ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (4)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-02 13:18:36

ۋىرگىنىيە ئشتاتىدىكى ALDA HOME MORTGAGEدېگەن ئۆي قەرز شىركىتىنىڭ 7-قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدىمەن. ئۆزۈم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇقلۇق، پۇتۇم ئالدىمدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرغان شىركەت خادىمىغا تەھدىت سېلىۋاتىمەن.

     

    ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (4)

    ئابدۇرخمان ئوغلى
     
    ئامېرىكىدا ياقا سىقىش ۋە قىز دوستىنى تەستەكلەش
     
    ۋىرگىنىيە ئشتاتىدىكى   ALDA HOME MORTGAGEدېگەن  ئۆي قەرز  شىركىتىنىڭ 7-قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدىمەن.  ئۆزۈم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇقلۇق، پۇتۇم ئالدىمدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرغان  شىركەت خادىمىغا تەھدىت سېلىۋاتىمەن:
    -ئەگەر بۈگۈن پۈتتۈرمىسەڭ، دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن.
    -مۇشۇ گېپىڭ ئۈچۈنلا ئىككى يىل تۈرمىدە ياتىسەن.
    -مەن دەل شۇنى كۈتۈۋاتىمەن.
    -بۇ ئۈرۈمچى ئەمەس، بۇ بېيجىڭ ئەمەس، بۇنداق قوپاللىق قىلما، سەن زىيان تارتىسەن.
    -بىلىمەن، ساقچى چاقىرىسەن،- سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرغاچ قولۇمدىكى تاماكامنىڭ كۈلىنى ئۇنىڭ چاي ئىستاكانىغا-ئىچىۋاتقان چېيىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردۈم.
    -ئەمدى ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتتىڭ،- ئۇ شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشخانىدىن چىقىشقا تەمشەلدى، مەن ياقىسىدىن تۇتۇپ يولىنى توستۇم. دەل مۇشۇ چاغدا ئارقامدىن بىرسى كېلىپ دولامغا قولىنى قويدى:
    -بۇرادەر، مەن شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى Manager ، ئۇ مېنىڭ قول ئاستىمدىكى خادىم، ئىشنى مەن ھەل قىلىمەن، يۈر مېنىڭ ئىشخانامدا سۆزلىشەيلى.
    ئەگەر بۇ بىر نورمال ئامېرىكىلىقنىڭ شىركىتى بولغان  بولسا، مېنىڭ ئىشخانىغا كىرگەندىكى ئەلپازىمغا قاراپلا ساقچى چاقىرىپ ئىككى پۇتۇمنى بىر ئۆتۈككە تىقىپ بولغان بولاتتى. بىراق بۇ بىر كۆچمەن كورىيەلىكنىڭ شىركىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتنىڭ ئىش بېجىرىشتە  قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىرمۇنچە ئۇسۇل ۋە مېتودلىرى بار. مەن بۇ ئاجىزلىقىنى بىلگىنىم ئۈچۈن ئۆكتەملىك قىلىپ بېقىۋاتىمەن، ئەلۋەتتە جېدەلنى چوڭايتىۋېتىشنىمۇ  خالىمايمەن، شۇڭا مۇرەسسەگە تېزلا كۆنۈپ، شىركەت باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم.
    -نېمە دەردىڭ بار ئېيت؟
    -دەردىم يوق، پۇلۇم بار ئۇنىڭدا.
    -نېمە پۇل؟ قانچىلىك پۇل؟
    -بۇنى ئاۋۋال خادىمىڭدىن سورا، چالىسىنى مەن دەپ بېرىمەن.- مەن چىرايىمدىن ئەمدى جېدەللىشىش  نىشانىمنىڭ ئۆزىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشتىم. ئۇ بايىقى خادىمىنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتتى.
