باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى -2باكالاۋرلىقتا ئوقۇش - [سوئال-جاۋاپلار]


    1-سوئال: تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۇپ بولۇپلا، ئامېرىكا ياكى باشقا چەت ئەللەردە ئوقۇغۇلى بولامدۇ؟

    جاۋاپ:  بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ مۇنداق ئۇچ پايدىسىز تەرىپى بار: (1) تولۇق كۇرۇستا ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەيدۇ.  شۇڭا بارلىق ئوقۇش چىقىمىنى ئوزىڭىز كۆتەرمىسىڭىز بولمايدۇ. (2) ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشقا قارىغاندا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىش ۋە ۋىزا ئېلىش سەل تەسراق.  (3) يېشىڭىز كىچىك، مۇستەقىل ياشاش تەجرىبىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز تۆۋەن بولغاچقا، چەت ئەلنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش مۇھىتىغا ماسلىشالماي قېلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يوقۇرى.  بۇ ئەھۋال قىزلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.  شۇنداق بولغاچقا، سىز ئەڭ ياخشىسى تولۇق كۇرۇسنى جۇڭگودا تاماملاپ، ئاندىن چەت ئەلگە چىقىپ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇڭ.


    2-سوئال: باكلاۋرلىقتىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولسام، بىر يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟

    جاۋاپ:  ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى شۇ مەكتەپ جايلاشقان شىتاتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ زور دەرىجىدە پېرق قىلىدۇ.  مەسىلەن، «New Mexico Highlands University» نىڭ بىر چەت ئەللىك باكلاۋر ئوقۇغۇچىسىدىن ئېلىنىدىغان يىللىق ئوقۇش پۇلى 5،400 دوللار بولۇپ، تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈنمۇ تەخمىنەن 5،000 دوللار كېتىشى مۇمكىن. «University of North Texas» نىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 13،210 دوللار، تۇرمۇش پۇلى 10،140 دوللار ئىكەن.  «California State University, Northridge» نىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 8،137 دوللار ئىكەن.


    3-سوئال: باكلاۋرلىقتىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئوقۇشتا، مەن يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئىشلەپ، ئۆزەمنىڭ ئوقۇش چىقىمىنى ئۆزەم كۆتىرەلەيمەنمۇ؟

    جاۋاب: ئامېرىكىدا ئۆز پۇلى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئىشلىشى قانۇنسىز بولۇپ، پەقەت مەكتەپ ئىچىدىلا ھەر ھەپتىسى 20 سائەت ئىشلەشكە يول قويىلىدۇ.  ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان سائەتلىك مائاش 8 دوللار ئەتىراپىدا.  ئەگەر سىزنى ھەر ھەپتىسى 20 سائەتتىن بىر يىلدا 52 ھەپتە ئىشلەيسىز، دەپ پەرەز قىلساق، سىزنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىشلەپ تاپىدىغان پۇلىڭىز 8خ20خ52 = 8،320 دوللار بولىدۇ.  لېكىن، رىقابەت، بايرام ۋە تەتىل دەگەندەك ئىشلار تۈپەيلىدىن، سىزنىڭ بىر يىلدا ئۇنچىلىك پۇل تاپالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.  بولۇپمۇ 1-يىلى تېخىمۇ شۇنداق: سىز تىلدا دېگەندەك ياخشى ئەمەس ۋە يېڭى مۇھىت بىلەن ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس بولغاچقا، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى يىلى مەكتەپ ئىچىدە ئىش تېپىشى بىر قەدەر تەسرەك.

    ماۋۇ تور بېتىدە ئەيتىلىشىچە، ف-1 ۋىزاسى بار (يەنى ئۆز پۇلى بىلەن ئوقۇيدىغان) چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ئىشلىسە بولىدىكەن (ئىنگلىزچە مۇنداق دىيىلىپتۇ: «You may be legally authorized to work in the United States while on a F-1 student visa.»):
    http://www.usastudentvisa.org/
    شۇنداقتىمۇ، يوقۇرىدا چۈشەندۇرۇلگىنىدەك، بىرىنچى يىلى ئۆزىنى قامدىغۇدەك پۇل تېپىپ ئوقۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

