باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 


بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك تىما: مىللى كىيىم كىچەك كۈنى قىلامدۇق ؟
  • ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» دېگەن سۆز 1915-يىلى باشلانغان ئوسمانىيلار ئىمپراتورلىقى مەزگىلىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەرمىنىيلەر ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

  • -(2)يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    ياتاقلىق مەكتەپ بىر مىللەت بالىلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يەنە بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.  بۇنىڭ بىر مىسالى بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىشقا فىزىكىلىق جەھەتتىن مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر.  ئەمما، دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپنى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمى ۋە يوشۇرۇن مەجبۇرلاش كۈچى بار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي فىزىكىلىق ۋاسىتىلەرنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

  • يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    (بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)

    مەن ئۇشبۇ يازمامدا Kangas خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.


  • يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۈنلىرىم ئىنتايىن تىت-تىتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەن ئانا تىلنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپىدىكى رولى ھەققىدە يېڭى ماتېرىياللارنى كۆرگەنسېرى، ئانا تىل مەسىلىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ نەقەدەر يامانلىغىنى، نەقەدەر خەتەرلىكلىگىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن مۇشۇ خىلدىكى يازمىلارنى تېز-تېز تەييارلاپ تورغا يوللاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىزمىتىم باشقىچە جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىپ، بۇ ماقالىلەرنى تېز-تېز تەييارلاشقا ۋاقىت چىقىرىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن.

     

  • مەن ئۆزەمنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى يازمامدا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆچمەن مىللەتلەر مائارىپى ۋە ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئاشۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا ئايرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

  • قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم(2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر نەرسە، 60-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ،...
  • قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم( 1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    قوش تىللىق مائارىپ (2):

    «قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولۇشى كېرەك؟

    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
    (بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئ...
  • قوش تىللىق مائارىپ (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    Erkin sidiq and his friends

    جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھازىر دۇنيا تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە موھتاج. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولۇپ، بۇ تىل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەيدۇ.

     

     

  • قوش تىللىق مائارىپ(1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى

    Uyghur Amerecan

    مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم: ئۇ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى...
  • (داۋامى) ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    minge

    ئەگەر سىز سول مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
    ھەممە نەرسىنى ئانالىز قىلىسىز، ھەمدە يېڭى بىر ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات تەلەپ قىلىسىز.
    مۇقىملىق بىلەن تەرتىپلىكنى ساقلايسىز.
    قائىدە-تۇزۇم بويىچە ئىش قىلىشنى خالايسىز، ھەمدە تۈزۈلمىگە ماسلىشىسىز.

  • ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە

    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

    minge

    مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم.

  • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    ▲ مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «NASA» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان JPL دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇ...
  • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق (1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىقتۇر

    ئەركىن سىدىق  
    2008-11-1
       مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، "ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھورۇن"، "ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن...
  • شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    (8) باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك



    بۇ كىشىلىك سۈپەت باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان روھنى ...
  • شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى



    ئەركىن سىدىق



    2008-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى



    مەن ئەسلىدە كېيىنكى يازمام ئۈچۈن باشقا بىر مەزمۇننى ئويلاشقان ئىدىم. لېكىن، «شىركەت قۇرۇشقا قا...
  • ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش (3) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    3. ئېلخەتتە كەلگەن ناتونۇش تور بېتىنىڭ ئادرىسىنى ھەرگىز چەككمەڭ

    ماڭا يېقىندا ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئۆزەم پەقەتلا تونۇمايدىغان بىر كىشىدىن ئېلخەت كەلدى. ئۇ خەتنى "ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئەپەندى،"...
  • ئنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

     

    ئەركىن سىدىق
    2. ئېلخەت بىلەن كەلگەن چاپلانما ھۆججەتلەرنى ھەرگىز ئاچماڭ (داۋامى)


    مەن ئالدىنقى بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە ئويلۇنۇپ باقسام، 2-قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويغان، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋىرۇس قاچىلانغان ھۆجج...
  • ئنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش (1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    ئەركىن سىدىق

    1. ئېلخەت ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىڭ

    سالام ۋەتەنداشلار،

    ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

    مەن يېقىندا بەزىلەرنىڭ ياخو ئېلخېتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېل...
  • مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋىسىيە
    ئەركىن سىدىق

    2008-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
    بۇ ئەسلى نىلىك كۇلۇبىدىكى http://www.bilik.cn/bbs/viewthre ... mp;page=2#pid118771 تىمىغا قاتۇرۇلغان ئىنكاس ئىدى ، نۇرغۇن كىشلەر...
  • تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى
    ئەركىن سىدىق
    بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر نەرسىنى (مەسىلەن، ماتېماتىكىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر نەرسىنى (مەسىلەن، چەت ئەل تىلىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنى...
  • شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك(2)؟ - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    2. شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت



    ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارى بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مەقسەت ۋە ئوخشاش بولمىغان سەۋەب...
  • شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك(1)؟ - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

      شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟



    ئەركىن سىدىق



    2008-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى



    ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدۇر. ئوقۇش پۈتتۈرگەند...
  • يۇقىرىقى 5 كاتېگورىيىدىن سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچىنى تاللاڭ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-، 2- ۋە 3- نى تاللايدۇ.(2) ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا سىز ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلىغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىڭ. ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ، ئەڭ ئاز بولغاندا بەشى بولسۇن.(3) ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپ ئىچىدىن، سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ مېڭىڭ

  • مەن ئۆزۈمنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن تېمىدىكى يازمامدا، يەنى مۇشۇ يازمىنىڭ 1بۆلۈمىدە، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «تالانت»، «ئىقتىدار»، «قىزىقىش»، «ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇش» دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم مۇھىم تەركىپلەر بار.

  • قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ؟
    ئەركىن سىدىق 2007-يىلى 18-سېنتەبىر
    1971-يىلى مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بىزگە خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ دەرسنىڭ ھەپتىلىك مىقتارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بىز بىر ھەپتىدە پەق...
  • ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا، يەنى 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سېمىنار (ياكى ئىلمىي يىغىن) كە قاتناشتىم. بۇ سېمىنارنىڭ تېمىسى «برىنچى ئىشنى ئالدى بىلەن قىل» (ئىنگلىزچە «First things first») بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل شىركەتلەر ئۈچۈن مەخسۇس كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدا سېمىنار ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر شىركەتنىڭ خادىمى بىر سائەت دەرس ئۆتتى. بۇ سېمىناردا سۆزلەنگەن مەزمۇن ئەسلىدە سىتىۋېن كوۋەي («Stephen Covey») ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن بىر كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان 7 ئادەتنىڭ ئىچىدىكى 3-ئادەت ئىدى. بۇ كىتاب ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىسى « The 7 habits of highly effective people» بولۇپ، بۇ يەردىكى « highly effective people » دېگەن سۆزنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلەر» دېگەندىن ئىبارەت.