باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

  • كۆپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاپلار -شەرتى تولۇق توشمايدىغانلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇشى - [سوئال-جاۋاپلار]

    كۆپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاپلار   -شەرتى تولۇق توشمايدىغانلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇشى

    1-سوئال: مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ، مائارىپ باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغۇم بار. لېكىن، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم توئەفل ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا يەتمەيدۇ.  شۇڭلاشقا، مۇمكىن بولسا ماڭا شۋېتسىيەدىن باشقا دۆلەتتىكى توئەفل نەتىجىسى تەلەپ قىلمايدىغان مەكتەپلەرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.

    جاۋاب: مېنىڭ ھازىرغىچە بىلىدىغىمغا ئاساسلانغاندا، توئەفل غا ئوخشاش رەسمىي ئىمتىھان تەلەپ قىلمايدىغان دۆلەتلەردىن شۋېتسىيەدىن باشقىسى يوق (تۈركىيەنى ھەساپقا ئالمىغاندا). شۋېتسىيەمۇ مائارىپ باشقۇرۇش كەسپىدىكىلەردىن ئاشۇ ئىمتىھاننى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن تىل مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ. ئۇنىڭدىن قالسا ئوقۇش خىراجەت مەسىلىسى. ياۋروپادا ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدىغان مەكتەپلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن.  لېكىن تۇرمۇش پۇلىنى ئۆزىڭىز ھەل قىلىشىڭىز كېرەك ئىكەن. ئامېرىكىدا مائارىپ باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇش پۇلىنىمۇ ئۆزىڭىز تۆلىمىسىڭىز بولماسلىغى مۇمكىن.

     

    2-سوئال: مېنىڭ ئالى تېخنىكۇم (مەخسۇس كۇرس) دىپلومىم بار، مەنمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇيالامدىم؟  

    جاۋاب (بۈركۈت): ئەلۋەتتە ئوقۇيالايسىز. لېكىن سىز باشقا باكلاۋۇر ئۇنۋانى بارلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق 2 يول بار:
     (1) ۋەتەن ئىچىدە ئۆرلەپ ئوقۇپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئېلىش
    (2) توئەفل، گرە قاتارلىق ئىمتىھانلاردا، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق، يۇقۇرى نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. بۇ باسقۇچنى تاماملىيالىسىڭىز، ئامېرىكىدا بىر-ئىككى مەۋسۇم بەزى باكلاۋۇرلۇقنىڭ دەرسىنى ئوقۇپلا، كېيىن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلاپ كېتەلەيسىز. مەن ئاشۇنداق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۈم، يەنە كۆپلىرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدىم.

     

    3-سوئال: مېنىڭ بىر دوستۇ م بار بولۇپ ، ئۇ ئائىلسىدىكى بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيالمىغان.ھازىر تۇرمۇشى خاتىر جەم.تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان بولسا بۇيىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللقىدا ئوقوۋاتقان بولاتتى. ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش.ئىتالىيەدە ئوقۇش قاتارلىق بىلىكتە كۆرگەن تىمالاردا ئاساسەن شەرتلىرى : تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشى،توئەفل، گرە، گمات قاتارلىق ئىمتىھانلاردا ياخشى نومۇر ئالغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگنىپتوئەفل، گرە، ئىئىمتانلىرىدىن ئۆتكۈدەك سەۋىيەدە. مېنىڭ سورىماقچى بولغۇنۇم ئۇ تولۇق ئوتتۇرانى چەتئەلدە ئوقۇسا بولامدۇ؟ تولۇقسىزغىچە ئوقۇغانلار قايسى شەرتلەرنى ئورۇندىغاندا چەتئەلدە ئوقۇيالايدۇ.؟

