باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • (داۋامى) ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


    مەن ھازىرغىچە ئۆز يازمىلىرىمدا مۇرەككەپ ياكى ئابستراكت ئۇقۇملارنى بىرەر مىسال ياكى ۋەقە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ شەكىلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۆزۈم ئىزچىل تۈردە ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن، ئۇنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمىگەن ئىدىم. ئەسلىدە كىتاب - ماقالە ئوقۇش سول مېڭىنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، ئەگەر يازغان نەرسە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ سول مېڭىدىن ئوڭ مېڭىگە يۆتكەشكە مەجبۇرلىسا، ئۇ نەرسە ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇغان ماتېرىياللارنى چۈشىنىشىمۇ كۆپ ئاسان بولىدىكەن. يەنى يازغان نەرسىنىڭ ئىچىدىكى لوگىكا، ئانالىز ۋە سان-سىپىر ھېسسىيات، كەيپىيات، ئوخشىتىش، مۇبالىغە، چاقچاق، قىزىق پاراڭلار بىلەن ئارىلىشىپ كەلسە، ھەمدە پۇراق، تەم، ئاۋاز، شەكىل ۋە كۆرۈنۈش بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىپ كەلسە، ئوقۇرمەنلەر ئېرىشەلەيدىغان ئۈنۈم كۆپ ياخشى بولىدىكەن. ئادەتتە بىر ئادەم قىزىقارلىق بولمىغان بىر نەرسىنى ئوقۇغاندا، ياكى ئوخشاش بىر ماتېرىيالنى ئۇزۇن ۋاقىت ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ خىيالى ئاسانلا باشقا ياققا ئۇچۇپ كېتىپ، ئوقۇۋاتقان نەرسىدە نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىغا ئەگىشىپ ماڭالماي قالىدۇ. بۇ سول مېڭىنىڭ ھەرپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ھەر بىر پاراگرافنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىڭىزنى توختىتىپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىڭىزدە بۇ جۈملە ياكى پاراگرافتا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى قايسى مەزمۇن سىز ئۇچۇن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇنىڭدىكى قايسى جۈملىلەرنى ئېسىڭىزدە ساقلىۋالسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىر قېتىم ئويلىۋېتىڭ. بۇ سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، مۇشۇنداق قىلىپ ماڭسىڭىز ئوقۇغان نەرسىڭىزدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنالايسىز.

     



    4. يېڭىلىق يارىتىشچانلىق بىلەن ئوڭ-سول مېڭىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

    [align=justify]

    شائىرلارنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەشپىياتچىلار ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەي. يېڭىلىق يارىتىشمۇ ئىككى مېڭىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يېڭىلىق يارىتىشچانلىقنىڭ مۇنداق بەش باسقۇچىنى تېپىپ چىققان.
    (1) تەييارلىق قىلىش (سول مېڭە پائالىيىتى): ئۇچۇر يىغىش، چوڭ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، مەسىلىلەرگە ئېنىقلىما بېرىش، ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئېنىقلاپ چىقىش.
    (2) زېھىن بىلەن ھەرىكەتنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش (سول مېڭە پائالىيىتى): ئۆز-ئۆزىڭىزگە تۇزۇم بېكىتىپ، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەممە نەرسىلەرنى يوقىتىش، ھەمدە ھازىر دەرھال قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈش.
    (3) پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاتلىنىش (ئوڭ مېڭە پائالىيىتى): قوشۇمچە ئەس-ھوشىنى ئىشقا سېلىپ، يىغقان نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ۋە يىغقان پارچىلارنى توغرا تەرتىپ بىلەن قۇراشتۇرۇش.
    (4) تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ھاسىل بولغان چۈشەنچىدىن («insight») پايدىلىنىش (ئوڭ مېڭە پائالىيىتى): ئوڭ مېڭە پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئادەم بەزىدە بۇرۇن ئويلىمىغان ياكى ئۈمىد قىلمىغان بىر چۈشەنچە ياكى ئىدىيە ھاسىل قىلىدۇ. كۆرۈنۈش، ئاۋاز، ۋە بىر ئەمىلى نەرسە توغرىسىدا بىۋاسىتە ئىگە بولغان چۈشەنچىلەرنى مۇتەخەسسىسلەرچە بىرلەشتۈرۈپ، قىلماقچى بولغان ئىشى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش.
    (5) باھالاش (سول مېڭە پائالىيىتى): بارلىق ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، بۇ بىر ئۇقۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بىر ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئېلىپ بېرىش. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىش ئېلىپ بارىدىغان قەدەم-باسقۈچلارنى پىلانلاپ چىقىش.

    يېڭى نەرسە ئىجات قىلىش جەريانى ئۈچۈن ئىنگلىزچىدىكى «intuition» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىكى «ھېسسىي تۇيغۇ» بىلەن «insight» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىكى «چۈشەنچە» ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ نەرسىلەر ئادەمنىڭ كاللىسىغا خۇددى بىر نۇر چاقنىغاندەك ئۇشتۇمتۇت ۋە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە پەيدا بولۇپ، يەنە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ كاللىسىدىن غايىب بولىدۇ. مەسىلەن، مۇنچىغا چۈشۈۋاتقاندا، ئاياق يىپىنى باغلاۋاتقاندا، ساقال ئېلىۋاتقاندا، ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا، ۋە ياكى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ يېرىم ئۇيقۇلۇق ھالەتتە تۇرغاندا. بۇنىڭ سەۋەبى، ھېسسىي تۇيغۇ ئوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە ئادەم بەدىنى ئەڭ راھەت، ئەڭ بېسىمسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. بۇ خىلدىكى ھېسسىي تۇيغۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاساسسىز ۋە ئانچە قاملاشمىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولغاچقا، سول مېڭە بۇنداق تۇيغۇغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىقىپ، ئۇنى باستۇرۇپ قويۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئاشۇنداق ھېسسىي تۇيغۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنى ھەرگىز كۆڭلىڭىزدىن قاچۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشىڭ.

