باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە جاۋاپلار GRE ۋە TOEFL - [سوئال-جاۋاپلار]

    كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە جاۋاپلار  GRE   ۋە TOEFL

     

    TOEFL ۋە   GRE

    1-سوئال: مىنىڭ كەسپىم «بىناكارلىق قۇرۇلۇشى».  مەن GRE ئىمتىھانىسى بەرگەندە "”General GRE”" نى بېرىشىم كېرەكمۇ، ياكى "Subject GRE" نىمۇ؟
     
    جاۋاب: ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ GRE غا قويغان تەلىۋى ئوخشاش بولمايدۇ.  ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ ھەم شۇنداق.  شۇڭلاشقا سىز ئالدى بىلەن ئامەرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوزىڭىزنىڭ كەسپىگە توغرا كېلىدىغىنىدىن بىر-ئىككىنى تاللاپ، شۇ مەكتەپلەرنىڭ سىزنىڭ كەسپىڭىزدىكى تەلەپلىرىنى تەپسەلىي كۆرۈپ بېقىڭ.  مەكتەپ ئىزدەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى سەھىپىدە بار:
    logs/33906963.html


    2-سوئال: مەن GRE ئىمتىھانىسىنى بەرمەي تۇرۇپمۇ ياۋروپا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلالايمەنمۇ؟

    جاۋاب: ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ GRE غا قويغان تەلىۋى ئوخشاش بولمايدۇ.  ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ ھەم شۇنداق.  شۇڭلاشقا سىز ئالدى بىلەن ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىگە توغرا كېلىدىغىنىدىن بىر-ئىككىنى تاللاپ، شۇ مەكتەپلەرنىڭ سىزنىڭ كەسپىڭىزدىكى تەلەپلىرىنى تەپسەلىي كۆرۈپ بېقىڭ.  www.meripet.com دا ياۋروپادىكى مەكتەپلەر توغرىسىدا خېلە كۆپ ئۇچۇر بار بولۇپ، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەكتەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.


    3-سوئال: مەن كېلەر يىلى كۈزنىڭ ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولسام، GRE ئىمتىھانىسىنى قايسى ۋاقىتتىن بۇرۇن بېرىپ بولۇشۇم كېرەك؟

    جاۋاب: ھەر بىر مەكتەپنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چەكلىمىسى بار بولۇپ، ئامېرىكىدىكى كۆپۈنچە مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بەلگۈلەپ بەرگەن ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ. سىز GRE ئىمتىھانىسىنى ئاشۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن بېرىپ بولسىڭىز بولىدۇ.  كۆپۈنچە مەكتەپلەر ئۈچۈن ئىلتىماسنى يوللىغان ۋاقىتتا GRE نەتىجىڭىز چىقىپ بولالمىغان بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئىمتىھانىنى چوقۇم بېرىپ بولغان بولىشىڭىز كېرەك.  سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپنىڭ تور بېتىكى ئۇچۇرلاردىن بۇ جەھەتتىكى تەلەپلەرنى ئېنىقلاپ بېقىڭ.


    4-سوئال: TOEFL ۋە   GREئىمتىھانلىرى 1000 يۈئەندىنمۇ قىممەت ئىكەن. مەن بىر نامرات ئوقۇغۇچى، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمەن؟

