باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • -(2)يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

     

    ئالدىنقى قىسمى   :logs/36198520.html

    بۇنداق يوقىتىش كۆپىنچە ئەھۋالدا «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچلىق» (ئىنگلىزچە «cultural genocide»), ، دەپ ئاتىلىپ كەلدى.  «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى راھائەل لەمكىن تۇنجى بولۇپ ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆز پەقەت مىللەتلەرنىڭ فىزىكىلىق ياكى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلىشىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ يوقىتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.  بۇ يەردىكى «بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى يوقىتىش» دېگىنىمىز ئاشۇ مىللەتنى ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ئىچىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قوشىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، مىللىي ھېسسىياتى، دىنى، ئىقتىسادىي مەۋجۇدلۇقى قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى»نى تۈزۈپ چىقىش جەريانىدا، «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۇقۇمى ناھايىتى ئۇزۇن مۇنازىرە قىلىنغان.  «كىشىلىك ھوقۇق ۋە بدت سېكرىتارىيات باشقارمىسى»نىڭ دەسلەپكى ھوججىتىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى» گە «بىر گۇرۇپپا ئىنساننى مەقسەتلىك ھالدا ۋەيران قىلىش» دېگەن ئېنىقلىمىنى بەرگەن، ھەمدە ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىكى، بىئولويە جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىق، دەپ ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغان.  بۇنىڭ ئىچىدىكى 3-كاتېگورىيە «مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ۋەيران قىلىش» دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارمۇ ئاشۇ كاتەگورىيەگە كىرگۈزۈلگەن:

    (1) بالىلارنى مەجبۇرى ھالدا باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىش.

    (2) بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى مەجبۇرى ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئۆز ماكانىدىن قوغلىۋېتىش.

    (3) ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى خۇسۇسىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىشنىمۇ چەكلەش.

    (4) ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنى ياكى دىنىي كىتابلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىۋېتىش، ياكى يېڭى باسما ماتېرىياللىرىنى چىقىرىشنى چەكلىۋېتىش.

    (5) بىر مىللەتنىڭ تارىخىي ياكى دىنىي خاتىرە ۋەسىقىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىۋېتىش ياكى ئۇلارنى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىش، تارىخ، سەنئەت ياكى دىنىي قىممەتكە ئىگە ھۆججەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىش ياكى يۆتكىۋېتىش.

     
    «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بدت نىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت كونسۇلى تەرىپىدىن تەييارلانغان يەنە بىر قانۇننىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئىچىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.  ئۇ لايىھىنىڭ 3-ماددىسىدا «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگىنىمىز بىر مىللەتنىڭ تىلى، دىنى، ياكى مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مەقسەتلىك ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىشلارمۇ كىرگۈزۈلگەن:

    (1) بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياكى مەكتەپلەردە ئىشلىتىشىنى چەكلەش ياكى ئۆز تىلىدىكى كىتاب-زھۇرناللارنى بېسىپ چىقىرىش ياكى تارقىتىشىنى چەكلەش.

    (2) بىر مىللەتنىڭ ئۆز كۇتۇپخانىسى، مۇزېيخانىسى، مەكتەپلىرى، تارىخىي خاتىرە مۇنارلىرى، دىنىي بىنالىرى ياكى باشقا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشىنى توسۇش ياكى بۇنداق نەرسىلەرنى يوقىتىۋېتىش.
     
    لېكىن، غەربتىكى بىر قىسىم ئەللەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن، «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۇقۇمى ئەڭ ئاخىرى بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» غا كىرگۈزۈلمىدى. قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئاساسلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

    (1) بىر مىللەتنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىشىنىڭ دەرىجىسى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

    (2) مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇرغۇن ساختا ئەرزلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. 

    (3) «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تىلدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.
     
    كۈلكىلىك يەرى شۇكى، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» گە كىرگۈزگەندە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىدى. (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: Kangas خانىمنىڭ 800 بەتلىك كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئىشقا قارشى چىققان دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگومۇ بار ئىكەن.)
     
    «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» تېكىستىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگىنى ئاشۇ كېلىشىمنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت ۋە ھەرىكەتلەرگە قارىتا قوللىنىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى.  لېكىن، 1940-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بدتنىڭ بۇ كېلىشىمى رەسمىيلەشكەندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدا باشقا نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارالىق قانۇنلار ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھازىر مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئۆلچەملەرگە زىت كېلىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى (مەسىلەن، تور بەت ئادرىسى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىدا بېرىلگەن، بدت نىڭ 1992-يىلىدا ماقۇللانغان «مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇق توغرىسىدىكى خەلقئارا كېلىشىم» گە قاراڭ).  بىراق، بۇ كېلىشىملەر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى مەنئىي قىلغان بىلەن، ئۇلارنى بىر خىل جىنايەت، دەپ ھېسابلىمايدۇ.  بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» مۇ بىر جانلىق ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە قوللىنىلىشى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.
     
    «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» دە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: بىر مىللىي، ئېتنىك ياكى دىنىي گۇرۇپپىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت.  گەرچە بۇ يەردە «يەرلىك مىللەت» دېگەن سۆز ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېتنىكلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بىر خىر قوغدىلىدىغان ئىنسانلار گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك يوق. 
     
    «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» 2-ماددىسىنىڭ 5 پاراگرافى ئاساسىي جەھەتتىن بىر مىللەتنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەن:
    (ئا) بىر مىللەت ئەزالىرىنى ئولتۈرۈلۈشى
    (ب) بىر مىللەت ئەزالىرىغا ئېغىر دەرىجىدىكى بەدەن زەخمىسى پەيدا قىلىش
    (ك) بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش
    (د) ئۇلارنى بىئولوگىيە جەھەتتىن ۋەيران قىلىش، ھەمدە بۇ مىللەتنىڭ تۇغۇپ كۆپىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەدبىر قوللىنىش.
     
    بۇ يەردىكى پاراگراف (ب) بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ بەدىنىگە زەخمە كەلتۈرۈشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، ئۇلارغا روھىي جەھەتتە زەخمە كەلتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  پاراگراف (ئە) بولسا بىر مىللەتنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرىۋېتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     
    بىز 1-ماقالىمىزدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىمەيتمە مائارىپ، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بالىلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئىنتايىن ئېغىر ۋە مەڭگۈلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.  شۇڭلاشقا بىز ئاشۇنداق مائارىپ يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا ئىنتايىن ئېغىر روھىي زەخمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايمىز.
     
    نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇش يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى.  ئەمما، بىز ئۆزىمىزنىڭ 1-ماقالىسىدا كۆرسۈتۈپ ئۆتكەندەك، بۇنداق بالىلار ئوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى جەمئىيىتىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، ھەتتا ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پسىخولويە جەھەتتىن مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ كەتكەن.  يەنى، بۇنداق مائارىپ يۇقىرىقى بارلىق باغلىنىشلارنى تەلتۆكۈس بۇزۇپ تاشلايدۇ.  ئەمما، ئەڭ مۇھىم يەرى شۇكى، ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇتۇشى بالىلارنىڭ ئەسلى جەمئىيېتىدىن فىزىكىلىق جەھەتتىنمۇ مەڭگۈ ئايرىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىنى ئىچكىرىدە ئىشلەپ ئۆتكۈزۈشى مۇشۇ ئەھۋالنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر). 
     
    ياتاقلىق مەكتەپ بىر مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يەنە بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.  بۇنىڭ بىر مىسالى بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىشقا فىزىكىلىق جەھەتتىن مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر.  ئەمما، دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمى ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچى بار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي فىزىكىلىق ۋاسىتىلەرنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.  بۇنداق ئەھۋال ياتاقلىق مەكتەپ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يەرلىك مىللەت ئاتا-ئانىلىرى «بالىلىرىمىزنى ياتاقلىق مەكتەپكە بەرمەي قۇتۇلالمايدىكەنمىز» دەپ قارايدىغان دەرىجىگە كەلگەن ۋاقىتتا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.  مانا بۇ گالتۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچىنچى كۈچ، يەنى «ئىدىيەدىن پايدىلىنىش» تىن ئىبارەت.  (ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: بۇنى بىر «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش جەريانى» دەپ قاراشقىمۇ پۈتۈنلەي بولىدۇ.)  ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ بېقىندا مىللەتنى بويسۇنغۇچى مىللەتچىلىك ئورنىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە ئاشۇنداق ئورۇننى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشقۇزۇش ۋاقتىدا، ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەت مۇنداق 3 جەرياندىن پايدىلىنىدۇ:

    (1)ھۆكۈمدار مىللەتنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، قائىدە-نىزاملىرىنى، ئەنئەنىسىنى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى، تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش. 

    (2) ئاز سانلىق مىللەت ياكى بېقىندا مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، قائىدە-نىزاملىرى، ئەنئەنىسى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى كونا-پوسۇنلۇق، قالاق، يېڭى تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشالمايدىغان قىلىپ كۆرسىتىش.


