-
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻫﺎﺭﻣﺎﻱ-ﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺧﺎﻟﯩﺴﺨﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭﺩﯗﺭ.
-
ياتاقلىق مەكتەپ بىر مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يەنە بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىشقا فىزىكىلىق جەھەتتىن مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما، دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمى ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچى بار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي فىزىكىلىق ۋاسىتىلەرنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
-
(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)
مەن ئۇشبۇ يازمامدا Kangas خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. -
15. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ، ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺱ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ 2-ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ" ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻤﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ، ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ، ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ.
-
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﭽﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ
-
يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۈنلىرىم ئىنتايىن تىت-تىتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەن ئانا تىلنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپىدىكى رولى ھەققىدە يېڭى ماتېرىياللارنى كۆرگەنسېرى، ئانا تىل مەسىلىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ نەقەدەر يامانلىغىنى، نەقەدەر خەتەرلىكلىگىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن مۇشۇ خىلدىكى يازمىلارنى تېز-تېز تەييارلاپ تورغا يوللاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىزمىتىم باشقىچە جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىپ، بۇ ماقالىلەرنى تېز-تېز تەييارلاشقا ۋاقىت چىقىرىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن. -
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ: ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻝ-ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﯩﯖﯩﺰ؟ ﻣﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ 20 ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ
-
ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ، ﺭﻭﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎ... -
ﺑﯩﺰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ Davis ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ 1990-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1997-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ 7 ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﯩﻼ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺑﯩﻨﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋ...
-
مەن ئۆزەمنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى يازمامدا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆچمەن مىللەتلەر مائارىپى ۋە ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئاشۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا ئايرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
-
بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر نەرسە، 60-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ،...
-
قوش تىللىق مائارىپ (2):
«قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولۇشى كېرەك؟
ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
(بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئ... -
ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 5-بۆلۈم 1- قىسىم
12-ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ-ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺭﻭﻫﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯙﺯﻟﯩﻜﺴﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ-ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺭﯗﻫﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺸ... -
جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھازىر دۇنيا تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە موھتاج. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولۇپ، بۇ تىل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەيدۇ.
-
باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم: ئۇ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى... -
10.
ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ. ﺳﯩﺰﭼﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑ... -
ئەگەر سىز سول مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
ھەممە نەرسىنى ئانالىز قىلىسىز، ھەمدە يېڭى بىر ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات تەلەپ قىلىسىز.
مۇقىملىق بىلەن تەرتىپلىكنى ساقلايسىز.
قائىدە-تۇزۇم بويىچە ئىش قىلىشنى خالايسىز، ھەمدە تۈزۈلمىگە ماسلىشىسىز. -
ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە
ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىمەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم.
-
9. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳ... -
8 - ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺰ؟
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، 1-ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ "ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎ 2"، "ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﺷﺎ ﺋﯜﭺ"، ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺩﻟﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، "ﻗﯩﺰﯨﻠﺪﯨﻦ 3 ﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ، ﻳﯧﺸﯩﻠﺪﯨﻦ 4 ﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ"، ﺩﻩﭖ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ "3 ﻛﻪ 4 ﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎ، 7 ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ"، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯜﭖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻱ، ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺘﺎ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ.
-
) ) ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ. "ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ. ﺑﺎﻻﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ." ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﯩﺘﯩﻨﯩ...
-
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﻫﻪﺭ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻧﺴﯘ) ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻝ ﺋﯘﺭﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ "ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ" ﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﺎﻝ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ...
-
▲ مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «NASA» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان JPL دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇ... -
ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىقتۇر
ئەركىن سىدىق
2008-11-1
مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، "ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھورۇن"، "ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن... -
يۇقىرىقى 5 كاتېگورىيىدىن سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچىنى تاللاڭ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-، 2- ۋە 3- نى تاللايدۇ.(2) ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا سىز ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلىغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىڭ. ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ، ئەڭ ئاز بولغاندا بەشى بولسۇن.(3) ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپ ئىچىدىن، سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ مېڭىڭ
-
مەن ئۆزۈمنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن تېمىدىكى يازمامدا، يەنى مۇشۇ يازمىنىڭ 1بۆلۈمىدە، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «تالانت»، «ئىقتىدار»، «قىزىقىش»، «ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇش» دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم مۇھىم تەركىپلەر بار.
-
قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ؟
ئەركىن سىدىق 2007-يىلى 18-سېنتەبىر
1971-يىلى مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بىزگە خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ دەرسنىڭ ھەپتىلىك مىقتارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بىز بىر ھەپتىدە پەق... -
بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا، يەنى 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سېمىنار (ياكى ئىلمىي يىغىن) كە قاتناشتىم. بۇ سېمىنارنىڭ تېمىسى «برىنچى ئىشنى ئالدى بىلەن قىل» (ئىنگلىزچە «First things first») بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل شىركەتلەر ئۈچۈن مەخسۇس كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدا سېمىنار ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر شىركەتنىڭ خادىمى بىر سائەت دەرس ئۆتتى. بۇ سېمىناردا سۆزلەنگەن مەزمۇن ئەسلىدە سىتىۋېن كوۋەي («Stephen Covey») ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن بىر كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان 7 ئادەتنىڭ ئىچىدىكى 3-ئادەت ئىدى. بۇ كىتاب ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىسى « The 7 habits of highly effective people» بولۇپ، بۇ يەردىكى « highly effective people » دېگەن سۆزنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلەر» دېگەندىن ئىبارەت.