     



    5. چۈشتىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش

    [align=justify]

    ئەگەر چۈشىڭىزنى توغرا ئۆرۈشنى بىلسىڭىز، چۈشىڭىز بەزى چاغلاردا بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئادەمنىڭ چۈشى لوگىكا ۋە ئەمەلىيەتكە ھېچ قانداق چېتىشلىقى بولمىغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈش، ھېسسىيات ۋە سۈرەتلەشلەرگە ئىنتايىن باي بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئادەم چۈش كۆرگەندە ئاساسلىقى ئوڭ مېڭە ئىشلەيدىكەن. ئوڭ مېڭە تەسەۋۋۇرغا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا باي بولغاچقا، ئەگەر سىز كۆرگەن چۈشلىرىڭىزنى ئوبدان خاتىرىلەپ ماڭسىڭىز، ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن بەزى بىر سوئاللىرىڭىزغا چۈشىڭىز ئارقىلىق جاۋاب تاپالايسىز. شۇڭا سىز ھەر كۈنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىرىنچى بولۇپ چۈشىڭىزنى ۋە كاللىڭىزغا كەلگەن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ-سېزىمىڭىزدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز.

     

    [align=justify]

    6. سىز سول مېڭىلىك ئادەم تۈرىگە كىرەمسىز ياكى ئوڭ مېڭىلىققىمۇ؟

     

    [align=justify]

    ئەگەر سىز سول مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
    ھەممە نەرسىنى ئانالىز قىلىسىز، ھەمدە يېڭى بىر ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات تەلەپ قىلىسىز.
    مۇقىملىق بىلەن تەرتىپلىكنى ساقلايسىز.
    قائىدە-تۇزۇم بويىچە ئىش قىلىشنى خالايسىز، ھەمدە تۈزۈلمىگە ماسلىشىسىز.
    ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن قارارلارنى ئانچە ياقتۇرمايسىز.
    ۋاقتىڭىزنى پىلانلاشنى ياخشى كورىسىز.
    تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيسىز.
    ئەگەر بىر ئەھۋال توغرىسىدا قارار چىقارماقچى بولسىڭىز، ئۇ ئەھۋالنى ئىنتايىن كۆپ ئانالىز قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئەھۋال توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
    باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقاندا، سىز زېھنىڭىزنى ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۆزنىڭ تەلەپپۇزىغا ياكى ئىشارىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيسىز.
    ماتېماتىكىدا گېئومېتىرىيىگە قارىغاندا ئالگېبرانى ياخشىراق كورىسىز، باشقىلار بىلەن ئوينىغاندا كۆڭۈل ئېچىشقا قارىغاندا رىقابەتلىشىش ئىدىيىڭىز كۈچلۈكرەك بولىدۇ.
    يەتمەكچى بولغان ئېنىق نىشانىڭىز بار بولىدۇ.

    ئەگەر سىز ئوڭ مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
    تەسەۋۋۇرغا باي بولىسىز.
    پەرەز ۋە مۇنتىزىم بولمىغان ھېسسىيات بويىچە ئىش كورىسىز.
    ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئوتكەن ئىسپات تەلەپ قىلمايلا يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىۋېرىسىز.
    يېڭىلىقنى ھەمدە بارلىق غەيرىي نەرسىلەرنى ياخشى كورىسىز.
    پىلانلىق ئىش قىلىش ئەمەس ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ئىش قىلىشقا ئامراق كېلىسىز.
    بىر ئىش قىلغاندا كۆپ ئويلانمايلا قارار چىقىرىۋېرىسىز، بىر ئىشنى «مېنىڭ كۆڭلۈم تارتتى» دېگەن سەۋەب بىلەنلا قىلىۋېرىسىز.
    تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا ئامراق كېلىسىز.
    باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ بەدەن ھەرىكىتىگە، ھېسسىي تەلەپپۇزىغا ۋە باشقا ئىنچىكە كۆرسەتمىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز.
    ئۇچۇر قوبۇل قىلغاندا زېھنىڭىزنى ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرىسىز.
    سول كۆزلۈك كېلىسىز (خۇددى ئوڭ-قوللۇق ۋە سول-قوللۇق ئادەم بولغىنىدەك، ئادەملەر سول كۆزلۈك ۋە ئوڭ ئۆزلۈك دەپمۇ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ ساھەدە كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستىسىڭىز،
    http://www.sciencedaily.com/releases/2007/03/070323135954.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ).
    ماتېماتىكىدا ئالگېبراغا قارىغاندا گېئومېتىرىيىنى ياخشىراق كۆرىسىز.
    رىقابەتتىن قورقىسىز.
    سىزنى قانچە ئەركىن قويۇۋەتسە، ئىشنى شۇنچە ئۈنۈملۈك قىلىسىز.
    ئويۇننى ھېچ بىر مەقسىتىڭىز يوق ھالدا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا ئوينايسىز.