    ئەسلىدە ئىش مۇنداق: قانۇنىي رەسمىيەتلىرىم پۈتۈپ، «باش تىقىپ تۇرۇش» دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن  كېيىن، ياشاش يولىنى تېپىش باسقۇچىغا ئۆتكەن ئىدىم. ئالدىمدا ئۆزۈم بايقىغان ئىككى يول تۇراتتى. بىرى ئوقۇش، يەنى تىل ۋە جانغا ئەسقاتقۇدەك بىر كەسىپ ئۆگىنىش. يەنە بىر بولسا ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش، يەنى بېسىپ ئىشلەپ پۇل توپلاپ، بىرەر تىجارەتنىڭ پېشىغا ئېسىلىش. ئىككىنچىسىنى تاللىدىم، ئاشخانىدا تاماق توشۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. بىر يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قورالىم ۋېلىسىپىتتىن موتسىكلىتقا، ئاندىن  ماشىنىغا تەرەققىي قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن بىر ئۆينىڭ ساھىبى بولدۇم يۇ، ئولتۇرغۇچىسى بولالمىدىم. بايىقى ماجىرا دەل مۇشۇ ئۆينىڭ ماجىراسى ئىدى.  بۇ ئۆينى سېتىۋالغان چېغىمدا  قەرز شىركىتى دەسلەپتە قەرزنى% 4.5 ئۆسۈم بىلەن بەرمەكچى بولغان ۋە ئۆي نەقلەشتۈرۈلىدىغان كۈنى (settelmentدېيىلىدۇ) بازارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ كەتكىنىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆسۈمنى %8 گە چىقىرىۋالغان ۋە ئۆسۈمنى 3 ئايدىن كېيىن %4.5 گە چۈشۈرۈپ بەرمەكچى، چۈشۈرۈپ بېرەلمىسە، ماڭا 5000دوللار ماڭا تۆلەم بەرمەكچى ئىدى. بۇ ئاغزاكى بىر توختام بولغاچقا، ئاقمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئۆي توختامىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈنلا ئىشەنگەن قىياپەتكە كىرىپ ماقۇل بولغان ئىدىم.  ئۆسۈم يۇقىرى بولغاچقا ئۆينىڭ ئايلىق بانكىغا تۆلەيدىغان پۇلى كۈتكىنىمدىن يۇقىرى بولۇپ كېتىپ ئۆز ئۆيۈمنى ئىجارىگە بېرىۋەتكەن ۋە ئەرزانراق ئۆيدە ئىجارە ئولتۇرىۋاتقان ئىدىم. گەرچە ئارىدىن  ئالتە ئاي ئۆتكەن  بولسىمۇ ، شۇ كۈنى ۋەدە بەرگەن خادىم  دېگىنىنى قىلماي كېلىۋاتاتتى. ئەڭ قورساق كۆپۈرىدىغىنى تېلىفون قىلسام تېلېفونۇمنى ئالمايتتى. شۇڭا بۇ قېتىم  گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى بالىلارنىڭ 2000-يىللاردىن ئىلگىرى  شۇ يەردىكى خەنزۇلارغا قوللىنىدىغان تەدبىرىنى پراكتىكا قىلىپ بېقىۋاتاتتىم.
    باشقۇرغۇچى كىردى:
    -بولىدۇ، پۇلۇڭنى ئىككى ئايدىن كېيىن بېرىدۇ، بەرمىسە مەن بېرىمەن.
    -ئەمىسە ئىككى ئاي توشقان كۈنى مەن ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن قىلىسەن.
    -بولىدۇ، مەن قىلاي.
    -مۆھلەت توشقان كۈنى  سائەت ئىككىگىچە سەندىن جاۋاب كۈتىمەن. سەندىن جاۋاب كەلمىسە يەنە ئالداندىم دەپ چۈشۈنىمەن.-بۇ سۆزلىرىمدىكى تەھدىت ئۇچقۇنلىرىنى بايقىغان باشقۇرغۇچى ئۇزۇتۇپ چىقتى ۋە قېتىپ قويدى:--خاتىرجەم بول، بىز ساڭا ئوخشاش ئاچچىقى يامان خېرىداردىن ھەپتىدە بىر ئىككىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئىشنى سىلىق پۈتتۈرىمىز.
    بۇ كۆپ قىرلىق بىر گەپ ئىدى، گەپتە «بىز سېنى يەنە ئالداپ يولغا سېلىپ قويالايمىز» دېگەن مەنىمۇ بار ئىدى.  «ھەي مەن بۇ ئامېرىكىغا ئالدانمايمەن، چەتكە قېقىلمايمەن، خەققە ھەققىمنى يېگۈزمەيمەن دەپ كەلگەن» دېمەكچىمۇ بولدۇم-يۇ، بۇ سودا-تىجارەت سېپىدىكى كىشىلەرگە بۇ گەپنى ئوشۇق كۆردۈم.
    -دېمەك گېپىڭنى چۈشەندىم،  ئىككى ئايدىن كېيىنكى قارارگاھىم ياكى ئۆز ئۆيۈم ياكى قاماقخانا بولىدۇ دېگەن گەپ، ھەر ئىككىسىگە رازىمەن.
    ئۇ قولۇمنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارتىپ ئېلىپ سىقىپ تۇرۇپ:
    -مىجەزىڭنى ياقتۇردۇم، ئىپادەڭدە ھېچقانداق بىر سۈنئىيلىك يوق. بەلكىم بۇندىن كېيىن يېقىن دوست بولۇپ قالىمىز‏.- دېدى.
    مەنمۇ كۈلۈپ ۋە دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ:
    -شۇنداق بولۇپ قېلىشنى مەن ھەممىدىن  بەك ئۈمىد قىلىمەن.
    شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ئاينى كۈتۈشكە باشلىدىم. گەپ ياقا سىقىش ۋەقەسىدىن  باشلانغان ئىكەن، ئاقساراينىڭ ئالدىدا قىز دوستىنى تەستەكلەش ۋەقەسى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي. ۋەقە مېنىڭ بېشىمدىن ئەمەس، بىزنىڭ مۇشۇ تائپىدىكىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن.  دوستلىرىمىزدىن بىرى مۇھەببىتى بىلەن ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى باغچىدا ئايلىنىپ كېتىپ بېرىپ ئۆزئارا گەپ تالىشىپ قاپتۇ، يىگىت قانداق بولغان ئاچچىقىدا قىزنى بىر تەستەك ساپتۇ، قىز « نېمە بولدىڭىز؟ ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟» دەپ تۇرۇشىغا ئەتراپتىكىلەرنىڭ خەۋەر بېرىشى بىلەن 4-5 ساقچى ماشىنىسى يېتىپ كېلىپ ئىككىسىنى قورشاۋغا ئاپتۇ ۋە دەرھال دۈم يېتىشنى بۇيرۇق قىپتۇ. ساقچىلار « سىز ئەمەس» دەپ قىزنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ يىگىتنىڭ قولىغا كويزا ساپتۇ. ساقچىلار بىر تەرەپتىن  يىگىتنى ئاغزىنى يۇمۇش ۋە ياۋاش بولۇشقا ئۈندىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قىزغا  قورقماسلىق ۋە ئازادە بولۇش ھەققىدە تەسەللىي بېرىپتۇ. يىگىتنىڭ كويزىلانغان ھالەتتە ساقچى ماشىنىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن قىز ساقچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ « ئۇنداق قىلماڭلار، يىگىتىمنى قويۇپ بېرىڭلار» دەپ يىغلاپتۇ ۋە بىر تەرەپتىن يىگىتنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزى تەرەپكە تارتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ساقچىلار قىزنى قارشى تەرەپتىن قورققىنىدىن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ: «سەن قورقما، ئۇ ساڭا ئەمدى ئىككىنچىلەپ چېقىلالمايدۇ» دەپتۇ. قىز: «ياق، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مېنى ئۇرمايدۇ» دەپ داۋاملىق يالۋۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا ساقچىلار يىگىتنى 'تازا ئۇچىغا چىققان لۈكچەك ئوخشايدۇ، كىشىلەرنى  مۇشۇنچىۋالا قورقىتىۋالغىنىغا قارىغاندا' دەپ ئويلاپتۇ-دە، قىزدىن سوراپتۇ:
    -بۇ كىشىنى سەن تونۇمسەن؟
    -تونۇيمەن، مېنىڭ يىگىتىم بولىدۇ!
    -يىگىتىڭ بولسا، ئۇ سېنى ئۇرۇپتىغۇ؟
    -ناھايىتى بىر تەستەك ئۇردىغۇ؟
    -ئەسلىدە جىق ئۇرامتى سېنى؟
    -ياق، ئۇرمايدۇ، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن.
    -سېنى ياخشى كۆرسە نېمە ئۈچۈن ئۇرىدۇ؟ ئۇرغان ئادەمنى سەن قانداقلارچە ياخشى كۆرىسەن؟
    قىز ئاخىرى ئىشنى، ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان  ئۆرپ-ئادەتكە باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ:
    -بىز ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇرغان يىگىتلەرنى ياخشى كۆرىمىز!!!
    ساقچىلار ھەيرانۇ-ھەس بولغان ھالدا «راستمۇ؟ شۇنداقمۇ؟» دېيىشكىنىچە يىگىتنىڭ قولىدىن كويزىنى چىقىرىپتۇ.
      )تورداشلار، ئەسلىدە چاتمىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىغا 'تۇنجى خېرىدارىم سېرىق چاچلىق ئايال ' ۋەقەسىنى قوشماقچى ئىدىم، بىرئاز ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈدەك، شۇڭا ئۇنى كېيىنكى قىسىمغا قالدۇردۇم. كېيىنكى قىسمى شۇ ماۋزۇدا بولىدۇ، ۋەقەلىك بايىقى ئىككى ئايلىق مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلىنىدۇ.( 
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋاشىنگىتون ئۇيغۇر