باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 7-بۆلۈم 3-قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﻻ 18 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ 15 ﺗﻪﻙ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯜﮔﻪﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﯞﺍﺵ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﯓ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﭘﻜﯧﻠﯩﭗ، ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﯕﻐﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ، ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ 4 ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯘﻣﻤﻪﺭ ﭼﺎﻣﭗ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺩﺍﻻ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ 4 ﻫﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺭﺕ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻻ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ 18 ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ 18 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ "ﺑﺎﻻ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﻣﯘﺷﯘ 18 ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺑﺎﻻ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ، ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ 18 ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﭽﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ.

    ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﭽﯘ؟

    ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ، ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻫﯧﭻ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، 1-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺑﺒﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 3 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﮕﯩﻨﻰ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ 2 ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.

    ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: (1) ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﺎﻡ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ 20 ﺩﺍﻧﻪ ﺳﯚﺯ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ.

    (2)ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻡ ﺳﯚﺯﻧﻰ 5 ﻛﯜﻥ، ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 3 ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﺶ.

    (3)ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﯦﻠﯩﺶ.

    4) ) ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ.

    ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻫﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﻱ؛

    1)  ) ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻴﯩﻨﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻡ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 6 ﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ 20 ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﺪﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ 5-10 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺩﻩﺭﺱ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ 20 ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ 4 ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ 80 ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 100 ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ. ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻪﻧﻪ 2 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 5 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ 100 ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ 3 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ 5 ﻛﯜﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺴﺎﻡ، ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻨﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﯘﺯﻣﯩﺪﯨﻢ.

    2) )ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ 5 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﯚﺯﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ 100 ﺳﯚﺯﻧﻰ) ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ. ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 3 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ: ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ.

    3) ) ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻢ ﺗﻪﺑﺌﻲ ﭘﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﻪﻛﺴﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ "ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻲ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﯧﻜﺴﺘﻰ" (Reading Text) ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﻛﯘﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ، ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ، ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ Reading Text ﻧﯩﻤﯘ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.

    4)  ) ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﻪﻟﻪﺷﺘﻪ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.

    ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ: "ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺌﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 60 ﻫﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ."  ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﻣﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯚﭼﺮﻩﺕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻳﺎﺩﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﺘﺎ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻟﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯘﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺭﺗﻰ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺶ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سىزگە كۆپ رەھمەت،مەن ئېنگلىز تىلى ئۆگنش توغرسىدا كۆپ نەرسلەرنى بىلۋالدىم
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا:
    قانداق ئەھۋالىڭىز؟ (ۋاختىڭىزنى ئالماسلىق ئۇچۇن قىسقىلا ئەھۋال سۇراي) مەن ھازىر تىيەنجىن ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئۇقۇۋاتىمەن.كەسپىم كومپىيۇتىر ئىلمى ۋە تىخنىكىسى، مەن بۇ كەسىپنى ناچار كەسىپ دەپ قارىمايمەن. بىراق مەن كومپىيۇتىر كەسپىدىن بەكرەك قۇرلۇش لاھىلەش (建筑学) كە بەكرەك قىزىقىمەن، ئۆزۇم قىزىققاچمىكىن مۇشۇ كەسىپتە ئۇقىسام كومپىيۇتىردا ئوقىغاندىن ياخشىمىكىن ،دەپ قارايمەن. شۇڭا رەسمى كەسىپنى باشلاشتىن بۇرۇن كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا تىرىشماقچىمەن. مىنىڭ سىزدىن سۇرىماقچى بولغىنىم: 1.كومپىيۇتىر كەسپى سىزنىڭچە قانداقراق؟ 2. ئەگەر مەن كەسىپ ئالما شتۇرۇپ قالالاپ ، تۇلۇق كۇرۇسنى تىيەنجىن ئۈنۋىرىسىتىتىدا ئۇقۇپ ، ئۆرلەپ ئۇقۇماقچى بولسام ئامرىكىدىكى ئۇنۋىرسىتلاردا بۇ كەسىپتە ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىپ ئۇقۇتامدۇ؟ ئەگەر كەسىپ ئالماشتۇرالمىسام كومپىيۇتىر كەسپىدىچۇ؟ 3. مىللىتىمىزنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئىككى كەسىپتىن قايسىغا بەكرەك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز 4. مەن چەت ئەلدە ئۇقۇشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن ، مىنىڭ ھازىرقى ئىنگىلىزچە سەۋىيەم "يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى2" دە. ئەلۋەتتە مىنىڭ تىرىشچانلىقىم ئەڭ مۇھىم، بىراق سىز ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز، مىنىڭ ھازىرقى شارائىتىمغا (يەنى مەن يەنە ساق 4يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇيمەن) نىسبەتەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەندىن قانچىلىك يىراق؟
    سىزمۇ بىلىسىزغۇ دەيمەن، تىيەنجىن ئۇنۋىرسىتىتى جۇڭگۇدا خىلى ياخشى ئۇنۋىرسىتىت ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا مەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئۇگىنىپ، مىللىتىم ئۇچۇن ئازراقمۇ بولسا ئىش قىلىپ بىرىش نىيىتىدە مەن . شۇڭا سىزنىڭ مەسلەھەتىڭىزنى ئوزۇمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىم ئۇچۇن نىشان تۇرغۇزۇشتا بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن . شۇڭا قىممەتلىك ۋاختىڭىزدىن ئازراق چىقىرىپ سۇئاللىرىمغا جاۋاب بىرىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن! رەھمەت سىزگە!
    meripet回复مەمەتېئلى说:
    سالام ئۇكام،
    سەمىمىي خېتىڭىزگە رەخمەت. ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ئىشىدا، كومپيۇتېر كەسپىگە قارىغاندا قۇرۇلۇش لاھىيىلەش كەسپىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش كۆپ ئاسان بولىشى مۇمكىن. كومپيۇتېر كەسپىدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئەرىشەلىشىشى ئانچە ئاسان ئەمەس. ئەمدى كەسىپ مەسىلىسى ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قانداق تەييارلىق قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز مېنىڭ «ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك» دېگەن يازمامنى، ھەمدە ئۇشبۇ تور بېتى ياكى www.meripet.com دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىر قۇر ئوقۇپ باققان بولسىڭىز. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىزە بولسا كېرەك، مېنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇم باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم-ئايرىم تەپسەلىي مەسلىھەت بېرىش ئىمكانىيىتىم يوق. توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن.
    2009-02-28 11:27:21
  • ھەقىقەتەن تىل ئۇگۇنۇش بەك تەس ، لىكىن سىزدەك تىرىشسا چوقۇم قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ...شۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدىمۇ سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئىنتايىن ياخشى تىمىلارنى يوللۇغىنىڭزغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن .مىنىڭ بالام ئەمدى 1ياش9ئاي بولدى،لىكىن تەربىيەنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم ،<يەھۇدىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش دەستۇرى>، كارىل ۋىرتتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش توغرىسىدىكى كىتاپلارنىمۇ جىق كۇردۇم ،سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىمۇ تولۇق كۇرۇمەن،لىكىن خىزمەت بىسىمى تۇپەيلىدىن بالىنى تەربىيەلىشىم يىتەرلىك ئەمەس،مەنچە نۇرغۇن ئائىلىدە بۇ خىل ھادىسە مەۋجۇت، مەن سىزنىڭ بۇ جەھەتە يول كۇرسۇتۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن .قانداق قىلغاندا بالا ئۇز ئانا تىلى ھەم يات مىلەت تىلىنى بىلە ياخشى ئۇگۇنەلەيدۇ؟تەلىم بەرگەيسىز ..........
    meripet回复گۇلقىز说:
    سىز مېنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ»، «يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل» توغىرىسىدىكى يازمىلىرىمنى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ تېخى ئوقۇمىغان بولسىڭىز شۇلارنى ئالدى بىلەن بىر قېتىم ئوقۇپ باققان بولسىڭىز. رەخمەت.
    2009-02-28 11:07:13
  • رەھمەت ! ناھايىتى ياخشى مەزمۇن ئىكەن . سىزدىن بىر سۇئال سورىغىم كىلىۋاتىدۇ؟ يەنى سىز ئېنگلىز تىلنى ئۆگىنشتە قايسى كىتاپتىن باشلىغان ئىدىڭىز؟
    meripet回复atella说:
    مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتاۋىدىن باشلىغان. ئۇلار 3 يىلدا ئوقۇپ تۈگەتكەن كىتاپنى مەن 2 يىلدا ئوقۇپ تۈگىتىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىنگلىزچىدىن ساۋادىمنى چىقارغان ئىدىم.
    2009-02-26 13:12:57
  • رەھمەت ! ناھايىتى ياخشى مەزمۇن ئىكەن . سىزدىن بىر سۇئال سورىغىم كىلىۋاتىدۇ؟ يەنى سىز ئېنگلىز تىلنى ئۆگىنشتە قايسى كىتاپتىن باشلىغان ئىدىڭىز؟
  • پايدىلىنش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىكەن.ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنگەن دەۋىرنىڭ شارائىتى بىلەن ھازىرقى شارائىت خلى كۆپلا پەرقىلىندۇ.يەنى ھازىرقى شەرت شارائىتلار ئىنتاين ياخشى ،ئۈگۈنىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلسا بۇرۇنقىدەك جىق ۋاقىت كەتمەيدۇ. سىز مۇشۇ تىمىنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتنىڭ ئۆزىدە ناخشا ئەمەس ئىنگىلزچە نەرسىنى ئاڭلىسىڭىز،ئاڭسىز ھالدا ئىنتوناتىسيە تەرەپتىن خلى كۆپ پايدىغا ئىرشىشز .VOA special English ,http://www.eslpod.com دىگەندەك ئىنتايىن ياخشى ئاڭلاش ماتىرياللىرى بار.ئەلۋەتتەتوردا يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن ماتىرياللار بار.
  • مەنمۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەي دەۋاتقان . بۇ تىمىنىڭ ھەۋەسكارلارغا خېلى پايدىسى تەككۈدەك . مەن يەنە بىر قىتىم ئۇقۇپ چىقاي .