     

    [align=justify]

    7. ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى

     

    [align=justify]

    ئەگەر بىز مېڭىمىزنىڭ بىر يېرىمى يەنە بىر يېرىمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي بولغان ئوڭ مېڭىمىزدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىمىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىغا نەقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ئوڭ مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى قانچە تولۇق ئىشقا سالالىساق، ۋاقىت ۋە ھازىرقى ئەھۋاللارنى شۇنچە مۇكەممەل كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، شۇنچە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا شۇنچە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىز كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى ۋە نېمە بولماقچى ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى شۇنچە توغرا پەرەز قىلالايمىز. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن.

    1) نەزەر دائىرىنى كەڭ تۇتۇش

    بىز بەزىدە بىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سول مېڭە مۇھىتى ۋە ئويلاش شەكىللىرىدىن چىقىپ كېتىپ، ئوڭ مېڭە مۇھىتىغا كىرىپ قالىمىز. مەسىلەن، بىر سۆيۈملۈك كىشىمىزنىڭ ۋاپات بولۇشى، بىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولىشىمىز، بىر ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كېلىشىمىز، ياكى بىر قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىز بىزنى ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ھاياتىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆزىمىزدىن مۇنداق قىيىن سوئاللارنى سوراشقا مەجبۇرلايدۇ: «مەن ئۈچۈن زادى نېمە ئەڭ مۇھىم؟»، «مەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن؟»

    ئەمما، ئەگەر سىز تەشەببۇسكار (ئىنگلىزچە «proactive») بولسىڭىز، سىز مەلۇم بىر كۈتمىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بېرىپ، ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا، ئوڭ مېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيسىز. بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرچانلىقىنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش. مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ، ھەمدە باشقىلار سىزنىڭ ماتەم مۇراسىمىڭىزدا ئوقۇيدىغان سىزنىڭ مەدھىيە سۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەپسىلىي يېزىپ بېقىڭ. ئاندىن «مۇشۇ مەن ئىستىگەن ھاياتلىق شۇمۇ؟» دەپ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز پەقەت يەنە بىر يىللا ياشىيالايدىغان بولسىڭىز، سىز بۇ بىر يىلنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا بىر پىلان تۈزۈپ بېقىڭ.

    ئوڭ مېڭىڭىزنى ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، سىز توي قىلغىنىڭىزغا 25 يىل بولغان ۋە 50 يىل بولغان خاتىرە كۈنىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈش. بولسا بۇنى خانىمىڭىز ياكى ئېرىڭىز بىلەن بىرلىكتە قىلىڭ. ئاشۇ 25 ياكى 50 يىل جەريانىدىكى ھەر بىر كۈندە سىز ئائىلە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەر ئاققۇزۇپ ئېرىشمەكچى بولغان ئەھۋاللارنى تولۇق تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

    سىز ھازىرقى كەسپىڭىز بىلەن شۇغۇللىنىپ، پېنسىيە يېشىغا توشقان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. سىز ئۆز كەسپىڭىزدە قانداق تۆھپىلەرنى يارىتىشنى، قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىستەيسىز؟ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟

    سىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىزنىڭ مىللىتىڭىز، سىزنىڭ خەلقىڭىز سىزنى قايسى تەرىقىدە ئەستە ساقلىشىنى ئىستەيسىز؟ ئۇلار سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى قايسى شەكىلدە خاتىرىلىشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟ سىز ئۈچۈن خەلقىڭىز كەلگۈسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىنى سىزنىڭ قەبرىڭىزگە ئاپىرىپ، قەبرىڭىزگە گۈل قويۇپ خاتىرىلەپ كەلگىنى مۇھىممۇ، ياكى ئۇلار سىزنىڭ ئانا تىلنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر يوقاپ كېتىش تەھدىتى ئاستىدا قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇشتەك تارىخىي جىنايىتىڭىز ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى قەبرىڭىزنىڭ ئۈستىگە تەرەت قىلدۇرۇپ قايتىپ كەلسىمۇ مەيلىمۇ؟

    يۇقىرىقى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئىمكانقەدەر ئوي-پىكرىڭىز كەڭ-كۆلەملىك بولسۇن، مەزمۇن كونكرېت بولسۇن، ھېسسىيات كۆپرەك بولسۇن، پايدىلانغان سېزىمىڭىزنىڭ تۇرلىرىمۇ ئىمكان قەدەر كۆپرەك بولسۇن. سىز بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىملىقى، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە بولماقچى ۋە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ چىقىشقا ئىنتىلگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى قاتتىق ھۆرمەتلەيدىغان بولىسىز. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ دائىرىسى ئىچىدىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن جىق كەڭ بولغان بىر دائىرە ئىچىدە ئويلايدىغان بولىسىز.

