باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • Personal Statementيېزىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار - [تەۋسىيە]

    يازغۇچى  :چۈشتاش .

    مەنبە:http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-21103.html

    Personal Statement يېزىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار


    Personal Statement،ئادەتتە قىسقارتىلىپ PSدەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن سىرت ئادەتتە يەنە Motivation دېگەندەك نامدىمۇ ئاتىلىدۇ. PS كۆپىنچە چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان بالىلارنىڭ كەلگۈسى مەكتەپ ئىلتىماسىغا ۋە قۇبۇل قىلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان، شۇنداقلا نۇرغۇن بالىلار بەكمۇ سەل قارايدىغان، ياكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن بىر ھالقا. مەن بۇ يازمامدا ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا PSتوغرىلىق ئىزدەنگەنلىرىمدىن كەلگەن تەجرىبىلىرىمنى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمەن، شۇنداقلا ھەربىر ئامېرىكا ۋە باشقا PS تەلەپ قىلىدىغان چەتئەل مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    -------------------------------------

    1. Personal Statement دېگەن نىمە؟


    قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاشۇمەكتەپنى، ئاشۇ كەسىپنى تاللىغانلىقىڭىزنى، سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭىز ۋە ئوقۇش پىلانىڭىز دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "تونۇشتۇرۇش ۋە ئىلتىماس خېتى". مۇنداق ئويلاڭ: سىز ئىلتىماس قىلغان چەتئەل مەكتىپىنىڭ پراففىسورى شۇ دۆلەتتە تۇرۇپ، ئۆزى ئۆمۈر تارىخى كۆرۈپ باقمىغان بىر سىزدەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماس ماتىرىيالىنى كۆرىۋاتىدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ PSرىڭىز دەل سىزنىڭ ۋاكالەتچىڭىز سۈپىتىدە شۇ پراففىسور ياكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بىلەن "سۆھبەت"ئۆتكۈزۈپ، سىزنى ئۇلارغا تونۇشتۇرىدۇ. بۇنى مەلۇم مەنادىن ئېيتقاندا سىزنى تەشۋىق قىلدى، ئېلان قىلدى دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنىڭ "تەشۋىق-ئېلان"نىڭىزنى كۆرۈپ، سىزگە نىسبەتەن بىر ياخشى تونۇشقا ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىڭىزدا غايەت زور ئۈمۈد بار. گەپ سىزنىڭ بۇ "ئېلان"نى قانداق چىقىرىشىڭىزدا.