    جاۋاب (بۈركۈت): چەتئەلدە ئوقۇشلا ئەمەس، ئاشۇ چەتئەلدە بىر كۈن بولسىمۇ ياشاپ بېقىش ئۈچۈن پۇل كېرەك، پۇل. پۇل مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەممە مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىر مەسىلە. ئەلۋەتتە، يەنە پۇل بولغانغىلا باشقا ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، پۇل، ئىقتىساد مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى. مەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، لېكىن مۇشۇ كۇلۇبقا كېلىپ، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى يازغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ ئۇچۇرلار ياپونىيە، مالايسىيا، كورىيە، گىرىتسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە، فرانسىيە ... قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلگە "تەييارلىقسىز، بەك ئالدىراپ، بەك بالدۇر چىقىۋالغانلىقى" نى يازدى. مالايسىيادىن كەلگەن ئۇچۇردا "مەن مالايسىياغا دەسسىگەن 1-كۈنىلا ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم" دەپ بار بولسا، كورىيەدىن كەلگەن ئۇچۇردا "مەن چەتئەلنى بەك ياخشى بىلىپ، ئاتا-ئانامغا قەرز ئالدۇرۇپ، شىركەتلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كەلگەن ئىدىم، ھازىر كورىيەگە كېلىپ، توختىماي ئىش ئىزدەۋاتقىلى 3 ئايدىن ئاشتى، ھەتتا بىرەر ئاشخانىدا، شىرە سۈرتىدىغان ئىشنىمۇ تېخى تاپالمىدىم" دىگەندەك گەپلەر بار...

    چەتئەلگە چىققانلىق ھەرگىزمۇ راھەت تۇرمۇشنىڭ باشلانغانلىقى بولماي، جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ 1-قەدىمى بولىدۇ. بولۇپمۇ تېخى يېتەرلىك تىل ئاساسى ھازىرلىمىغانلار، كامىدا باكلاۋۇر ئۇنۋانى يوقلار ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوق ياكى ئاجىزلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. قەشقەردە ياكى غۇلجىدا تۇرۇپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ... لەرنى ئارزۇ قىلىپ بېقىشتىن بۇرۇن، يانچۇقىڭىزدا 500 يۈئەن پۇلىڭىز بار دەيلى، ئۈرۈمچىدە ھىچ قانداق ئۇرۇق-تۇققىنىڭىز، تونۇش-بىلىشىڭىز يوق ئەھۋالدا، ئۈرۈمچىگە بېرىپ بېقىشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ. تىل، تاماق جەھەتتە قىينالمىسىڭىزمۇ، ئەزەلدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ باقمىغان بىرسى بولسىڭىز، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېشىڭىزدىن قانداق كۈنلەرنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ بېقىڭ. 500 يۈئەن پۇلىڭىز بىلەن ئۈرۈمچىدە قانچە كۈن بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى، سىزنى نىمە تەقدىر-قىسمەتلەر كۈتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.

    سىزنىڭ دوستىڭىزدەك تىل ئاساسى بارلارنىڭ گېپىگە كېلەيلى، دوستىڭىزنىڭ تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى يوق ئىكەن. ئامېرىكىدا چەتئەللىكلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن، يىلىغا 10،000 دوللاردىن ئارتۇق ئوقۇش پۇلى تۆلەيدۇ، تاماق-ياتاق چىقىمى ئۈچۈنلا، يىلىغا، ئەڭ كامىدا 20،000-15،000 دوللار كېتىشى مۇمكىن. يەنى جەمىئى يىلىغا 30،000-25،000 دوللار كېتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە كامىدا 3 يىل ئوقۇدىڭىز دەپ ھىساپلىساقمۇ، بۇ پۇل جۇڭگۇ پۇلىغا 700،000-500،000 يۈئەن بولۇپ قالىدۇ. ئالى مەكتەپتىكى باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى تېخى ئويلاشمىدۇق. دىمەك دوستىڭىزنىڭ ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئاۋال 500،000 يۈئەن پۇلى بارمۇ، بار بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، 500،000 يۈئەن چىقىم قىلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئەرزىمدۇ دىگەن مەسىلىلەرنى ئويلىشىش كېرەك.