    2) تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش

    ئىنگلىزچىدا «شەخسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى» ياكى «شەخسىي لېدىرلىق ئىقتىدارى» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ھەرگىز بىر ۋاراق قەغەزگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات پىلانىنى (ئىنگلىزچىدا بۇ يەردىكى «پىلان» نى «mission statement» دەيدىغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە «mission statement» گە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقا ئۇيغۇرچە سۆز تاپالماي قالدىم) يېزىپ چىقىش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆز قىممىتىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارغا توغرىلايدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇنداق ياشاش يولىنى تاللىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك پىلانىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، توختىماي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ مېڭىشىڭىزدا، سىزنىڭ كۈچلۈك ئوڭ مېڭىڭىز سىزگە ناھايىتى زور ياردەم قىلالايدۇ.

    مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر-ئىككى يازمىسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئوقۇشنى ئەڭ ئاخىرقى پەللىگىچە ئوقۇش، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى ئۆزۈمنىڭ ھاياتلىق پىلانى قىلىپ تۇرغۇزدۇم. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بولسا بۇ ئۈچ پىلانغا «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەننى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت يەنە بىر پىلاننى قوشتۇم. شۇنىڭدىن تارتىپ مەن ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارنى ئاشۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەن ئاساستا تاللىدىم. ئادەم ياش ۋاقتىدا ھەۋەسلىنىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ئاساسەن ۋاز كەچتىم. ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئوقۇشى، چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدىن ئىبارەت ئۇچ ئىشىمنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى ئىشلىدىم. «ئادەم جاپا-چەككەنگە ۋە قاتتىق ئىشلىگەنگە ئۆلۈپ قالمايدۇ» دېگەن سۆزنى باشتىن-ئاخىر ئۆزۈمنىڭ روھىي يۆلەنچۈكى قىلىپ، ھەر كۈنى 12 سائەتتىن 16 سائەتكىچە ئىشلىدىم. مەن بۈگۈنكى كۈنگە مانا ئاشۇنداق بىر يولنى تۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشتىم. ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بۇ ئەھۋال مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن ئۇقۇملارغا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە قىسقىچە بايان قىلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

    يۇقىرىدا مەن «تەسەۋۋۇر قىلىش» ئۈستىدە قىسقىچە توختالدىم. ئەمدى «مۇئەييەنلەشتۈرۈش» ئۈستىدە ئازراق توختىلاي. مەن بۇ ئۇقۇمنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرىمەن. سىزنى ئۆز پەرزەنتىگە ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر كۆيىدىغان دادا بولۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پىلانى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم قىممەتلەرنىڭ بىرسى دەپ بېكىتكەن، دەپ پەرەز قىلايلى. ھەمدە سىزنى ھەر كۈنى باللىرىڭىزنىڭ قىلغان ئىشىدىن رازى بولماي، ئاچچىقلاپلا يۈرىدىغان بىرسى، دەپ ئويلايلى. ئاشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىر «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خېتى» يېزىپ تەييارلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەتلىرىنىڭ بىرسى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرالايسىز. بۇنداق «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خېتى» نىڭ مۇنداق بەش ئالاھىدىلىكى بولىدۇ: ئۆزىگە خاس بولۇش، ئىجابىي بولۇش، ھازىرقى ئەھۋال ئۈستىدە بولۇش، كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بولۇش، ۋە ھېسسىياتقا باي بولۇش. شۇڭلاشقا سىز مۇنداق بىر خەتنى يېزىشىڭىز مۇمكىن: «مەن مۇنداق بىر ئىش بىلەن چوڭقۇر قانائەتچانلىق ھېس قىلىمەن: بالىلىرىم توغرا ئىش قىلمىغاندا، مەن ئۇلارغا ئەقىل ئىشلىتىپ، كۆيۈنۈپ، كەسكىنلىك بىلەن، ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمنى كونترول قىلغان ئاساستا مۇئامىلە قىلىمەن.» شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى بىر قانچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، كۆڭلىڭىز بىلەن بەدىنىڭىزنى بىر راھەت، بېسىمسىز ھالەتكە ئەكېلىپ تۇرۇپ، شۇ بىر كۈندە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بالىلىرىڭىزنىڭ توغرا قىلمايدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلىي كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. سىز ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنىڭ رەختىنى، پۇتىڭىزنىڭ ئاستىدىكى يەرنى، ئۇچىڭىزدىكى پوپايكىنى، قىزىڭىز كىيىدىغان كۆڭلەكنى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. سىز بۇ ئىشلارنى قانچە جانلىق ۋە تەپسىلىي تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، ئۇ ئىشلار راستىنىلا يۈز بەرگەندە ئۇلار سىزگە ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىي ئەھۋال بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىڭىز ئادەتتە سىزنى قاتتىق خاپا قىلىدىغان ئىشتىن بىر قىلسا، سىز ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلماي، سىز ئاللىقاچان ئۆز كۆڭلىڭىزدە مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، بۇ ئەھۋالنى چوڭقۇر سۆيگۈ، كۈچلۈك ئەقىل-پاراسەت ۋە ئۆز-ئۆزىڭىزنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغان ئاساستا ياخشى بىر تەرەپ قىلىسىز.

    دېمەك، «تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش» ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى پروگراممىلاش جەريانىدۇر. بۇ جەرياندا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقىنىڭ بىرسى بولغان ئىجادكارلىققا ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئوڭ مېڭىڭىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرىسىز. ئەگەر خاتا نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، چوقۇم خاتا نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز. ئەگەر سىز يۇقىرىقىدەك بىر قەغەز يۈزىگە يېزىلغان «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خېتى» بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، سىز ھەر كۈنى ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ماڭىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۆزىڭىزنىڭ جەمئىيىتى، ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈمىتى، ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىسىيەتلىكى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىتى سىزىپ بەرگەن سىزىق بىلەن ئەمەس، ئۆزىڭىز تاللىغان قىممەت سىستېمىسى بويىچە ياشاپ ماڭىسىز.