    4-سوئال: مەن ھازىر جۇڭگودا باكالاۋر ئۇنۋانى ئۇچۇن ئوقۇۋاتىمەن. ئەمما مەنىڭ باكالاۋر ئوقۇشىدىن باشلاپلا چەت ئەلدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

    جاۋاپ:  باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى جۇڭگودا ئوقۇغان كوپ ياخشى. بىرىنچىدىن، ھازىر سىز ئۇچۇن بۇ پۇرسەت يارىتىلىپ بولغان. پۇرسەت يارىتىش ئۇچۇن تىرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىككىنچىدىن، چەت ئەللىكلەر ئۇچۇن ئامەرىكىدا باكالاۋر ئوقۇشىدا ئىقىتىسادىي ياردەمگە ئەرىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، باكالاۋر ئوقۇشىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنىڭ ئوزىلا 10 مىڭ دوللاردىن يوقۇرى بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن، كالىفورنىيە شاتاتىدىكى "California State University, Northride" دىگەن مەكتەپنىڭ 2006-يىلى بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنىڭ ئوزىلا 11172 دوللار ئىكەن. بۇ ئۇچۇرنى توۋەندىكى تور بەتىدىن كورەلەيسىز:
                
    http://www.csun.edu/a&r/forms/pdf/affidavit.pdf
    ئامەرىكىنىڭ باشقا شىتاتلىرىدىن يىللىق ئوقۇش  پۇلى بۇنىڭدىن توۋەنرەك ئالىي مەكتەپلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 5000 دوللاردىن توۋەن مەكتەپنى تەپىش ئانچە ئاسان بولماسلىغى مۇمكىن.  شۇڭا چوقۇم ھازىرقى ئوقۇشىڭىزنى جۇڭگودا تاماملاڭ. ئەگەر قىزىقسىڭىز، توۋەندىكى تور بەتى ئارقىلىق ئامەرىكىدىكى ئالى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تەپسەلى كورەلەيسىز:
               
    http://www.petersons.com/ 

    مەنىڭ بىر تونۇشۇم جۇڭگونىڭ بىر داڭلىق ئالىي مەكتىۋىدە باكالاۋر ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئامەرىكىنىڭ بىر ئالىي مەكتىۋىنىڭ ماگەستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. ھەمدە ئىنگىلىزچە "Tuition Waiver" (ئوقۇش پۇلىنى كوتۇرۋەتىش)، "Teaching Assistantship" (ياردەمچى ئوقۇتقۇچى) ۋە "Research Assistantship" (ياردەمچى تەتقىقاتچى) دەپ ئاتىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىگە ئەرىشتى. لىكىن، بىيجىڭدىكى ئامەرىكىغا بارغاندا، ئۇ ئوقۇغۇچىغا ۋىزا بەرىلمىدى. كونسۇلنىڭ كورسەتكەن سەۋەبى "ئامەرىكىغا بارسا، قايتىپ كەلمەيدىكەن" دىگەندىن ئىبارەت بولدى. بىرىنچى قەتىملىق  ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كەيىن، بۇ ئوقۇغۇچى ئۇ ئامەرىكا كونسۇلخانىسىغا 3 ئاينىڭ ئىچىدە يەنە 2 قەتىم باردى. لەكىن كونسۇلخانا ئۇنىڭغا يەنىلا ۋىزا بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى ئامەرىكىدىكى ئوقۇشقا كەلەلمىدى. مەنىڭ بۇ ئەھۋالنى يەزىشتىكى مەقسىدىم، ھەرگىز ئامەرىكىغا كەلىپ ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ قىزغىنلىغىغا سوغۇق سۇ سەپىش ئەمەس. ۋىزا ئەلىپ، ئامەرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ۋە كەلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ خەلە جىقى بار. مەنىڭ بۇنى تىلغا ئەلىشىمدىكى سەۋەپ، ئەگەر سىز جۇڭگودىكى بىرەر ئالىي مەكتەپكە كەرەلىگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ ئوقۇش پۇرسىتىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، دىگەنلىكتىن دەرەك بەرىدۇ. ئامەرىكىدىكى ئوقۇش بولسا ھازىرچە ھەچ قانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. بىر ئادەم ھەرگىز كاپالەتكە ئىگە ئەمەس بىر ئىش ئۇچۇن كاپالەتكە ئىگە بولغان بىر ئىشتىن ۋاز كەچمەسلىك كەرەك. ئۇنداق قىلىش بىر چوڭ خاتالىق بولىدۇ. ۋەتەندىكى ھەر بىر ياشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى مەڭگۇ ئەسىدە تۇتىشىنى سورايمەن.
     

