-
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ San Francisco ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﻩﻙ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ. ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Venture Capitalist» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ «VC» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻼﺭ ﻛﯚﭖ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «Venture» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺪﻩ «ﺩﻩﺗﺘﯩﻜﺎﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﻙ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﺎﻳﻤﯩﺰ
-
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغانىدەك يىقىندا مىكسىكىدىن باشلانغان چوشقا يۇقۇملۇق زۇكىمى ئادەملەر ئارىسىدا تارقاپ، 28-
ئاپرىلغا قەدەر مىكسىكىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇقۇملۇنىشىنى، 150 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلىق مەلۇم. ئامرىكىدا بىر نەچچە شىتاتتا 100 ئەتىراپىدا ئادەمنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىغى مەلۇم بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا بەزى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا. بۇ قىتىمقى چوشقا زۇكىمىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى دەل شۇ 1918-يىلدا ئىسپانيەدىن تارقىلىپ، تەخمىنەن 100 مىلىيۇن ئادەمنىڭ ئولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان H1N1 تىپتىكى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بولغاچقا، پۇتۇن دۇنيادىكى نۇرغۇن دوۋلەتلەر، بۇ كىسەلنىڭ ئالدىن ئىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.
-
ئاۋسترالىيەدە مۇكاپات پۇلى: ۋەتەندىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىيالى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەممىدىن ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇكاپات پۇلى ئېلىپ كەلگەن ياخشى. بىراق، ئاۋسترالىيەدە مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئامېرىكىغا قارىغاندا سەل تەس، بولۇپمۇ ئىجتىما'ئىي پەنلەر ساھەسىدە ۋە ماگىستېرلىق ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق. بىراق سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق. ئادەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرەر مەكتىپىدە ماگىستېرلىقنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز، دوكتورلۇقتا مۇكاپات پۇلى ئېلىشقا يول ئېچىلىدۇ.
-
مەن "新东方" دا ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم:
ئۇلاردا ماتىريال تۇلۇق، لەكىن بۇ ماتىراياللارنى سىز ئۇ مەكتەپكە كىرمەيمۇ تاپالايسىز...جوڭگۇدىكى داڭلىق ئۇنىۋەرسىتي لارنىڭ BBS لىرىدا مەخسۇس چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋە ئىنگىلىز تىلىدىكى ئىمتاھان لارغا تەيارلىق قىلىش سەھىپىلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە http://gter.ce.cn/index.php دەك تور بەتلىرىدىمۇ ئىمتاھانغا قانداق تەيارلىق قىلىش پىلانلىرىدىن تارتىپ كىتاپ ئىسىملىرىغىچە ھەتتا بەزى كىتاپلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق نۇسقىلىرىدىن ، ئىمتاھان سۇئاللرىدىن تارتىپ بار، توردىن چۇشۇرۇپلا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. -
ھازىر TOEFL ئىمتاھانىنىڭ IBT( internet based test) شەكلى يولغا قۇيۇلدى. بۇ ئىمتاھاننىڭ بۇرۇنقىPBT (paper based test)تىن پەرىقى :
1. بۇرۇنقى structure قىسمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 2.speaking قوشۇلدى. 3. listeningقىسىمى تەسلەشتى. -
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ 3-4 ﻣﯧﺘﺮ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭙﻜﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺌﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺗﻮﺷﯘﻏﯘﭼﻰ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻰ San Francisco ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻏﯘﺯﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺩ Francisco San ﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻣﯘ ﭘﯘﺧﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﮕﻪﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
-
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 50 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ «ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗ ﭙﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩ ﻜﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪﺍ ﺑﯘ خىلدﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻗ ﺸﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Equal Opportunity Employer» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ، ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ «EOE» ﺩﻩﭘﻴﺎﺯﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﮔﯧﺰﯨﺘﻜﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯧﻼﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ «EOE» ﺩﻩﭘﻴﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ.
-
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺌﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻣﻰ 3 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
-
1-سوئال: ئىنگلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش
ئۇسۇلىچۇ؟
جاۋاب: يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس.
-
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻗﻼﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ، «ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ؟»، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ «ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﺋﯘﻳﻐﯘﺭ»، ﺩﯦﺴﻪﻡ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، «ﻫﻪ! ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟»، ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻘﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ
-
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ Davisﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﮕﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ، 1-ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﯨﻨﯩﯖﻴﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﻫﻪﻣﺪﻩﺭﻩﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ «Davistiki ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﻏﺎﻧﻤﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯖﺌﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ» ئىزاھلاپ قويۇپتۇ .
-
16. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺸﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﯖﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﯧﺴﻘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ، ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﭽﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯘ 2 ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﻟﺘﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ-ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﯓ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﺒﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.