    (3) ھۆكۈمدار مىللەت بىلەن بېقىندى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، پسىخولوگىيە، مائارىپ، ئىجتىمائىي، تىل جەھەتلەردىكى ھېلىقىدەك مۇناسىۋىتىنى بىر خىل نورمال مۇناسىۋەت قىلىپ كۆرسىتىش، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمدار مىللەت قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ۋە بېقىندا مىللەتكە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىش قىلىپ كۆرسىتىش.  مەسىلەن، ھۆكۈمدار مىللەت قىلىۋاتقان ئىش ئاز سانلىق مىللەتكە ياردەم قىلىش، ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك قىلىش، ئۇلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇلارغا دېموكراتىيەنى ئۆگىتىش، ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش، ھەمدە دۇنيا تېچلىقىنى قوغداش، دېگەنگە ئوخشاش.  ئەمما، ئەمەلىيەتتە بولسا بېقىندا مىللەتنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارغا بويسۇنىشى ۋە ئۇلارنى كۆرۈنۈشتە قوبۇل قىلىشى ھوقۇق جەھەتتىكى زور تەڭسىزلىك ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ زور ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان.
     
    فرانسىيېلىك جەمئىيەتشۇناس پىئەررە بوئۇردىئەئۇ مۇ مۇشۇنداق «ئويدۇرما ماقۇل بولۇش» بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغان.  ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىلار ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىلمىسا بولمايدىغانلۇقىنى ئۆز كۆڭلىدە تونۇپ يېتىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ «يوللۇق ئىش» بولۇپ قېلىشىغا يول قويىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بەزى ئىشلارغا بوي سۇنمىسا دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنى جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن جازالايدىغانلۇقىدىن قورقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى ناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئىشلارغىمۇ قاتنىشىدۇ.  مۇشۇنداق ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇشقا مەجبۇرلىغاندا، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى زورلۇق-زومبىلىق كۈچىنى ئىشلەتتى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
     
    شۇڭلاشقا، گەرچە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» گە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئۆز بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان  ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.
     
    ئۇشبۇ يازمىنىڭ 3-قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.  ئۇنىڭ كېيىنكى قىسمى (يەنى ئاخىرقى قىسمى) «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەت» ۋە «خۇلاسە» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     
    مەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇر تىياتىرخانىسىدا بىرەر ئۇيغۇرچە سەھنە ئويۇنى كۆرۈپ باقمىغىلى ھازىر 25 يىلدىن ئاشتى. شۇڭا مەن ۋەتەندە ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئېتوت ۋكد لىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.  يېقىندىن بۇيان ھەر قېتىم ئاشۇنداق ۋكد نى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئىقتىيارسىز ھالدا كاللامغا «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق نەرسىلىرى يەنە 25 يىلدىن كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر؟ يەنە 50 يىلدىن كېيىنچۇ؟» دېگەن سوئال كېلىپ، كۆزۈم ئىختىيارسىز ھالدا ئىسسىق ياش بىلەن لىق تولىدىغان بولۇپ قالدى.  بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ يېقىندا يۇرتىدىكى دادىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى يۇرتقا ماندۇرۇپ بىر قانچە يىل ئوقۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن تولۇق ساۋادىنى چىقىرىۋالغۇسى بارلۇقىنى ئېيتىپتۇ.  دادىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ھازىر بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان بىرمۇ مەكتەپ يوق!»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.  ئۇيغۇر ماكانىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان مەكتەپ بولمىسا، بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۇڭا مەن ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن ئۇشبۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى ئوبدان چۈشىنىپ ئۆزلەشتۇرىۋېلىپ، شۇ ئاساستا «مەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا نېمە تۆھپە قوشالايمەن؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا تورداشلارغا ئىككى قېرىندىشىمىز
    تا قالدۇرغان ئىنكاسنى سۇنۇپ، بۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
     