    5-سوئال: بەزىلەر باكالاۋر ئوقۇشىنى جۇڭگودا ئوقۇپ ئاندىن چەت ئەلگە چىقمىسا، ئۇ يەرنىڭ ئوقۇشىغا يەتىشكىلى بولمايدۇ دەيدۇ. بۇ راستمۇ؟

    جاۋاپ: كوپۇنچە ئەھۋالدا، باكالاۋر ئوقۇشىنى جۇڭگودا ئوقۇمىسىمۇ، چەت ئەلنىڭ ئوقۇشىغا يەتىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئوزى يەتىشەلەيدىغان سەۋىيىدىكى ئالى مەكتەپتىن بىرنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما، باكالاۋر ئوقۇشىنى جۇڭگودا ئوقۇۋەلىشنىڭ يوقۇرقىدىن باشقا چوڭ ئەھمىيىتى بار. ئۇ بولسىمۇ، چەت ئەلگە ماگەستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئۇچۇن چىقسا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئەرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئامەرىكىدا باكالاۋر ئۇنۋانى ئۇچۇن ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەچ قانداق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ياكى ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بەرىلمەيدۇ (ھەچ بولمىغاندا مەن ئۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باقمىدىم).  باشقا دولەتلەر قانداق، مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن.

    ئامەرىكىدا ماگەستەرلىق ئوقۇشىغا قارىغاندا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ياكى ئىقتىسادىي ياردەم پۇلىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتى جىق ياخشى.  شۇڭا، ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، ماگەستەرلىق ئوقۇشىنىمۇ جۇڭگودا ئوقۇۋەلىش جىق ئەۋزەللىككە ئىگە.  يەنى بۇ ئوقۇشقا يەتىشىپ مەڭىش-ماڭالماسلىق مەسىلىسى بولماستىن، چەت ئەلدە ئوقۇشتىكى ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلالاش-قىلالماسلىق مەسىلىسىدۇر.  ئەلۋەتتە، دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئادەتتە ماگەستەرلىق ئوقۇشىغا قارىغاندا جىق تەس بولىدۇ.  ئەمما ئۇ ھەرگىز كوپ سانلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچۇن يەتىشەلمەيدىغان دەرىجىدە ئەمەس.


    6-سوئال: مېنىڭ ئالى تېخنىكۇم (مەخسۇس كۇرس) دىپلومىم بار، مەنمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇيالامدىم؟  

    جاۋاب (بۈركۈت): ئەلۋەتتە ئوقۇيالايسىز. لېكىن سىز باشقا باكلاۋۇر ئۇنۋانى بارلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق 2 يول بار:
     (1) ۋەتەن ئىچىدە ئۆرلەپ ئوقۇپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئېلىش
    (2) توئەفل، گرە قاتارلىق ئىمتىھانلاردا، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق، يۇقۇرى نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. بۇ باسقۇچنى تاماملىيالىسىڭىز، ئامېرىكىدا بىر-ئىككى مەۋسۇم بەزى باكلاۋۇرلۇقنىڭ دەرسىنى ئوقۇپلا، كېيىن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلاپ كېتەلەيسىز. مەن ئاشۇنداق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۈم، يەنە كۆپلىرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدىم.


    7-سوئال: ئوقۇشنىڭ ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟  

    جاۋاب (بۈركۈت): يوق. لېكىن يېشى كىچىكلەر كامىدا باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ھازىرلىغان بولۇشى، يېشى چوڭلارمۇ مۇۋاپىق ياشتا ئوقۇغىنى ياخشى. قېرىغاندا ئوقۇغان ئوقۇش ياش ۋاقتىدا ئوقۇغاندەك بولمايدۇ.