-
ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» دېگەن سۆز 1915-يىلى باشلانغان ئوسمانىيلار ئىمپراتورلىقى مەزگىلىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەرمىنىيلەر ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
-
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻳﯧﺸﻰ 16 ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﻫﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ 40 ﺳﺎﺋﻪﺕ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ 20 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻫﺎﻟﺪﺍ McDonald ﻏﺎﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯨﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯗﺭ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ NASA ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺌﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
-
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻫﺎﺭﻣﺎﻱ-ﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺧﺎﻟﯩﺴﺨﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭﺩﯗﺭ.
-
Personal Statement،ئادەتتە قىسقارتىلىپ PSدەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن سىرت ئادەتتە يەنە Motivation دېگەندەك نامدىمۇ ئاتىلىدۇ. PS كۆپىنچە چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان بالىلارنىڭ كەلگۈسى مەكتەپ ئىلتىماسىغا ۋە قۇبۇل قىلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان، شۇنداقلا نۇرغۇن بالىلار بەكمۇ سەل قارايدىغان، ياكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن بىر ھالقا. مەن بۇ يازمامدا ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا PSتوغرىلىق ئىزدەنگەنلىرىمدىن كەلگەن تەجرىبىلىرىمنى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمەن، شۇنداقلا ھەربىر ئامېرىكا ۋە باشقا PS تەلەپ قىلىدىغان چەتئەل مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
-
ياتاقلىق مەكتەپ بىر مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يەنە بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىشقا فىزىكىلىق جەھەتتىن مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما، دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمى ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچى بار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي فىزىكىلىق ۋاسىتىلەرنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
-
(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)
مەن ئۇشبۇ يازمامدا Kangas خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. -
15. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ، ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ 2-ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ" ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻤﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ، ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ، ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ.
-
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﭽﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ
-
يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۈنلىرىم ئىنتايىن تىت-تىتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەن ئانا تىلنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپىدىكى رولى ھەققىدە يېڭى ماتېرىياللارنى كۆرگەنسېرى، ئانا تىل مەسىلىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ نەقەدەر يامانلىغىنى، نەقەدەر خەتەرلىكلىگىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن مۇشۇ خىلدىكى يازمىلارنى تېز-تېز تەييارلاپ تورغا يوللاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىزمىتىم باشقىچە جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىپ، بۇ ماقالىلەرنى تېز-تېز تەييارلاشقا ۋاقىت چىقىرىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن. -
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ: ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻝ-ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﯩﯖﯩﺰ؟ ﻣﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ 20 ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ
-
1999 -يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت
باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ ،2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى
«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى »(International Mother Language Day) قىلىپ
بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، «خەلقارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرلەش كۆپ خىل تىل ۋە
كۆپ خىل مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دۇنيا تىللىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.
-
ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ، ﺭﻭﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎ... -
13-ﺳﯘﺋﺎﻝ: ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ. ﻣﻪﻥ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﯨﺲ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ 2 ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﻗﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ -
مەن ئۆزەمنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى يازمامدا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆچمەن مىللەتلەر مائارىپى ۋە ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئاشۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا ئايرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
-
1-سوئال: مىنىڭ كەسپىم "Civil Engineering". ئامرىكىدىكىAmerican قايسى ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ كەسىپتىكى پروگرامىسى ياخشى، شۇنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاپ: مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى. بۇ بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ ۋاقىت كىتىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئوزىڭىز ئىنتىرنىت ئارقىلىق قىلسىڭىز. ئەگەر ئوزىڭىز ئوقۇشنى خالايدىغان شىتات (State) نى بىلسىڭىز، ئاشۇ شىتاتتىكى مەكتەپلەرنى ئىزدەشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز www.google.com غا كەرىپ، "University of California" دىسىڭىز، كالىفورنىيەدىكى 10 ئالىي مەكتەپنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ. سىز
-
ئىنگلىز تىلى بىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشىمىز ئۈچۈنلار كېرەك بولماي، يەنە ئاشۇ پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىمۇ بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىقىغا ئوخشاش پۇرسەتلەرنى Google دىن ئىزدەش. بۇ يەردە بۈركۈت ئۇستاز مىسال ئۈچۈن Google دىن ئىزدەپ كۆرسىتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، مەخسۇس مۇشۇنداق پۇرسەت ئۇچۇرلىرىنى تەمنىلەش مۇلازىمىتىدە بولىدىغان مەخسۇس شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرى بار. بىراق ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئىنگلىز تىلىدا. شۇڭا ئىنگلىز تىلى بۇ يەردە بەك ھالقىلىق ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىلمىدۇق، دېگەن گەپ، مۇشۇنداق پۇرسەتلەردىن قۇرۇق قالدۇق دېگەن گەپ. شۇڭا، مەيلى قاچان، قانداق كەسپتە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش بولسۇن، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ۋە كەسپىي بىلمىلەردە پۇختا ئاساس سېلىپ، كەلگۈسىدىكى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك
-
ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 5-بۆلۈم 2- قىسىم
ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ، 22 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﺎﻛﻼﯞﯨﺮ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ 5 ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎﻕ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ 27 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺑﺎﻛﻼﯞﯨﺮ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺳﺎ... -
بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر نەرسە، 60-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ،...