    1-ئىنكاس: «يازمىلىرىڭىز يۈرىكىمنى ئېزىۋەتتى. ئوقۇماي دېسەم، ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ئوقۇسام ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندەك پۇچىلىنىپ كېتىمەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ خەنزۇچە يەسلىدە تۇرىدىغان قىزىم (بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇرچە يەسلى يوق) بىر كۈنى چوشقا كۈچۈكىنىڭ بەك ئوماق ئىكەنلىكىنى، چوڭ بولسا چوشقا باقىدىغانلۇقىنى ئېيتىپ كەپتۇ. تۇرۇپلا قالدىم، كۈلەيمۇ، يىغلايمۇ؟ كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە چوشقا-چاشقاننىڭ ھېكايىلىرى تۇرسا، شۇنى سۆزلىمەي نېمىنى سۆزلەيدۇ بۇ بالا؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ جىيەنلىرىمگە ياخشى ئوقۇسىلا، چوقۇم ئارزۇ-ئارمىنىغا يېتىدىغىنىنى سۆزلەۋېتىپ، ئىشسىز يۈرگەن ماگىستىر دوستۇم ئېسىمگە يېتىپ، داۋاملىق سۆزلەشكە تىلىم كۆيدى. جېنىم ئاكا، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ قىزىم قانداق قىلىشى كېرەك؟ دائىم ئويلاپ قالىمەن: 'پانى ئالەمدىكىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى كۆرەلەمدىغاندۇ؟ ئەگەر كۆرېلىسە، ئۇ ئالەم ئاللىبۇرۇن ئاتا-بوۋامنىڭ كۆز يېشىدا دېڭىز بولغاندۇ؟ قانداق قىلارسەن بالام؟ كېيىن راستىنلا چوشقا باقارسەنمۇ؟ ئۇ ئالەمدە يىغلاپ، كۆر بولۇپ قالارمەنمۇ؟»
     
    2-ئىنكاس: «سالام ئەركىن ئاكا:  قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولدۇم. بۇ مەكتەپنى باشلانغۇچتىن تارتىپ ھەممىسىنى قوش تىللىق سىنىپ قىلىۋەتتى. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى بەك ناچار. بەزى پەنلەردىن (ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە) ئىمتىھان ئالسا، بىر سىنىپتىن ئاران 2- 3 بالا ئۆتىدۇ. مەن ئۆزۈم كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، مەن ئۇلار بىلەن نۇرغۇن ۋاقتلاردا سۆھبەتلەشسەم، ئۇلارنىڭ پىكىرى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش چىقتى. يەنى: ھەممىسىدە ئارزۇ بار، ئەمما ئۇلار بىز دەرس ۋاقتىدا خەنزۇچە سۆزلىسەك ھېچ نەرسە بىلەلمىدۇق . قانداقمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈمىز دېگەندەك ئۈمىدژ ، ئىشەنچسىز سۆزلەرنى قىلدى. دېمىسىمۇ شۇ ئۇلارغا ئانا تىلدا دەرس سۆزلىمەي، خەنزۇ تىلىدا دەرس سۆزلەيدۇ. باشلانغۇچمۇ شۇنداق. بەزى سىنىپلارغا ھەتتا خەنزۇلار دەرس ئۆتىدۇ، چۈشىنېمدۇ چۈشەنمەمدۇ رەھبەرلەرنىڭ كارى يوق. پەقەت بىر سائەتلىك ۋەزىپىنى تۈگەتسىلا بولىدۇ. بۇنىڭغا مەكتەپمۇ خوش. مەن بۇ جەرياندا بەزى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلرى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇپ، شۇنداق تونۇشقا كەلدىمكى: بىزنىڭ مائارىپىمىز ھازىر بىر قۇرۇق جازىغا ئوخشاپ قاپتۇ . مەن مۇشۇ ئىشلاردا ئازراق بولسىمۇ مىللىتىم ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغۇم، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىگۈم بار. شۇ سەۋەبتىن سىزدىن قانداق قىلسام بولىدۇ، دەپ مەسلىھەت ئالاي دېگەن ئىدىم. ۋاقت چىقىرىپ مەسلىھەت بېرىشىڭزنى سورايمەن. رەھمەت سىزگە.»
     
     
    بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تور ئادرىسلىرى توپلىمى:
     
    1. ئۇشبۇ يازمىنىڭ 1-قىسمى (كونا يېزىق):
     
    logs/34162112.html
    2. ئۇشبۇ يازمىنىڭ 2-قىسمى (كونا يېزىق):
      
    logs/35493448.html

    3. ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى»:
     
    http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf
    4.«ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئويلىغانلىرىم»:
     
    http://gulistan.cn/bbs/read.php?tid=141
    5. Kangas خانىمنىڭ قىسقىچە ئىنگلىزچە تەرجىمالى:
     
    http://akira.ruc.dk/~tovesk/allpubl.htm
    6. بدت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» (ئىنگلىزچە):
      
    http://www.un.org/millennium/law/iv-1.htm
    7. بدت نىڭ 1992-يىلىدا ماقۇللانغان «مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇق توغرىسىدىكى خەلقئارا كېلىشىم» (ئىنگلىزچە):
       
    http://www.unhchr.ch/html/menu3/b/d_minori.htm
    8. «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى»:
            
    http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-21470.html

     


    收藏到:Del.icio.us