    ئامېرىكىدا ياشايدىغان ماتېماتىكا دوكتورى Charles Garfield NASA دا ئىشلىگەن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ يەردىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا ھەيران قالغان. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى كىشىلەرنى ياخشىراق چۈشىنىپ بېقىش ئۇچۇن، ئۇ پسىخولوگىيە كەسپىدە يەنە بىر دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئىشنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىدىغان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئۆمرىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالىغان كىشىلەرنىڭ بىر ئورتاق خاراكتېرى، ئۇلار يىراقنى كۆرەلەيدىكەن، ۋە كەلگۈسىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلالايدىكەن.

     



    8. ئاخىرقى سۆز

    مەن ئالدىنقى قېتىم تەييارلىغان «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن يازما تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەردىن ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ۋەتەندىكى باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنىمۇ بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، مەن Google ئارقىلىق ماقالىنىڭ تېمىسىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ، ئاشۇ ماقالىنى چىقارغان، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ياسىغان 66 ئۇيغۇرچە تور بېتىنى تېپىپ، ئۇلاردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. مەن ئۇ ئىنكاسلارنى ئوقۇش ئارقىلىق خېلى كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. ھەمدە زور ئىلھام ئالدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىندان ئەپەندىم «ئەركىن سىدىق نېمە دېمەكچى» (
    http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-81439-fpage-0-toread--pa ge-1.html) دېگەن بىر تېمىدا، ۋە بىدار-قۇتلان ئەپەندىم «بىز قاغىدىن ئاق، سېغىزغاندىن ساقمۇ؟» ( http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20308 ) دېگەن بىر تېمىدا يازما تەييارلاپتۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازغىنى مېنىڭ يازمامنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ بېرىدىغانلىقى مۇقەررەر. غالىپ بارات ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ 2002-يىلى يازغان، مېنىڭ يازمام بىلەن ئوخشاش مەقسەتتىكى بىر يازمىسىنى بىر قىسىم تور بەتلىرىگە چىقىرىپ قويۇپتۇ ( http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=1711 ). مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن يازمىنى تەييارلاش، ئۇنىڭدىن مىڭلىغان، ئوڭ-مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەۋەردار قىلىش، ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يولىدا كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا، مېنىڭ بۇ يازمامغا قارىتا سەمىمىي ئىنكاس يېزىپ قالدۇرغان بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە چىڭ كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. شۇنداقلا قولىدىن كېلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەن يازغان نەرسىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلايدىغان، كېڭەيتىدىغان ۋە بېيىتىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ يوللاپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

    مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 66 تور بېتىدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە «بىز قانداق قىلساق ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايمىز؟» دېگەن سوئالنى بىر قانچە يەردە ئۇچراتتىم. مەن ۋەتەندىكى ياشلاردىن ئېلخەت ئارقىلىقمۇ «سىزچە بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلساق بولار؟» دېگەن سوئالنى پات-پات تاپشۇرۇپ ئېلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بىز بۇنىڭدىن ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللەت تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە ۋە ئەنسىرەشنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش مەسىلىسىدە، ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر دۇچ كەلگەن تاللاش يولى، بىر-بىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتلەشكەن بىر جۈپ ياشنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى قىلىنغاندىكى تاللاش يولى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بىرسى بولۇپ قالسىڭىز، قانداق قىلاتتىڭىز؟ مېنىڭچە سىزگە مۇنداق ئىككى ئاساسلىق يول بار. ئۇنىڭ بىرسى تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىپ، خېروئىن ياكى يەنسۇئەن چۈمادو (
    http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20274.html نى كۆرۈپ بېقىڭ) ئىشلىتىپ، سول ۋە ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ بىر قىسىم ياكى مۇتلەق كۆپ ئىقتىدارىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ دەرت-پەرياتلىرىنى يوشۇرۇپ ياشاش. بۇ يولنى تاللىغانلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى ياش تۇرۇپلا بۇ ئالەمدىن ئايرىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاشۇنداق بىر چۈشكۈنلەشكەن ۋە زەئىپلەشكەن ھالەتتە يەنە خېلى ئۇزۇن ياشىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىگە، جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىكى ۋە زىيانلىرى ياش تۇرۇپلا تۈگەپ كەتكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن. روشەنكى، بۇنداق ئادەملەر خەلق-ئالەم ئالدىدا ئانچە زور قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ياكى بولمىسا مىنۇس قىممەتكە ئىگە. سىز تاللىسىڭىز بولىدىغان يەنە بىر يول، مۇشۇ يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئوڭ مېڭىنى ئىشقا سېلىش ئۇسۇلى بويىچە ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھايات پىلانىڭىزنى ئەستايىدىل تۈزۈپ چىقىپ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى ئاشۇ ھايات پىلانىڭىزغا توغرىلاپ تۇرۇپ ياشاش.

