باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە جاۋاپلار - پاسپورت بىلەن ۋىزا - [سوئال-جاۋاپلار]

    كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە جاۋاپلار - پاسپورت بىلەن ۋىزا

    1-مەن كىلەر يىل كۈزدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن بىر پاسپورت ئېلىۋالاي، دېگەن ئىدىم. لېكىن ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا چەت ئەلدىكى مەكتەپنىڭ بىر چاقىرىق قەغىزى بولمىسا پاسپورت ئالغىلى بولمايدىكەن.  چەت ئەلدىكى بىرەر مەكتەپتىن بىر چاقىرىقنامە ئەكەلتۇرۇشنىڭ ئاسان ئۇسۇلى بارمۇ؟

    جاۋاب: ئامېرىكىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «English as a Second Language (ESL) program» دەپ ئاتىلىدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرۇس بار بولۇپ، بۇ كۇرۇسنى ئاچقان بەزى مەكتەپلەر سىزگە بىر چاقىرىقنامە ئىۋەرتىپ بېرىش ئۈچۈن سىزدىن تۆۋەندىكى 3 نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ: (1) بىر تولدۇرۇلغان ئىلتىماس جەدىۋېلى (ئۇنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تولدۇرىسىز).  (2) بىر ئىقتىسادىي كاپالەت خېتى.  (3) يۈز دوللار (100 دوللار) ئىلتىماس قىلىش پۇلى.  ئەگەر مۇشۇ 3 نەرسىنى ھازىرلىسىڭىز، ئۇلار سىزگە بىر چاقىرىقنامە ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ.  مەن مۇشۇنداق مەكتەپلەردىن تۆۋەندىكىلەرنى تاپتىم:

       Michigan Language Center  (http://www.englishclasses.com/app.htm): ئىلتىماس پۇلى 100 دوللار.
    Boston Academy of English   (
    http://www.bostonacademyofenglish.com/intensive/apply.htm): ئىلتىماس پۇلى 185 دوللار.

    مەن بۇرۇن بىر قىسىم ساۋاقداشلارغا يوقۇرقىغا ئوخشاش ئۇچۇرنى بەرسەم، ئۇلار مەندىن ئاشۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى.  يەنە بىر بەزى ساۋاقداشلار مەندىن مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.  مېنىڭ كۈندۈلۈك خىزمەت بىلەن تۇرمۇشۇم ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، ھازىر كۈنىگە 12 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپ ئاران دىگەندەك يېتىشىپ كېتىپ بارغان بولغاچقا، يوقارقىدەك ئىشلارنى مەن قىلىپ بېرەلمەيمەن.  شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن.


    2-سوئال: مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىمەن. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن پاسپورت بىجىرىۋالاي دېگەن(چەتئەلدە ئوقۇش خىيالىم يوق)،لېكىن توردىن شۇنچە ئىزدەپمۇ تور ئارقىلىق تىزىملاتسا چاقىرىق ئەۋەتىپ بېرىدىغان بىرەر مەكتەپنى تاپالمىدىم.(يېڭى زىنلاندىيەدىكى بىر مەكتەپنى تاپقان ، 2 ئاي بولدى چاقىرىقنى ئەمائىلدا ئەۋەتتى لېكىن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتمىدى،خەت يازساممۇ جاۋاپ يوق  )،شۇڭا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ تور ئارقىلىق تىزىملاتسا چاقىرىق ئەۋەتىپ بېرىدىغان بىرەر مەكتەپنىئىڭ ئادېرسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.  سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. 
    جاۋاپ (بۈركۈت): ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ تىل تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ چاقىرىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلتىماس جەدۋىلى تولدۇرۇپ، كامىدا 100 دوللار ئىلتىماس پۇلى تاپشۇرىسىز. ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ كامىدا 1 يىللىق بارلىق ئىقتىسادى چىقىملارنى كۆتىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان بانكا ئىسپات خېتى لازىم بولىدۇ. پۇلنىڭ مىقدارى 10 مىڭ دوللاردىن كۆپرەك بولۇشى كېرەك، ئادەتتە 100 مىڭ يۈئەن خەلق پۇلىنىڭ بانكا ئىسپاتى بولسا بولىدۇ. بۇ پۇل ئۆزىڭىزنىڭ ھىسابىدا بولسىمۇ ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ ھىسابىدا بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ۋەتەندە پاسپورت ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىدا بولغىنى ئەۋزەل. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋەتەندە جامائەت گۇۋاھلىقى ... ۋاھاكازالار ئۈچۈن يەنە بىرەر مىڭ يۈئەن پۇل كېتىشى مۇمكىن. مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن چاقىرىق ئالغىلى بولىدۇ. ئاندىن بۇ چاقىرىقنى مۇناسىۋەتلىك ج خ ئورگانلىرىغا ئاپىرىپ، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇرۇن بۇ يوللار بىلەن پاسپورت ئالغىلى بولاتتى، ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى، بىلمەيمەن. قىسقىسى، ئامېرىكىدا، توردا بىرەر جەدۋەلنى تولدۇرسىلا، ھەقسىز چاقىرىق ئەۋەتىپ بېرىدىغان بىرەر مەكتەپنى مەن بىلمەيمەن. چوقۇم بۇنداق مەكتەپ يوق دەپ ئىشىنىمەن. بۇ يول ئارقىلىق پاسپورت ئالساممۇ مەيلى دەپ ئويلىسىڭىز، يەنە ئۇچۇر يوللىسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىز ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان، نوپۇسىڭىز ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، نوپۇس ۋە كىملىكىڭىزنى شۇ يەردىكى ج خ ئورگانلىرىغا ئاپارسىڭىز، 2-1 ھەپتىدە پاسپورت ئالالايدىكەنسىز. باشقا ھىچقانداق رەسمىيەت، جۈملىدىن چەتئەلدىن كەلگەن چاقىرىق ۋە باشقا ھىچقانداق ھۆججەت لازىم قىلمايدىكەن.