    8-سوئال: بۇ ھەقتە تەپسىلى يېزىلغان بىرەر كىتاپ-ماتىريال بارمۇ؟
     
    جاۋاب (بۈركۈت): ئۇيغۇرچە ماتىرياللار تېخى يوق، لېكىن خەنزۇچە ماتىرياللار توردىمۇ، كىتاپخانىلاردىمۇ قۇم-كېپەكتەك تولا! خەنزۇچە ماتىريالدىن پايدىلىنالايدىغانلار، تۆۋەندىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتاپتىن پايدىلىنىپ تۇرۇڭلار: (بۇ كىتاپ شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرىستېتى تەرىپىدىن باش بولۇپ تۈزۈلگەن كىتاپ بولۇپ، بۇنى تۈزۈشكە ھەتتا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىمۇ قاتنىشىپتىكەن. مەزمۇنى بەك تەپسىلى، مۇكەممەل، يېڭى ئىكەن.)
    http://salam2001.googlepages.com/applyingguide2007.pdf
    "ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە"! "ھەر بىرىمىز بىر كۈچ، ناۋادا ھەممىمىز بىرلەشسەك، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولىمىز."


    9-سوئال: نىمە ئۈچۈن 10 ئەتراپىدا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىمىز؟ بىر مەكتەپكە ئىلتىماس قىلساق بولمامدۇ؟
     