    2. PS زادى قانچىلىك مۇھىم؟


    ئەگەر سىز مەن ئۈستىدە يازغان PSنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدىكى قىسقىچە مەزمۇننى ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سوئالنىڭ يېرىم جاۋابىنى تېپىپ بولغان بولىسىز. ئادەتتە نۇرغۇن بالىلار گەرچە TOEFL، GREلاردىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ، ئالىي مەكتەپلەردە شۇنداق ياخشى ئوقۇپ، ھەتتا بىرنەچچە دۆلەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئوخشاش مەكتەپنىڭ ئوخشاش كەسپىنى ئىلتىماس قىلغان باشقا ئۆزىدىن نەتىجىسى تۆۋەن بالىلار تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ، ئۆزلىرى ئالالمايدىغان ئەھۋالغا دائىم دېگۈدەك ئۇچرايدۇ. ئەمسە بۇ قانداق ئىش؟ سەۋەپ شۇكى، ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش جەريانىدا سۇبىيكتىپ ئامىل غايەت زور رول ئوينايدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ پراففىسورى بىر ئوقۇغۇچىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، مەن مۇشۇنى تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قۇبۇل قىلىمەن، دېسە ئۇنداقتا ئۇ ئوقۇغۇچى ئوڭۇشلۇق ھالدا شۇ مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ پراففىسور بىر ئوقۇغۇچىنى ئالمايمەن، دېسە مەيلى ئۇ ئوقۇغۇچى قانچىلىك ئەلا ئوقۇغان بولۇشتىن قەتئىي نەزەر يەنىلا قۇبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇ پراففىسورنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانغا پۈتۈنلەي ھوقوقىي بار. قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا دەل شۇ پراففىسور ئۆز تەتقىقات خىراجىتىدىن چىقىرىدىغان بولغاندىكىن، كىمگە بېرىمەن دېسە ئەلۋەتتە شۇنىڭغا بېرىدۇ. ئادەتتە ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش مەزگىلىدە قارشى تەرەپ پراففىسورلار ياكى قۇبۇل قىلىش ھەيئەت ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركۈملىگەن ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇلار ئەڭ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يازغان Personal Statementسى. ئويلاپ بېقىڭ، سىز شۇ قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدىغان ئادەم. قولىڭىزدا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئەڭ تۆۋەن چېكىدىن ئاشقان بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ PSرى بار. بۇلارنىڭ نەچچىسى دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ سىزنىڭ ئوقۇتۇش پروگرامىڭىزغا نىمە ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقى توغرىسىدا تۈززۈكرەك بىر سەۋەپ كۆرسىتەلمىسە، ۋە ياكى يازغان PSرىنى بېشىنىلا ئوقۇپ ئوقۇغىڭىز كەلمىسە، ھەتتا تېخى بۇ بىر نەچچىسىنىڭ PSلىرى خۇددى بىر يەرگە كېلىپ دېيىشىپ يازغاندەك ئوخشاش بولسا، بىراق بۇلاردىن باشقا يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ PSسىنىڭ بېشىدىلا سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتىۋالسا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سزنىڭ مەكتىپىڭىزدە ئوقۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئوقۇشتىن نەپ ئېلىش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ كىيىنلىك كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ئۇل سالالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقارغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تامالىيالايدىغانغا تولۇق ئىمكانىيىتى بارلىقى، ۋەھاكازالار، يېزىلغان بولسا سىز قايسىسىنى تاللىشىڭىز مۇمكىن؟
    ئەگەر سىز PSنى ياخشى يازالمىسىڭىز، قارشى تەرەپ كۆرگەندە بېشىنى ئازراقلا ئوقۇپ، داۋاملىق ئوقۇشقا قىزغىنلىقى قالماي، ياكى داۋامىنى ئوقۇسىمۇ خۇددى بەتتام بىر نەرسە يەۋالغاندەك بولۇپ، شۇنچە ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئۇلارغا شۇنچە يىراقتىن ئەۋەرتىپ بەرگەن، پۈتۈن ئۈمۈدلىرىڭىزنى بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىلتىماس ماتېرىياللىرىڭىزنى بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يېنىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ بولغان بولىدۇ. دېمەك، PSنىڭ رولى دەل مۇشۇ يەردە ئىپادىلىنىدۇ. بىر پارچە ياخشى يېزىلغان PS نۆۋىتى كەلگەندە ھەتتا GREدا بىر-ئىككى يۈز نومۇرلۇق پەرقنىمۇ بېسىپ چۈشەلەيدۇ. شۇڭا بەزىلەر ھەتتا ئۆزگىچە PSيېزىپ چىقىپ ئىلتىماستا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئايرىم VCكۆرۈنىشى ئىشلەش، كارتا ياساش، دىئالوگ شەكىلدە يېزىش، باشقىلارنىڭ ئىمزاسى شەكلىدە يېزىش، دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبلارنى ئويلاپ تاپىدۇ ۋە قوللىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەپ، ھەربىر ئامېرىكا ۋە ياكى PSتەلەپ قىلىدىغان باشقا چەتئەل مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ "يۇمشاق" كۈچنى تولۇق جارى قىلدۇرىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھەر يىلدا ئامېرىكا مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىدىغان سانى بارماققا توشمايدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ نۇقتىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇشى كېرەك.

