-
2010-07-22
سېمىزلىكنىڭ ئەيىبلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
سېمىزلىكنىڭ ئەيىبلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش
بەدەننى سەمرىتىش ھەققىدىكى تېمىنى يازغاندىن كېيىن سەمرىپ كەتكەن بەزى تورداشلار مۇشۇ سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ داۋالىرى ھەققىدىمۇ بىر تېما يېزىشىمىزنى ئىستىگەن ئىدى .‹ دوستتىن ئىشارەيۇ ، بىزدىن جان دېمەك › دېگەن ھېكمەت بويىچە قەدىمقى ھۆكۈمالارنىڭ بۇ ھەقتە قلدۇرغان مەنپەئەتلىنەرلىك تەۋەررۈكلىرى ۋە شۇ ئاساستىكى بىلىپ يەتكەنلىرىمىز ئاساسىدا بۇ تېمىغا تۇتۇندۇق ، مۇراد؛ دوستلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنسە ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق نەسىبىلىرىنى ئالسا ......
نورمال سېمىزلىك ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق ، چۈنكى ھاياتلىقنىڭ داۋام ئېتىشى ئاشۇ ھۆللۈكتىن بولىدۇ . شەيخ بۇ ھەقتە ‹‹ مۆئدىتىل سېمىزلىكتىن ياخشىسى يوق . ئەگەر مۆئدىتىل سېمىزلىك زەرەر يەتكۈزمىسە، ئۇنى يامان سانىما ، چۈنكى ھايات رۇتۇبەت (ھۆللۈك)تىدۇر؛ لېكىن ئېھتىيات قىلىشىڭ ، گەرچە ئاپەت يۈز بەرمىسىمۇ ھەددىدىن تاشقىرى سەمرىش يولىنى سۆيمەسلىكىڭ كېرەك ››دەپ كۆرسەتكەن