    3-سوئال: پاسپورتنى قانداق ئالىمەن؟

    جاۋاب (بۈركۈت): ئامېرىكا ئالى مەكتىپىنىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، شۇ ئۇختۇرۇشنى، كىملىك، نوپۇسىڭىز قاتارلىقلار بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك ج خ تارماقلىرىغا ئاپارسىڭىز ئۇلار پاسپورت بېجىرىپ بېرىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلار، پەقەت كىملىكنى كۆتۈرۈپ بارسىلا پاسپورت ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا كەلگۈسىدە پاسپورتقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدىغانلار، ئوقۇۋاتقاندا، ئىچكىرىدىلا بېجىرىۋالغىنى ياخشى. بولمىسا دىيارىمىزدا بەزى ئىشلار سەل مۇرەككەپرەك.

    4-سوئال: پاسپورتقا ئۇيغۇرچە ئىسىمنى يازغۇزۇشنى يەنە ئازراق تەپسىلى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟

    جاۋاب (بۈركۈت): ئاۋال پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنى قولىڭىزغا ئالىسىز. ئاندىن يەنە ئاشۇ پاسپورت ئىلتىماس قىلغان ئورۇنغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بۇ پاسپورتۇمغا ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلەمنىمۇ قوشۇپ بېرىڭلار، مەن ئۇيغۇرچە ئىسمىمنىڭ لاتىنچە يېزىلىشىنى پىنيىن بويىچە ئەمەس، مۇنداق ئىشلىتىمەن دەپ ئايرىم ئىلتىماس يېزىپ، يەنە بىر جەدۋەل تولدۇرۇپ، پاسپورتىڭىزنى قوشۇپ بەرسىڭىز، بىرەر ھەپتە ئىچىدە قولىڭىزغا تېگىدۇ. ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلىنى پاسپورتنىڭ 1-بەتىدىكى رەسىم بار ئورۇننىڭ قېشىغا يېزىش مۇمكىن بولمىغاچقا، بۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلە پاسپورتنىڭ كېيىنكى بەتلىرىدىكى "ئەسكەرتىش" دىگەن بەتلىرىگە يېزىلىدۇ.  قېرىنىشىمىز ئانناكىنن ئەپەندىم\خانىم\خېنىم ئىنكاس قىلغاندەك، ھازىر يېڭى چىقىۋاتقان پاسپورتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى پاسپورتقا ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلىپ قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئوسمان مەمەت بولسا، بۇ ئىسىمنىڭ پىنيىنى WUSIMAN MAIMAITI بولىدۇ. دۆلەت رەئىسىمىزنىڭ تولۇق ئىسمى بولغان HU JINTAO دىگەن ئىسىمدىكىHUئۇنىڭ فامىلىسى، JINTAO ئۇنىڭ ئىسمى بولغاچقا بۇ ئوسمان مەمەت ئىسىملىك قېرىندىشىمىز پاسپورت ئالغاندا ئۇنىڭ ئىسمى پاسپورتتا مۇنداق:
    XING: WUSIMAN
    MING: MAIMAITI
    يېزىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ فامىلىسى ئوسمانغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ كېيىن بىزلەرگە نۇرغۇن بىھۇدە ئاۋارىچىلىقنى كەلتۈرۈپ بەرمەكتە.
    بۇ مەسىلىنى دىيارىمىزدا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. دىيارىمىزنىڭ خەلق ۋەكىللىرى مەركەزدىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
    مەن بۇنداق ئالماشتۇرۇپ يېزىشنىڭ دىيارىمىزنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ھۆرمەتلىك ئىسمايىل تىلىۋالدى جاناپلىرى، ھۆرمەتلىك نۇر بەكرى جاناپلىرىنىڭمۇ دىپلوماتىك ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتىدا قانداق يېزىلغانلىقىنى بىلىپ باققىم بار.