    جاۋاب (بۈركۈت): ئامېرىكىنىڭ ئالى مائارىپىدا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرى ۋە قوبۇل قىلىش جەريانلىرىنى ھەر بىر مەكتەپ، ئايرىم-ئايرىم ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكىدەك مەركەزلىك، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش ئىشلىرى يوق. يەنى ھەر بىر مەكتەپ ئۆز ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە.  شۇنداق بولغان ئىكەن، ھەر بىر مەكتەپكە ئايرىم-ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بەزىدە ھەممىسى قوبۇل قىلمايدىغان، بەزىدە ھەممىسى قوبۇل قىلمايدىغان، يەنە بەزىدە، بەزىلىرى قوبۇل قىلىپ، يەنە بەزىلىرى رەت قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. سىز بىلەن تەڭ يەنە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئىلتىماس قىلىدىغانلار بار. بولۇپمۇ جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئەڭ كۆپ. مەكتەپلەرمۇ ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى، سىزمۇ ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىسىز. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ، ئورتاق، بىر-بىرىنى تاللىشىدۇر. ناۋادا بىرلا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسىڭىز، رەت قىلىنىپ كېتىش ئەھۋالى بولسا، شۇ يىللىق ئىلتىماسىڭىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. كۆپرەك مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىز، بىرسىدىن بولمىسا يەنە بىرسىدىن قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى كۆپ يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كۆپرەك مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسا ياخشى. لېكىن، ھەر بىر مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسىڭىز، 1000 يۈئەن ئەتراپىدا چەقىم بولىدۇ. نەتىجىسى نىمە بولۇشتىن قەتئى نەزەر، بۇ پۇل قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق ساندىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە 15-5 ئىچىدە بولسا، مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بەك ئاز بولۇپ قالسا، ئوقۇشقا بېرىش ئېھتىماللىقىڭىز كۆپ تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. بەئۆ كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزگە كۆپ ئىقتىسادى بېسىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    <>10-سوئال: مېنىڭ بىر دوستۇم بار بولۇپ ، ئۇ ئائىلسىدىكى بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيالمىغان. ھازىر تۇرمۇشى خاتىرجەم. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان بولسا بۇيىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللقىدا ئوقوۋاتقان بولاتتى. ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش.ئىتالىيەدە ئوقۇش قاتارلىق بىلىكتە كۆرگەن تىمالاردا ئاساسەن شەرتلىرى : تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشى،توئەفل، گرە، گمات قاتارلىق ئىمتىھانلاردا ياخشى نومۇر ئالغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگنىپتوئەفل، گرە، ئىئىمتانلىرىدىن ئۆتكۈدەك سەۋىيەدە. مېنىڭ سورىماقچى بولغۇنۇم ئۇ تولۇق ئوتتۇرانى چەتئەلدە ئوقۇسا بولامدۇ؟ تولۇقسىزغىچە ئوقۇغانلار قايسى شەرتلەرنى ئورۇندىغاندا چەتئەلدە ئوقۇيالايدۇ؟ 
    جاۋاب (بۈركۈت): چەتئەلدە ئوقۇشلا ئەمەس، ئاشۇ چەتئەلدە بىر كۈن بولسىمۇ ياشاپ بېقىش ئۈچۈن پۇل كېرەك، پۇل. پۇل مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەممە مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىر مەسىلە. ئەلۋەتتە، يەنە پۇل بولغانغىلا باشقا ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، پۇل، ئىقتىساد مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى. مەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، لېكىن مۇشۇ كۇلۇبقا كېلىپ، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى يازغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ ئۇچۇرلار ياپونىيە، مالايسىيا، كورىيە، گىرىتسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە، فرانسىيە ... قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلگە "تەييارلىقسىز، بەك ئالدىراپ، بەك بالدۇر چىقىۋالغانلىقى" نى يازدى. مالايسىيادىن كەلگەن ئۇچۇردا "مەن مالايسىياغا دەسسىگەن 1-كۈنىلا ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم" دەپ بار بولسا، كورىيەدىن كەلگەن ئۇچۇردا "مەن چەتئەلنى بەك ياخشى بىلىپ، ئاتا-ئانامغا قەرز ئالدۇرۇپ، شىركەتلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كەلگەن ئىدىم، ھازىر كورىيەگە كېلىپ، توختىماي ئىش ئىزدەۋاتقىلى 3 ئايدىن ئاشتى، ھەتتا بىرەر ئاشخانىدا، شىرە سۈرتىدىغان ئىشنىمۇ تېخى تاپالمىدىم" دىگەندەك گەپلەر بار.  چەتئەلگە چىققانلىق ھەرگىزمۇ راھەت تۇرمۇشنىڭ باشلانغانلىقى بولماي، جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ 1-قەدىمى بولىدۇ. بولۇپمۇ تېخى يېتەرلىك تىل ئاساسى ھازىرلىمىغانلار، كامىدا باكلاۋۇر ئۇنۋانى يوقلار ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوق ياكى ئاجىزلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. قەشقەردە ياكى غۇلجىدا تۇرۇپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ... لەرنى ئارزۇ قىلىپ بېقىشتىن بۇرۇن، يانچۇقىڭىزدا 500 يۈئەن پۇلىڭىز بار دەيلى، ئۈرۈمچىدە ھىچ قانداق ئۇرۇق-تۇققىنىڭىز، تونۇش-بىلىشىڭىز يوق ئەھۋالدا، ئۈرۈمچىگە بېرىپ بېقىشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ. تىل، تاماق جەھەتتە قىينالمىسىڭىزمۇ، ئەزەلدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ باقمىغان بىرسى بولسىڭىز، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېشىڭىزدىن قانداق كۈنلەرنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ بېقىڭ. 500 يۈئەن پۇلىڭىز بىلەن ئۈرۈمچىدە قانچە كۈن بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى، سىزنى نىمە تەقدىر-قىسمەتلەر كۈتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.

    سىزنىڭ دوستىڭىزدەك تىل ئاساسى بارلارنىڭ گېپىگە كېلەيلى، دوستىڭىزنىڭ تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى يوق ئىكەن. ئامېرىكىدا چەتئەللىكلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن، يىلىغا 10،000 دوللاردىن ئارتۇق ئوقۇش پۇلى تۆلەيدۇ، تاماق-ياتاق چىقىمى ئۈچۈنلا، يىلىغا، ئەڭ كامىدا 20،000-15،000 دوللار كېتىشى مۇمكىن. يەنى جەمىئى يىلىغا 30،000-25،000 دوللار كېتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە كامىدا 3 يىل ئوقۇدىڭىز دەپ ھىساپلىساقمۇ، بۇ پۇل جۇڭگۇ پۇلىغا 700،000-500،000 يۈئەن بولۇپ قالىدۇ. ئالى مەكتەپتىكى باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى تېخى ئويلاشمىدۇق. دىمەك دوستىڭىزنىڭ ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئاۋال 500،000 يۈئەن پۇلى بارمۇ، بار بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، 500،000 يۈئەن چىقىم قىلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئەرزىمدۇ دىگەن مەسىلىلەرنى ئويلىشىش كېرەك.