    3. ئۇنداقتا Personal Statementدا نىمىلەرنى يېزىش كېرەك؟


    ئادەتتە PSدا ئاساسلىق قىلىپ يېزىلىدىغان مەزمۇن سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى ئوقۇماقچى بولغانلىقىڭىز، نىمە ئۈچۈن باشقا مەكتەپتە، باشقا دۆلەتتە ئەمەس، دەل سىز ئىلتىماس قىلغان ئاشۇ دۆلەت، مەكتەپنى تاللىغانلىقىڭىز، سىزنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدىغانلىقىڭىزغا قانداق ئاساسىڭىز بارلىقى، ئەگەر بۇ ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قانداق پىلانىڭىز بارلىقى، تۇرمۇشتا سىز قانداق بىر ئادەم، مىجەز-خۇلقىڭىز قانداق، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالامسىز، دېگەندەك مەسىلىلەردە توختىلىشىڭىز كېرەك. بۇ نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر رەسسام رەسىم سىزغاندەك، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنى باشقىلار نەزىرىدە يارىتىپ بېرىدۇ، ۋە سىز توغرىلىق ئۇلاردا چۈشەنچ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ھەتتا ئۆزىڭىزمۇ بىر قېتىم ئۆزىڭىزنى قايتىدىن تونۇۋالالايسىز. پۈتكۈل PSيېزىش جەريانىدا سىز ئەڭ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا يازغان PSرىڭىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە سۆز-جۈملىلىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى بولىشى كېرەك. قارشى تەرەپ چوقۇم PSرىڭىزنىڭ بېشىنى ئوقۇغاندا زېرىكىشلىك ھېس قىلماي داۋامىنى يەنە ئوقۇيدىغان بولۇشى، يازغان سۆز-ئىبارىلىرىڭىزنىڭ باشقا بالىلارنىڭكى بىلەن بىر قېلىپتىن چىققاندەك تەسىر بەرمەسلىكى كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قارشى تەرەپ قانداقتۇر PSرىڭىزنى باشتىن-ئاخىر تولۇق ئوقۇشى ناتايىن. بېشىنىلا ئوقۇپ زېرىكىپ ماتىرىيالىڭىزنى پۇرلاپ تاشلىۋېتىشى مۇمكىنچىلىككە ئىنتايىن يېقىن. شۇڭا يازغان PSرىڭىزنىڭ بېشىدىلا ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇ ھازىر ئوقۇۋاتقان PSنىڭ يېنىدا دۆۋىلەكلىك باشقا يۈزلىگەن PSدىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، سىزنىڭ دەل ئۇكىشى ئىزدەۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىڭىزنى كىينىكى مەزمۇنلاردا ماسلاشتۇرۇپ چىقىرىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئامال بار ئۆزىڭىزنىڭ PSرىنى ئۆزگىچە كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، سىزنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان قانداق ئۆزگىچە كەچۈرمىشىڭىز بار، دېگەندەك. يازغاندا چوقۇم ئەمەلىي ئىش، ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈپ يېزىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىڭ. بۇ مىڭ ئېغىز قۇرۇق گەپ قىلغاندىن ئەلا.

    4. ھەجمى قانچىلىك بولىشى كېرەك؟


    ھەجىم مەسىلىسى ھەقىقەتەنمۇ ھەل قىلىش تەس بولغان بىر مەسىلە. ئەگەر يازغان PSنىڭ ھەجمى بەك كىچىك بولۇپ قالسا، دېمەكچى بولغان مەزمۇنلار تولۇق ئىپادىلەنمەي، قارشى تەرەپتە سىزگە نىسبەتەن بىر يۈزەكى، مۈجمەل ئۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھەجمى بەك چوڭ بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ سىزنىڭ ئۇ ئۇزۇن ماقالىڭىزنى ئوقۇشقا قىزىقماي، چوڭ ئىشىڭىزغا دەخلى يېتىدىغىنى مۇقەررەر. ئادەتتە بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان PSنىڭ ھەجمى A4قەغەز ۋارىقى چوڭلىقىدا بىر يېرىم بەت ئۆپچۆرىسىدە بولسا بولىدۇ، ئەڭ جىق دېگەندىمۇ ئىككى بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھازىر نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر ئىلتىماسنى توردا قۇبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، بەزى مەكتەپلەرنىڭ توردىكى ئىلتىماس سېستىمىسىدا PSھەجمىگە نىسبەتەن قاتتىق تەلەپ قويۇلغان بولۇپ، بەزىلىرىدە 600خەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا ھەتتا يازغان بىر يېرىم بەت PSرىڭىزمۇ تەلەپتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. تەكلىپىم، سىز ئەڭ ئاۋۋال بىرپارچە بىر يېرىم بەتتىن ئىككى بەتكىچە PSنى ئوڭۇشلۇق يېزىۋېلىپ، ئاندىن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا ئۇلارنى يەنە قىسقارتىپ يازسىڭىز كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