    5-سوئال: مەن بەزىلەردىن ئاڭلىسام، "ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشتە، ئۇلارنى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئېتىۋار قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋىزىنى خەنزۇلارغا قارىغاندا ئاسانراق بېرىدۇ" دەيدۇ. يەنە بەزىلەر، "ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا، ئامېرىكا تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى ۋە ئامېرىكىنىڭ تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارغا ۋىزىنى خەنزۇلارغا قارىغاندا تەستە بېرىدۇ" دەيدۇ. زادى بۇ گەپنىڭ قايسى راس؟

    جاۋاب (بۈركۈت): بۇ گەپنىڭ ھىچ قايسىسى راست ئەمەس، ھەممىسى يالغان. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتى سەۋەبىدىن، بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، كۇبا، شىمالى كورىيە، ئىران، سۈرىيە، سۇدان... قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىدۇ. بۇلار ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىگە كىرگەندىمۇ، ئۇلارغا بولغان نازارەت، كۈزىتىش ۋە تىزىملىتىش ئىشلىرى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. يەنە بىرى، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، بىئوخىمىيە... قاتارلىق بەزى كەسپلەر تېرورىزىمغا مەلۇم باغلىنىشى بار دەپ قارىلىپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ كەسپ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە كىشىلەرگە بولغان تەكشۈرۈش، نازەرەتلەر كۈچەيتىلگەن ئىدى. ھازىر بىر ئاز پەسەيگەندەك قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ كەسپلەردە ئوقۇۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا تۇققان يوقلاشقا بېرىپ، قايتىپ كېلىشىدە، ۋىزا ئېلىشى كۆپ قىيىنلىشىپ، ھەتتا 4-3 ئاي، بەزىلىرى 12-6 ئاي ساقلاپ قېلىپ، بۇ يەردىكى ئوقۇشى دەخلىگە ئۇچرىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا بولغان ۋىزا سىياسىتىگە كەلسەك، ئامېرىكىنىڭ "ھەممەيلەنگە تەڭ پۇرسەت بېرىش ئۆلچىمى (Equal Opportunity)" بويىچە، ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ۋىزىنى ئاسان بېرىدىغان ئېنىق بىر سىياسىتى يوق. ئۇيغۇرلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ۋىزىدا رەت قىلىنشقا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمۇ كۆپ بولغان. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش سىياسىتى خۇددى ئا ق ش پىرېزىدېنتى بۇش بۇرۇن شەرھىلەپ ئۆتكەندەك، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي ئۇرۇش بولماستىن، بىر سىياسىي، مەنپەت ئۇرۇشىدۇر. ئا ق ش مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولغان ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ كارزاي ھۆكۈمىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار بىلەن يەنىلا يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى تېرورىزىم، ئەل قايدە تەشكىلاتى ۋە بىن لادىن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇغىنى تولۇق چۈشەنگەن ئا ق ش ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىشىدا، ئۇيغۇرلارغا باشقا سۈنئى توساقلارنى پەيدا قىلمىغان. پەقەت ئۇيغۇرلارنى "نورمال، ئادەتتىكى" بىر جۇڭگو پۇقراسى دەپ قاراپ، باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. مەن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندا، "ئۆزەمنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق بىر ئىنسان" ئىكەنلىگىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە چىمەن دوپپا ۋە گۈللۈك كانۋاي كوينەك كىيىپ يۈز تۇرانە سۆزلىشىشكە باردىم. بىر ۋىزا ئەمەلدارى مېنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىگىمنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى، ئۆزىنىڭ ھەتتا قەشقەرگە ساياھەتكە بارغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈلگۈردى، لېكىن 15 مىنۇتلۇق جىددى سۇئال-سوراقتىن كېيىن رەت قىلىندىم. ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولغان ئىدى. كېيىن، 1 مىنۇتقا يەتمىگەن 2 سۇئال-سوراق ئارقىلىق ۋىزا ئالدىم.

    ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردىمۇ، ھەر مەۋسۈملۈك، يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىدا، ئىلتىماس ماتىرياللىرغا "ئېتىقادىم ئىسلام دىنى، مەكتەپ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى" دەپ تولدۇردۇم ۋە يازدىم. شۇنداقتىمۇ ھەر مەۋسۈم (بۇرۇنقى ئالغان تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن سىرت) ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ناھايىتى تېزلا ئېرىشىپ تۇردۇم. بۇ يەردە ھالقىلىق رول ئوينىغىنى مېنىڭ ئېتىقادىم، قاتناشقان ئۇيۇشمام مۇھىم بولماستىن، بەلكىم مېنىڭ دەرسلەردە ئالغان نەتىجىلىرىم مۇھىم رول ئوينىدى.

