-
ئۆپكە – كاناي كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان رېتسىپ تۈرى
بۇ كېسەللىكلەرگە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ياسالما تۈرى لۇئۇق دەپ ئاتىلىدۇ.
لۇئۇقلار مەجۈناتلاردىن سۇيۇقراق، شەربەتتىن قۇيۇقراق بولغان شىرىلىك خېمىر دورا بولۇپ،ئۇنى يالاپ ىستىمال قىلغانلىقى ۋە شۈمۈپ يېگەنلىكى ئۈچۈن لۇئۇق(يالانچۇق) دەپ نام بېرىلگەن.
لۇئۇقلار مەخسۇس نەپەس يوللىرى ۋە كۆكرەك قىسمىنىڭ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
لۇئۇق تەييارلاشتا بىر قىسىم يەككە دورىلارنى قاينىتىپ سۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەر سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. ئۈستىدىن يەنە ئازراق بىر قىسىم دورا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. لۇئۇقلارنى ياسىغان ھامان ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
共1页 1
كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!