    ئەگەر سىز يۇقىرىقى مىسالدىكى بىر جۈپ ياشنىڭ بىرسى بولۇپ قېلىپ، سىزنى قىز دوستىڭىز ياكى ئوغۇل دوستىڭىز تاشلىۋەتكەن بولسا، سىزنىڭ كېيىنكى قېتىم مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولماسلىقىڭىزنىڭ بىر شەرتى، سىز كەم دېگەندە ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش، ياكى مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزنى ھەر جەھەتتە ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك كۈچلەندۈرۈش. بۇ ئىش بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. سىز پەقەت ئوز كۈچىڭىزگە تايىنىپ بۇرۇنقىدىن كۈچلىنىپ ماڭغاندىلا، ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىلىرىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويمايسىز. بەزىلىرىنى تارتتۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىغا قايتا ئېرىشەلەيسىز.

    مەن ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى بىر قىسمىدا تەسۋىرلىگەندەك، ئادەمنىڭ ئوڭ مېڭىسى ئادەم بىر تاسادىپىي ئېچىنىشلىق ۋەقەگە يولۇققاندا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوڭ مېڭىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىشقا سېلىشنىڭ پۇرسەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئەتراپىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئوبدان سەپ سېلىپ بېقىڭ. قۇلىقىڭىزغا كىرىۋاتقان ئاۋاز-ئۇچۇرلارغا ئوبدان دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر «ئۇيغۇر» دېگەن بىر نەرسە سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا بىر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلا بولسا، ھازىر كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈش ۋە ئۇچۇرلاردىن، قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلاۋاتقان ئاۋازلاردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئويغىتىپ، ئىشقا سېلىپ، ئاكتىپ ساقلايدىغان نەرسىلەردىن بىر دەمدىلا بىر مۇنچىسىگە ئىگە بولالايسىز. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇپمۇ ئاشۇ ئىشلارنى مەلۇم دەرىجىدە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا سىزنىڭ ئاشۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىزغا تېخىمۇ بەكرەك ئىشىنىمەن.

    1970-يىللارنىڭ بېشىدا مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مېنىڭ دادام ئىشلەيدىغان مەكتەپ بىر ھەربىي پولىكىنىڭ رەھبىرىي ئورنى قىلىپ ئىشلىتىلدى. ھەر شەنبە كۈنى ئاخشىمى مەكتەپنىڭ مەيدانىدا ھەربىيلەرگە كىنو قويۇپ بېرىلەتتى. مەلۇم بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن كىنو قويغۇچىنىڭ ۋاسكېتبول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ۋاسكېتبول مەيدانىنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇ كىنو قويغۇچى مەيداننىڭ سىرتىغا توپ باشلاش ئۈچۈن چىققاندا، مەن ئۇنىڭدىن: «بۈگۈن نېمە كىنو قويۇلىدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا «لاۋۋېي» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، توپ ئويناۋاتقان قالغان ھەربىيلەرنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇ چاغلار بىز ھەر كۈنى مەكتەپتە ماۋ زېدوڭنىڭ «خەلقنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، خەلقنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمايدۇ» دېگەندەك سۆز-ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىت ئىدى. يۇقىرىقى جاۋاب مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. غۇرۇرۇمغا قاتتىق تەگدى. مەن نەچچە كۈن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمىدىم. بىر ھەپتە تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمىدىم. نەچچە قېتىم ئۇ كىنو قويغۇچىنىڭ ئۇستىدىن ئەرز قىلىشنىمۇ ئويلىدىم. لېكىن، ئۇ توپ ئوينىغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ، مەكتەپتە تۇرۇۋاتقان بارلىق ھەربىيلەرنىڭ ئىچىدىمۇ بىرەر ئۇيغۇر بولمىغاچقا، ئەگەر مەن ئەرز قىلسام، قالغان توپ ئوينىغۇچىلار «بۇ بالا يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۇنداق دېمىدى.» دەيدىغانلىقىغا، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەرزىم قىلچە ئاقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. بۇ ۋەقە ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا خۇددى تۈنۈگۈن بولغاندەكلا تۇرىدۇ. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەمسىتىلگەن، ئىنسانلىق غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنغان ۋەقەلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئېسىمدە ھازىرمۇ ئەينەن ساقلاقلىق. ھەر قېتىم ئىرادەم بوشاپ قالغاندا، مەن ئاشۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەيمەن. بالىلىق دەۋرىمدە دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى، يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن ھەر خىل پاجىئەلەرنى ئەسلەيمەن. يۇرتتىكىلەر ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل خورلۇقنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن روھلىنىپ كېتىمەن. نۇرغۇن ياشلار مەندىن «سىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىل شۇنچە قاتتىق تىرىشىپ ماڭالىشىڭىزدىكى سىر نېمە؟» دەپ سورىغان ئىدى. بۇ سىر، مېنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك بىر ھايات پىلانىمنىڭ بولۇشى، ئۆزۈمنىڭ ھەممە ھەرىكىتىنى ئاشۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرىلىغانلىقىم، ھەمدە مۇشۇ يەردە سۆزلەپ ئوتكەن ئۇسۇل بىلەن ئۆزۈمنى توختىماي روھلاندۇرۇپ تۇرغانلىقىمدىن ئىبارەتتۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر يازمىسىدا «ئادەم خۇددى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرالىغىنىدەك، غەزەپنىمۇ ۋە نەپرەتنىمۇ كۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ.» دېگەن ئىدىم. مېنىڭ بۇ سۆزۈمدە نېمە كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ھازىر ئايدىڭ بولدى، دەپ ئويلايمەن.