    ئامېرىكىدا، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش قاتارلىق ئوقۇشتا قىلچە ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغىلى بولمايدۇ (قۇدرەتجان ياقۇپنىڭ ئەھۋالى ئومۇمى ئەھۋال ئەمەس). بۇنداق ئوقۇش ئۈچۈن ھەر يىلى، ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 20،000-10،000 دوللار، تاماق-ياتاق چىقىمى ئۈچۈن يەنە ھەر يىلى كامىدا 20،000-10،000 دوللار كېتىدۇ. ئەمما تىل ئاساسى ۋە ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بارلار ئۈچۈن، ھەر يىللىق 20،000-10،000 دوللار ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، تاماق-ياتىقىنى قامداش ئۈچۈن قولىغا ھەر يىلى 20،000-10،000 دوللار مۇئاش بېرىدىغان ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پۇرسىتى بار. شۇڭا ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس باكلاۋۇرلۇق دىپلومىنى جۇڭگۇدا ئېلىپ بولۇپ ۋە تىل ئاساسىنى جۇڭگۇدا چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن ئامېرىكىغا كېلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش. مۇشۇ كۇلۇبتا تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان، مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىم، جېك ئەپەندىم ۋە مەن مۇشۇ يول، مۇشۇ پۇرسەت بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇغانلار.

    ئەمدى، ۋاقتىمنى جۇڭگۇدا ئىسراپ قىلغۇم يوق دەپ ئويلىسىڭىز، ھەم كامىدا 200،000-100،000 يۈئەن پۇلىڭىز بار بولسا، ھەم تالانتىڭىز، ئىقتىدارىڭىز خارۋارد ھەم ئۇيغۇر ئەركىسى قۇدرەتجان ياقۇپتەك بولسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى جۇڭگۇدا پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئامېرىكىدا باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. بۇ پۇل بىلەن بۇ يەردىكى 1-يىلىدىكى ئوقۇش چىقىمى ھەل بولسا، كېيىنكى يىللىرىدىكى چىقىم ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشقا تىرىشىپ كۆرۈش. يەنە بىر گەپ، ئىقتىدارىڭىز، تالانتىڭىز، بىلىمىڭىز ئوتتۇرا ھال بولسىمۇ، ناۋادا نەچچە ئون مىليون دوللار پۇلى بار دوللارچىنىڭ پەرزەنتى بولسىڭىز ياكى خوتەندىكى نەچچە يۈز مىليون پۇلى بار تاشچىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ قالسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز سىزگە يىلىغا 300،000-200،000 يۈئەن پۇل بېرەلەيدىغانلار بولسا، بۇ پۇل سىزلەر ئۈچۈن ئانچە كۆپ پۇل ھىساپلانمىسا، يۇقۇرقى گەپلىرىمگە پىسەنت قىلماي، بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. بۇ يەرگە كېلىپ، ئوقۇپ بېقىپ، كۆرۈپ بېقىپ، "بولسا بولا، بولمىسا ئىز پۇلى" دىگەندەك، ئىشلىرىڭىز يۈرۈشمەي قالسا، قايتىپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھازىرچە سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەلىدىممۇ بىلمەيمەن، يەنە چۈشەنمىسىڭىز يەنە ئىنكاس يېزىڭ، سۇئالنى تېخىمۇ تەپسىلى، ئېنىق يېزىڭ. مەن يەنە بىلگىنىم بويىچە جاۋاپ بېرىپ بېقىشقا تىرىشىمەن.

