بىر يىل 365 كۈن، بىر يىل 12 ئاي، يىل مۇشۇنداق توختىماي دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىت ھېسابئكشىا دائىر ئاددىي ساۋات، بۇنىڭدىن ھىچكىم گۇمانلانمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ۋاقىت ھېساپلاشتا، نېمە ئۈچۈن يىل، ئاي، كۈننى بىرلىك قىلىدۇ؟ بۇلارنى قانداق ھېساپلاپ چىققان؟ ۋاقىتنى مۇشۇنداق ھېساپلاش قاچاندىن باشلانغان؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، سۆزنى بۇنىڭدىن 6000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى قەدىمقى مىسىردىن باشلايمىز ئۇ چاغلاردا مىسىرلىقلار نىل دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. نىل دەرياسىدا ھەريىل 7 - ئايدا قەرەللىك تۈردە كەلكۈن كېلىپ، 10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا دەريا سۈيى ئۆزس يولىغا چۈشكەن، ئېتىزلاردا بىر قەۋەت مۇنبەت لاتقا قالغان مىسىرلىقلار 11 - ئايدا ئۇرۇق چېچىپ، ئىككىنچى يىل 3 - 4 - ئايلاردا يىغىۋالغان. مىسىرلىقلار دىھقانچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسىلك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، نىل دەرياسىنىڭ سۇيىنىڭ ئۇلغىيىش ۋە ئازىيىش مەزگىلىنى ئىگلەشنىڭ لازىملىغىنى بارا _ بارا بىلىپ يەتكەن. شۇڭا ۋاقىتنى توغرا ھىساپلاش ئۈچۈنمۇ بىر خىل يىلنامە زۆرۈر بولغان. بەزىلەر ئىنتايىن ئاددى بولغان بىرخىل ئۇسۇلنى ئىجات قىلغان: نىل دەرياسىدا ھەر يىل كەلكۈن كەلگەن ۋاقىتنى خادا ياغاچقا ئويغان، ئاندىن كېيىن ئۇلار سېلىشتۇرۇپ، ئىككى قېتىملىق كەلكۈن ئارىلىغىدىكى ۋاقىت 365 كۈن ئەتراپىدا بولغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قېىم نىل دەرياسىنىڭ كەلكۈنىنىڭ بېشى مىسىر ھازىرقى پايتەختى قاھىرە ئەتراپىغا كەلگەندە ئاسمان بورىسى بىلەن قوياش بىر ۋاقىتتا ئۇپۇقتىن كوتىرىلگەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا ئۇلار بىر يىلنى 365 كۈن قىلىپ بەلىلىگەن، ئاسمان بورىسى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى قىلىپ بەلگىلىگەن. بىر يىلنى 12 ئاي، بىر ئاينى 30 كۈن، قالغان 5 كۈننى يىل ئاخىرىدىكى بايرام قىلىپ بەلگىلىگەن. مانا بۇ قەدىمقى مىسرنىڭ شەمسىيە يىلى (كۈن كالىندارى). شەمسىيىدە بىر يىل 365 كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن، بۇ يەرشارىنىڭ كۈننى چۆرىدەپ بىر ئايلىنىپ چىقىدىغان «قۇياش يىلى» ۋاقتى، يەنى 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سىكۇنتقا قارىغاندا تۆتتەن بىر كۈن كەم. بۇنىڭدىن 6000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، بۇ ناھايىتى توغرا سان ھېساپلىناتتى. لېكىن بىر يىلدا تۆتتەن بىر كۈن پەرق قىلغاندا ئانچە سېزىلمىگەن بىلەن ھەر 4 يىلدا بىر كۈن پەرق قىلغاندا ئانچە سېزىلمىگەن بىلەن ھەر 4 يىلدا بىر كۈن كەم چىققان. 730 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يىلنامىدىكى ۋاقىت ئەمىلىي ۋاقىتتىن يېرىم يىل پەرق قىلىپ، ئىسسىق سوغاق بولىدىغان ۋاقىتتىن يېرىم يىل پەرق قىلىپ، ئىسسىق سوغاق بولىدىغان ۋاقىتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان. ۋاقىت جەھەتتىكى بۇنداق پەرق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىدا ئاۋارىگەرچىلىك كەلتۈرگەن، ئەلۋەتتە. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، يىلنامە يەنىلا ياۋرۇپاغا تارقالغان. مىلادىدى ئىلگىرى 46 _ يىلغا كەلگەندە رىم قوماندانى جۇلبۇس كايزا مىسىرنىڭ شەمسىيىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يىلنامە ئىشلەپچىقىرىشنى بەلگىلىگەن. جۇلبۇس يىلنامىسىدە مىسىر يىلنامىسىدىكى ھەر يىلدىكى ئالاھەزەل تۆتتەن بىر كۈن كەم چىققان ۋاقىت مۇنداق تەڭشەلگەن: يىللار ئاددى يىل ۋە كەبىسە يىل دەپ ئايرىلغان، ئاددى يىل 365 كۈن، كەبىسە يىل بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. تاق ئايلار 31 كۈنلۈك، قوش ئايلارنىڭ 2 - ئېيى ئاددىي يىلدا 29 كۈنلۈك، كەبىسىە يىلىدا 30 كۈنلۈك، قالغان قوش ئايلار 3 كۈنلۈك بولغان. شۇنىڭ بىلەن قۇياش يىلىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. كايزا بولغان. شۇنىڭ بىلەن قۇياش يىلىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. كايزاۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى ئاۋاگۇستۇ ئۆزى ئاۋغۇست ئىيىدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، 2 _ ئايدىن بىر كۈننى چىقىرىپ 8 - ئايغا قوشۇپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن 8 - ئاي 31 كۈنلۈك ئاي بولغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ ھالدا 9 - 11 - ئايلارنى كىچىك ئاي، 10 _ 12 _ ئايلارنى چوڭ ئاي قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇنداق ئۆزگەتىش نەتىجىسىسدە ھەر ئاينىڭ كۈن سانى قوللىنىۋاتقان مىلادى بىلەن ئوخشاش بولغان. مىلادىنىڭ 325 - يىلى رىم پادىشاسى بىر دىنىي يىغىندا جۇلبۇس يىلنامىسىنى خىرىستىيان دىنىنىڭ يىلنامىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. بىراق ئۇنىڭ قايسى يىلدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بەلىلىمىگەن. مىلادى6 - ئەسىرگە كەلگەندە، خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇرىتلىرى 500 يىلدىن ئىلگىرى رىۋايەت قىلىنغان خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىجاتچىسى ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مىلادىنىڭ بىرىنچى يىلى دەۋالغان «مىلادى» دېگەن سۆزنىڭ لاتىنچە مەنىسى «ئىگەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» دېگەن بولۇپ، لاتىنچە A. D ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىنغان. ئاشۇ يىلدىن بۇرنقى يىللار «مىلادىدىن ئىلگىرى» دەپ ئاتالغان، بۇنىڭ ئېنگېلىزچە مەنىسى «خىرىستوستىن ئىلگىرى» دېگەن بولۇپ، ئېنگېلىزچە B. C ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىنغان. رىمنىڭ جۇلبۇس يىلنامىسى مىسىرنىڭ شەمسىيە يىلنامىسىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن بولىسمۇ، لېكىن قۇياش يىل ۋاقتىغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا 11 مىنۇت 14 سېكۇنت پەرق بولغان، يەنى ھەر 128 يىلدا بىر كۈن كەم چىققان. 16 ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە جۇغلىنىپ 10 كۈن كەم چىققان. شۇنىڭ بىلەن رىم پاچىسى گرېگورىئوس ئون ئۈچىنچى ئەسىر 1582 - يىلى بىر تۈكۈم ئاستىرونوملانى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇلبۇس يىلنامىسىغا تۇزىتىش كىرگۈزگەن. ئالدى بىلەن قۇياش يىلىدىن 10 كۈن كېيىن قالغان يىلنامە ھېساپلاش ۋاقتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يەنى شۇ يىلى ئەسلىدىكى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن ھېساپلاشنى 10 - ئاينىڭ ۋاقىتتا كەبىسە يىلىنى ھېساپلاشقا ئۆزگەرتكەن: 4 كە بۆلگەندە كەسىر ئاشمايدىغان يىلنى كەبىسە يىلى قىلىپ بەلگىلىگەن؛ لېكىن ھەر بىر ئەسىرنىڭ بىرىنچى يىلىنى 4 كە بۆلگەندە كەسىر ئاشمايدىغان بولسىمۇ، 400 گە بۆلگەندە كەسىر ئېشىپ قالسا، يەنىلا كەبىسە يىلى قىلماسلىقنى بەلگىلىگەن. مەسىلەن، مىلادىنىڭ 1600 _ يىلى كەبىسە يىلى، 1700 - يىلى ئۇنداق ئەمەس، ئىلگىرى 4 يىلدا بىر كەبىسە يىلى، 400 يىلدا 100 كەبىسە يىلى بولغان؛ ھازىر 400 يىلدا 97 كەبىسە يىلى بولىدۇ. دېمەك ھەر يىلدا پەرق قىلىدىغان 11 مىنۇت 14 سېكۇنت ۋاقىت ئاساسىي جەھەتتىن تولدۇرۇلۇپ، 3000 نەچچە يۈز يىلدا ئاندىن قۇياش يىلى ۋاقتىدىن بىر كۈن كۆپ چىقىدىغان بولدى. بۇ ھازىر دۇنيادا ئېقىۋاتقان يىلنامە، كىشىلەر بۇنى مىلادى ياكى گرىې يىلنامىسى دەپ ئاتايدۇ.