باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 7-بۆلۈم 2- قىسىم - [ئوقۇپ قويۇڭ]

    داۋامى  (بىشى مۇشۇ بەتتە بار )

    ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ: ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻝ-ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﯩﯖﯩﺰ؟ ﻣﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ 20 ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ: 

    ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ.  ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﯘﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﻛﯧﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ، ﻳﯜﺭﯛﺵ-ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﻫﯩﺠﯩﻴﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﯖﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﻱ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯔ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ ﻛﯜﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﺎﻝ-ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺪﻩ "a path to survival" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ. ﺑﯘ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻧﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﯞﻩﻫﺸﻰ ﺧﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ--JPL ﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﻩ 15 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ 2006-ﻳﯩﻠﻰ، 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 2016-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 3 ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻥ، ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜﭼﯩﻤﯩﺰ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰﺍﺱ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ:

    ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ، ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﺍﻕ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯚﺯ ﻫﯧﻴﺖ-ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﺪﯗ -- ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ؛ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ-ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﻳﯚﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯜﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﺪﯨﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ؛ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ؛ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﯖﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ، ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ (ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ) ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﺯﯨﺪﯗ (ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ). ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ 10 ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ 10 ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ -- ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻳﯩﻘﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ؟

    ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ؟

    ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ؟

      ﺑﺎﻻ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯩﺰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

    ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯩﺮﺍﻣﺎﺗﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ. ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺱ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 2 ﻳﯩﻞ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﮕﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 5-10 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ. ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ CPU ﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ Intel ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ 30 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى كوپ ئوقۇيمەن ، سىزنىڭ بۇ يازمىللىرىڭىز بىزدەك ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق بىر دەرىسلىك بولىۋاتىدۇ !!! رەھمەت سىزگە .... ئۇلۇغ ئاللا ئەجىرىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلسۇن!!! تىنىڭىز سالامەت بولغاي!!!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا !
    مەن سىز يازغان بۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ بىر تەرەپتىن مىللىتىمىز ئۇستىدە كۆپ ئويلارغا چوكسەم ،بىر تەرەپتىن ئۆز مىللىتىڭىزنى دەپ قىلغان بۇ ئەمگەكلىرىڭىزگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ... تەربىيىۋى ئەھمىيىتى توم -توم كىتابلارغا تەڭ تۇرالىغىدەك ، گەپ يورغىلاتماي جانغا ئەسقاتىدىغان نەق گەپنى قىلغان بۇتىمىلىرىڭىزنى زادى قانچىلىك ئۇيغۇر كۆرەر؟! تورغا چىقمىغانلارنى ھىساپقا ئالماي تۇرايلى، ھازىر تورغا چىقىۋاتقان قانچىلىك ئۇيغۇر بۇلارنى كۇرەر، ئۇلار ۋاختىنى ئەھمىيەتسىز تور ئويۇنلىرىغا، چاكىنا ، ھىچقانداق ئەمەلى قىممىتى بولمىغان تىمىلارنى كۆرۇشكە سەرىپ قىلۋىتىدۇ. مەن ئىلگىرى ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ناھايىتى ئالدىراش تۇرسا ،قانداقمۇ بۇنچە كۆپ تىمىلارنى تەييارلاشقا ۋاختى بولسۇن ،دەپ ئويلىغان .بىراق دائىم بىلوگىڭىزنى كۆرۇش جەريانىدا سىزنىڭ ھەقىقەتەن نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ ،بۇتىمىلارنى يوللاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم. بىلشىمچە، سىزنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ ۋاختىڭىز يوققۇ دەيمەن ، بۇ تىمىلىرىڭىزنى كۆرىۋاتقان ھەر بىرىمىز بۇنى چۇشىنىمىز، سىز ئۆز مىللىتىڭىز ئۇچۇن مۇشۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز . لىكىن مەن ھەر قېتىم سىزنىڭ نادىر تىمىلىرىڭىزنى كۆرگەندە ،دەسلىپىدە قاتتىق ھاياجانلىنىمەن، ئويلارغا چۇكىمەن، سىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭداشقۇم كىلىدۇ . تۇرۇپلا بۇ تىمىلارنى نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر ئىچىدىن ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقى ۋە كۆرىدىغانلىقنى ئويلىساملا سىزنىڭ بۇ ئە مگەكلىرىڭىز بىكارغا كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلىمەن .
    ھاياجانلىنىپ سەل قالايمىقان سۆزلەپ قويدۇم ، ئەپۇ قىلارسىز!
    meripet回复مەمەتېئلى说:
    سالام ئۇكام،
    سەمىمىي ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. مېنىڭ بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبىتىمنىڭ 1-قىسمى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 10 دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز مېنىڭ يازمىلىرىمنى گېزىت-جورناللاردا ئېلان قىلىشقا، ياكى كىتاپ قىلىپ چىقىرىشقا تىرىشىپ باقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى. ئۇ يازمىلارنى مەن ئۆزەم كىتاپ قىلىپ باستۇرۇپ، ھەقسىز تارقىتىش مەقسىتىدە بەزى كىتاپ چىقىرىدىغان ئورۇنلار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ باققان ئىدىم. لېكىن كېيىن ئويلىسام، ئەگەر بۇ كىتاپ ئۇيغۇر دىيارىدا بېسىپ تارقىتىلمايدىكەن، ۋەتەندىكى قەرىنداشلارغا گەپ كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. شۇڭا بۇ ئىشتىن توختاپ قالدىم. ئەگەر ۋەتەندە مېنىڭ يازمىلىرىمنى كىتاپ قىلىپ چىقىرىپ تىجارەت قىلالايدىغانلار بولسا، مەندىن رۇخسەت ئالمايلا شۇنداق قىلسا بولىۋېرىدۇ.
    ھازىرغىچە قىلغان ئىشىمغا مېنىڭ كۆڭلۈم ئازراقمۇ يېرىم ئەمەس. مەن ئۆزەم كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقنى ئۆزەم كونترول قىلالايمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىنى ئانچە كونترول قىلالمايمەن. ھازىرغىچە ئۆزەم قىلالايدىغان ۋە ئۆزەم توغرا، دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم. مەن شۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال ۋە رازىمەن.
    ئۆزەمنىڭ كۈزىتىشىچە مېنىڭ يازمىلىرىمنى خېلە كوپ كىشىلەر ئوقۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ماۋۇ تور بېتىگە قاراپ بېقىڭ:
    http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=2916
    بۇ سۆھبەتنىڭ چىكىلىش قېتىم سانى ھازىر1،346،014 ئىكەن. يەنى بىر مىليۇن ئۈچ يۈز مىڭ قېتىمدىن كۆپ ئىكەن. شۇڭا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزمۇ يېرىم بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.
    2009-02-25 11:35:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا !
    مەن بۇ يازمىڭىزنىمۇ ناھايىتى قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتم!ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى كۆپلەپ يېزىپ يىپسىز لەگلەكتەك ،ئۆزىنىڭ نىمىش قىلۋاتقىنىنى،نىمىش قىلىش لازىملىقىنى بىلمەي،مەنىسىزلىك ئىچىدە ئۆتۋاتقان كۈنلىرنىڭ كەينىنى كۆرەلمەي ئېغىلدىكى ساراڭ قويغا ئوخشاپ قالغان بىزدەك ئۇيغۇر ياشلىرغا ئىلھام-مەدەت بېرىپ ، يول كۆرسىتىپ كېلۋاتقىنىڭىزغا مىڭ رەھمەت! ئۇلۇغ ئاللاھ ئەزىزتېنىڭىزنى مەڭگۈ سالامەت قىلغاي ،ئائىلىڭىزگە بەخىت-ئامەت،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئاتاقىلغاي!