-
فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش تاكتىكىلىرى - [تەۋسىيە]
ئەسلى مەنبە :ئانا تىل بلوگى (بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان)
فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش تاكتىكىلىرى
ھازىر بىر قىسىم دوستىلىرىمىزنىڭ فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭا تورداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم.
مەن ئۆزۈم مەلۇم چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلمىغان، لېكىن ئەتراپىمدىكى مەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچەيلەن بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەن بۇ جەرياندا بىر قىسىم دوستلىرىمغا ئىلتىماس جەدىۋىلىنى قانداق توشقۇزۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن. بىر نەچچە دوستۇمنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلىدىكى بىر قىسىم خەنزۇچە مەزمۇنلارنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. قىسقىسى مەن بۇلارنىڭ تەلەپلىرى، ئىلتىماس جەدىۋىلى بىلەن بىر قەدەر تونۇش.
ھازىرغا كەلگىچە بۇ ئوقۇش فوندىغا ئېرىشكەن بىرەرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىلتىماس جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
1. فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا قانداق ئادەملەر ئىلتىماس قىلسا تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ؟
فورد ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسىي قاتلامدىكى، يەنى چەت-ياقا رايۇنلاردىكى ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاز بولغانلارغا بېرىلىدۇ. يەنى بىيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان ياكى مۇشۇ رايۇنلاردا خىزمەتتە بولمىغانلارغا بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ناۋادا سىز چەت-ياقا رايونلاردا، يېزىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا سىز ئاز سانلىق مىللەت بولسىڭىز، خەنزۇلارغا قارىغاندا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. مېيىپ بولسىڭىز، بەش ئەزاسى ساق ئادەملەرگە قارىغاندا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا قىز بالا بولسىڭىز، ئوغۇللارغا قارىغاندا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ھازىر ھەر يىلى ئىلتىماس قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە قىزلار ئاز بولغاچقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ئاز بولغاچقا، فورد ئوقۇش مۇكاپاتى ئىشخانىسىدىكىلەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپرەك ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش، تەشكىللەش ئىقتىدارى بارلارنىڭ تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشەنگەن، يىزا- قىشلاقلىرىمىزغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ باققانلار، پىدائىي بولۇپ ئىشلەپ باققانلارنىڭ تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ. پائالىيەتچان، ئوقۇش مەزگىلىدە ھەر خىل ئويۇشمىلارغا ئەزا بولغان، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلارنىڭ تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، چوقۇم باكلاۋۇرلۇقتىن يۇقىرى ئۇنۋانىڭىز بولۇشى، كەم دىگەندە ئۈچ يىل خىزمەت قىلغان بولۇشىڭىز كېرەك دېگەندەك تەلەپلىرى بار. بۇ مەزمۇنلار خەنزۇچە تور بەتتە بولغانلىقتىن مەن ئارتۇق سۆزلىمەي، فورد ئوقۇش مۇكاپات فوندىنىڭ قانداق مۇكاپات ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى فورد فوندىنىڭ خەنزۇچە بېتىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
http://www.china-ifp.org/
2. فورد قانداق كەسىپلەرنى بەكرەك قوللايدۇ؟
فورد ئوقۇش مۇكاپات فوندىنىڭ قوللايدىغان كەسىپلىرى ئاساسەن ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئىلتىماس قىلغاندا ئۆز كەسپىڭىز دائىرسىدىكى قوللىنىلىشچان، جەمىئىيەتكە بىۋاستە نەپ بېرەلەيدىغان يۆنىلىشنى تاللىسىڭىز تەستىقلىنىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، سىز تىببى ساھەدە ئوقۇغان بولسىڭىز،شىنجاڭدا يامراپ كىتىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش،بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىنىجاڭدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى داۋالاش، ئۇيغۇر تىبابىتى دېگەندەك كەسىپلەرنى تاللىسىڭىز، ناۋادا قىز بالا بولسىڭىز ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئائىت كەسىپنى تاللىسىڭىز، سىياسىدا ئوقۇغان بولسىڭىز كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانلار باراۋەرلىكى تېمىسىدىكى كەسىپلەرنى تاللىسىڭىز، ئىقتىساد ئوقۇغان بولسىڭىز، شىنىجاڭ دىھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئېشىنىچا ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم رايۇننىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەندەك تېمىلارنى تاللىسىڭىز، ئەدەبىيات ئوقۇغان بولسىڭىز 12 مۇقام تەتقىقاتى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت مىرسلىرىنى ساقلاپ قېلىش دېگەندەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە پايدىلىق، جىددىي بولغان، قوللىنىلىشچان تېمىلارنى تاللىسىڭىز تەستىقلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
3. ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشقۇزغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئەڭ مۇھىم ئىش يالغان سۆزلىمەڭ. ناۋادا يالغان مەزمۇننى توشقۇزسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى قاملاشمايلا قالماستىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنىمۇ ئېتىپ قۇيىسىز، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باللاردىن خاپا بولغان يەرلىرى باركەن. ناۋادا چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلمەسلىك پىلانىڭىز بولسا، بۇنڭغا ئىلتىماس قىلماڭ! (بىز سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالايلى!) جەدىۋەل توشقۇزغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نېمە ئىشلارنى قلىپ بەرگىنىڭىزنى كۆپرەك تىلغا ئېلىڭ، كىچىك ئىشلار بولسىمۇ مەيلى. مەسىلەن، مەھەللىدە ئۆستەڭ چاپقاندا ئىككى كۈن بىكارغا ئىشلەپ بەرگەن، باققۇچىسى يوق قوشنىڭىزنىڭ ئۇتۇنىنى يېرىپ، سۈيىنى تۇشۇپ بەرگەن، ئوقۇشسىز قالغان باللارغا ئىئانە يىققاندا 10 كوي پۇل بەرگەن، ھەر قېتىم يۇرتىمىزدا يەر تەۋرىگەندە، كەلكۈن ئاپىتى بولغاندا بىرىنچى بولۇپ ساۋاقداشلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئىئانە توپلىغان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھەقسىز قان تەقدىم قىلغان دېگەندەك جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلارنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ناۋادا سىز بىرەر يىل بورۇن بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، بۈگۈندىن باشلاپ ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ. ئېنگىلىز تىلىدىن ھەقسىز كۇرس ئېچىڭ، يىتىملار مەكتىپىگە بېرىپ ھەقسىز دەرس ئۆتۈڭ. كەمبەغەللەرنىڭ باللىرىنىڭ دەرس تەكرار قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ. ئۇلارغا دەپتەر-قەلەم، كىتاب ئېلىپ بىرىڭ. قولىڭىزدىن كېلىدىغان ياخشىلىق بولسىلا قىلىۋىرىڭ. ياخشىلىق ھامان يەردە قالمايدۇ. فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەي قالسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ قالىسىز.
ئۇلار يەنە بىرسى سىزنىڭ ياشاۋاتقان جەمئىيىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىڭىزنىڭ بار يوقلۇقىغا قارايدۇ. بۇ دېگەنلىك سىز ئوقۇش بىلەنلا بولماي ئانچە-مۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازىدىغان بولسىڭىز، بۇنىمۇ تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئادەم كۆپرەك سورۇندا نوتۇق سۆزلىگەن تارىخىڭىز بولسا بۇ تېخىمۇ ياخشى. ناۋادا ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەمىشە نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەيدىغانلىقىڭىزنى يېزىڭ.
يەنە بىر مەزمۇن ئۇلار سىزنىڭ باشقۇرۇش، تەشكىللەش ئىقتىدارىڭىزغا قارايدۇ. سىز ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ياكى ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە ھوقۇق تۇتقان بولسىڭىز، چوقۇم يېزىڭ. چۈنكى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار دەپ قارىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. باشقىلارنى بىرەر ئىشقا تەشكىللىگەن بولسىڭىز بۇنىمۇ يېزىڭ. بۇمۇ ئىنتايىن موھىم مەزمۇننىڭ بىرسى. ئوقۇغان مەزگىلدە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولسىڭىز بۇنىمۇ چوقۇم تىلغا ئېلىڭ.
