باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى - تىل ئوقۇش يولى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش - [سوئال-جاۋاپلار]

    كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى - تىل ئوقۇش يولى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش

    1-سوئال: مېنىڭ تىل ئاساسىم ياخشى ئەمەس، مەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئاۋال تىل مەكتىپىدە ئوقۇپ، تىل سەۋىيەمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇسام بولامدۇ؟

    جاۋاب (بۈركۈت): نەزىرىيە جەھەتتىن بولىدۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. سەۋەپلىرى:
    (1) ھازىر "ئامېرىكىغا بېرىپ تىل ئۆگۈنىمەن" دەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئەلچىخانىسىدا ياكى جۇڭگۇ پاسپورتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى سىزنىڭ يىلدا كامىدا 200،000 يۈئەن چىقىم قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈش لوگىكىڭىزنى ئەلچىخانىدىكىلەر مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇلار سىزنىڭ راستچىل گېپىڭىزگە، ئۇلۇقۋار مەقسەدلىرىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ. سەۋەپ جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تەرەققى قىلىپ، تېخى ئۇ سەۋىيىگە بارمىدى. ناۋادا سىز ئايدا مىليون دوللار پۇلنى قورقماي سەرپ قىلالايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بولغان بولسىڭىز، بۇنىڭدا مەسىلە يوق ئىدى.
     (2) ئامېرىكىدىكى تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى كامىدا ھەر ئايدا $1000 دوللار، ياخشىراق مەكتەپلەرنىڭ$3000-2000 دوللار. بۇنىڭغا ھەر ئايدا كېتىدىغان $2000-1000 دوللار تاماق، ياتاق پۇللىرىنى قوشقاندا، ئېيىغا $5000-2000 دوللار بولىدۇ. دىيارىمىزدا ھەر ئايدا 2000 يۈئەن چىقىم قىلىپ، ئېرىشىش مۇمكىن بولغان شارائىتنى ئېيىغا 40،000-15،000 يۈئەن تۆلەپ ئېرىشىمەن دىسىڭىز، ئۇنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ.
     (3) ئامېرىكىدا تىل ئۆگەنسە ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. بۇ قارىشىڭىز قىسمەن توغرا بولۇپ، ئاڭلاش، سۆزلەش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسى بار. لېكىن ئوقۇش، يېزىش، گىراماتىكا بىلىملىرىنى بۇ يەردە پۇختا ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىل بىلىملىرىنى يەنىلا جۇڭگۇدا ياخشى، پۇختا ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

     

    2-سوئال: مەن چەت ئەلگە چىقىپ، ئالدى بىلەن 1-2 يىل چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ، ئاندىن بىر كەسپتە ئوقۇي دېگەنىدىم.  سىز بىلىدىغان، تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۇلى تۆۋەن ياكى تىل مەكتىپىگە ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغان بىرەر چەت ئەل دۆلىتى بارمۇ؟  ئۇ ناھايىتى كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ مەيلى ئىدى.  ئەگەر تىل ئوقۇش پۇلى تۆۋەن بولسا، بىرەر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئۆزۈم تۆلەيتتىم؟

    جاۋاب: ھازىر دۇنيادا پەقەت تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرلا باشقا دۆلەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىل ئۆگىنىشكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئالىدۇ. ھەمدە بۇنداق ئوقۇش پۇلى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا، ئەگەر چەت ئەل تىلىنى چەتكە چىقىپ ئۆگىنىمەن دېسىڭىز، چوقۇم بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىشىڭىز كېرەك. مەن بىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، يۇقىرىقىدەك قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار دۆلەتتىن پەقەت بىرىلا بار. ئۇ بولسىمۇ ياپونىيەدىن ئىبارەت. پەقەت ياپونىيەدىلا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئوقۇش چىقىمى بىلەن تۇرمۇش چىقىمىغا چۇشلۇق پۇل تېپىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ياپون تىلى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بار. شۇڭا ئاشۇ يول توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىڭ.  ياپونىيەگە چىقىش ئۈچۈنمۇ، كەم دېگەندە تۆۋەندىكى 2 شەرتنى ھازىرلىشىڭىز كېرەك:  1) دەسلەپكى ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا خىراجەت ئۈچۈن، 3000 دوللاردىن 5000 دوللارغىچە پۇلىڭىز بولۇشى كېرەك.  2) ياپونىيەدە سىزگە مەكتەپ ئالاقىلىشىپ بېرىدىغان، ۋە دەسلەپتە سىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بىرەر تونۇشىڭىز بولۇشى كېرەك.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەرىپەت بلوگىنى باشقۇرغۇچى دوسىتلار ! سىلەرنىڭ ئالىم ئەركىن سىدىقىنىڭ ماقالىلىرىنى داۋامىلق يوللاپ مەرىپەت بلوگىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر بلوگ بولشىغا ئاساس سالغىنىڭلار ۋە ئەسەرنىڭ مۇتلەق ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىبولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ۋە يىقىندا ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ئىلان قىلىنغان دوستانە ئۇلىنىش قىلىش شەرىتلىرىگە تولۇق چۈشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن مەرىپەت بلوگىنى ئۇيغۇرتېكىن بلوگى دوسىتانە ئۇلىنىشىدىكى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇلدى . سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ قىلىشىڭلار ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدىن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى .