باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 


بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك تىما: مىللى كىيىم كىچەك كۈنى قىلامدۇق ؟

  • 1-مەن كىلەر يىل كۈزدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن بىر پاسپورت ئېلىۋالاي، دېگەن ئىدىم. لېكىن ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا چەت ئەلدىكى مەكتەپنىڭ بىر چاقىرىق قەغىزى بولمىسا پاسپورت ئالغىلى بولمايدىكەن.  چەت ئەلدىكى بىرەر مەكتەپتىن بىر چاقىرىقنامە ئەكەلتۇرۇشنىڭ ئاسان ئۇسۇلى بارمۇ؟

    جاۋاب: ئامېرىكىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «English as a Second Language (ESL) program» دەپ ئاتىلىدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرۇس بار بولۇپ، بۇ كۇرۇسنى ئاچقان بەزى مەكتەپلەر سىزگە بىر چاقىرىقنامە ئىۋەرتىپ بېرىش ئۈچۈن سىزدىن تۆۋەندىكى 3 نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ: (1) بىر تولدۇرۇلغان ئىلتىماس جەدىۋېلى (ئۇنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تولدۇرىسىز).  (2) بىر ئىقتىسادىي كاپالەت خېتى.  (3) يۈز دوللار (100 دوللار) ئىلتىماس قىلىش پۇلى.  ئەگەر مۇشۇ 3 نەرسىنى ھازىرلىسىڭىز، ئۇلار سىزگە بىر چاقىرىقنامە ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ.  مەن مۇشۇنداق مەكتەپلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى تاپتىم:

  • كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە جاۋاپلار GRE ۋە TOEFL - [سوئال-جاۋاپلار]

    -سوئال: مىنىڭ كەسپىم «بىناكارلىق قۇرۇلۇشى».  مەن GRE ئىمتىھانىسى بەرگەندە "”General GRE”" نى بېرىشىم كېرەكمۇ، ياكى "Subject GRE" نىمۇ؟
     
    جاۋاب: ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ GRE غا قويغان تەلىۋى ئوخشاش بولمايدۇ.  ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ ھەم شۇنداق.  شۇڭلاشقا سىز ئالدى بىلەن ئامەرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوزىڭىزنىڭ كەسپىگە توغرا كېلىدىغىنىدىن بىر-ئىككىنى تاللاپ، شۇ مەكتەپلەرنىڭ سىزنىڭ كەسپىڭىزدىكى تەلەپلىرىنى تەپسەلىي كۆرۈپ بېقىڭ.  مەكتەپ ئىزدەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى سەھىپىدە بار:


             logs/33906963.html

  • سوئال: قايسى كەسپلەردە ئوقۇغان ياخشى؟ قايسى كەسپلەردىن ئوقۇش مۇكاپات ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرىراق؟

    جاۋاب (بۈركۈت):America ئامېرىكىغا كېلىپ، بىرەر ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە ئوقۇماق ئاسان ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار بىلەن رىقابەتتە ئوقۇيدىغان گەپ، Englishئىنگىلىز تىلى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى. ئۇلار بىلگەن بەزى كىچىك تىللارنى سىز مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسەن بېرىلمەيدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكىلىقلاردىن ئاشمايدۇ. شۇڭا تەبىئى پەن، سانائەت پەنلىرىدە ئوقۇش، ئوقۇشقا

  • 1-سوئال: مېنىڭ تىل ئاساسىم ياخشى ئەمەس، مەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئاۋال تىل مەكتىپىدە ئوقۇپ، تىل سەۋىيەمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇسام بولامدۇ؟

    جاۋاب (بۈركۈت): نەزىرىيە جەھەتتىن بولىدۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. سەۋەپلىرى:
    (1) ھازىر "ئامېرىكىغا بېرىپ تىل ئۆگۈنىمەن" دەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئەلچىخانىسىدا ياكى جۇڭگۇ پاسپورتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى سىزنىڭ يىلدا كامىدا 200،000 يۈئەن چىقىم قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈش لوگىكىڭىزنى ئەلچىخانىدىكىلەر مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ.

  •  

     

    find1-سوئال: مىنىڭ كەسپىم "Civil Engineering". ئامرىكىدىكىAmerican قايسى ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ كەسىپتىكى پروگرامىسى ياخشى، شۇنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    جاۋاپ:  مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى. بۇ بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ ۋاقىت كىتىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئوزىڭىز ئىنتىرنىت ئارقىلىق قىلسىڭىز. ئەگەر ئوزىڭىز ئوقۇشنى خالايدىغان شىتات (State) نى بىلسىڭىز، ئاشۇ شىتاتتىكى مەكتەپلەرنى ئىزدەشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز www.google.com غا كەرىپ، "University of California" دىسىڭىز، كالىفورنىيەدىكى 10 ئالىي مەكتەپنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ. سىز

  • 1-سوئال: ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشقا قانچىلىك چىقىم كېتىدۇ؟

    جاۋاب (بۈركۈت): TOEFL, GRE, GMATقاتارلىق ئىمتىھانلارنىڭ (ئادەتتە) كامىنى 2 نى بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن 2،000 يۈئەندىن كۆپرەك پۇل كېتىدۇ. بۇ ئىمتىھان ھەققى بۇ ئىمتىھان ...
  • 1-سوئال: مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ، مائارىپ باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغۇم بار. لېكىن، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم توئەفل ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا يەتمەيدۇ.  شۇڭلاشقا، مۇمكىن بولسا ماڭا شۋېتسىيەدىن باشقا دۆلەتتىكى توئەفل نەتىجىسى تەلەپ قىلمايدىغان مەكتەپلەرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.

    جاۋاب: مېنىڭ ھازىرغىچە بىلىدىغىمغا ئاساسلانغاندا، توئەفل غا ئوخشاش رەسمىي ئىمتىھان تەلەپ قىلمايدىغان دۆلەتلەردىن شۋېتسىيەدىن باشقىسى يوق (TURKEYتۈركىيەنى ھەساپقا ئالمىغاندا). شۋېتسىيەمۇ مائارىپ باشقۇرۇش كەسپىدىكىلەردىن ئاشۇ ئىمتىھاننى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن

  • تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇش


    1-سوئال: مەن شۇ تاپتا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقويمەن، دەپ ئۇرۇمچىدىكى بىر تىل كۇرۇسىدا ئىنگلىز تىلى ئۈگىنىۋاتىمەن.  لىكىن مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ماڭا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقوش پۇرسىتى...
  • سوئال: تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۇپ بولۇپلا، ئامېرىكا ياكى باشقا چەت ئەللەردە ئوقۇغۇلى بولامدۇ؟

    جاۋاپ:  بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ مۇنداق ئۇچ پايدىسىز تەرىپى بار: (1) تولۇق كۇرۇستا ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەيدۇ.  شۇڭا بارلىق ئوقۇش چىقىمىنى ئوزىڭىز كۆتەرمىسىڭىز بولمايدۇ.

  • 1-سوئال: ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
     
    (1) پۇختا ئىنگىلىز تىلى ئاساسى بولۇشى، TOEFL, GRE, GMAT قاتارلىق ئىمتىھانلاردا ياخشى نومۇر ئېلىش كېرەك. 
  • كۆپ سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار (2) - [سوئال-جاۋاپلار]

    كۆپ سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار (2)

     


    سوئال: ئىنگلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟  ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىچۇ؟


    جاۋاب: يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىر ئادەمنىڭ ئۈن...
  • كۆپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ (1) - [سوئال-جاۋاپلار]

    سوئال:  ئىلتىماس پۇلى. مەن ئامېرىكىدىكى 4-5 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ باقاي دېگەنىدىم. ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى "ئىلتىماس پۇلى (Application Fee)" تەلەپ قىلىدىكەن. ئەگەر تەلەپ قىلسام ئۇلار مېنىڭ ئىلتىماس پۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتەرمۇ؟

    ...
  • ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

    بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز "مەن ئىنگلىز تىلىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆگەنسەممۇ بولامدۇ؟"، "ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا بارغىلى بولامدۇ؟"...