يەنە بىرسى كەلگۈسى پېلاننى توشقۇزىدىغان بىر جەدىۋىلى بار. كەلگۈسى پىلان توشقۇزغاندىمۇ جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش پىلانىڭىزنى تەكىتلەڭ. "مەن قايتىپ كېلىپ مانداق-مانداق نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىمەن" دەپ يازماي، "مەن قايتىپ كېلىپ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى تەشكىللەپ مانداق تەتقىقاتلارنى قىلىمەن" دەپ يېزىڭ. "قايتىپ كېلىپ يېزىلارغا بېرىپ دىھقانلارنى ھەقسىز داۋالايمەن " دەپ يازماي، "قايتىپ كېلىپ دىھقانلارنى داۋالايدىغان ئۆمەك تەشكىللەشكە تىرىشىمەن" دەپ يېزىڭ.
قىسقىسى، ئىلتىماستا ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلىۋالماي، ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان رايون، ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپنى مەركەز قىلىپ تورۇپ يېزىڭ. نورغۇن باللار جەدىۋەل بەك كۆپكەن نېمە يېزىشنى بىلمىدۇق دېيشىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ قىلغان ھەر بىر كىچىك ئىشىڭىزدىن ئۇلار سىزنىڭ پەزىلىتىڭىزنى كۆرمەكچى. ئۇلارغا چوڭ تەتقىقاتچى، ئالىم كېرەك ئەمەس. پەقەت ياشاۋاتقان جەمئىيىتىگە، مىللىتىگە، ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتچان ئادەم كېرەك. شۇڭا مۇشۇ كىچىك ئىشلارنىمۇ يازامدىم دېمەي، ياخشى ئىشلا بولسا يېزىۋىرىڭ.
4. تونۇشتۇرۇش خېتىنى كىملەرگە يازغۇزسام بولار؟
فوردنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى بىر قەدەر تەپسىلي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ پارچە يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىشقا ئادەتلەنمىگەن، كۆپىنچىسىگە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىش خوش ياقمايدۇ ياكى بولمىسا "ئۆزۈڭ يېزىپ كەل، مەن قول قويۇپ بېرەي" دەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ. فوردتىكىلەر بۇنى پەقەت ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپىدە بۇنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم پىروفىسسور يېزىپ بېرىدۇ دەيدىغان تەلەپ يوق، شۇڭا بىر پارچىنى مەيلى سىزگە نېمە دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچى بولسۇن، دەرىجىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، سىزنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىنتىلىشىڭىز، تىرىشچانلىقىڭىز توغرىسىدا يازدۇرۇڭ. بىرنى سىزنى ياخشى بىلىدىغان باشلىق دېگەندەك بىرسىگە يازدۇرۇڭ. ناۋادا باشلىق يېزىپ بېرىشنى خالىمىسا خىزمەتداش بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ. سىزنىڭ تەشكىلى - ئىنتىزامىڭىز توغرىلىق يېزىپ بەرسىلا بولدى. يەنە بىرسىنى ئەل-ئاغىنىڭىز بولامدۇ، ئىشىقىلىپ سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز، جەمئىيەتتە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭىز توغرىسىدا يېزىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپكە تونۇشتۇرۇش خېتىنى يازغاندەك چوقۇم پىروفىسسور يازىسۇن دەيدىغان ئىش يوق.
5. ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسى زادى قانچىلك بولسا يېتەرلىك بولىدۇ؟
ئادەتتە ئۇلار ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسىگە تەلەپ قويمايدۇ. لېكىن ئىلتىماس تەستىقلىنىپ بىر يىل ئىچىدە چەتئەلدىكى مەلۇم مەكتەپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارمۇ سىزنىڭ بارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىڭىزنى تەييارلاشقا ياردەملىشىدۇ. مەكتەپلەرمۇ ئادەتتە فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جاپاسى يوق باللارنى قوبۇل قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن چوقۇم بىر يىل ئىچىدە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئالىي مەكتەپ 4-دەرىجىدىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى باللىلارنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.
6. تور بەتتە تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان مەزمۇنلار.
