باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

     

    ئالدىنقى قىسمىlogs/31013448.html
    ▲ مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «NASA» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان JPL دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.

    مېنىڭ يېقىنقى بىر قىسىم نەتىجىلىرىمنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرەلەيسىز:
    http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20143&extra=page%3D1

    مەن يۇقىرىقى تىزىملىكنى تەييارلاشتا چەت ئەلدىكى بىر قىسىم يېقىن تونۇشلىرىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم (ئۇلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر
    ئېيتىمەن). شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، بۇ تىزىملىك ھەرگىزمۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس. بۇ تىزىملىككە كىرمەي قالغان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە ئىشلار بار. بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغىنىم «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ئىدىيە بولغاچقا، ئاساسلىقى ئۆزۈم بىلىدىغان كىشىلەرنىلا مىسال قىلىپ ئالدىم.

    جۇڭگو ۋە چەت ئەلدە باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىپ، ئۆز كەسپىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ:
    http://hi.baidu.com/abdilim/albu ... CF%E0%B2%E1/index/0

    ئىنسان تارىخىنىڭ ھەممىسىدە سانسىزلىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خەلقنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتا بىر چوڭ ئاخبارات شىركىتى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ شىركەت ئۈچۈن ھەر ئايدا بىر مىليون دوللار پۇل خەجلەيدىكەن. بۇ شىركەت ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراقنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنى ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. يەنى، ئۆزىنى دۇنيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنىڭ بوۋىسى ھېسابلايدىغان ئامېرىكىمۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى ھازىر ئۆز مەنپەىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىۋاتىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىسىنى كىشىلەرنى ئىدارە قىلىشقا ئىشلىتىشتە پايدىلىنىلغان ئىلىم دەل ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر. ھازىر ئۇيغۇرلار بىر ئالاھىدە دەۋر ۋە بىر ئالاھىدە شاراىت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋالنى «سۆڭگەچ تېپىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بىر پۇتلۇق ئادەم» دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالنى مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا تۇققان يوقلاپ بارغاندىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يەنى، مەنمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە قىلىنغان سۆز، يېزىلغان كىتاب-ماقالىلەر چوقۇم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە قىلىنىدىغان ئىشلار چوقۇم بىر پۇتلۇق ئادەمنىڭ يەنە بىر پۇتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردىمى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلار ھورۇن» دېسىڭىز، بۇ سۆزىڭىز ھەرگىزمۇ سىنىپىڭىزدىكى بالىلارنى بۇرۇنقىدىن ئەقىللىقراق قىلىش، بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشچان قىلىش رولىنى ئوينىمايدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە رولنى ئوينايدۇ. ئەگەر بىر ساقمۇ-ساق سەمەتنى ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى كىشىلەر داۋاملىق «سەمەت ساراڭ، سەمەت دۆت» دەۋەرسە، ئۇ مەمەت تەدرىجى ھالدا ساراڭدەك سۆزلەيدىغان، ساراڭدەك ماڭىدىغان ۋە ساراڭدەك تۇرىدىغان، ساراڭدەك ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» نىڭ كۈچىدۇر. غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ سەلبىي پوزىتسىيەلىك ياكى ئىجابىي پوزىتسىيەلىكىنى ئۆلچەشتە، داۋاملىق يېرىمىدا سۇ بار، يېرىمى قۇرۇق بىر ئىستاكاننى مىسالغا ئالىدۇ. سەلبىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم يېرىم سۈيى بار بىر ئىستاكاننى كۆرگەندە «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمى قۇرۇق»، دەيدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم بولسا «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار»، دەيدۇ. شۇ نەرسىنى ئۇنۇتماڭكى، بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر چوقۇم «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار» بولسۇن.


    3. كۆڭۈل بىلەن بەدەن

    2008-يىلىنىڭ بېشىدا، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈل بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىر سېمىنارغا قاتناشتىم. بۇ سېمىناردا دوكلات بەرگۈچى ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چىقتى. ئاندىن ئۇ ئاڭلىغۇچىدىن باشقىلار ھازىرغىچە ئۆزى توغرىسىدا دەپ باققان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان سۆزلەرنى سورىدى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئوڭ قولىنى مۈرىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ توغرىسىغا كۆتەرتىپ قويۇپ، بىزدىن ھەممىمىزدىن ھېلىقى سۆزلەرنى بىرلىكتە ئۈنلۈك توۋلاشقا بۇيرىدى. بىز شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئۇ سۆزلىگۈچى سەھنىدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى پەسكە باسقان ئىدى، قولى ئاسانلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئورۇنلانتۇرۇشى بويىچە بىز بۇ تەجرىبىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم ھېلىقى ئاڭلىغۇچى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان سۆزلەر بىلەن تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى خېلى كۈچەپ پەسكە باسقان بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا پەسكە چۈشۈرەلمىدى.

    بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ مېڭىسى سىرىتتىن كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل بۇيرۇق سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن ئەقىللىق» دېسىڭىز، مېڭىڭىز «ھە-ئە، سەن ئەقىللىق»، دەپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر ئەقىللىق ئادەمنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن باتۇر» دېسىڭىز، مېڭىڭىز پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر باتۇرنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئويلاپ بېقىڭ: ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى «دۆت، دۆت» دەۋەرسە، مېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى قانداق پروگراممىلايدۇ؟ ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولسىڭىز، سىزنىڭ روھىڭىز، ئىرادىڭىز، غەيرىتىڭىز ۋە بەدەن قۇدرىتىڭىز قانداقراق بىر ھالەتتە بولار؟

    بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىدە 15 مىليارت دانە نەۋرون ياكى مېڭە ھۈجەيرىسى بار بولىدۇ. ھەر بىر مېڭە ھۈجەيرىسى باشقا 5،000-10،000 غىچە بولغان مېڭە ھۈجەيرىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. نەۋرون تورى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى بىر غايەت زور تېلېفون تورىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. بىز ھەر قېتىم بىر يېڭى نەرسە ئۆگەنگەندە، مېڭىدە نەۋرونلار ئارا يېڭى ئۇلانمىلار پەيدا بولىدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىنى تەكرارلىساق، بۇ يېڭى ئۇلانمىلار كۈچىيىپ ماڭىدۇ. يېڭى بىر ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرسەك، بۇ ئۇلانمىلار ئۆزگىرىدۇ. يەنى مېڭىدىكى نەۋرونلارنىڭ ئۇلانمىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

    ئادەمنىڭ كۆڭلى (ياكى ئەس-ھوشى) بىلەن بەدىنى ئۆز-ئارا تۇتاشقان بولىدۇ. يېقىنقى 10 يىلنىڭ مابەينىدە بايقىلىشىچە، 50-60 دانە خېمىيىلىك ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئادەم بەدىنىگە توشۇيدۇ. ئىنگلىزچە «endorphins» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى بىر خىيال، خۇشھاللىق، ھېسىيات، ئوي-پىكىر قاتارلىق ھەممە ئۇچۇرنى ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە توشۇيدۇ. ئەگەر سىز بىر سايدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، ئىلانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزدە «بۇ بىر ئىلانكەن» دەپ ئويلىسىڭىز، سىز قورققان بۇ ئۇچۇر دەرھال مېڭىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇچۇر سىزنىڭ ئۇمۇرتقا يوللىرىڭىز ئارقىلىق بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. بىر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدىنىڭىز بۇ خەتەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلايدۇ. يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ. قان بېسىمىڭىز كۆتۈرۈلىدۇ. نەپىسىڭىز تېزلىشىدۇ. مېڭىڭىزدىكى قانلار مۇسكۇللىرىڭىزغا، قولىڭىزغا ۋە پۇتىڭىزغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە سىز ياكى بۇ ئىلان بىلەن ئېلىشىشىسىز ياكى بىر ياققا بارلىق كۈچىڭىز بىلەن قاچىسىز. «ئىلان» دېگەن بىر خىيال مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئوي-پىكىرنىڭ بىردىن بىولوگىيەلىك ئاساسى بار. بەدىنىڭىز سىز كۆڭلىڭىزدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەمدە شۇ ئاساستا ئىش تۇتىدۇ. يەنى، بىر كۆز-قاراش پەقەت بىر ئىدىيەلا ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ۋە كۆڭلىڭىزدە تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. سىز ناھايىتى خۇشھال ياكى ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا ئىشەنچىڭىز بار بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئوي-پىكىر سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدىنىڭىز تېخىمۇ كۈچلىنىپ، ھېرىشى پەسىيىدۇ. ئەگەر سىز خۇشھال ئەمەس ياكى ھەسرەتلىك بولسىڭىز، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلىشىدۇ، قاشاڭلىشىدۇ ھەمدە ئاسان ھېرىپ قالىدۇ.

    قىسقىسى، سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىز بىلەن كۆز-قارىشىڭىزنى پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارقىتىدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزنى شۇ بويىچە تەييارلىق قىلىشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مەغلۇپ بولۇمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزگە «بۇ ئىشنى سىنايمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىن ھېچ قانداق ئۈمىد يوق» دەيدۇ. شۇڭلاشقا سىز ھەر داىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئەقىللىق، مەن چوقۇم قىلىۋاتقان ياكى كۆزلىگەن ئىشىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇمەن» دەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.

    يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز كەچتە ئىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىك ئاچقاندا، ھەرگىز «ئۇھ! بۈگۈن ھەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم»، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن سىزگە ھېچ قانداق ئىش خۇش ياقمايدۇ. سافادا توغرىسىغا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن باشقا ئىشنى قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا: «مەن بۈگۈنكى ئىشىمنى تۈگەتتىم. ئەمدى ئۆيدە ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىمەن» دەپ ئويلاڭ. شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىشىلەر سىزدىن «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەپ سورىسا، ھەرگىز «بۈگۈن دېگەندەك مىجەزىم يوق… بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن… ئىشىم دېگەندەك ئوبدان ماڭمايۋاتىدۇ… ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاقتىمەن.…» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپىنچە ئەھۋالدا، سىزدىن ئاشۇنداق ھال سورىغان كىشىلەرنىڭ 95 پىرسەنتى سىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. قالغان 5 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشىلەر بولسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچار بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزدىن ھېلىقىدەك ھال سورىغانلارغا: «ئەھۋالىم كارامەت ياخشى… ئەھۋالىم ئىنتايىن ياخشى… ئەھۋالىم ھازىرقىدەك ياخشى بولۇپ باققان ئەمەس» دېگەندەك جاۋابنى بېرىڭ. مېڭىڭىز مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى ئاشۇ بويىچە پروگراممىلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل جاۋابنىڭ سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنىڭ ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.


    4. ئاخىرقى سۆز

    مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى يازمىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئىنكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.

    مەن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا ئايالىم ئامانگۈل بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتكە باردىم. ھەمدە قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدىم. مۇشۇ جەرياندا مېنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم تۈركىيە بايرىقى بولدى. ھۆكۈمەت بىناسى، خاتىرە سارىيى، شەھەر كوچىسى، دۇكان-ماگىزىنلار، شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن كۆپ كۆرۈنىدىغىنى ئاشۇ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىكەن. ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىنقى تېمىغا ئېسىلغان تۈركىيە بايرىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئى 4 قەۋەتنى قاپلايدىكەن. قەيسەرىگە يېقىن جايدىكى ئىنگلىزچە «Cappadocia» دەپ ئاتىلىدىغان، 13-ئەسىردە بەرپا قىلىنغان ئۆڭكۈر-ئۆي شەھىرىنىڭ خېلى كۆپ ئۆڭكۈر-ئۆي دەرىزىلىرىدە ۋە تاغ چوققىلىرىدىمۇ ئاشۇ تۈركىيە بايرىقىنى كۆردۈم. «تۈرك» ۋە «ئاتاتۈرك» دېگەن خەتلەرنىمۇ بىز بارغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتۇق. «ئاتاتۈرك» دەپ ئىسىم بېرىلگەن يول، كۆۋرۈك، بىنا قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە «تۈرك» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. مەن يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ، «مىللىي روھقا باي مىللەت، دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدىم.

    ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتى بولدى. ئامانگۇل، مەن ۋە باشقا 3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەنقەرەدىكى «كوجاتەپە» مەسچىتىگە كىرىپ چىقىپ، پاراڭلاشقاچ مېڭىپ كېتىۋاتساق، يېشى 55 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر تۈرك ئەپەندى بىزدىن نېمە تىلدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى. بىز «ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئۇ كىشى ئىنتايىن خۇشھال بولۇپ، بىز بىلەن قولىمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ، ئاندىن كۆتۈرۈۋالغان سومكىسىدىن ئىككى دانە ئىنگلىزچە كىتابنى چىقىرىپ، «ماۋۇ مېنىڭ سىزلەرگە قىلغان سوۋغىتىم. قوبۇل قىلغايسىزلەر» دېدى. مەن ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا ئەكەلدىم (ئۇ كىتابنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «ئېتىقات ۋە ئىسلام»، يەنە بىرىنىڭ بولسا «ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدى؟» ئىكەن). بىز ئاپتوبۇستا ماڭغاندا، بازار ئايلانغاندا، مەسچىتلەرگە كىرگەندە، ئىشقىلىپ نەگىلا بارساق، بىزگە يول باشلاپ بېرىۋاتقان دوستىمىز بىر تۈرككە «بىز ئۇيغۇر بولىمىز» دېسىلا، ئۇ تۈركنىڭ چىرايىدا دەرھال تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، بىزگە «تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز» دەپلا، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، 13-ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ۋاقتىدا، تۈركلەر بىر مەزگىل «تۈرك مەدىنىيىتى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تۈرك ئۇيغۇرى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىكەن. يەنى، ئۇلار «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى «مەدەنىيەت» دېگەن مەنادا ئىشلەتكەن ئىكەن. قىسقىسى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن. ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.

