باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە ئۇنىڭ جاۋابلىرى- مۇۋاپىق مەكتەپ تىپىش ئۇسۇلى - [سوئال-جاۋاپلار]


    1-سوئال: مىنىڭ كەسپىم "Civil Engineering". ئامرىكىدىكى Americanقايسى ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ كەسىپتىكى پروگرامىسى ياخشى، شۇنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    جاۋاپ:  مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى. بۇ بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ ۋاقىت كىتىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئوزىڭىز ئىنتىرنىت ئارقىلىق قىلسىڭىز. ئەگەر ئوزىڭىز ئوقۇشنى خالايدىغان شىتات (State) نى بىلسىڭىز، ئاشۇ شىتاتتىكى مەكتەپلەرنى ئىزدەشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز www.google.com غا كەرىپ، "University of California" دىسىڭىز، كالىفورنىيەدىكى 10 ئالىي مەكتەپنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە ئايرىم-ئايرىم كىرىپ، ئۇنىڭ "Civil Engineering" كەسپىگە بولغان تەلەپلەرنى ۋە باشقا كەرەكلىك ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز. ئەگەر سىز ئامرىكىنىڭ "Virginia" دىگەن شىتاتىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، www.google.com غا كىرىپ، "Universities in Virginia" دىسىڭىز، ئۇ شىتاتتىكى مەكتەپلەرنى تاپالايسىز.

    ئۇنىڭدىن باشقا،  Peterson's Guide (http://www.petersons.com) دىگەن تور بىتى ئارقىلىق، ئامرىكىدىكى ھەممە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى بىر كەسىپ بويىچە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىشنىڭ تەلەپلىرى (بۇ تەلەپلەر تىل،TOEFL, GRE ۋە ئىقتىسادىي چىقىم جەھەتلىرىنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئالدىنقى يىلى قوبۇل قىلىنغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەنلەرنىڭ نىسبىتى، ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاخىرىدا رەسمىي قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ تور بىتى ھەر بىر ياشنىڭ ئوز ئىھتىياجىغا لايىق مەكتەپلەرنى تەپىشىدىكى ئەڭ ياخشى قورالدۇر.

     

    2-سوئال: ماڭا Peterson's Guide ئارقىلىق قانداق مەكتەپ ئىزدەشنى ئۇگىتىپ قويغان بولسىڭىز؟

    جاۋاپ:  ئاسان  بولسۇن ئۇچۇن، سىزنىڭ كەسپىڭىزنى  "Physics"  (فىزىكا)، سىز ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئۇچۇن تەييارلىق قىلماقچى، دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇنداقتا، توۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەكتەپ ئىزدەيسىز:

    1. Peterson's Guide (http://www.petersons.com) دىگەن تور بەتىنى چىكىڭ.
    2. "Grad School" دىگەن ئورۇننى چىكىڭ.
    3. "International Students" دىگەن ئورۇننى چىكىڭ.
    4. "Find a School" دىگەن يەرنى، ياكى ئاشۇ قىسىمدىكى "Go" دىگەن كونۇپكىنى چىكىڭ.
    5. ئەڭ ئۇستىدىكى كاتاكچىنىڭ ئىچىدىن، "Physics" دىگەننى تاللاپ، "Search" دىگەن كونۇپكىنى چىكىڭ.
    6. يىڭى ئىچىلغان كاتاكچىنىڭ ئىچىدىن "Master's" دىگەننى تاللاپ، يەنە "Search" دىگەننى چىكىڭ.
    7. يىڭى ئىچىلغان كاتاكچىنىڭ ئىچىدىن بىر شىتاتنى، مەسىلەن "California" نى تاللاپ، ئاندىن "Results" دىگەننى چىكىڭ.

    كەلگۇسىدە ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار ئۇچۇن، بۇ Peterson's Guide بىر ئىنتايىن مۇھىم قورالدۇر. سىز بۇ قورالدىن پايدىلىنىپ، قانچە بالدۇر ئامرىكىدىكى ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى، ئوخشىمىغان شىتاتلاردىكى مەكتەپلەر، ۋە ئوخشىمىغان مەكتەپنىڭ ئەھۋالى بىلەن قانچە بالدۇر تونۇشسىڭىز، شۇنچە ياخشى. ۋەتەندىكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ياشنىڭ بۇ قورالدىن تولۇق پايدىلىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.

    بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تور بېتىدە بىر تەپسەلىي ئۇچۇر بار:
    logs/33905127.html
    http://www.bilik.cn/dpindex.php?pagetype-bbsthread-a-tid-15708.html


    3-سوئال: ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئىشىدا، مەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تەكشۈرسەم، ئۇ يەردىكى ئالى مەكتەپلەر 3000-2000 دىن ئاشىدىكەن، مېنىڭ كەسپىمدە ئاسپىرانت تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانىمۇ 1000 غا يېقىن ئىكەن. مۇۋاپىق مەكتەپ تاللاش ئىشىدا بېشىم بەك قېتىپ كەتتى، كۆرسەتمە بەرسىڭىز؟

    جاۋاب (بۈركۈت): دەسلەپكى قەدەمدە، مەكتەپلەرنى تاللاش ھەقىقەتەن مۇرەككەپ، تەس، قول تۇتىدىغان جاپالىق ئىش. بۇ قەدەمنى توغرا بېسىش سىزنىڭ كېيىنكى نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزغا ئىنتايىن كۆپ تەسىر قىلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ئويلۇشۇش كېرەك:

     (1) ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ۋە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى

    بۇ تەرەپلەردە باشقىلاردىن كۈچلۈك بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنى تاللىغىنىڭىز ياخشى. بولمىسا ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ قېلىپ، بىلىم ئېلىش تەشنالىقىڭىز قانماسلىقى مۇمكىن.

    ئوتتۇرا ھال ياكى ئاجىزراق بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرنى تاللىغىنىڭىز ئەۋزەل. داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا كىرىش ۋە مۇكاپات پۇلى ئېلىش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. 10 دوكتۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئىشقا، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەتتا 1500 دىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتىرياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بۇ ۋاقىتتا ئۆز ناھىيىڭىز ياكى ۋىلايەت تەۋەيىڭىز بويىچە ئەمەس، بەلكىم، پۈتۈن دۇنيا بويىچە رىقابەتكە چۈشىۋاتىسىز. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستېتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرىستېتى قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار.

     (2) مەكتەپ جايلاشقان رايون، شەھەر

    سىز ئىسسىقنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى سوغۇقنىمۇ؟ سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى تاغدا، قاردا چاڭغا تېيىلىشنىمۇ؟ ئادەم كۆپ، قىممەتچىلىك، قىستاڭچىلىق، مۇھىتى بۇلغانغان چوڭ شەھەرلەرنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئازادە، تېنچ، ياپ-يېشىللىق ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەرنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەكتەپ تاللاشتا مۇشۇلارنىمۇ ئويلىشىش زۆرۈر.

     (3) مەكتەپنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

    ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ ياكى شەخسلەر ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ؟ يەھۇدىلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مەكتەپ ياكى ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىق (قارا تەنلىكلەر) نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مەكتەپ؟ ئوقۇتۇشنى ئاساس ئورۇنغا قويغان مەكتەپ ياكى پەن-تەتقىقاتنى ئاساس ئورۇنغا قويغان مەكتەپ؟ سانائەت ساھەسى، شىركەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار مەكتەپ ياكى ئالى مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار مەكتەپ؟ كۈچلۈك خىرىستىيان دىنى تۈسىدىكى مەكتەپ ياكى ھىچ قانداق دىنى تۈس ئالمىغان مەكتەپ؟... مۇشۇلارنىمۇ ئويلىشىش زۆرۈر.

     (4) ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ساھەسىدە، ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئاشۇ فاكۇلتېتى ۋە شۇ فاكۇلتېتتىكى پىروفېسسورلارنىڭ كەسپى سەۋىيىسى مەكتەپنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلىك تېمامدا، مەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 6 مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم.