    5. PS ئومۇمىي قۇرۇلمىسى قانداق بولىشى كېرەك؟


    كۆپىنچە PSقۇرۇلمىسى مۇنداق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ:
    باشلىنىش قىسمى، بۇنىڭدا سىز ئۇ مەكتەپنىڭ قايسى ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىڭىز، بۇ ئارقىلىق نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتسىڭىز بولىدۇ.
    ئاساسىي مەزمۇن، بۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىشكەن نەتىجىلىرى، ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلاردىن قانداق ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىڭىز بارلىقىنى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش-تەتقىقات ئىشلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىيالايدىغىنىڭىزغا تولۇق يۇشۇرۇن كۈچىڭىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىڭىز كېرەك.
    ئاخىرقى بۆلەك، بۇنىڭدا سىز نىمە ئۈچۈن ئاشۇ مەكتەپنى تاللىغانلىقىڭىزنى، ياكى بۇ مەكتەپنىڭ سىز ئىلتىماس قىلغان ئوقۇتۇش پروگراممىسى نىمە ئۈچۈن سىزنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى، سىزنىڭ ئوقۇشتىن كىيىن قانداق پىلانىڭىز بارلىقىنى، ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ بۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى سىزنىڭ قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىڭىز كېرەك.

