كىشىلەر مىسىردىكى چوڭ ئېھرامنىڭ سېلىنغىنىغا 1000 نەچچە يۈز يىل بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ئىگىز ئىكەنلىكىنى
بىلمىگەن. نۇرغۇن ماتېماتىكلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنداق ھېساپلاپمۇ، بۇنداق ھېساپلاپمۇ ئۇنىڭ ھەقىقى ئىگىزلىكىنى دەپ بېرەلمىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 6 - ئەسىردە، ئەتىيازنىڭ ئىللىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يۇنانلىق بىر ساياھەتچى بۇ ئېھرامنىڭ يېنىغا كەلگەن. كىشىلەر ئۇنى ھېساپ بىلىدۇ دەپ ئاڭلاپ، قەستەن: سورىغان: _ سىز ئېھرامنىڭ ئىگىزسلىكىنى ھېساپلاپ چىقالامسىز؟ _ ھېساپلاپ چىقماي بۇ ئاسانلا ئىشقۇ! ساياھەتچىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان كىشىلەر كۈلۈشكەن. لېكىن ئۇ ھودۇقماي تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇغان: _ بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئاسان ، ئەگەر ئىشەنمىسەڭلر فىرئونىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار، مەن شۇنىڭ ئالدىدىلا ھېساپلاپ بېرىمەن. ئەتىسى كىشىلەر دېگەندەكلا فىرئوننى چاقىرىپ كېلىپتۇ. فىرئونغا ئەگىشىپ بىر تالاي ئەمەلدارلار بىللە كېلىپتۇ. يېزى دەرىخى سايىسىغا نەچچە مىڭ ئادەم توپلىنىپتۇ. ئۇلار ئۇنى، بۇنى دېيىشىپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى يۇنانلىق ساياھەتچى چىرايلىق جابدۇنغان بىر تۆگىگە مىنگەن پېتى يېتىپ كېلىپتۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارىغا ئېلىشى بىلەن ئېھرام ئالدىغا كەلگەندە نەچچە مىڭ ئادەم ئۇنى ئورىۋېلىپتۇ. ساياھەتچى كۈنگە قاراپ، كۈننىڭ ئورنىنى ئۆلچەپتۇ، ئاندىن كېيىن ئالدىرىماي تۆگىدىن چۈشۈپ، كىشىلەر ھاسىل قىلغان دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئاپتاپتا ئۇنىڭ ئۇزۇن سايىسى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ بىر نەچچە مىنۇتتا بىر قېتىم سايىسىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئۆلچىتىپتۇ. سايىسى ئۇنىڭ بويغا تەڭ كەلگەندە، ئۇ ئېھرامنىڭ سايىسىنىڭ مەركىزىدىن سايىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېھرامنىڭ ھەقىقى ئىگىزلىكىنى تېزلا دەپ بېرىپتۇ. _ ئېھرامنىڭ ھەقىقى ئىگىزلىكى مۇشۇنچىلىك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟ _ دەپ سوراپتۇ چۈشىنەلمەي ئولتۇرغان فىرئون. _ بۇنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى... _ ساياھەتچى كىشىلەرگە قوللىرى بىلەن ئىشارەتلەپ. «سايە = بوينىڭ ئىگىزلىكى» دېگەن قائىدىنى «ئېھرام سايىسى = ئېھرام ئىگىزلىكى» قائىدىسى ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىدىكى ماتېماتىكىلىق قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا ئاپتاپ 45 گىرادۇسلۇق يۆنۇلۈش بويىچە يەر يۈزىگە چۈشۈپ، يەر ئۈستىدىكى ئېھرامنىڭ سايىسى بىلەن ئېھرام چوققىسىغا تىگىپ چۈشكەن نۇر توپ _ توغرا تەڭ يانلىق تىك ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىل ھاسىل قىلىپتۇ. بۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىلدە ئېھرامنىڭ ئىگىزلىكى بىلەن ئېھرامنىڭ سايىسى ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى «يان» بولۇپ شەكىللىنىپتۇ. _ ئېھرام سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ چىقسىلا ئېھامنىڭ ئىگىزلىكىنى بىلىگىلى بولىدۇ! _ ساياھەتچى سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىلەن تەڭ، كىشىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ تەقى - تۇرقىغا بويۇندىشىپ قارىشىپتۇ. بۇ ئەقىللىق ساياھەتچى زادى كىم؟ ئۇ ئەينى زامانلاردىكى يۇناننىڭ ئۇلۇغ ئالىمى تېلېس ئىكەن. تېلىېس مىلادىدىن ئىلگىرى 7 - ئەسىردە (مىلادىدىن ئىلگىرى 640 - يىللىرى) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. تېلېس كىچىك چېغىدىلا شۇ چاغدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم ۋە پەيلاسوپلاردىن تەربىيە ئالغان. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، چوڭقۇر بىلىم، ئۆزگىچە ئىجادىي پىكىرلىرى بىلەن يۇنانغا تونۇلغان. تېلېس ئاسترونومىيىنى ياخشى تەقتىق قىلغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ قۇياش دېئامىتىرى بىر ئىنگىلىز چىسى كېلىدىغدان كىچىك يۇمۇلاق جىسىم دېگەن كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلمىغان. ئۇ ئىنچىكە ھېساپلاپ، قۇياشنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ دىئامېتىرى سېرىق يول چەمبىرىگى (خواڭداۋ چەمبىرىگى) نىڭ 720 دە بىرىگە تەڭ كېلىدۇ، دەپ ھېساپلىغان. ھازىرقى ئادەملەر ئەسۋاپلار ئارقىلىق ئۆلچەپ ئۇنىڭ ھەقىقى دىئامېتىرىنىڭ 8630000 ئېنىگىلىز لىسى كېلىدىغانلىقىنى بىلدى، ئەلۋەتتە، بىراق، بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ھەقىقەتەن ئاددى گەپ ئەمەس. شۇ زامانلاردا، كىشىلەر كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىلىرىنى ئانچە چۈشۈنمەي، كۈننى غەلىتە مەخلۇق چىشلىۋېلىپتۇ دەپ قاراشقان. ھەر قېتىم كۈن تۇتۇلىغاندا، كىشىلەر ئاسمانغا قارىتىپ سۇ چېچىپ، ئوقيا ئېتىپ قۇياشنى قۇتقۇزۇپ، يۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان. تېلېس بولسا «كۈننى غەلىتە مەخلۇقنىڭ چىشلىگەن» لېكىدىكى سىرىنى يېشىپ، كۈن تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەپلىرىنى بىلەلىگەن ھەمدە كۈن تۇتۇلۇشنى ئالدىدىن خەۋەر قىلالىغان. بىر يىلى ئەتىيازدا، ئۇ خەلقى _ ئالەم ئالدىدا 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كۈن قىسقا ۋاقىت قاراڭغۇلىشىدۇ، دەپ جاكارلىغان. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، بۇ «ساراڭ بولۇپ قېلىپتۇ» دېيىشكەن. كۈتۈلمىگەن يەردىن 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مىدىيالىقلار بىلەن لىدىيالىقلار كىچىك ئاسىيادا كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقان كۈنگە توغرا كېلىپ قالغان. شۇ كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئاپتاپ كۆزنى چاقىنىتىپ تۇرغان. ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى قان تۆكۈپ ئېلىشىۋاتقاندا، كىمنىڭ يېڭىشى تايىن تاپمىغان ئەھۋالدا، تۇيۇقسىزلا قۇياش بارا - بارا سۇسلىشىپ بىردەمدىن كېيىن جاھان قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن. ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ خۇدانىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئوخشايمىز. دەپ دەرھال ناغرا چېلىپ لەشكەرلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىپ، تېچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگەن، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇلار ئۇرۈش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. تېلېس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈپ مۇنداق دېگەن: _ ئۇرۇشنىڭ توختىغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپتۇ. بىراق بۇنىڭ كۈننىڭ تۇتۇلۇشى بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن؟ تېلېس ئۆمرىدە نۇرغۇن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان. مەسىلەن، ئۇ ھىچقانداق ئەسۋاپ ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ بىر يىلنىڭ 365 كۈنى بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىققان؛ ئۇ نىل دەرياسىدا بولىدىغان قەرەللىك كەلكۈننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇپەسسەل ماتېماتىكا نەزىرىيىسىنى يەكۈنلەپ چىققان. شۇڭا، يۇنانلىقلار ئۇنى ئىلمىي «ئەۋلىيا» دەپ مەدىھلىيىلەپ، سىياسى ئىسلاھاتچى سولون بىلەن بىر قاتاردا قويغان.