ئۇلار ئادەتتە ھەر يىلى 7-8-ئايلاردا دەسلەپكى ئىلتىماسنى باشلايدۇ. دەسلەپكى ئىلتىماس ناھايىتى ئاددى. بىر نەچچە مەزمۇننىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئادەتتە بۇنداق ئىلتىماستىن ھەر يىلى 5000 ئەتراپىدا تاپشۇرىۋالىدىكەن. نۇرغۇنلىرىنىڭ خىزمەت قىلغان يىلى، ئۇنۋانى ، نوپۇسى تورۇشلۇق ئورنى دېگەندەكلەر تەلەپكە ئۇيغۇن بولماي بۇلاردىن 1500 ئەتراپىدا قالىدىكەن. 10-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىلتىماس جەدىۋىلى تارقىتىدۇ، ھەتتا 2-ئايلاردا رەسمىي ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلارمۇ بار. ئادەتتە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرى ياكى ئاخىرلىدىن بورۇن ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 4-ئاينىڭ ئاخىرى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا يۈز-تورانە ئىمتىھانغا چاقىرتىدۇ. ئادەتتە 40 ئادەم تەستىقلايدىغان بولسا 120 ئادەمنى چاقىرتىدۇ. يۈز-تۇرانە ئىمتىھان بورۇن كۈنمىڭغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتىكەن، ئالدىنقى ئىككى يىلغۇ دەيمەن چۇڭچىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇلارنىڭ بېرىپ-كېلىش كىراسىنى، تاماق-ياتاق ھەممە چىقىمىنى فورد فوندى كۆتۈرىدۇ. يۈز-تۇرانە ئىمتىھاندا ئىلتىماس جەدىۋىلىدە دېيىلگەن مەزمۇنلار سورىلىدىكەن. ئادەتتە كۆپىنچە سىزنىڭ كېيىنكى پىلانىڭىز كۆپرەك سورىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىر تىل ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. تىل ئىمتىھانىغا كۆپىنچە دۆلەت سىرتىدا ئېلىنغان توفۇ ئىمتىھانىنىڭ سوئالىنى ئەكىلىپلا ئالىدىكەن. 8-ئايلاردا رەسمىي تەستىقلانغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە قانداق يەرگە بېرىپ تىل ئۆگەنسىڭىز 3 ئايلىق تىل ئۆگۈنۈش مەزگىلىدىكى بارلىق چىقىمىڭىزنى بىرىدىكەن. چەتئەلگە ئىلتىماس قىلغان بارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى فورد فوندى تەييارلىشىپ بېرىدىكەن، سىزگە مەكتەپ ئالاقىلىشىپ بېرىدىكەن. ۋاقتى كەلگەندە سىزگە چەتئەلگە ماڭىدىغان ئايروپىلان بېلىتىدىن تارتىپ ئېلىپ بېرىدىكەن. ئوقۇشقا ئۆتسىڭىزلا بىر قولپيۇتىر (قول كومپىيۇتىر، لەپتوپ) ئېلىپ بىرىدىكەن. ئوقۇش مەزگىلىدە شۇ يەرنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيەسىدە ياشىغۇدەك خىراجەت بىرىدىكەن. قانداق قىيىنچىلىق بولسا ھەل قىلىپ بىرىدىكەن. ئىشقىلىپ، بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەنسىز. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن فورد شىركىتى سىزدىن باشقا بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن. پەقەت ياخشى ئوقۇپ ئۆز يۇرتىڭىزنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشسىڭىزلا بولىدىكەن.
ئىنكاس بولسا بۇ يەردىن سوراڭ !http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20047.html
随机文章:
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) 2009/03/06ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 4-بۆلۈم 3-قىسىم 2008/12/21ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 4-بۆلۈم 2-قىسىم 2008/12/19ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 3-بولۈم 2-قىسىم 2008/12/02
收藏到:Del.icio.us
ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت -1-بۆلۈم،1-قىسىم
Blog:سۇمۇرۇخ بىلوگى2008-11-15 11:54:49
评论
ياكى مەن بىلەن ئالاقىلىشىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. jasurane@gmail.com