    جاۋاب (بۈركۈت): ئۇ ئىمتىھانلار، باشقىلار يىلىدا 50،000 دوللار، 5 يىلدا جەمى 250،000 دوللار (2 مىليون يۈئەن) پۇل سەرپ قىلىپ ئېرىشەلەيدىغان شارائىتقا، سىزنىڭ ھەقسىز ئېرىشەلىشىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىمتىھانلار. ھىچكىم سىزنى ئىمتىھان بېرىڭ، ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇڭ دەپ مەجبۇرلىمايدۇ. دەسلەپكى 2000-1000 يۈئەننىڭ مېھرىدىن كېچەلمىسىڭىز، بۇ سۇئال-جاۋاپلارنى ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە توختاتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ۋاقتىڭىزمۇ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
    تېجەشلىك، ئىقساتچانلىق بىلەن ياشاش، كۇرس ئېچىش، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش، بوش ۋاقىتلاردا باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەپ ئانچە-مۇنچە كىرىم قىلىش يولى بىلەن بۇنچىلىك پۇلنىڭ يولىنى قىلغىلى بولىدۇ.
    لېكىن، ئۇ ئىمتىھانلارنى بېرىشتىن بۇرۇن، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئۆزىنى ياخشى مۆلچەرلەپ بېرىش كېرەك. ئۆزىنى ياخشى مولچەرلىيەلمىسە، ئاۋال 100-20 يۈئەن بىلەن بەرگىلى بولىدىغان، CET-4, CET-6, EPT قاتارلىق ئىمتىھانلارنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى دەڭسەپ كۆرۈش، يېتەرلىك سەۋىيە ھازىرلىغاندا، ئۇ ئىمتىھانلارنى بىرلا قېتىم بېرىپ، ياخشى نومۇر ئېلىش ئارقىلىق بەزى پۇل تېجەش مەقسەتلىرىگە يېتىش مۇمكىن.


    5-سوئال: مەن ئۆزۈمگە نىشانلىغان مەكتەپلەر ئاساسەن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدە. ئۇنداقتا قايسى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك؟  بەزىلەر GRE بەرسە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى (Schoolarship) بىلەن ئوقۇغىلى بولىدىكەن، دېيىشىۋاتىدۇ.  ئەمما، ئۇ ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.  ھەمدە ئىمتىھان شەكلىمۇ تولىمۇ ئالاھىدە ئىكەن.  ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭغا ئائىت ھېچبىر ئۇچۇر تاپقىلى بولمايدۇ.  ياكىTOEFL ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشىم كېرەكمۇ؟ چۈنكى بۇ ئىمتىھاننى نۇرغۇن مەكتەپلەر تەلەپ قىلىدىكەن؟

    جاۋاب: ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىشتەTOEFL بىلەن GRE نەتىجىسى چوقۇم تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بۇ ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك نەتىجىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، ئەمما ئۇ مۇمكىن. ئاشۇنداق قىلىپ چەتكە چىققان ئۇيغۇر ياشلار خېلى بار.  بۇنىڭ يەنە بىر ئامالى، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە مەھسۇسTOEFL بىلەن GRE غا تەييارلىق قىلدۇرىدىغان مەكتەپلەر ۋە كەچلىك كۇرسلار بار ئىكەن. ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز يار بەرسە، شۇ يولنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     

    6-سوئال: GRE ،TOEFL،IELTSدىگەندەك خەلقئارالىق ئىمتىھانلاردىن قايسىسى ئەڭ ئاسان؟ بۇلارنىڭ بىرسىدە نەتىجىگە ئىگە بولسا، يەنە بىرسىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئىشلىمەمدۇ؟
     
    جاۋاب:TOEFL بىلەن IELTS بولسا تەڭ كۈچلۈك، ئالدىنقىسى شىمالى ئامېرىكىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىدۇ، كېيىنكىسى غەربىي ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەنى ئاساس قىلىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىدۇ.TOEFL بىلەن IELTS نىڭ بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، تەۋسىيە، شىمالى ئامېرىكىنى نىشان قىلسىڭىزTOEFL بېرىڭ، غەربى ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەنى نىشان قىلسىڭىز IELTS بېرىڭ. ئەلۋەتتەTOEFL نىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى IELTS دىن كەڭرەك، ئۇنى بىلىدىغانلار كۆپرەك، ئۇنىڭمۇ تارىخى ئۇزۇنراق. (يەنە بىر تەۋسىيە، قايسىنىڭ پۇلى ئەرزانراق بولسا، سىزگە ئىمتىھان بېرىش قولاي بولسا، شۇنى بېرىڭ.TOEFL نىڭ ئۆگىنىش ماتىرياللىرى IELTS نىڭكىدىن كۆپ، ھەمTOEFL بىلىم تاكتىكىلىرى GRE ئۈچۈن تېخىمۇ بەكرەك ئەس قاتىدۇ.). ئەگەر ئامېرىكىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولسىڭىز كۆپ ھاللاردا GRE نىمۇ قوشۇپ بېرىسىز،TOEFL پەقەت ئىنگىلىزچە تىل ئىمتىھانى، GRE بولسا ئاسپرانتلىققا كىرىش ئىمتىھانى دېسەكمۇ بولىدۇ