    شۇڭلاشقا، گېپىمنى خۇلاسە قىلسام، ۋىزا ئېلىش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىدا، ئا ق ش ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېتىۋار قىلىپمۇ كەتمەيدۇ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپمۇ كەتمەيدۇ. باشقىلار بىلەن "ئوخشاش" مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا باشقىلارغا "ئوخشاش" پۇرسەت بېرىدۇ.

    6-سوئال: مەن ياۋروپادىكى بىر مەكتەپتە ئىلتىماس قىلاي دىسەم، ئۇلارنىڭ تور بېتىدىكى ئىلتىماس جەدىۋېلى مېنىڭ پاسپورتىمنىڭ 1-بېتىنىڭ رەسىمىنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن تېخى پاسپورت بىجىرمىگەن بولغاچقا، ئۇنى ھازىرچە ماڭدۇرالمايدىكەنمەن. بۇ جەھەتتە ھەممە مەكتەپلەرنىڭ تەلىۋى ئوخشاشمۇ؟

    جاۋاب: مەن بۇرۇن بۇنداق تەلەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.  ئوزەمنىڭ پەرىزىچە كوپ سانلىق مەكتەپلەرنىڭ بۇنداق تەلىۋى يوق. شۇڭا سىز باشقا مەكتەپلەرنىڭ تەلىۋىگىمۇ قاراپ بىقىڭ.

    7-سوئال: ھازىر مەن ئامرىكىغا چىقىش ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئەگەر بۇقېتىم ۋىزا ئالالماي 拒签 بوپكەتسەم كېلەر قېتىملىق ۋىزا ئېلىشىمغا تەسىرى بولامدۇ(مەيلى ئامرىكا ۋەياكى باشقادۆلەتلەرگە) ؟ مەن قانداق تەييارلىقلارنى قىلسام بولىدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت.

    جاۋاب: ئەگەر ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن 1-قېتىم ۋىزا ئالالماي قالسىڭىز، كېيىنكى قېتىم يەنە ئامەرىكا كونسۇلخانىسىدىن ۋىزا ئېلىش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ. بولۇپمۇ ئەگەر ئۇلار سىزگە "ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىڭ بار ئىكەن" دېگەندەك سەۋەپ بىلەن 1-قېتىم ۋىزا بەرمەي قالسا، كېيىنچە ۋىزا ئېلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس.  لېكىن ئامېرىكا ۋىزاسىنى ئالالماي، كېيىنكى قېتىم باشقا دولەتلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىز، مېنىڭچە ئامېرىكىدىن ۋىزا ئالالمىغىنىڭىز ئانچە يامان تەسىر قىلمايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سالام ئۇكام ، گىپىڭىزگە سوغۇق ئىنكاس قايتۇرغىنىم ئەمەس ، لىكىن بۇنداق سوئاللارنى ئەڭ ياخشىسى شۇ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن سوراپ بىقىڭ ، ياكى چوڭلاردىن سوراپ بىقىڭ ، ئەركىن سىدىق ئەپەندىم چەتئەلدە ، بۇنداق ئىشلاردا ئەڭ ياخشىسى ۋەتەندىكىلەر ياخشىراق يول كۈرسىتەلەيدۇ ،
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەركىن سىدىق ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    ئاللا ئەزىز تىنڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن.
    مەن سىزدىن بىر سوئال سوراي دىگەن، مەن ھازىر شىنجاڭدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۋاتمەن.ئاللا خالىسا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا سودا قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.مېنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش نىيتىم يوق ئىدى. يەنە بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ئوقشۇم پۈتتىتى. ھازىر مىنىڭ نوپوسۇم مەكتەپتە،ئەممە ئۈزۈم ئاتۇش نۇپۇسى ئىدىم . ھازىر مەن ئۈرۈمچى نۇپۇسى بولۇپ پاسپورىت ئىلتىماس قىلالامدىم؟ ئەگەر قىلالىسام قانداق ئىلتىماس قىلمەن. پاسپورىت ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن نىملەرنى تەييارلايمەن؟
    akbarasan@126.com مانا بۇ مىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم .785822385 بۇ QQ، مۇشۇ ئىشتا ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
    سىزنى ئاۋارە قىلدىم . ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
    meripet回复ئويغان说:
    سالام ئۇكام: ئۈرۈمچى نوپۇسى بىلەن پاسپورت ئېلىش ئاتۇش نوپۇسى بىلەن پاسپورت ئېلىشقا قارىغاندا سەل ئاسانراق بولىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىشتا مەن سىزگە بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيمەن. كەچۈرۈڭ. تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://anatil.blogbus.com/logs/30523633.html
    2009-04-07 11:49:39