    بىدار-قۇتلان ئەپەندى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى يازمىسىدا 1901-1937 يىللاردا ياشىغان داڭلىق ئۇيغۇر مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق (
    http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=295&extra=p age%3D1 ) ئەپەندى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى چاغدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۇنۋان باھالاپ بەرمىسىمۇ، تۈرلۈك ياردەملەر بېرىلمىسىمۇ، ئەكسىچە خاھ ھۆكۈمەتتىن، خاھ نادان خەلقتىن قىلچە خۇشاللىق كۆرمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋەزىپىسىنى تونۇپ، ئوت ئىچىدە ياشىغان ئىكەن.» مەن ئۆز ئۆمرۈمدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەمتىلى تەۋپىقتەك ئادەملەرنى كۆپ ئۇچراتتىم. ھازىرمۇ ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمەن. بەزىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە ئاخشام قونۇپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن پاراڭلىشىپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوبدان سەپ سالسىڭىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ئاددىي. ئوي تۇتۇشىمۇ ناھايىتى ئاددىي. ئويىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئانچە تايىنى يوق. بالىلىرىنىڭ ئويۇنچىقىمۇ يوق. تۇرمۇشقا بولغان ھەۋىسى ۋە تەلىپىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن – ئۇلار پەقەت ئاچ قالمىسا، يالىڭاچ قالمىسا، ئويسىز قېلىپ تالاغا چىقىپ قالمىسىلا بولدى. لېكىن تاپقىنىنىڭ ھەممىسىنى مىللەتكە ئاتايدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلالايدۇ، بىلەمسىز؟ ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن ئۆمۈرلۈك ھاياتى ئائىلە، كەسىپ، جەمئىيەت، مىللەت ۋە ۋەتەن قاتارلىق ئوخشىمىغان نەرسىنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. مەمتىلى تەۋپىققا ئوخشاش كىشىلەر مىللەتنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنىڭ مەركىزى قىلغان. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزىنىڭ مىللەتكە قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ. مىللەت ئۈچۈن قىلغان ئىشىدىن قانائەتچانلىق ھېس قىلىدۇ. مىللەتكە قىلغان ئىشىدىن بەخت تاپىدۇ.

    ھەممە ئادەمدىن مەمتىلى تەۋپىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كىشىلەر ئۆزىگە قويغان تەلەپ بىلەن ئوخشاش تەلەپنى قويۇش ئورۇنلۇق ئىش ئەمەس. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىشمۇ ئەمەس (ئېھتىمال بۇنىڭدىن 5-6 ئەسىر ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار مىللىي روھنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، مىللىي روھقا ئېتىقاد قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى سوراپ ياشىغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىگە ئاشۇنداق تەلەپ قويۇپ ياشىغان بولۇشى مۇمكىن). لېكىن، بىر ئادەم ئائىلە، كەسىپ ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر تەڭپۇڭلاشقان ھاياتنى ساقلاپ تۇرۇپمۇ، مىللەت ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ھەر بىر ئادەم ئۆز تۇرمۇشىدا ئوخشىمىغان روللارنى ئادا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ساھەدە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ بىر شەخسى بولۇش، بىر ئائىلە باشلىقى بولۇش، بىر دادا بولۇش، بىر ئىنژېنېر بولۇش، ۋە بىر ئۇيغۇر بولۇش رولۇم بار. بۇ روللارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھايات پىلانىڭىزنى ئۆز ھاياتىڭىزدىكى مۇھىم روللار بويىچە يېزىپ چىقسىڭىز، ئۇ پىلان ناھايىتى تەڭپۇڭلاشقان بولىدۇ. بۇنداق پىلان سىزنىڭ ھەر بىر رولىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدا ئىنتايىن روشەن نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. سىز شۇ ئارقىلىق ئۆز روللىرىڭىزنى مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ، مەلۇم بىر رولنىڭ سىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىشى بىلەن باشقا مۇھىم روللارنى ئادا قىلالماي قېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئۆمۈرلۈك ھايات پىلانىنى ئويلاش ئوڭ مېڭىنىڭ ئىشى. ئۇنى يېزىپ چىقىش بولسا سول مېڭىنىڭ ئىشى. ئەگەر سىز ئۇنى يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىپ، ئۆزىڭىز قانائەتلەنگۈدەك يېزىپ چىقالماي قالسىڭىز، ئارىلىقتا بىر ھەپتىدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئۇنى سول قولىڭىزدا يېزىپ بېقىڭ (سول قولىڭىزنى ئوڭ مېڭىڭىز باشقۇرىدۇ؛ ئۇنى چىرايلىق يازالمىسىڭىز كېرەك يوق). ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق مۇھىم روللىرىنى يېزىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى سىز ئاشۇ روللارنىڭ ھەر بىرسىدە يەتمەكچى بولغان ئۇزۇن-مۇددەتلىك نىشانلىرىڭىزنى بىر-بىرلەپ يېزىپ چىقىڭ. بۇ جەرياندا ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئىجات قىلىش ئىقتىدارىدىن، قەلبىڭىزدىكى سىزگە نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدىغان ئىچكى سېزىمىڭىزدىن، ۋە سىز ھازىرغىچە باشقا ئۈلگىلەردىن ئېرىشكەن ئىلھاملاردىن تولۇق پايدىلىنىڭ. مۇشۇنداق تۈزۈپ چىققان نىشان سىزنىڭ توغرا پرىنسىپىڭىز بىلەن بىرلەشكەن بولىدۇ. تېببىي قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ نىشانلار باشقىلار سىزگە تۈزۈپ بەرگەن نەرسە بولماستىن، سىزنىڭ ئۆز نىشانلىرىڭىز. ئۇنىڭدا سىزنىڭ چوڭقۇر قىممەت قارىشىڭىز، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس تالانتىڭىز، ۋە سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇلىرىڭىز ئەكس ئەتكەن. ھەمدە ئۇلار سىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق تاۋلانغان. شۇڭلاشقا ئۇلار ناھايىتى مۇكەممەل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىز تاللىغان روللار بىلەن ئاشۇ ھەر بىر روللاردىكى سىز بېكىتكەن نىشانلار سىزنىڭ ھاياتلىق يولىڭىز بىلەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالنىڭ نۇرغۇن جاۋابلىرى بار. ئۇنىڭ بىرسى: «قانۇندىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداڭ.» ئەمدى «قايسى قانۇندىن؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. سىز ئىشنى
    http://dewr.blogbus.com/ تىكى بەزى قانۇنلارنى ئوقۇشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.