    ئەمدىكى گەپ، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە قانداق مۇامىلە قىلىمىز؟ ئەگەر بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز-ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالساق، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر ناھايىتى چوڭ نومۇس. توغرا، «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە». ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئۇسۇلغا، پەيتىگە ۋە سورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىزنى باشقىلارمۇ ئەيىبلىسە، ئۆزىمىزمۇ ئەيىبلىسەك، ئۆزىمىزدە بار يوشۇرۇن كۈچكە، ئارتۇقچىلىققا ۋە ئۈستۈنلىككە توغرا باھا بېرەلمىسەك، ئۇ ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلاردا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە قانچىلىك ماڭساقمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇر يوقكەن» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پايدىسىز يۆنىلىشتە پروگراممىلاپ قويىمىز. ئەجدادلىرىمىز بىزگە نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟ بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە سىز ھازىر نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز؛ سىز چىقالايدىغان پەللىنىڭ ئىگىزلىكىنى پەقەتلا سىز، كۆزلەشكە پېتىنالايدىغان غايىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆلىيەلەيدىغان بەدىلىڭىزلا بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز قاتتىق تىرىشسىڭىز، ئۆز بۇرچىڭىزغا ئۆزىڭىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە كۆيۈنسىڭىز، توختىماي ئىلگىرىلەشكە بەل باغلىسىڭىز، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.

    ئىقتىساد ئىلمىدە «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئۇ «ئېھتىياج تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كۆرسىتەي. ئالتە ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان بېنزىننىڭ باھاسى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ ماينى ناھايىتى جىق مىقتاردا تەلەپ قىلىدىغان ماشىنىلىرىنى يوقاتتى. ئۇنداق ماشىنىسى يوقلار بولسا ئۇنداق ماشىنىلارنى ئېلىشنى ئاساسەن توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى سپورت ماشىنىلىرىنىڭ بازىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ياشلار قانچە ياخشى ئوقۇسىمۇ، قانچە تىرىشسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدار ۋە تالانتىنى نامايەن قىلسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىر جان بېقىش يولى يوق بولۇشتەك بىر ناچار تەقتىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق تەقدىرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا، كاللامغا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۇ ھايۋانلارنى ناھايىتى ئاچ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئازراق-ئازراقتىن يېمەك بېرىپ، ئۇ ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارنى ئويۇن كۆرسەتكۈزگەندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئادەملەرگىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن بەزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ھەر بىر ياشنىڭ بۇ ئۇقۇمنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

    مەن يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن تېررىتورىيىلەرگە بوسۇپ كىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم ئادەم ۋە ئىشلارنى مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتتۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بۇ يەردە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈمەن. ئۇ توغرىلىق Biliwal.com تور بېتى مۇنداق خەۋەر بەردى. نەقىل: «شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۈجەيرىنى يادرو كۆچۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇننىڭ تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، شۇنداقلا كلونلانغان 20 تۆرەلمىدىن ئىككى تۈركۈم غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن تۈرىدىكىلەرنىڭ تۆرەلمىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىقىشى بولۇپ، ئىنسانلار تۆرەلمىسىنى كلونلاشقا قاراپ بېسىلغان يەنە بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2007-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «تەبئەت» (Nature) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا تېزلىكتە خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان. بۇ زور نەتىجە ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2007-يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان؛ ھەمدە «تەبئەت» ژۇرنىلى، جۇڭگونىڭ «پەن-تېخنىكا گېزىتى» تەشكىللىگەن باھالاشتا 2007-يىلىدىكى خەلقئارا 10 چوڭ پەن-تېخنىكا خەۋىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.»
    دېمەك، ئۇيغۇرلار باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلالايدۇ. باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ چوقۇم قىلالايدۇ. مەن ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ، «ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دېگەن سۆزنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • دۇنيا كۈلۈپ باققانلارغا كۈلۈپ باقىدۇ.....بەخىت بارلىغىمىزغا مەنسۇپ.....ئۆرلە.....
  • alla siz dak batur lar ham dam da bol gu sy
  • مەن بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىۋالدىم
  • مەن بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىۋالدىم!
  • سىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ يەنە بىر ئىلمىي ئەمگىكىڭىزنىڭ نەتىجىسى"ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە"نى يېزىپ چىققىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت".
  • ئەسسالامۇ_ ئەلەيكۇم ،قېرىندىشىم سىزنىڭ بلوگىڭىزنى قارقچى بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم ،،،قاراقچى بلوگى سىزنىڭ دوستانە ئۇلىنىش قىلىش شەرتىڭىزگە ئۇيغۇن كەلسە قاراقچى بلوگىنى ئۇلىنىشڭىزغا قېتۋالسىڭىز بوپتىكەن،،،ھۆرمەت بىلەن :_____
    قاراقچى بلوگى
    http://karakqi.blogbus.com
    لوگو.......
    http://karakqi.blogbus.com/files/12265048320.gif