باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 8-بۆلۈم 2- قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻫﺎﺭﻣﺎﻱ-ﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺧﺎﻟﯩﺴﺨﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭﺩﯗﺭ.

  • Personal Statement،ئادەتتە قىسقارتىلىپ PSدەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن سىرت ئادەتتە يەنە Motivation دېگەندەك نامدىمۇ ئاتىلىدۇ. PS كۆپىنچە چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان بالىلارنىڭ كەلگۈسى مەكتەپ ئىلتىماسىغا ۋە قۇبۇل قىلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان، شۇنداقلا نۇرغۇن بالىلار بەكمۇ سەل قارايدىغان، ياكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن بىر ھالقا. مەن بۇ يازمامدا ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا PSتوغرىلىق ئىزدەنگەنلىرىمدىن كەلگەن تەجرىبىلىرىمنى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمەن، شۇنداقلا ھەربىر ئامېرىكا ۋە باشقا PS تەلەپ قىلىدىغان چەتئەل مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  • -(2)يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    ياتاقلىق مەكتەپ بىر مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يەنە بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.  بۇنىڭ بىر مىسالى بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىشقا فىزىكىلىق جەھەتتىن مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر.  ئەمما، دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمى ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچى بار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي فىزىكىلىق ۋاسىتىلەرنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

  • يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    (بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)

    مەن ئۇشبۇ يازمامدا Kangas خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 8-بۆلۈم 1- قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    15. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ، ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ 2-ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ" ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ؟

     ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻤﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ، ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ، ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ.

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 7-بۆلۈم 3-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﭽﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ


  • يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۈنلىرىم ئىنتايىن تىت-تىتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەن ئانا تىلنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپىدىكى رولى ھەققىدە يېڭى ماتېرىياللارنى كۆرگەنسېرى، ئانا تىل مەسىلىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ نەقەدەر يامانلىغىنى، نەقەدەر خەتەرلىكلىگىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن مۇشۇ خىلدىكى يازمىلارنى تېز-تېز تەييارلاپ تورغا يوللاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىزمىتىم باشقىچە جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىپ، بۇ ماقالىلەرنى تېز-تېز تەييارلاشقا ۋاقىت چىقىرىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن.

     

  • 1999 -يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت

    باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ ،2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى

    «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى »(International Mother Language Day) قىلىپ

    بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، «خەلقارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرلەش كۆپ خىل تىل ۋە

    كۆپ خىل مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دۇنيا تىللىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.

  • مەن ئۆزەمنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى يازمامدا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆچمەن مىللەتلەر مائارىپى ۋە ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئاشۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا ئايرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

  •  

     

    find1-سوئال: مىنىڭ كەسپىم "Civil Engineering". ئامرىكىدىكىAmerican قايسى ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ كەسىپتىكى پروگرامىسى ياخشى، شۇنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    جاۋاپ:  مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى. بۇ بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ ۋاقىت كىتىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئوزىڭىز ئىنتىرنىت ئارقىلىق قىلسىڭىز. ئەگەر ئوزىڭىز ئوقۇشنى خالايدىغان شىتات (State) نى بىلسىڭىز، ئاشۇ شىتاتتىكى مەكتەپلەرنى ئىزدەشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز www.google.com غا كەرىپ، "University of California" دىسىڭىز، كالىفورنىيەدىكى 10 ئالىي مەكتەپنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ. سىز

  • قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم(2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر نەرسە، 60-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ،...
  • قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم( 1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    قوش تىللىق مائارىپ (2):

    «قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولۇشى كېرەك؟

    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
    (بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئ...
  • قوش تىللىق مائارىپ (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    Erkin sidiq and his friends

    جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھازىر دۇنيا تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە موھتاج. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولۇپ، بۇ تىل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەيدۇ.

     

     

  • قوش تىللىق مائارىپ(1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى

    Uyghur Amerecan

    مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم: ئۇ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى...
  • ئۇنىڭدىن سىرىت، 1-2-8-10-11-قاتارلق كەسپىلەرگە ملەندىكى ئىككى مەكتەپ راينىغا 20 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ، پۇلىمۇ ئوخشاشلا 5000 ياۋرو . بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالسىڭىز، دۇنيا مودا مەركىزى بولغان مىلەندە ياشايسىز، پۇلىڭىز تەس...
  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 4-بۆلۈم 3-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    a6

    ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻱ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰﻏﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻫﺎﻻﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: -- ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
    -- ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﭽﻰ ("Scientist") ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ.

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 4-بۆلۈم 2-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    بىشى ھەم داۋامىنى مۇشۇ بلوگدىكى  مۇناسىۋەتلىك ئادرىسلاردىن كۆرەلەيسىز

    erkin
    "Ieee transachtions on michrowawe technology" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ 1-ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺳﺎﻛﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻮﻝ ﻛﯩﺮﺍﻳﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 1987-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺳﺎﻛﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺳﺎﻛﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 1-ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ
  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 4-بۆلۈم 1-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    erkin

    11-ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻻﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ؟

    ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
    ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 5 ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:

  • (داۋامى) ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    minge

    ئەگەر سىز سول مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
    ھەممە نەرسىنى ئانالىز قىلىسىز، ھەمدە يېڭى بىر ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات تەلەپ قىلىسىز.
    مۇقىملىق بىلەن تەرتىپلىكنى ساقلايسىز.
    قائىدە-تۇزۇم بويىچە ئىش قىلىشنى خالايسىز، ھەمدە تۈزۈلمىگە ماسلىشىسىز.

  • ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە

    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

    minge

    مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم.

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 3-بولۈم 2-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    sohbet

    ﻣﻪﻥ 1971-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1976-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻗﺴﯘ 1-ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ. ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ، "ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ" ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻛﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥJang Tishng ﻧﯩﯔ ﺋ...

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 3-بولۈم 1-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    sohbet

    9. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

    ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳ...

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 2-بۆلۈم 3-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

     

    sohbet

    ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻼ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﯓ. ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻳﯧﺮﯨﺶ، ﮔﻪﻣﻪ ﻛﻮﻻﺵ، ﺗﺎﻡ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻏﺎﻟﺘﻪﻙ ﻳﺎﺳﺎﺵ، ﯞﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻨﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 2-بۆلۈم 1-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﺵ-ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﻪ (2005-ﻳﯩﻠﻰ 13- ﺩﯨﻦ 19-ﻛﯘﻧﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ) ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:
  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 1-بۆلۈم 3- قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    ) ) ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ. "ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ. ﺑﺎﻻﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ." ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﯩﺘﯩﻨﯩ...
  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 1-بۆلۈم 2- قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﻫﻪﺭ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻧﺴﯘ) ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻝ ﺋﯘﺭﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ "ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ" ﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﺎﻝ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ...
  • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    ▲ مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «NASA» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان JPL دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇ...
  • فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش تاكتىكىلىرى - [تەۋسىيە]

    ئەسلى مەنبە :ئانا تىل بلوگى (بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان)

    فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش تاكتىكىلىرى

    ھازىر بىر قىسىم دوستىلىرىمىزنىڭ فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭا تورداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ بۇ ...
  • شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    (8) باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك



    بۇ كىشىلىك سۈپەت باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان روھنى ...
  • شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى



    ئەركىن سىدىق



    2008-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى



    مەن ئەسلىدە كېيىنكى يازمام ئۈچۈن باشقا بىر مەزمۇننى ئويلاشقان ئىدىم. لېكىن، «شىركەت قۇرۇشقا قا...