-
شۋېتسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى - [چەتئەلدە ئوقۇش]
شۋېتسىيەدە ئوقۇشقا ئائىت باشقا ئۇچۇرلار شۋېتسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى سالام دوتلار: تۆۋەندىكى ماتەرىيالنى ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز كەلگۈسىدە شۋېتسىيەدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا بىر ئاز پايدىسى تىگىپ قالار، دېگەن مەقسەتتە تەييارلاپ، ماڭا ئىۋەرتىپتۇ (سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت). بۇ يازمىدا خېلە كۆپ ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. مەنىڭ ئۇلارنى تۈزىتىپ چىقىشقا ۋاقتىم بولمىغاچقا، ئۇنى شۇ پېتىلا چىقىرىپ قويدۇم. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ بۇ يازمىنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىپ چىقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ۋە ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۇمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئەركىن سىدىق. (مەن ئوزۇمنىڭ بىرلىككە كەلگەن كومپيۇتىر يىزىقىنى ئۇقمىغانلىقىم ئۇچۇن بۇ خەتنى ئوزۇمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە يىزىۋەردىم ،شۇڭا سىز بۇنى ئوقىغاندا سەل قىيلىنىشىڭىز مۇمكىن،بۇنىڭ ئۇچۇن سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن،كەچۇرۇڭ!) ئالدى بىلەن سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي ،سىز بۇ يەرگە نىمە ئۇچۇن چىقماقچى،سىزنىڭ چەتئەلگە چىقىشتىكى مۇدايىڭىز نىمە،سىز نىمە ئۇچۇن چەتئەلگە چىقىپ ئوقىماقچى بوپ قالدىڭىز،ئوچۇخ پۇتتۇرگەندىن كىيىن نىمە قىلماقچى،ئارزۇيىڭىز ۋە غايىڭىز نىمە؟ ئەگەر يۇقارقى سۇئاللارغا نىسبەتەن كاللىڭىزدا ئىنىق بىر جاۋاب بولمىسا ھەم ئۆيىڭىزدىكىلەر ۋە باشقىلارنىڭ مۇشىنىڭغا ئوخشاش سۇئاللىرغا قانائەتلەنگۇدەك جاۋاب بىرەلمەي يۇرۋاتقان بولسىڭىز ،ئەڭ ياخشىسى چىقماڭ.چۇنكى سىز بۇنىڭ ئۇچۇن تەييار بولماپسىز بەلكى چەتئەلگەا ھەۋەس قىلىدىكەنسىز خالاس. مىنىڭچە چەتەلگە چىقىپ ئوقۇش بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىنتايىن يۇقىرى سوممىلىك مەبلەغ سىلىنغن بىر قىتىملىك سودىغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭدىن پايدا ئىلىش ياكى زىيان تارتىشىڭىز ئالدى بلەن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاندىن ئوزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولىدۇ، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۇچۇن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغىپ كەلگەن بارلىق پۇلىنى مەبلەغ سىالىدۇ (كاتتا باي ياكى ئايدا تۇمانلاپ پۇل كىرىپ تۇردىغان رەھبەرنىڭ پارازىتى بولمىسىڭىزلا شۇنداق.)،شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئۇچۇن ياخشى ئويلىنىپ ئاندىن قارار قىلىشىڭىزكىرەك .ھەرگىزمۇ خەقنى دورايدىغان ياكى مۇنداقلا قىزىقىش ئۇچۇنلا بۇ يولنى تاللىماڭ. ئوزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىمىسمۇ ئائىلىڭىزدىكلەرگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. ئەگەر سىزنىڭ تىل نەتىجىڭىز بولمىسا ئالدى بىلەن توفۇ ياكى ياسى ئىمتاھاندىن خالىغان بىرىنى بىرىڭ. ئەگەر ئىنگىلىزچە نەتىجىڭىز بار ھەم يۇقارقى مەسىلىەر ئۇستىدا ئويلىنىپ بولغان بولسىڭىز ئەمدى ئوزىڭىزنىڭ قايسى كەسىپتە ياكى قايسى يولنىشتە ئوقۇماقچى بولغىنىڭىزنى ئويلىشىڭ ،ئۇنى بىكىتىپ بولغاندىن كىيىن توردىن شۇ كەسىپلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىردىغان دولەتنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ بىقىڭ،ئۇنداق ئۇچۇرلارنى ئادەتتە گوگىل دىن ئىزلىسىڭىز بىر دەمدا بار ياكى يوقلىقىنى تاپالايسىز.ئەگەر بولسا ئالدى بىلەن شۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىڭ ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ يەرگە ئىلتىماس قىلىڭ.ئامالى بولۇڭ،ھەرگىز بىر دولاتكە چىڭ چاپلىشىۋالماڭ(بۇ مىنىڭ شاخسەن قارىشىم)،پۇل تولەپ ئوقۇغاندىن ،ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئىپ ئوقىسىڭىز بىرى ئائىلىڭىزگە يۇك بولمايدۇ ئىككىنچىسى ئىشلەيمەن دەپمۇ جاپا تارتمايسىز. ئۇنداق يەرلارنى تاپالمىسىڭىز ھەم تاپسىڭىز ئوخشاشلا شىۋىتسىيە ياكى نورۋىگىيە(http://www.studyinnorway.no/) دىكى مەكتەپلەرگىمۇ ئىلتىماس قىپ قويۇڭ، كىيىن تاللاش يولىڭىز كوپ بولىدۇ(نورۋىگەيە مۇ ھەقسىز،ھەم نۇرغۇن كەسپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار). شىۋىتسىيەگە ئىلتىماس قىلىدىغان ۋاختىڭىزدا ئالدى بىلەن http://www.studyinsweden.se/templates/cs/Article____5001.aspx بۇ بەتنى ئىچىپ تەكشۇرۇپ بىقىڭ ،سىز ئارزۇ قىلغان كەسپكە ياكى يىقىن كىلىدىغان كەسىپكە مۇكاپات بىردىغان مەكتەپ بارمىكىن .ئەگەر بولمىسا(بولسىمۇ) .توۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بىلەن تىزىملىتىش ۋە ئىلتىماس كىلىشنى باشلاڭ. 1.ئالدە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىك تور بىتىنىڭ ئىڭگىلىز بىتىنى ئاچىمىز https://www.studera.nu/studera/241.html
يۇقارقى بەتنىڭ سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن your pagesدىگەننى تاللايمىز،ئۇنى ئاچساق تۆۋەندىكىدەك بەت ئىچىلدۇ. Create a user account دىگەننى تاللايمىز.
يۇقارقى باسقۇچنى بىسىپ بولغاندىن كىيىن بىز رەسمى تىزىملاش باسقۇچىغا كىرىمىز .سىز بۇ باسقۇچتىن باشلاپ ئەستايىدىل يىزىڭ.چۈنكى بۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئۇچۇرلىرىڭىز بولىدۇ ،E-mailئادرىسىڭىز ئاددى ۋە ئىلمى بولسۇن ،قالايمىقان يازماڭ
收藏到:Del.icio.us
评论
بەكمۇ ياخشى يازمىلاركەن . بۇلارنى بىلوگۇمغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەم بولامدۇ ؟ بۇ ئەلۋەتتە بۇ يازمىلاردىن تىخىمۇ كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەردار بولىشىنى مەقسەت قىلىدۇ.
مىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن..
http://yazay.blogbus.com