    11-سوئال: مىنىڭ ئەسلى يۇرتۇم خخخخخ. ھازىرقى مەدىنىيەت سەۋىيەم ئالىي تىخنىكۇم (ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئالغان). مەن ئەسلى يۇرتۇمدا مەلۇم بىر ئىككى يىلدەك خخخخخ خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولۇپ، خخخخ-يىلى شىتاتىم ساقلىنىپ قالىدىغان لىكىن مائاشنى ئالمايدىغانغا خىزمەتنى تاشلاپ قايتىپ چىققان ئىدىم.سەۋەبىمۇ دەل شۇ يۇقۇرىلاپ ئوقۇش سەۋەبىدىن ئىدى. مەن شۇنىڭدىن بىرى ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. مەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقىلى 7-8 يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەريانىدا ئاساسلىقى كومپيۇتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەنلا شۇغۇنلاندىم. ئۆزەمنىڭ قىزىقىشىممۇ پروگرامما لايىھىيلەش بولغاچقا خخخخ-يىلى خخخخخ نامىدا خخخخخخ شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىش باشلىغان ئىدىم. ئىشلىرىمىز ھازىر يامان ئەمەس كىتىۋاتىدۇ. لىكىن مىنىڭ نىشانىم: كومپيۇتېر كەسپىدە ئامىرىكىنىڭ بىرەر داڭلىق مەكتىپىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىدى. ئىنگىلىز تىلىنىمۇ خىلى ئۇزۇندىن بىرى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەمدى مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: مىنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەت سەۋىيەم ئاساسىدا (ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانى ئارقىلىق ئىرىشكەن ئالىي تېخنىكۇم دىپلۇمى) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە كومپيۇتېر كەسپىدە يۇقۇرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلاش كىرەك. ھەم قانداق جەريانلارنى باشتىن كۈچۈرۈشۈم كىرەك. موشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. مىنىڭ پىلانىمدىمۇ ئىنگىلىز تىلىدىم ئىلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىمتاھانلارغىمۇ يىتەرلىك تەييارلىق قىلشقا ۋە بەلگىلەنگەن نومۇرنى ئىشلىشقا كۆزۈم يىتىدۇ. ھەم ئوقۇش پۇلى جەھەتتىمۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئالالىشىمغا كۆزۈم يىتىدۇ. پەقەت ھازىر ماڭا زۈرۈر بولشىنى ھازىرقى شارائىتىم ئاساسىدا مەقتىسىمگە يىتىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولىنى تىپىش ئىدى. شۇڭا موشۇ جەھەتتە ياردىم قىلىشىڭىزنى سورايمەن.

    جاۋاپ (بۈركۈت): ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئالى تېخنىكۇم ئۇنۋانى ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا يېتەرلىك بولمايدۇ. مەن سىزگە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بېرەي:

     [1] سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا، ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشتىكى زۆرۈر ئىمتىھانلارنى بېرىپ، ئوقۇشقا كېلەلىشىڭىز ئۈچۈنمۇ كامىدا 2 يىل ۋاقىت كېتىدىغاندەك پەرەز قىلدىم. سىز بۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئامال بار ئۈرۈمچىدە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ. بۇنى ئىمتىھان ياكى يىراقتىن ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەس، رەسمىي دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ، دەرس ئاڭلايدىغان ئوقۇشقا كىرىشكە تىرىشىڭ. مۇشۇنداق ئوقۇش ئارقىلىق كامىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ھازىرلاڭ.

    [2] ئىنگلىز تىلىنى بەك جىددى تۇتۇپ ئۆگىنىڭ. قانچە تېز توئەفل، گرە قاتارلىق ئىمتىھانلارنى بېرىپ، لاياقەتلىك، بولسا يۇقۇرى نومۇر ئېلىشقا تىرىشىڭ.

    [3] ئوقۇۋاتقاندا، چوڭ ياشتىكى ساۋاقداشلىرىڭىز ۋە ئويۇن تاماشادىن يىراق تۇرۇڭ. كومپيۇتېر كەسپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشتىكى بۇرۇن ئۆتۈلگەن ئاساسلىق دەرسلەرنى تەكرار قىلىشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.

    [4] 3-2، ياكى ئەڭ كامىدا 1 پروگرامما تۈزۈش تىلىنى پۇختا ئىگەللەڭ. كۆپ پروگرامما تۈزۈپ، كۆپ مەشق قىلىپ بېقىڭ.

    [5] كومپيۇتېر كەسپىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ بولغاچقا، بۇ كەسپتە مۇكاپات ئېلىش رىقابىتى بەك كەسكىن. شۇڭا ئامال بار سىز بىلەن تەڭ ئىلتىماس قىلغانلارنى بېسىپ چۈشەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقلار سىزدە بولۇشى كېرەك. بۇرۇنقى شىركەت قۇرغان ۋە ئىشلىگەن تارىخىڭىز بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدۇ. مەسىلەن. ئالغان ئىمتىھان نەتىجەڭلەر ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا، سىزدەك ئۆزلىكىدىن ئوقۇش ئىمتىھانىسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن مەخسۇس كۇرس دىپلومىغا قارىغاندا چىڭخۇئا ئۇنۋېرىستېتىنىڭ مۇنتىزىم باكلاۋۇر ئوقۇش دىپلومى ۋە ئۇنۋانىنىڭ ۋەزنى ئېغىر توختايدۇ، سىزنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ۋە مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىڭىز مۇشۇ سەۋەپتىن باشقىلاردىن تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. لېكىن گرە ئىمتىھانىسىنىڭ كومپيۇتېر كەسپى ئىمتىھانىسىنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نومۇر ئالالىسىڭىز، بۇ سىز ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق.

    [6] دەسلەپتە ئوقۇشقا كىرىشتە، كومپيۇتېر كەسپىنىلا ئويلاشماي، باشقا مۇناسىۋەتلىك، ئوقۇشقا كىرىش ۋە مۇكاپات ئېلىش ئاسانراق بولغان كەسپلەر، مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا دىگەندەك، گە ئىلتىماس قىلىپ، ئوقۇشقا كىرىۋېلىپ، ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن مەكتىپىڭىزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە ئالماشسىڭىز بۇمۇ سىز ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان بىر تاللاش يولى.

     

    12-سوئال: مەن بىر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى. لەكىن، مەن بۇ ئوقۇشنى داۋاملىق ئوقۇماي، ئىتالىيەگە بەرىپ شۇ يەردە تولۇق كۇرۇستىن باشلاپ ئوقۇيمىكىن، دەيمەن. لەكىن، چاتاق يېرى: (1) مېنىڭ ئوقۇشۇم تېخى پۈتمىدى، شۇڭا ئوقۇشتىن چىكىنىشىمگە توغرا كېلىدىكەن. (2) ئۇ يەردىكى مەكتەپ قانداقراق مەكتەپ، كەسىپلىرىچۇ، قايسى كەسىپنى تاللايمەن، بىرىنچى يىللىق ئوقۇش پۇلىنى قانداق ھەل قىلىمەن؟ دېگەندەك مەسىللەردە بەك گاڭگىراپ قالدىم.  شۇڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.

    جاۋاب: سىزنىڭ ھازىرقى ئوقۇش ئورنىڭىز سىز ئىرىشىپ بولغان پۇرسەت ھېساپلىنىدۇ. ئىتالىيەدىكى ئوقۇش بولسا بۇنىڭدىن كېيىن قولغا كەلتۈرىدىغان پۇرسەت بولۇپ، ئۇ پۇرسەت چوقۇم قولغا كېلەمدۇ-يوق، ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا باكالاۋر ئۇنۋانى يوقلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلىشى ھەمدە چەت ئەلدە خىزمەت تېپىپ ئىشلەيىلىشى تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەرگە قارىغاندا جىق قىيىنغا توختايدۇ.  شۇڭلاشقا، مېنىڭ سىزدەك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغان تەكلىۋىم: ئالدى بىلەن ھازىرقى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاڭ. ھەمدە شۇ جەرياندا كېيىنكى پۇرسەت ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاڭ. 


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەنمۇ بىر بىلۇگ توردىن ياساي دىگەن بىراخ ئۇيغۇچە قىلالمىدىم قانداق قىلسام
    ئۇيغۇرچە قىلىمەن ياردەم قىلغان بولسىڭىز ،سىىز گە چوڭقۇر رەخمەت ئىيتقان بولاتتىم
    تىلفۇن نۇمۇرۇم:15886808294
    رەخمەت سىزگە،

    http://sayramsoft.blogbus.com/