www.4tadu.com
  • تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن ـ بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

        كۆز چارچىغاندىن كېيىن ئىككى كۆزنى بوش يۇمۇپ ، قىزىتىلغان ئىككى قولنى كۆزگە يېقىپ بېرىش، قول بارماقلىرىنى پىشانىگە قارىتىپ ئالقاننى مەڭىز سۆڭىكىنىڭ ئۆستىگە قويۇش، ھەر قېتىمدا بەش مىنوت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىلىش لازىم. يەنە كۆز ئالمىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ
كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!