    مەن ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ ھېچ بىرسىدە «مىللەت» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان ئەمەس. ئۇنداق بولۇشى، بۇ كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ يازغۇچىلىرى تەۋە بولغان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىغىدىندۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتىدىغان يولى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، ئورۇپ-ئادىتى، ئەخلاقى، ۋە قىممەت قارىشىنى، قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەر بىر ئادەم ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەن بۇ نەرسىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېچ قانداق ۋاقىتتا ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

    ئەگەر بۇ يازمىدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرى ئىشلىمەي قالسا، سىز مەرىپەت تور بېتى
    www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى "ئەركىن سىدىق يازمىلىرى" دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ مۇشۇ يازمامنىڭ ئۇيغۇر لاتىن ھەرپلىرىدە يېزىلغان نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ.

    تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى (
    http://www.orkhun.com ) دىن Yawuz.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن ئاددىي بىر ئۇيغۇر قىزى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بەزى زىيالىلارنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر ئىرادىگە كېلىپ "ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىم يولى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزسا بولغىدەك "دېگەن قاراشقا كەلدىم. مەن گەرچە ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئىشلەۋاتقىلى ئون يىلدىن ئاشقان بولساممۇ يەنىلا قايتىلەتىن ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. مەن ئۆزەمنى قۇدرەت تاپقۇزغۇنۇم مىللىتىمنى قۇدرەت تاپقۇزغىنىم دەپ قارىدىم،ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، ھەرقېتىم ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ماڭا ئىنتايىن زور ئىلھام ۋە جاسارەت بېرىدۇ، ھازىر مەكتەپتە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتىمەن، داۋاملىق ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، مەن ئانىلىق سالاھىيتىم بىلەن ئۆزەمنى تەرەققىي قىلدۇرسام ئىككى بالامغىمۇ تەسىرى بولىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەم، مەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ داۋاملىق بەرىكەت تېپىشىنى، داۋاملىق مەدەت ۋە ئۈمىدكە تولۇشىنى،توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت سىزگە!!!
  • مەن مۇ مۇشۇ توغۇرلۇق ماتىريال كۈرىۋاتقان ھەمدە سىزدىگەن كۆڭۈل پىروگىرامىلاش توغۇرلوق نورغۈن ماتېريال تاپتىم. مەن مۇ سىزگە ۋە قېرىنداشلىرىمغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى پىروگرامىلاش ماتىريالى بىلەن تەمىنلەي ئۈنىمى سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇسىزنىڭ ھەرقانداق ئۆگىنىشىڭىز ۋە سىزنىڭ ئەستەتۇتۇش قابىلىتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

    http://www.tudou.com/playlist/id/4395266/

    سىناپ كۆرۇڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
  • ئوڭ مېڭىلىكلەرگە تەس بولدىدە .
    رەخمەت!!
  • ۋاي -ۋاي-ۋاي، مۇشۇ ئەركىنكامنىڭ مۇبارەك قۇلىغا دەرىت بەرمىگەي . ھەر بىر ماقالىسىنى ئوقۇسا باشقىچە روھلىنىپ كىتىدۇ كىشى . ماۋۇ بىلوگنى ياساشقا كۈچ ھىقارغان بۇرادەرگىمۇ كۆپ رەخمەت . ئەمدى ئەركىنكامنىڭ كونا يېزىقتىكى ماقالىلىرىنى باشقا تور بەتلىرىگە قاتراپ يۈرمەي ئۇدۇللا مۇشۇ يەردىن تېپىۋالدىغان بوپتۇق.
    قۇشۇمچە : تىمىنڭ چوڭ كىچىكلىگىنى تەڭشەپراق (چۇڭايتىپ) يۇللىساڭلار بوپتىكەن . كۆزەينەك تاقىمىسا كۈرەلمىگۈدەك كىشى . قېرىپ قالغان ئوخشايمىز.
  • بۇگۇنكى تورغا چىققان ۋاقتىمنىڭ مۇشۇ يازمىنى كۆرۇش بىلەن مەنىلىك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم