-
كۆپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاپلار - تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇش - [سوئال-جاۋاپلار]
تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇش
1-سوئال: مەن شۇ تاپتا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقويمەن، دەپ ئۇرۇمچىدىكى بىر تىل كۇرۇسىدا ئىنگلىز تىلى ئۈگىنىۋاتىمەن. لىكىن مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ماڭا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقوش پۇرسىتى يوقمىكىن، دەپ بەكلا ئەنسىرەۋاتىمەن. سىزنىڭچە ماڭا پۇرسات بارمىدۇ؟.ياكى ماڭا ئوخشاش چەت ئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بارلار ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنى چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان بىرەر دۆلەت بارمىدۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا نىمە قىلىشىم كېرەك ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق ئۇچۇرلار بولسا ماڭا يەتكۈزگەن بولسىڭىز . ياكى ئەڭ تۆۋەن خىراجەت بىلەن ئوقۇغىلى بولىدىغان كەسپىي مەكتەپلەر بولسىمۇ مەيلى ئىدى. ماڭا مۇشۇ توغرىسىدا يول كۆرسەتكەن بولسىگىز . دىمەكچىمەنكى، مېنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇيۇم چەت ئەلدە ئوقۇش ئىدى.جاۋاب: تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئوقۇش ئىشىدا مەن ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ تولۇقلاپ ئوقۇغىلى بولىدۇ. لېكىن بارلىق چىقىمنى ئۆزىڭىز كۆتىرىشىڭىز كېرەك. بۇ يەردە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەر ئوقۇيدىغان "ئوتتۇرا تېخنىكۇم" دېگەن مەكتەپلەرنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. لېكىن كەسپىي مەكتەپلەر بار بولۇپ، مەن بۈگۈن خېلە ئىزدەپ باققان بولساممۇ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى بىرەر كەسپىي مەكتەپنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭدا ئوقۇسىڭىزمۇ ھەممە چىقىمنى ئۆزىڭىز كۆتۈرىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ۋىزا بەرمەسلىگى مۇمكىن. شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلمەكچى بولسىڭىز، ئامېرىكىغا چوقۇم باشقا بىر يول بىلەن كېلىشىڭىز كېرەك.
توۋەندىكى تور بەتىدە بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئىنگلىزچە ئۇچۇر بار ئىكەن:
http://www.uscis.gov/portal/site/uscis/menuitem.5af9bb95919f35e66f614176543f6d1a/?vgnextoid=4e4496981298d010VgnVCM10000048f3d6a1RCRD&vgnextchannel=48819c7755cb9010VgnVCM10000045f3d6a1RCRD
http://www.broward.k12.fl.us/sbbcpolicies/docs/P5014.000.pdf
http://education-portal.com/foreign_trade_schools.html随机文章:
ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 11- بۆلۈم 2 -قىسىم 2009/05/25ئىزباساردىن بىلدۈرگۈ 2009/05/20يۇقۇملۇق زۇكام ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە 2009/05/03ئاۋىستىرالىيەدە ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار 2009/04/27
收藏到:Del.icio.us
评论
http://www.meripet.com/Soal/Soal02_bakalawr.htm
http://xjue.blogbus.com/
ئۇلىنىش قىلۋېلىڭ!