    6. PSيازغاندا نىمىلەرنى قىلماسلىق كېرەك؟


    يالغانچىلىق قىلماڭ: كۆپىنچە بالىلار "قارشى تەرەپ بەرىبىر مېنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەندىكىن، ۋە ياكى مەخسۇس كېلىپ تەكشۈرۈپ يۈرمىگەندىكىن" دېگەندەك ھېس-تۇيغۇلاردا بولۇپ، PSلىرىدا قىلمىغان ئىشلارنى قىلدىم دەپ، ئېرىشمىگەن نەتىجىلەرنى ئېرىشتىم دەپ، ھەتتا بولمىغان ئىشلارنى ھىكايە توقۇپ بولدى دەپ يازىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۈت. بىلىشىڭىز كېرەككى قارشى تەرەپ سىزدەك يۈزلىگەن، مىڭلىغان بالىلارنىڭ ئىلتىماسىنى يىللار بېرى كۆرۈپ، كۆزى پىشىپ، بىر قاراپلا كىمنىڭ قايسى مەزمۇنىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن. بۇ ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس! سىز خىيالىڭىزدا "ئۇلار مېنى كۆرۈپمۇ باقمىغان تۇرسا مېنىڭ يالغان سۆزلىگىنىمنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن"دېگىنىڭىز بىلەن ئۇلار نەزىرىدە سىز تېخى بىر يالغانچىلىق قۇيرۇقى مانا مەن دەپ تۇرغان بىر "خام"ھېساپلىنىسىز. تەلىيىڭىز كېلىپ دەسلىپىدە يالغانچىلىقىڭىز بايقالمىغان بىلەنمۇ، ئەگەر ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن بايقىلىپ قالغان ھامان سىزنىڭ يەنە بۇ دۆلەتكە كىرىش ئىمكانىيىتىڭىزدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! شۇڭا ھەرگىزمۇ يالغانچىلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ!
    مەن يازمامنىڭ بېشىدا PSنى ئېلانغا ئوخشاتقان. بىراق بۇ دېگەنلىكىم ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا كۈندە كىشىنى بىزار قىلىدىغان بىر قىسىم ئېلانلاردەك يوقنى بار دەپ يالغانچىلىق قىلىڭ، دېگىنىم ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، يوق بولسا توقۇلما قىلماڭ، پەقەت بار نەرسىنى چىرايلىق، نەپىس قىلىپ يېزىشقا تىرىشىڭ.
    ئۆز كەسپىڭىزنى داڭلىماڭ، تونۇشتۇرماڭ: نۇرغۇن بالىلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇ مەكتەپنىڭ شۇ كەسپىنى تاللىغانلىقىنى سۆزلەيدىغان ۋاقىتتا ئۇ كەسپنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، قانچىلىك ئىستىقبالى بارلىقى، قانداق تەرەققىي قىلغانلىقى دېگەندەكلەرنى بىر تالاي سۆزلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەك، قارشى تەرەپ پراففىسورى بۇ كەسپ توغرىسىدا سىزگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ دەرس بەرگىدەك سەۋىيەگە ئىگە. شۇڭا ھەجمى ئىنتايىن چەكلىك بولغان PSرىڭىزنى بۇنداق ئەھمىيەتسىز مەزمۇن بىلەن توشقۇزىۋەتمەڭ. سۆزلەش توغرا كەلسە سىزنىڭ قانداق قىلىپ شۇ كەسپكە قىزىققانلىقىڭىز، شۇ كەسىپ توغرىلىق ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي تەجرىبە ئارقا كۆرىنىشىڭىز ۋە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاماملاش ئىقتىدارىڭىز قاتارلىقلار سىزنىڭ سۆزلىشىڭىزگە يىتىپ ئاشىدۇ.
    ئۆز مەكتىپىڭىزنى داڭلىماڭ: نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە يازغان PSرىدا ئۆزىنىڭ مەكتىپىنىڭ جۇڭگو بويىچە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق سىز بۇنداق سەۋەنلىكنى ئۆتكۈزمەڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ئامېرىكىدا جۇڭگولۇقلار بىر قەدەر كۆپرەك بولغان ئاز بىرقىسىم ئالىي مەكتەپلەردىن سرت، باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ مەكتەپلەر تىزىلىشى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى يوقلا دىيەرلىك. يەنە كېلىپ ئەگەر مەكتەپنىڭ ياخشى-ناچارلىقىنى تىزىش توغرا كەلسە ئۇ تىزىملىك كىم تەرىپىدىن چىقىرىلغان، نىمىگە ئاساسلانغان، دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەرگە تاقىلىدۇ. شۇڭا پەقەت ئۆزىڭىز ئوقۇغان مەكتەپنىڭ مەيلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى بولسۇن، ۋە ياكى جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتىتى، فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى ياكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەر بولسۇن، پەقەت بىر ئۆزىڭىز نەزىرىدە ياخشى ھېساپلىنىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىڭىز، شۇنداقلا ئۆز كەسپىڭىزنىڭ بۇ مەكتەپتە كۈچلۈك كەسىپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز يېتەرلىك. ئەگەر سىز ئوقۇغان مەكتەپلەر بۇ شەرتلەرگە توشمىسا بۇ توغرىلىق سۆزلىمىسىڭىزلا بولىدۇ.
    ئۆزىڭىزنى ئەقىللىق دەپ داڭلىماڭ: ئادەتتە نۇرغۇن PSيازغۇچىلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى ئۆزىنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىقى، ئەقىللىقلىقىنى ھە دەپ كۈچەپ سۆزلىشىدۇر. كۆپىنچىلىرىنىڭكىدە مۇنداق دائىم ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال بار، يەنى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلەردە قانچىلىك ياخشى نومۇر ئالغانلىقى، باشقىلار نەچچە سائەتتە ئاران ئىشلىيەلەيدىغان مىسالنى بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ پەقەت يىگىرمە مىنۇنچە ئۆپچۆرىسىدە ئىشلەپ بولالايدىغانلىقى، ھەتتا دەرس بېرىدىغان مۇئەللىملىرىنىڭمۇ بۇ تالانت ئىگىسى سورىغان سوئالغا جاۋاپ بېرەلمەي قالىدىغانلىقى، ئەڭ كەمتەررەك دېگەندىمۇ بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ باشقا بالىلارنىڭ توختىماي سوئال سورىشى نەتىجىسىدە ئۆزى ئۆگىنىش قىلالماي ھەتتا ھاجەتخانىغا يۇشۇرۇنۇپ كىتاپ كۆرىدىغانلىقى، ۋەھاكازالار. بۇنداق ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى خاتا يول بىلەن ئىپادىلەش شۈبھىسىزكى بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنى دارغا ئاسىدۇ. نىمىشقىلىقىنى بىلەمسىز؟ مەن سىزگە بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ بېرەي: ئەڭ ئاۋۋال سۆزلەنگەن تەس مىساللارنى باشقىلاردىن تېز ئىشلەپ بولالايدىغانلىقى پەقەت بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ باشقىلاردىن يۇقۇرى ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرىدۇ. بىراق مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى قانداقتۇر ئەقلىي ئىقتىدارى ماۋۇنىڭ يۇقۇرىكەن، شۇڭا مۇشۇنى ئالايلى، دېمەيدۇ. شۇنداقلا مەكتەپ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانداقتۇر بۇندىن بۇرۇن خېلى كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۈمۈد قىلمايدۇ. چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە مۇشۇلارنى ئۆگەنگىلى بارىسىز. سىز پەقەت ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئوقۇشىڭىزنى تاماملىيالايدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىسىڭىزلا بولدى. شۇڭا بۇ نۇقتىدا ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بولسىلا يېتەرلىك دەپ قارىلىدۇ.
    مۇئەللىملىرى سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرەلمىگەنلىكى، پەقەت شۇ مۇئەللىملەرنىڭ بىلىم-سەۋىيىسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، تولۇق كۇرس ئوقۇتىشى بىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەشنى مەزمۇن قىلغان ئوقۇتۇش، بۇنىڭدا قانداقتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇتۇشىدەك يۇقۇرى قاتلاملىق بىلىملەرنى تەھسىل قىلىش ئاساس ئەمەس. شۇڭا ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆزىمۇ تولۇق ئىگىلىمەي تۇرۇپ دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچى گۇمانلىقمۇ ياكى سۇئالنى سورىغان ئوقۇغۇچى بىر تالانت ئىگىسىمۇ؟
    ئاخىرىدا دېگەن باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن قېچىپ ھاجەتخانىغا مۈكۈنىۋېلىش ئامېرىكىلىق پراففىسورلار نەزىرىدە بۇ ئوقۇغۇچىنى قانداقتۇر بەك ئەققىللىق، تۇغما تالانت ئىگىسى قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى بىر باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلمەيدىغان شەخسىيەتچى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شەخسىيەتچى قاتارى ئورۇن ئالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىلتىماسىدىن قىلچىلىكمۇ ئۈمۈد كۈتمەسلىك كېرەك.
    شۇڭا ھەرگىزمۇ يازغان PSرىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك ئەقىللىقلىقىنى داڭلىماڭ. مائارىپى ۋە پەن-تېخنىكىسى قالاق شارائىتتا تۇرغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تۈگۈتۈپ ياكى تۈگۈتۈش ئالدىدا تۇرۇپ، TOEFL ۋە GRE لاردا لاياقەتلىك نومۇر ئالغانلىقىڭىز سىزنىڭ بىر ھەم ئەقىللىق، ھەم تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇلارنى يەنە سۆزلەپ ئولتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
    داڭلىق كىشىلەرنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى ئارقىلىق PSرىڭىزنى باشلىماڭ: بۇمۇ دائىم ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال. نۇرغۇن بالىلار ئۆزىنىڭ PSرىنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىش ۋە بېشىدىلا ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن چەتئەللىك داڭلىق ئەربابلارنىڭ كىشىلەرگە تونۇش بولغان سۆز-ئىبارىلىرى بىلەن باشلايدۇ. بىراق بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز يازغان شۇ سۆز-ئىبارىلەرنى بەلكىم سىزدىن بۇرۇن نەچچە ئون ئوقۇغۇچى ئۆز PSرىدا ئىشلىتىپ بولغان بولىشى مۇمكىن. يەنى سىزنىككىگە كەلگەندە قارشى تەرەپ ئاللىبۇرۇن بۇ ئاتالمىش داڭلىق پەلسەپەۋىي سۆز-ئىبارىلەرگە نىسبەتەن قىلچىمۇ قىززىقىشى قالمغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر مەن شۇ كىشى بولۇپ، قولۇمدىكى PSلار ئىچىدىن توساتتىن بىرسىنىڭ نەۋائىينىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلانغان ماقالىسىنى كۆرسەم ئىنتايىن خۇشال بولۇپ قىزىققىپ ئاخىرىغىچە ئوقۇشۇم، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ چەتئەللىك تۇرۇپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتىگە نىسبەتەن شۇنداق چوڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇشۇم، ۋە بۇ ئوقۇغۇچىنى يۈزلىگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىسمى ئىچىدىن ئېسىمدە تۇتۇۋېلىشىم مۇمكىن. بىراق، كىيىنلىك ئاچقان PSلارنىڭ ئىچىدە يەنە كەينى-كەينىدىن ئون نەچچە، ھەتتا نەچچە ئون ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نەۋائىينىڭ ئوخشاش سۆزى بىلەن باشلانغان ماقالىسىنى ئوقۇغىنىمدا ئەڭ دەسلەپكى خۇشاللىق، ھەيران قالارلىق تۇيغۇلۇرىم يوقاپ، بىرخىل گۇمانى نەزەر بۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن.
    ئىنگىلىزچە سۆلەرنى خاتا يازماڭ: ئىنگىلىزچىدا Your Spelling Spells Your Futureدەيدىغان بىر گەپ بار. يەنى سىزنىڭ ئىملايىڭىز سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى يازىدۇ، دېگەن مەنىدە. كىممۇ ئىملا خاتالىقى، گراماتىكىلىق خاتالىقلارغا توشقان PSنى ئوقۇشنى خالىسۇن؟ شۇڭا يازغان PSرىڭىزدە ھەرگىزمۇ ئىنگىلىزچە سۆزلەرنى خاتا يازماڭ. ئۆزىڭىز يېزىپ بولۇپ قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ تۈزىتىڭ. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئانا تىلى ئىنگىلىزتىلى بولغانلارغا بىر كۆرسىتىپ تەكشۈرتكۈزۈڭ. شۇندىلا يازغان PSرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە ئىملا تۈپەيلى تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنالايسىز.
    ئاتالمىش "قېلىپ"لارنى ئىشلەتمەڭ: توردا نۇرغۇنلىغان PSقېلىپلىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دەل شۇ قېلىپلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان Personal Statementسىنى بىر-ئىككى سائەتتىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ. بىراق بۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسلىق خەۋپى خۇددى مەن ئۈستىدە ئېىيتىپ ئۆتكىنىمدەك، سىز ئىشلەتكەن شۇ قېلىپلارنى سىزدىن بۇرۇن قانچىلىكى قارشى تەرەپكە سۇنغانلىقىنى، سىز بىلەن تەڭ يەنە قانچىلىكى سۇنغانلىقىنى سىز بىلمەيسىز. شۇڭا بۇنداق يېنىكلىك، ياكى ئەخمىقانىلىق قىلماڭ. قارشى تەرەپ ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەتتا Personal Statementنىمۇ ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ يازمىغانلىقىنى بىلسە سىزنى يەنە قۇبۇل قىلارمۇ؟ شۇڭا ئەڭ ياخشىسى PSنى يەنىلا ئۆزىڭىز ئۆزگىچە ۋە نەپىس قىلىپ يازغىنىڭىز ياخشى. مېنىڭچە بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك PSيېزىپ چىقىشقا ئاز دېگەندىمۇ بىر ھەپتىدىن- ئىككى ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. مەن ئەينى چاغدىمۇ ئون ئىككى كۈن ئۆپچۆرىسىدە ئاندىن نۇرغۇن قىتىم تۈزۈتۈپ ئۆزگەرتكەن PSرىمنى تاماملىغان.


    تۆۋەندە مەن ئەينى چاغدا ئۆزۈم يازغان Personal Statementنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا سۇنىمەن. يازغان PSرىمدىكى شەخسى ئەھۋالىمغا تاقىلىدىغان، توردا ئاشكارلاشقا بىئەپ بولغان مەزمۇنلارنى مەن يۇلتۇز بەلگىسى ئارقىلىق ئالماشتۇرىۋەتتىم. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مېنىڭ بۇ يازغىنىمدىنمۇ مەلۇم "قېلىپ"ياساپ چىقىپ ئۆزىڭىز ئىشلىتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. چۈنكى مەن بۇندىن بۇرۇنمۇ مەندىن كىين ئوقۇغان باشقا نۇرغۇن بالىلارغا بۇنى بەرگەن ھەم بېرىپ كېلىۋاتىمەن. كىم بىلىدۇ، سىز ياساپ چىققان "قىلىپ"نى باشقا بىر قېرىندىشىمىزمۇ ياساپ بولدىمۇ. شۇڭا پەقەت پايدىلىنىڭ، بىراق ئاخىرقى PSرىڭىزنى يەنىلا ئۆزىڭىز يېزىپ چىقىڭ:

    7. مەن قانداق يازدىم؟

     

    Life holds many delightful surprises for the adventurous type - therefore it is with a sense of anticipation that I am applying to join your PhD program in ***. Being able to attend your university and earning a PhD degree with financial aid, will allow me to play my part in filling the huge gap that exists between what’s known and what is yet to be discovered. I chose this field of study because it is my passion and because I strongly believe that I have the potential to help build an extra step toward the advancement of ***. I strive to be an individual who will tackle new challenges with what’s learned and experienced; but most importantly, with an open-mind. Not only will this opportunity benefit me, but it will also aid China in its growth toward the advanced technology that is characteristic of America.
    Since I grow up in an ethnic Uyghur family with *** children who depended merely on ***, a strong sense of self-motivation toward success grained in my young character. At the age of nine, I started learning *** by myself, ***, ***, and in the year when I was ***, I started earning money as *** in my hometown. During the upcoming years, I also spent my time *** on weekends and vacations so that I could help my parents feed the family. Later on, I owned ***. Since then, I spent my spare time both on *** and ***. In my fourteenth, I started writing and designing my own ***, which was a miracle in my backward hometown. In the next year, I won my hometown a first prize in science competition in our province among middle school students, by ***. Although this was not a new contriving, however, it was a huge success for a fifteen-year old boy, demonstrated him the real essence of victory gained by his own hard work. This unique experience taught me the value of perseverance in pursuing my dreams and the intrinsic value of my dreams themselves. They are what make life interesting and worthwhile. With this conviction, I triumphed in the National University Entrance Examination and was selected to enroll at a best university in China, at which my major is among the top rank in our country. Motivated to build a solid foundation for my future research and study, I was fully immersed in academic training at campus. Looking back, I call it a kind of race or track event, but with some significant differences, in that I was the only participant and I had tried to better myself. I have determined never to let myself lose the competition of will against over-confidence.
    Creativity and imagination are necessary to ***…. ***. I am proud to say that with my gifted imagination and creativity, I’ve became the leading member of these research groups from the very beginning. ***, two of my research papers, under the topic of *** and *** were published in one of the best domestic scientific journals, and I'm also considering translating them into English and send them to some international journals. Besides, as a group leader with five members, I also won a *** Prize in *** Competition at our university in my *** year. Since our university enjoys a high level of prestige at this field throughout China, this competition, to some extent, represents the highest level of student competition in our country. Admittedly, I earned a *** Prize in the *** National *** Competition for College Students in my *** year. Moreover, as the group leader with nine members, I also successfully led my group gain the *** prize in the *** Systems Designing Competition, all of which also well demonstrated my leading, imagining and creating ability.
    Over the course of my academic career, I have striven to be a well-rounded and contributing member of my larger society through extracurricular involvement. I have been the ***, during which I greatly developed my charisma. Amidst my tight schedule, I also took my time ***
    Your university boasts a world-class faculty, coupled with advanced research facilities and a stimulating academic environment for graduates like me who would like to deepen their knowledge in this field of study. I feel I have a lot to offer your institution as a PhD candidate, and am committed to making positive contributions to your department and university. My good natured and friendly character allows me to get on with a myriad of people, and I am confident in using English in both written and spoken form. Western culture interests me a great deal, and I am sure that through hard work and diligence I can overcome any difficulties I may face. My desire to study *** burns deep and acceptance into your university will unquestionably assist me in raising the level of *** research and its applications. Since there were quite limited Uyghur students who were lucky enough to gain the chance of receiving western education, I strongly hope that I will have the opportunity to attend a graduate education at your university and after my graduation, go and play my personal role in improving the current backwater of my ethnic people. I therefore sincerely hope to obtain a PhD degree from your university. I await your careful consideration of my application for admission and financial aid with high hope and appreciation.

    Best wishes,
    Chushtash


    收藏到:Del.icio.us