    ئامېرىكىدا، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش قاتارلىق ئوقۇشتا قىلچە ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغىلى بولمايدۇ (قۇدرەتجان ياقۇپنىڭ ئەھۋالى ئومۇمى ئەھۋال ئەمەس). بۇنداق ئوقۇش ئۈچۈن ھەر يىلى، ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 20،000-10،000 دوللار، تاماق-ياتاق چىقىمى ئۈچۈن يەنە ھەر يىلى كامىدا 20،000-10،000 دوللار كېتىدۇ. ئەمما تىل ئاساسى ۋە ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بارلار ئۈچۈن، ھەر يىللىق 20،000-10،000 دوللار ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، تاماق-ياتىقىنى قامداش ئۈچۈن قولىغا ھەر يىلى 20،000-10،000 دوللار مۇئاش بېرىدىغان ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پۇرسىتى بار. شۇڭا ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس باكلاۋۇرلۇق دىپلومىنى جۇڭگۇدا ئېلىپ بولۇپ ۋە تىل ئاساسىنى جۇڭگۇدا چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن ئامېرىكىغا كېلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش. مۇشۇ كۇلۇبتا تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان، مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىم، جېك ئەپەندىم ۋە مەن مۇشۇ يول، مۇشۇ پۇرسەت بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇغانلار.

    ئەمدى، ۋاقتىمنى جۇڭگۇدا ئىسراپ قىلغۇم يوق دەپ ئويلىسىڭىز، ھەم كامىدا 200،000-100،000 يۈئەن پۇلىڭىز بار بولسا، ھەم تالانتىڭىز، ئىقتىدارىڭىز خارۋارد ھەم ئۇيغۇر ئەركىسى قۇدرەتجان ياقۇپتەك بولسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى جۇڭگۇدا پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئامېرىكىدا باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. بۇ پۇل بىلەن بۇ يەردىكى 1-يىلىدىكى ئوقۇش چىقىمى ھەل بولسا، كېيىنكى يىللىرىدىكى چىقىم ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشقا تىرىشىپ كۆرۈش.

    يەنە بىر گەپ، ئىقتىدارىڭىز، تالانتىڭىز، بىلىمىڭىز ئوتتۇرا ھال بولسىمۇ، ناۋادا نەچچە ئون مىليون دوللار پۇلى بار دوللارچىنىڭ پەرزەنتى بولسىڭىز ياكى خوتەندىكى نەچچە يۈز مىليون پۇلى بار تاشچىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ قالسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز سىزگە يىلىغا 300،000-200،000 يۈئەن پۇل بېرەلەيدىغانلار بولسا، بۇ پۇل سىزلەر ئۈچۈن ئانچە كۆپ پۇل ھىساپلانمىسا، يۇقۇرقى گەپلىرىمگە پىسەنت قىلماي، بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. بۇ يەرگە كېلىپ، ئوقۇپ بېقىپ، كۆرۈپ بېقىپ، "بولسا بولا، بولمىسا ئىز پۇلى" دىگەندەك، ئىشلىرىڭىز يۈرۈشمەي قالسا، قايتىپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     


    4-سوئال: مىنىڭ ئەسلى يۇرتۇم XXXX. ھازىرقى مەدىنىيەت سەۋىيەم ئالىي تىخنىكۇم (ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئالغان). مەن ئەسلى يۇرتۇمدا مەلۇم بىر ئىككى يىلدەك XXXX خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولۇپ، XXX-يىلى شىتاتىم ساقلىنىپ قالىدىغان لىكىن مائاشنى ئالمايدىغانغا خىزمەتنى تاشلاپ قايتىپ چىققان ئىدىم.سەۋەبىمۇ دەل شۇ يۇقۇرىلاپ ئوقۇش سەۋەبىدىن ئىدى. مەن شۇنىڭدىن بىرى ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. مەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقىلى 7-8 يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەريانىدا ئاساسلىقى كومپيۇتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەنلا شۇغۇنلاندىم. ئۆزەمنىڭ قىزىقىشىممۇ پروگرامما لايىھىيلەش بولغاچقا XXX-يىلى XXX نامىدا XXX شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىش باشلىغان ئىدىم. ئىشلىرىمىز ھازىر يامان ئەمەس كىتىۋاتىدۇ. لىكىن مىنىڭ نىشانىم: كومپيۇتېر كەسپىدە ئامىرىكىنىڭ بىرەر داڭلىق مەكتىپىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىدى. ئىنگىلىز تىلىنىمۇ خىلى ئۇزۇندىن بىرى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەمدى مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: مىنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەت سەۋىيەم ئاساسىدا (ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانى ئارقىلىق ئىرىشكەن ئالىي تېخنىكۇم دىپلۇمى) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە كومپيۇتېر كەسپىدە يۇقۇرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلاش كىرەك. ھەم قانداق جەريانلارنى باشتىن كۈچۈرۈشۈم كىرەك. موشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. مىنىڭ پىلانىمدىمۇ ئىنگىلىز تىلىدىم ئىلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىمتاھانلارغىمۇ يىتەرلىك تەييارلىق قىلشقا ۋە بەلگىلەنگەن نومۇرنى ئىشلىشقا كۆزۈم يىتىدۇ. ھەم ئوقۇش پۇلى جەھەتتىمۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئالالىشىمغا كۆزۈم يىتىدۇ. پەقەت ھازىر ماڭا زۈرۈر بولشىنى ھازىرقى شارائىتىم ئاساسىدا مەقتىسىمگە يىتىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولىنى تىپىش ئىدى. شۇڭا موشۇ جەھەتتە ياردىم قىلىشىڭىزنى سورايمەن.

    جاۋاپ (بۈركۈت): ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئالى تېخنىكۇم ئۇنۋانى ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا يېتەرلىك بولمايدۇ. مەن سىزگە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بېرەي:

     [1] سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا، ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشتىكى زۆرۈر ئىمتىھانلارنى بېرىپ، ئوقۇشقا كېلەلىشىڭىز ئۈچۈنمۇ كامىدا 2 يىل ۋاقىت كېتىدىغاندەك پەرەز قىلدىم. سىز بۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئامال بار ئۈرۈمچىدە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ. بۇنى ئىمتىھان ياكى يىراقتىن ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەس، رەسمىي دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ، دەرس ئاڭلايدىغان ئوقۇشقا كىرىشكە تىرىشىڭ. مۇشۇنداق ئوقۇش ئارقىلىق كامىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ھازىرلاڭ.

    [2] ئىنگلىز تىلىنى بەك جىددى تۇتۇپ ئۆگىنىڭ. قانچە تېز توئەفل، گرە قاتارلىق ئىمتىھانلارنى بېرىپ، لاياقەتلىك، بولسا يۇقۇرى نومۇر ئېلىشقا تىرىشىڭ.

    [3] ئوقۇۋاتقاندا، چوڭ ياشتىكى ساۋاقداشلىرىڭىز ۋە ئويۇن تاماشادىن يىراق تۇرۇڭ. كومپيۇتېر كەسپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشتىكى بۇرۇن ئۆتۈلگەن ئاساسلىق دەرسلەرنى تەكرار قىلىشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.

    [4] 3-2، ياكى ئەڭ كامىدا 1 پروگرامما تۈزۈش تىلىنى پۇختا ئىگەللەڭ. كۆپ پروگرامما تۈزۈپ، كۆپ مەشق قىلىپ بېقىڭ.

    [5] كومپيۇتېر كەسپىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ بولغاچقا، بۇ كەسپتە مۇكاپات ئېلىش رىقابىتى بەك كەسكىن. شۇڭا ئامال بار سىز بىلەن تەڭ ئىلتىماس قىلغانلارنى بېسىپ چۈشەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقلار سىزدە بولۇشى كېرەك. بۇرۇنقى شىركەت قۇرغان ۋە ئىشلىگەن تارىخىڭىز بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدۇ. مەسىلەن. ئالغان ئىمتىھان نەتىجەڭلەر ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا، سىزدەك ئۆزلىكىدىن ئوقۇش ئىمتىھانىسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن مەخسۇس كۇرس دىپلومىغا قارىغاندا چىڭخۇئا ئۇنۋېرىستېتىنىڭ مۇنتىزىم باكلاۋۇر ئوقۇش دىپلومى ۋە ئۇنۋانىنىڭ ۋەزنى ئېغىر توختايدۇ، سىزنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ۋە مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىڭىز مۇشۇ سەۋەپتىن باشقىلاردىن تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. لېكىن گرە ئىمتىھانىسىنىڭ كومپيۇتېر كەسپى ئىمتىھانىسىنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نومۇر ئالالىسىڭىز، بۇ سىز ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق.

    [6] دەسلەپتە ئوقۇشقا كىرىشتە، كومپيۇتېر كەسپىنىلا ئويلاشماي، باشقا مۇناسىۋەتلىك، ئوقۇشقا كىرىش ۋە مۇكاپات ئېلىش ئاسانراق بولغان كەسپلەر، مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا دىگەندەك، گە ئىلتىماس قىلىپ، ئوقۇشقا كىرىۋېلىپ، ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن مەكتىپىڭىزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە ئالماشسىڭىز بۇمۇ سىز ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان بىر تاللاش يولى.

     

     

    5-سوئال:  مەن ئامېرىكىغا قىسقا مۇددەتلىك تەتقىقات قىلىش يولى بىلەن بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئىقتىسادىي چىقىمنى ئۆزەم تۆلىيەلەيمەن.  مەكتەپ ئۇقۇشۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ جەھەتتە سىز ماڭا ياردەم قىلالامسىز؟

    جاۋاب: سىز تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەدىكى ئامېرىكىلىق پروفېسسورلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىڭ. ئەگەر خەنزۇ پروفېسسور تاپالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى (بۇنى ھەر بىر مەكتەپنىڭ ۋەبسىتىدىن ئىزدىگىلى بولىدۇ). بىر پروفېسسور بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تەتقىقات توغرىسىدا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن بىر پارچە ئىنگلىزچە خەت تەييارلاڭ. مەن ئۇنى تۈزىتىپ بېرەي. بۇنى ئىنگلىزچە "Short-term visiting scholar" دەيدۇ. www.meripet.comdiki "Personal Statement" دېگەن خەت لايىھىسىدىن ۋە مەخسۇس مۇشۇنداق مەقسەت ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى خەتتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:

    Sample Letter:   Contacting a Professor on a Post-Doc or Short-Term  Research Position

    يۇقىرىقى خەتتە سۆزلەنگەندەك، ئەڭ ياخشىسى سىز ئالاقىلەشمەكچى بولغان پروفېسسورنىڭ ئىلمىي ماقالىسىدىن بىر قانچىنى تېپىپ ئوقۇپ، ئۇلارنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىڭىزنى يازغان خېتىڭىزدە تەسۋىرلەپ قويۇڭ. بۇنىڭ ئىنتايىن زور پايدىسى بار. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ پروفېسسور بىلەن ناھايىتى تېزلا يېقىنلىشالايسىز.

    مەن ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئىشلەيدىغان پروفېسسورلار بىلەن تونۇشىمەن. ئەگەر سىز ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولسىڭىز، مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايمەن. قالغانلار بىلەن ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ئالاقە قىلسىڭىز ياخشىراق بولىدۇ. سەۋەبى، ئامېرىكىلىقلار مېنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىشىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.  بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ، مەن تونۇمايدىغان بىر پروفېسسور بىلەن سىز ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ئالاقىلەشسىڭىز مېنىڭ ئالاقىلىشىپ بەرگىنىمدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى بىلەن بولغان سۆكبەتنى ئوقۇپ كۆپ چۈشھنچىلەرگە ئىگە بودۇم
  • مىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كومپىيۇتۇر پىروگرامما كەسپىدە بەكلا ئوقۇغۇم با ......مەن تولۇقسىزدىنلا چىكىنگەن ......چەتئەلگە چىقىشىمغا ھەم مۇشۇ سەۋىيەم بىلەن كىرىپ يىتشىپ كىتەلەيدىغان مەكتەپلە بامۇ ......شۇنى بىلىپ باقسام بولاپ تىكەن رەھمەت
  • مېنىڭ سىڭلىم بۇيىل شىنجاڭ تىببى ئۇنۈېرستىتىنىڭ ئالىي سېستىرالىق كەسپىنى پۈتتۈرىدۇ.
    سىڭلىم داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەپ چەتئەللەردە ئوقۇشىغا ئۇمۇد بارمۇ؟ ) ئەلۋەتتە دوختۇرلۇق،بەش ئەزا دىگەندەك...(