    7-سوئال: مەن توفېل ئىمتىھانى بەرمەكچى بولغان بىر دوستۇم ئۈچۈن مەسلىھەت سورىماقچى. دوستۇم TOEFL ئىمتىھانىغا تىزىملاتماقچى بولۇپ ، ئىمتىھان ئورنى ئېلىشتا كۆپ قېتىم ئاۋارە بولۇپمۇ ئورۇن ئالالماپتۇ ، تور بەتنى ئاچماقمۇ تەس بولغاچقا ، قانداق قىلسا تېز سۈرئەتتە ئورۇن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىماقچى ( پۇلنى تۆلەپ بولدۇم دەيدۇ ). ئوبدانراق ئامالىنى بىلىدىغانلار ، تەجرىبىسى بارلار يول كۆرسەتسەڭلار، رەھمەت.

    جاۋاب (بۈركۈت): دوستىڭىزغا بۇ 2 بەتنى تەۋسىيە قىلىپ بېقىڭ. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق 3600 خىل تەدبىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن.
    http://bbs.gter.net/bbs/index.php
    http://www.taisha.org/bbs/index.php
    راست گەپنى دىگەندە جۇڭگۇدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار كۆپ، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئورنى ئاز بولغاچقا مۇشۇنداق جىددىچىلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئىمتىھان بەرمەيدىغان ھايانكەشلەر بۇ ئورۇننى سېتىۋېلىپ، ئەسلى باھادىن يۇقۇرى (بەزىدە 3-2 ھەسسە) سېتىپ، ھايانكەشلىك قىلىپ، پايدا ئالىدىكەن. جۇڭگۇدا نىمە ئەتىۋار بولسا شۇنىڭ باھاسى قىممەت بولىدۇ.
    مەن ئامېرىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ئالىدىغاندا، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئىگىزلىكى بىر غېرىچ كەلمەيدىغان، قاتلىنىدىغان، ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ 4 سائەتلىكىنى 200 يۈئەنگە ئىجارىگە ئېلىپ، شۇ ئورۇندۇقتا بىر كېچە ئۇخلىماي، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر كېچە ئۆچىرەت ساقلىغان. ئالدىنقى كېچىسىدىكى بىر كېچە پىراكتىكا قېتىمىنىمۇ ھىساپلىغاندا 2 كېچە ئۇخلىمىغان. ئۇنىڭدەك قاتلىنىدىغان كىچىك لاتا ئورۇندۇقلارنى شۇ ۋاقىتتا ماگىزىندىن يېڭىسىنى 5 يۈئەنگە سېتىۋېلىش مۇمكىن ئىدى. مەن 4 سائەتلىك ئىجارىسىگە 200 يۈئەن تۆلىگەن. ئۆچىرەت تۇرىدىغانلار يىلاندەك ئۇزىراپ، بېيجىڭدىكى چوڭ قاتناش يوللىرىغا چىقىپ كەتكەچكە، قاتناش ساقچىلىرىمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشاتتى. بىر كېچە ئۇخلىماي ئۆچىرەت تۇرىدىغانلارنىڭ سانى 1000 دىن ھەرگىز كام ئەمەس ئىدى. ئالدىنقى يىلى ئەسلى نورمال بولغاندا 1000 يۈئەنگە تىزىملاتقىلى بولىدىغانTOEFL ئىمتىھان ئورنىنى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ھايانكەشلەردىن 2000 يۈئەنگە سېتىۋېلىپ، ئىمتىھان بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