    بۇ 6 مەكتەپلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەر بولسىمۇ، (پەرىدە خېنىم ئوقۇماقچى بولغان) سىتاتىستىكا كەسپىدە، ئۇلار ئەڭ ئالدىدا ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شىتاتى (North Carolina) دا "شىمالى كارولىنا شىتاتلىق ئۇنۋېرىستېت"  (North Carolina State University, www.ncsu.edu <http://www.ncsu.edu>)  نامىدا بىر ئالى مەكتەپ بار. ئۇنىڭ ئومۇمى دەرىجىسى ئامېرىكىدا ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەسكەن. لېكىن ئۇنىڭ سىتاتىستىكا كەسپى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن. سەۋەبى، SAS  دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا مەشھۇر سىتاتىستىكا يۇمشاق دېتالى مۇشۇ مەكتەپنىڭ سىتاتىستىكا فاكۇلتېتىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە مىكروسوفت پۈتۈن دۇنيانى مونوپول قىلىۋالغاندەك، سىتاتىستىكا ساھەسىدە، SAS  پۈتۈن دۇنيانى مونوپول قىلىۋالغان.

    شۇڭا كەسپى ئاساسىڭىز بەك ياخشى بولسا ۋە ئۆز كەسپىڭىزنى قىزغىن سۆيسىڭىز، ئاشۇ ساھەدىكى داڭلىق پىروفېسسورلار بار مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     (5) بىز ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا يېقىن ئۆتۈپ، باردى-كەلدى قىلىشقا ئامراق خەلق. ئامېرىكىدا بايرام، دەم ئېلىش، تەتىللەرمۇ خېلە كۆپ بولۇپ، ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، غېرىپسىنىشقا باشلايسىز. شۇڭا ھېيىت-بايراملاردا ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە دەم-ئېلىش، بايراملارنى ئۆتكۈزسىڭىز، جىددى ئوقۇش بېسىمى ئىچىدىن كۆڭلىڭىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەر، يۇرت-ۋەتەننى سېغىنىش ھىسسىياتىڭىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر باسىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىرەر پائالىيەتلەرنى توپلىشىپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون-شەھەر ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنى ئويلۇشۇپ قويسىڭىزمۇ زىيىنى يوق.

    ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن، كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىدىكى پايتەخت ۋاشىڭتون شەھرى (Washington, DC) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى بولغان مەرىلەند (Maryland)، ۋىرجىنىيە (Virginia) شىتاتلىرى، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانجېلېس (Los Angeles) شەھىرى، سان فرانسىسكو (San Fransisco) شەھىرى، تېكساس شىتاتىنىڭ خىيۇستۇن (Houston) شەھىرى، نيۇ يورك شىتاتىنىڭ نيۇ يورك (New York) شەھىرى، ماسساچۇسسېتىس شىتاتىنىڭ بوستون (Boston) شەھەرلىرىدە بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

    يەنە بىر نۇقتا، بەزى چوڭ شەھەرلەر بەك قىممەتچىلىك بولۇپ، دەسلەپتە ئوقۇشقا كەلگەندە بۇ نۇقتىنى ئويلاشمايمۇ بولمايدۇ. مەن بۇرۇن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ لوس ئانجېلېس شەھرىگە ئوقۇشقا كېلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، كېيىن ئوتتۇرا قىسىمدىكى بىر ئەرزانراق شەھەرگە يۆتكىلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان.

     (6) يەنە بىر مەسىلە، سىز ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشتا، ماگىستىر ئوقۇش بىلەن توختاپ قالامسىز ياكى دوكتۇرلۇقنى تاماملىغىچە ئوقۇمسىز بۇ مەسىلىمۇ مۇھىم. بەزى مەكتەپلەر پەقەت ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرەلەيدۇ، بەزىلىرى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرەلەيدۇ. گەرچە ئاۋال ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن باشقا دوكتۇرلۇق مەكتەپلىرىگە يۆتكىلىش ئانچە تەس بولمىسىمۇ، ئارىلىقتا، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىش، ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆي-ياتاق كۆچۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلۇشۇپ قويۇڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگىستىرلىقنى ئۇلاپلا شۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا قارىغاندا يەنە بىر مەكتەپكە بېرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەل ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن.

    لېكىن بىر نۇقتا، ئامېرىكىدا مەكتەپلەر ئارا، فاكۇلتېتلار ئارا يۆتكىلىش بەك ئاسان. نىشان فاكۇلتېت، مەكتەپ سىزنى قوبۇل قىلسىلا، كېتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • رەھمەت ئەركىن ئاكا،
    خەنزۇچە تور بەتلىرىدىن بۇ توغىرلىق مەلۇماتلارنىمۇ كۆرگەن، يەنە بىر مۇنچە ئۇچۇرلارنى بىلىۋالدىم. مەندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە يەنىلا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئىكەن.