىن كېيىنمۇ قاقاھلاپ كۈلەلەۋاتقان بولسا، بۇ روھتا بىر ئۆزىگە ئىشىنىش بار دېيىلسە، بۇ ئۆزىگە ئىشىنىش ئەجدادلارنىڭ شانلىق تارىخىنى كىتابلاردىن ئوقۇپ ئۆگىنىشتىن كۆپ قاننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدىندۇر. شاۋگۇەندە بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كالتەك تەگكەندە ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ئاغرىغان بولسا؛ كېرىيىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى ئۆرۈلگەندە قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ بەدىنى توڭغان بولسا، بۇمۇ شەك-شۈبھىسىزكى قاننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدىندۇر. يەنە ئەگەر بۇ كىشىلەر دۇنيادىكى قۇدرەتلىك بىر كۈچنى ئەمىن تاپقۇزمايۋاتقان بولسا، بۇ ئەندىشىنى قوزغىغانمۇ بىرى ئۇلاردىكى يېڭىلمەس قورال-ئىماننىڭ كۈچى بولسا؛ يەنە بىرسى قاننىڭ ئېسى-ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدۇر. چاتمىنىڭ بۇ قىسمىنى ئاتاتۈرك مۇستاپا كامالنىڭ «تۈرك ياشلىرىغا خىتاب» ناملىق مەشھۇر نۇتىقىدىكى بىر جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «سەن موھتاج بولغان قۇدرەت قەلبىڭدىكى ئىمان ۋە تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقان ئېسىل قاندا مەۋجۇتتۇر«.
     
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.