    يەنە بەزىلەر ھەتتا پويىز، ئايرۇپىلان بىلەن باشقا شەھەرگە بېرىپ شۇ يەردىكى بوش ئورۇندا ئىمتىسان بەرگەنلەرمۇ بار. بۇ يىل بىر قانچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مەخسۇس مۇشۇTOEFL، GRE ئىمتىھانلىرىنى بەرگىلى بېيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىپ كەلدى، سەۋەبى بېيجىڭدا ئورۇن يوق، چېڭدۇدا يامان تەستە ئورۇن تېپىپتىكەن. يەنە بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇ ئىمتىھاننى بەرگىلى جۇڭگۇدىن مالايسىياغا بېرىپ، مالايسىيادا بۇ ئىمتىھاننى بەرگەن ئىدى. شۇڭا بىر قانچە دوستلار بىرلىشىپ، توردا 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ كۈزىتىپ، قاچان بوش ئورۇن چىقسا، قايسى شەھەردىن چىقسا، دەرھال تىزىملىتىۋېلىش ياكى توردىن ھايانكەشلەرنى ئىزدەپ، شۇلاردىن يۇقۇرى باھادا بولسىمۇ سېتىۋېلىش چارىسىنى بولسىمۇ قىلىش كېرەك.

    ھايانكەشلەرنى BAIDU دىنTOEFL考位转让,توئەفل考位出售 دىگەندەك ئاچقۇچلۇق سۆزلەر بىلەن ئىزدەپ باقسا بولىدۇ.

    بەك ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولدۇ. ئاۋال سىز قايسى شەھەردە؟... سىز ئاۋال ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭ، ھازىر ETS ئمتاھاندىن 10 كۈن بۇرۇن ھەرقايسى ئىمتاھان مەيدانلىرىدا ئورۇن قويۇپ بىردىكەن! ( بۇ دىمەكچى ئىمتاھاندىن 10 كۈن بۇرۇن ئادەتتە ETS ساقلاپ قويغان ئورۇنلارنى قايتىدىن ETS نىڭ تور بىكىتىدە ئىلان قىلىدىكەن!)...

    ئۇلانمىسى: <http://bbs.xiaoma.com/thread-4175-1-1.html>

    شۇڭا ھازىرچە بىردىن-بىر ئامال: بىر قانچە دوستلار بىرلىشىپ، توردا 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ كۈزىتىپ، قاچان بوش ئورۇن چىقسا، قايسى شەھەردىن چىقسا، دەرھال تىزىملىتىۋېلىش چارىسىنى بولسىمۇ قىلىش خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى 3،600 خىل تەدبىرىنىڭ بىرى بولۇپ قاپتۇ.

    دوستىڭىز دەل مەن يولۇققان مەسىلىگە يولۇقۇپتۇ. مەنمۇ ئەسلى 9.ئايدا، پەقەت بولمىسا 10.ئايدا ئىمتىھاننى بەرمەكچى ئىدىم بىراق جۇڭگونىڭ پۈتۈن شەھىرىدىكى ئىمتىھان نوقتىلىرىنىڭ ئۇنداق تىز توشۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئاخىرى 11.ئاينىڭ 15.كۈنىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ، ئىمتىھاننى بىرىپ بولدۇم. ھازىر نەتىجە چىقىشىنى كۈتۈۋاتىمەن.

    ETS تورىغا كىرىدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن تور بەت ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا، بىراق ئازراق ساقلاپ تۇرسا چوقۇم ئېچىلىدۇ. ئىمتىھانغا نەچچە ئاي بۇرۇنلا تىزىملىتىۋېلىش كىرەك ئىكەن (بەلكىم يىرىم يىل بۇرۇن؟)، ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ بولۇپ يېنىۋالىدىغانلارنىڭ چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، شۇ بەتنى قايتا قايتا يېڭىلىسا بوش ئورۇن چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن ئىكەن. بىراق مەن كومپىيۇتىر ئالدىدا قوزۇقتەك ئولتۇرۇپ نەچچە سائەتلەپ يېڭىلىغان بولساممۇ بوش ئورۇن چىقمىغان. 450) this.width=450" border=0 يەنە بىر ئېھتىماللىق، بەزى ئىمتىھان نوقتىلىرىغا ئىمتىھاندىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئورۇن سەپلىشى مومكىن ئىكەن، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ چوقۇم دىگەنلىك ئەمەس. مىنىڭ مۇشۇ يىل ئاخىرىغا قالمايلا ئىلتىماس قىلىشنى باشلاش پىلانىم بولغانلىقتىن ئۇنداق مومكىنلەرگە قاراپ قالغۇم كەلمىدى. شۇڭا ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ بېرىدىغان بىر جاينى تاپتىم. ئادرىسى: www.jinyan.org <http://www.jinyan.org> ، سىزگە ئورۇن تېپىپ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ھەق ئالىدىكەن. ھەققى 300يۈئەن. باشتا ئالداپ سالارمۇ دەپ قالغانتىم بىراق راستىنلا ئىشەنچلىك ئىكەن. 1370يۈئەن پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن NEEA ID, Passsward نى دەپ بېرىدىكەنسىز، ئۇلار سىز تۆلىگەن 1370 يۈئەن پۇلنى ھەرگىزمۇ ئېلىۋالالمايدۇ. شۇڭا خاتىرجەم بولۇپ بېرىدىغان ئورۇن، ۋاقىتنى دەپ بەرسىڭىز بىر ھەپتە ئىچىدە چوقۇم تىزىملىتىپ بېرىدىكەن.

    مەن باشتا 11.ئاينىڭ 9.كۈنى شىئەننى تاللىغان ئىدىم (چۈنكى ئۇلار 10.ئاي ئىچىدىن ئورۇن چىقمايدۇ دىگەن ئىدى) بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنە ساقلاپ تۇر دەيدۇ، 10 كۈندىن كىيىنمۇ يەنە ساقلاپ تۇر، چوقۇم تىزىملىتىپ بىرىمىز دەيدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتماي تۇرۇپ خاتىرجەم بولماي تەييارلىقمۇ قىلالمىدىم. شۇ كۈنى يەنە ئالاقىلاشسام 11.ئاينىڭ 15.كۈنى لەنجۇدىكى بىر ئورۇنغا ماقۇل دەپ قالسام شۇ چاغدىلا تىزىملىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئىمتىھانلا بىرەلەيدىغان ئىش بولسا مەيلى دەپ ماقۇل دىۋەتتىم. تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن 300يۈئەننى تۆلىدىم. شۇ توردىن تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ قق بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ھەممىنى ئۆزى دەپ بېرىدۇ.  

    دىمەك، بۇلارنىڭ 24 سائەت كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا ئادەملىرى بار ئىكەندە. دائىم تورغا قاراپ، ئىمتىھان مەيدانىدا بوش ئورۇن بارمۇ-يوق شۇنى تەكشۈرىدىكەن. ئورۇن بولسىلا 10 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تىزىملىتىپ بېرىپ 300 يۈئەن ھەق ئالىدىكەن. بىزنىڭ تورخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق مۇلازىمەت قىلىپ، قوشۇمچە كىرىم قىلىۋالسا بوپتىكەن.

    --------------------------------------------------------------------------------

    مەھسۇس تېمىلار:

    TOEFL غا تەييارلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم

    GRE غا تەييارلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم

    TOEFL OR IELTS؟

    GRE OR GMAT؟

    VOA美国之音慢速英语星期四节目《Education Report教育报道》

    --------------------------------------------------------------------------------

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us