باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 


بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك تىما: ئۇيغۇرلار كەلگۈسىنى قانداق كۈتىۋالىدۇ ؟
  • ئاۋىستىرالىيەدە ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار - [چەتئەلدە ئوقۇش]

      ئاۋىستىرالىيەدە  ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار


    ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، 
            ئەگەر سىز مۇشۇ دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان ياكى ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ئاسان كېرەلەيدىغان، ئوقۇش پۇلى تۆۋەن ياكى ئۇيغۇرلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى بىلسىڭىز، ماڭا «erkinsidiq @ gmail.com» ئارقىلىق ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىۋەرتىپ بەرگەن بولسىڭىز.  مەن ئۇنى مەرىپەت تور بېتىگە چىقىرىپ قويسام. شۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياشلىرىمىز بۇ ئۇچۇردىن پايدىلانسا.  مەن سىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلغان بۇ ياخشى ئىشىڭىز ئۈچۈن ئالدىن-ئالا رەخمەت ئېيتىمەن.
     ئەركىن سىدىق.
    ئاۋسترالىيەدە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشنى خالايدىغان ۋەتەندىكى ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

    1. ئاۋسترالىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر: تۆۋەنكى توربەتدىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى تاپىسىز:  http://www.australian-universities.com/list/
    بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتارلاردا تۇرىدىغانلىرى:


    University of Melbourne
    University of Sydney
    Australian National University
    University of New South Wales
    RMIT University (Royal Melbourne Institute of Technology)
    Monash University
    University of Western Australia
    University of Queensland
    Deakin University

    2. ئىنگلىزچە سەۋىيەگە قويغان شەرتى: ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار TOEFL بىلەن IELTS نىڭ نەتىجىسىنى ئەتىراپ قىلىدۇ. مەسىلەن، Melborun ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ ئىمتىھانلارغا بەلگىلىگەن ئۆلچىمى تۆۋەندىكى توربەتىدىن تاپىسىز: http://www.services.unimelb.edu.au/admissions/guide/english_pg_reqs.html
    بەزى مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى سەل تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، تەپسىلىي ئەھۋالنى ھەربىر مەكتەپنىڭ توربېتىگە كىرىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئىزدەش ئۇسۇلى:
    •  مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ توربېتىگە كىرىسىز، مەسىلەن:
    www.monash.edu.au
    • باشبەتدە چوقۇم“search” دېگەن بىر يەر بولىدۇ. بۇ يەرگە “postgraduate English Requirement” دەپ كىرگۈزىسىز
    • نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇلىنىشلار چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3-سىدە سىزگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇر بار، يەنى
         
    http://www.monash.edu/international/englishrequirement/


    3. قانداق ئىلتىماس قىلىش كىرەك: ئاۋسترالىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش جەريانى ياكى ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتدىن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا http://www.meripet.com دىكى “How to apply for an American university” دېگەن مەزمۇندىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.


    <>
    4. ئاۋسترالىيەدە مۇكاپات پۇلى: ۋەتەندىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىيالى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەممىدىن ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇكاپات پۇلى ئېلىپ كەلگەن ياخشى. بىراق، ئاۋسترالىيەدە مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئامېرىكىغا قارىغاندا سەل تەس، بولۇپمۇ ئىجتىما'ئىي پەنلەر ساھەسىدە ۋە ماگىستېرلىق ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق. بىراق سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق. ئادەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرەر مەكتىپىدە ماگىستېرلىقنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز، دوكتورلۇقتا مۇكاپات پۇلى ئېلىشقا يول ئېچىلىدۇ. ئەگەر سىز ۋەتەندە ياكى باشقا دۆلەتلەردە ماگىستېرلىقنى ئېلىپ، دوكتورلۇقنى ئاۋسترالىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن كېلىمەن دېسىڭىزمۇ مۇكاپات پۇلى ئېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىسمەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇغىچىلىرى ئۈچۈن بېرىدىغان بىر مۇكاپات پۇلى بار. ئۇنى AusAid Scholarships دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگومۇ مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل. بىرى بىۋاسىتە ئاۋسترالىيەدىن ئىلتىماس قىلىش، يەنە بىرى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش. تەپسىلىي ئەھۋالنى تۆۋەندىكى توربېتىدىن كۆرۈڭ:          
    http://www.ausaid.gov.au/scholar/studyin.cfm#ads <>جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئېھتىمال بۇ يەر بىلەن ئالاقە قىلىشدىن ئىلگىرى شىنجىئاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ، تەپسىلىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسىڭىز ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى،مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇ مۇكاپات پۇلىغا تېگىشلىك سانلارنى ھەربىر ئۆلكىلەرگە تەقسىم قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئاندىن يەرلىك مائارىپ نازارىتى قايسى ئىدارىدىن، قايسى كەسىپدىن، يەنە كىمنىڭ بېرىشىنى بېكىتىشى مۇمكىن:
    ADS Scholarship Inquiries
    Tel: 86-10-64352856
    <>Fax: 86-10-64352857
    Email:
    adschina@163bj.com
    <>Address: 3-3-502, Dongrunfengjing,
    Nanshiliju, Chaoyang District Beijing, 100016, P R China
    <>Website:
    www.adschina.org
    يەنە بىر مۇكاپات پۇلى ئىپرس (ئىنتەرناتىئونال پوستگرادۇئاتە رەسەئارچ سچولارشىپس). بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ مۇكاپات پۇلى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇكاپات پۇلى.  
        
    http://www.dest.gov.au/archive/highered/research/documents/iprs2000.htm
        
    http://www.usyd.edu.au/io/scholarships/iprs.html

    بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مۇكاپات پۇللىرى بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى شۇ مەكتەپنىڭ تور بېتىگە كىرىپ،Scholarships for international students” نى “search” قا كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن:
     مەلبورۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكى بەتتە:      
    http://www.services.unimelb.edu.au/scholarships/pgrad/international/
    سىيىدنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ:
    http://www.usyd.edu.au/io/scholarships/index.html
    موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ:
    http://www.monash.edu/international/scholarships/

    5. ئوقۇغۇچى ۋىزىسى: ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، سىز ۋىزا ئىلتىماسىڭىزنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىسىز. ئۇلار تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سىزگە خەۋەر قىلىدۇ. ئەگەر مۇكاپات پۇلىڭىز بولسا، ۋىزائېلىشىڭىز تەسكە توختىمايدۇ. ئائىلىڭىز بولسا بالا چاقىڭىزنىمۇ ئاسانلا ئېپچىقىپ كېتەلەيسىز. ۋىزا توغرىلىق تەپسىلىي ئۇچۇرنى بۇ توربېتىدىن كۆرۈڭ: http://www.immi.gov.au/study/index.htm

    ئەسكەرتىش: ئاۋسترالىيەگە ئوقۇغۇچى ۋىزىسىدىن باشقا ھەرقانداق ۋىزا بىلەن كېلىپ، ئۇ ۋىزىنى ئوقۇغۇچى ۋىزىسىغا ئۆزگەرتىپ ئوقۇشقا كىرىمەن دېسىڭىز رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سىز چوقۇم كەلگەن دۆلىتىڭىزگە قايتىپ بېرىپ، ۋىزىڭىزنى ئوقۇغۇچى ۋىزاسىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشقا كىرەلەيسىز.
     

    6. ئاۋسترالىيەدە ئوقۇش خىراجىتى: ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەم ئوخشىمىغان كەسپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتدە بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 15000-25000 AUD (ئاۋسترالىيە دوللىرى) كېتىدۇ. بۇ پۇل 2005-يىلى 2-ئاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە، تەخمىنەن 90000-150000 خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىلدا مەجبۇرى 300 AUD ئەتراپىدا سالامەتلىك سۇغۇرتا پۇلى تۆلەيسىز. ئاۋسترالىيەدە ماگىستېرلىق ئادەتدە بىر يېرىم يىلدا تۈگەيدۇ. دوكتورلۇق ئۈچ يېرىم يىلدىن 4 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

    7. ئاۋسترالىيەدە تۇرمۇش خىراجىتى: ئىككى ياكى 3 ياتاقلىق ئۆيدە باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرسىڭىز، ئېيىغا 350-500 ئائۇد كېتىشى مۇمكىن. بۇنى پۈتۈنلەي ئۆينىڭ ئورنى ۋە شارائىتى بەلگىلەيدۇ. تاماقنى ئۆزىڭىز ئېتىپ يېسىڭىز، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل كەتمەيدۇ. بىر ئايدا 200-300ئائۇد يېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت قاتناش، پارچە-پۇرات چىقىملارنى قوشسا بىر ئايدا بىر ئادەمگە 600-900 ئائۇد ئەتراپىدا پۇل كېتىشى مۇمكىن. بۇنى ئەلۋەتتە يەنە سىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ.

    8. ئاۋسترالىيەدە خىزمەت: ئوقۇغۇچى ۋىزىڭىز بىلەن ھەپتىسىگە 20 سائەت قانۇنلۇق خىزمەت قىلالايسىز. ئەگەر سىز ئائىلىڭىز بىلەن بىللە تۇرسىڭىز، سىزگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن كەلگەن جۆرىڭىزنىڭ تولۇق خىزمەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئوخشىمىغان شەھەرلەردە خىزمەت پۇرسىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. Sydney, Melborun دېگەندەك چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ. مەسىلەن، رېستۇرانلاردا كۈتكۈچىلىك قىلسىڭىز سائىتىگە 8-12 ئائۇد غا ئىشلەيسىز. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسىگە ياردەم قىلسىڭىز 15-30 ئائۇد ئالىسىز. ئۇنىۋېرسىتېتلەردە دەرس ئۆتسىڭىز 75 ئائۇد ئەتراپىدا ئالىسىز.

    يۇقىرىدا يازغان ئۆلچەمنى پەقەت ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم دەپ ھېسابلاڭ. يالغۇز بىر ئادەمگە ئادەتتە تاماق پۇلى ھەپتىدە 40-60 ئائۇس دوللار كېتىشى مۇمكىن. (رېستۇرانلارغا كىرىش بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.)  ياتاق پۇلى ھەپتىدە 70-120 ئائۇس دوللارغىچە بولىدۇ. قاتناش خىراجىتى ھەپتىدە ئەڭ تۆۋەن ھېسابتا 25 دوللار كېتىدۇ (ھەپتىلىك بېلەت ئالسىڭىز). ئەگەر ئۆزىڭىز ماشىنا ھەيدىسىڭىز قىممەترەك توختايدۇ.  قالغانلىرى ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە باغلىق. ئادەتدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەرگە، ئاز-تولا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، مەسىلەن، كىنو، تىياتىر كۆرۈش، ساياھەت قىلىش، ئانچە-مۇنچە رېستۇرانلارغا كىرىش دېگەندەك پائالىيەتلەرگە كېتىدىغان خىراجەت يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەنلەرنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

    (بۇ قىسىمنى ئاۋسترالىيەدىكى سىڭلىمىز ئايشە ئېلى تەمىنلىگەن.)
    ۋىتھ.


    More Information about Australian universities:
     

    A list of Australian universities may be found in this website:
    http://www.australian-universities.com/
    Among these universities, there are some prestigious ones:

    • University of Melbourne
    • University of Sydney
    • Australian National University
    • Monash University
    • University of New South
    • Wales Deakin University

    Comparing to the United States of America, it is relatively difficult to get scholarships in Australia, especially for Arts majors. However, there are always possibities if you are outstanding. The best scholarships that you can apply as an international student is IPRS (International Postgraduate Research Scholarships). Detailed information may be found from these websites: http://www.dest.gov.au/archive/highered/research/documents/iprs2000.htm http://www.usyd.edu.au/io/scholarships/iprs.html

    (This part was contributed by an Uyghur student in Australia)


    Australia Postgraduate Scholarship Database:
    http://www.jason.edu.au/
    http://www.dest.gov.au/default.htm


    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • ئادىرسى بولسا : http://ulnix.blogbus.com
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەرىپەت ئەپەندى ، ئۇيغۇرتېكىن ئۇلنىش ئائىلىسى مەرىپەت بلوگى قوشىۋالدى ، ۋە تەۋسىيەلىك ئورۇنغا چىقاردى ، بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ قىلىشلىرى سورايمز ھم ئۇيغۇرتكىن بلوگى ۋە ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى نى قېتىۋىلىشرىنى ئۈمىد قىلىمىز . قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىغايلا !
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا .
    مەن سىزنى تور دۇنياسى ئارقىلىق تونۇغان نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سىزگە خەت يېزىپ تۇرۇپتىمەن .
    تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان داڭلىق بىر ئالىملىقىڭىزنى بىلگەندە ،شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتكەنئىدىم .
    سىزنى مەھمۇت قەشقىرىدىن كىينىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان يەنە بىر بۈيۈك ئالىمىمىزكەن دەپ ئويلىدىم .
    سىز كەسپتە مۇۋاپىقىيەت قازانغاندا ،مۇكاپاتلانغاندا ،ئىش ئىزلىرىڭىزنى ئاڭلىغاندا ،شۇنداق روھلىنىپ كىتىمەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئالدىراش ۋاقتىڭىڭىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ ،ئۇيغۇر ياشلارغا ئىلھام بولدىغان ماقالىلارنى يېزىپ ئۇلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا كۆپ كۈچىدىڭىز .
    كىچىكىمدىن ئالىم بولۇش ئارزۇيۇم بولغاچقا ،ئىينىشتىيىن ،سىزدەك ئالىملارغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن . قاچانمۇ شۇلاردەك بولارمەن دەپ تاتلىق خىيال سۈرۈپ كىتىمەن .
    بۇ پەقەت ئارزۇلا بولۇپ قالماي ،مانا ھازىر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش يولىدا مېڭىۋاتىمەن .
    مانا بۇ سىزنىڭ تور دۇنياسى ئارقىلىق بىزلەرگە قىلغان ئەمگىكىڭىزنىڭ بىر كىچىك ئەمەلىىي مىسالى ئىدى .
    ئەركىن ئاكا !
    سىزگە پەقەت نورغۇن تىلەكلەر ھەم نەتىجىلەر تىلەيمىز .
  • ئەسسەلاممۇ-ئەلەيكۇم:ئەركىن ئاكا
    بىلوگقا تۇنجى كىرىشىم ئىدى،مۇشۇنداق ئىنكاس يىزىپ سوئال سورىسساممۇ بولامدۇ.