ئايلىق : 2011-04

بىز ھەممىمىز قارغۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.21ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 20 viewsئىنكاس سانى : 2

 

بىز ھەممىىمىز قارىغۇ

بىز ھەممىمىز قارغۇ.

بېخىللار قارىغۇ ،چۈنكى ئۇلار ئالتۇننى كۆرەلىگەن بىلەن بايلىقنى كۆرەلمەيدۇ .

بەتخەجلەر قارىغۇ،ئۇلار باشلىنىشنى كۆرەلىگەن بىلەن ئاقىۋىتىنى كۆرمەيدۇ.

شەپشەك ئاياللار قارىغۇ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنى كۆرمەيدۇ.

بىلىملىكلەر قارىغۇ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىنى كۆرمەيدۇ .

سەمىمى ئادەملەر قارىغۇ ، ئۇلار ئەسكىلەرنى كۆرمەيدۇ.

ئەسكى ئادەملەر قارىغۇ ، ئۇلار تەڭرىنى كۆرمەيدۇ.

مەنمۇ قارىغۇ ، سۆزلەشنىلا بىلگەن بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ گاسلىقىنى كۆرمىدىم.

مەن ۋە ئەما كىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 6

مەن ۋە ئەما كىشى

   بىر كۈنى كەچقۇرۇن مەن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتىم، ئاپتۇبۇستىن چۈشكىنىمدە ئەتراپنى قاراڭغۇ باسقاندى. توك كەتكەچكە، يول چىراقلىرىمۇ ئۆچۈپ قالغاندى.

   مەن بىر ئسىتولبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىر كىشىنىڭ قول چىراغىنىڭ يۇرۇقىدا شام،سەرەڭگە قاتارلىقلارنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ھەمدە دەرھال شام ۋە سەرەڭگە سېتىۋالدىم.بىر نەچچە كۈندىن كۈندىن كېيىن مەن يول بويىدا يەنە ھېلىقى كىشىنى ئۇچىرتىپ قالدىم .

  – ھېلىقى كۈنى ساتقان شام نېمىدىگەن ناچار؟توختىماي ئېرىپ بىردەمدىلا كۆيۈپ تۈگىدى. سىز توك كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ، ساختا مەھسۇلات سېتىپ پۇل تاپماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى،- دېدىم مەن ئاچچىقلاپ .

   ئۇ ھاڭ – تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ :

   – كەچۈرۈڭ ، مەن شامنىڭ زادى قانچىلىك يۇرىقى بارلىقىنى ، سەرەڭگىنىڭ قانداق يانىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن . ئۇ كۈنى مەن توك كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دەرھال بىر مۇنچە شام ، سەرەڭگە سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن، مەن قاراڭغۇدىلا ياشاپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭا باشقىلارنىڭ مەندەك قاراڭغۇلۇق ئازابىنى تارتىشىنى خالىمايمەن ، شۇلارنى ئويلاپ …،-دېدى ئۇ .

   مەن تۇرۇپلا قالدىم . ئۇنىڭ ئەمالىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ، قاراڭغۇلۇقتىن شامنىڭ ئاجىز يۇرۇقى ياخشى ئەمەسمۇ. ئۇ بىر ئەما تۇرۇپ ، كۆزى كۆرىدىغان كىشلەرنىڭ غېمىنى يەپتۇ . مەن ئۇنى بىھۇدە ئەيىپلەپ كېتىپتىمەن . مەن ئىككى كۆزۈم شۇنداق ئۆتكۈر ، ھەممە ئەزايىم ساق ، بىجىرىم تۇرۇپ ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاشۇ ئەماچىلىك ئويلاپ باقمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم . كېيىن مەن ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سېتىۋالمىدىم . بىراق ئۇنى كۆرسەملا بىئارام بولىدىغان، ئازاپلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم . بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئازغىنە نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا 50 يۈەن تەڭلەپ :

-   بولدى ، ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ ، – دېدىم مەن .

-   ھەدە ، سىز ماڭا قانچە پۇل بەردىڭىز ؟- دەپ سورىدى ئۇ ، مەن نەرسە – كېرەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ ، بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىمغىلا .

-   50 يۈەن ، – دەپ جاۋاپ بەردىم مەن .

-   مەن ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ پۇل ئېلىپ باقمىغان ، دېدى ئۇ .

مەن ئۇنىڭ پۇلنى باش بارمىقى بىلەن چېكىپ ، ئاندىن ئالقىنىغا قۇيۇپ ئالدى – كەينىگە ئۆرۈپ سىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم .

-   راست پۇل،خاتىرجەم بۇلۇڭ ،- دېدىم مەن .

-مەن ئەزەلدىن ساختا پۇل ئېلىپ باقمىغان . سىزنىڭ ماڭا ساختا پۇل بەرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، چۈنكى سىز مېنىڭ ئەمالىقىمنى بىلىسىز ، مەن پەقەت سىزنىڭ ئارتۇق پۇلىڭىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن پۇلىڭىزنىڭ زادى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىمەن ، چۈنكى مەن ھالال پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان ئادەم ، – دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .

  مەن ئۆزەمنىڭ يەنە بىر قېتىم خاتالاشقانلىقىمنى بىلدىم . مەن ئۇنى ماڭا ئىشەنمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلىغاندىم ، بىراق ئۇ ماڭا پۇل قايتۇرۇش ئۈچۈن قانچە پۇل بەرگەنلىكىمنى سورىغانىكەن. دۇنيادا ئەنە شۇنداق مېيىپ تۇرۇپمۇ بىجىرىم كىشلەرنى ئويلايدىغان ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قويىدىغان ئېسىل كىشلەر كۆپ ئىكەن . بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق ئېسىل پەزىلىتى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشلەرنى چوڭقۇر  تەسىرلەندۇرگەن بۇلىشى مۇمكىن.

« ئامانلىق ژۇرنىلى» دىن ئېلىندى.

خەتكۈچ : تۈر : تەرمىلەر

كېسەكچى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 12 viewsئىنكاس سانى : 0

كېسەكچى

(ھېكايە)

   قۇياش بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ تېخىچە يېرىمى تۈگىمىگەن لاي دۆۋىسىگە قاراپ كېرەم كېسەكچى ھارغاندەك بولدى .ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ھېرىپ قېلىۋاتقىلى بەش-ئالتە يىل بوپقالدى . ئەمما نېمە ئامال ؟ ياشاش كېرەك –تە، ياشاش ! ئۇ ، قولىنى چالا-پۇلا چايقىۋىتىپلا ، تۈنۈگۈن قىرلاپ قويغان كېسەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، پارچە كېسەككە باستۇرۇپ قويغان گېزىت قەغىزىنى قوپال يىرتىپ موخوركا ئوراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، مەڭىز سۆڭەكلىرى پولتىيىپ چىقىپ قالغانىدى . ئەمما ، بۇ كۆزلەر نەچچە مىليۇن كېسەكنى ساناپ چىققان ؛ قوللىرى قېتىپ ، يىرىكلىشىپ كەتكەن ، بىراق ، بۇ قوللار نەچچە مىليون كېسەكنى بىرمۇ-بىر تۇتۇپ چىققان؛ ئۇنىڭ تاپانلىرى يېرىلىپ ، پۇت تىرناقلىرى ئەسلى ئىسكەتىنى يوقاتقان ، بىراق ، بۇ پۇتلار نەچچە مىليون كېسەكنىڭ لېيىنى پىشۇلدۇرغان . ھالبۇكى ، ئاشۇنداق قۇيۇلغان كېسەكلەر بىلەن تالاي ئۆي قەد كۆتۈرگەن بىلەن كېرەم كېسەكچىنى مۈكچەيتكەن .

   كېرەم كېسەكچى موخۇركىسىنى ھۇزۇرلىنىپ چېكىپ ئولتۇرۇپ ھازىر ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق غىڭ سايغا ، ئاندىن دۈشەنبە بازىرى بۇلۇۋاتقان يېزا مەركىزىگە ئۈچۈنچى قېتىم قاراپ قويدى. بەلكىم ، بازار قىزىپ كەتكەندۇ ؟ جىددى ، ئېغىر ئەمگەكلىرىنى بىر كۈن بولسىمۇ ئۇنۇتقان دېھقانلار پۈتكۈل بازارنى مەغرۇر ئايلىنىپ ، ھەر بىر سېتىقچىنىڭ نەرسىلىرىگە ئېرىمنەي بىرمۇ – بىر قاراپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟ « مۇشۇ لاي تۈگىسە مەنمۇ بازارغا بارىمەن .» كېرەم كېسەكچى قەتئىي قارارغا كېلىپ قولىدىكى موخۇركىسىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ كېسەك قىسىلچىقىغا قىستۇرۇپ قۇيۇپ ، ئورنىدىن تۇردى .

   قوللار چاققانلىق ۋە ئەپچىللىك بىلەن دەل بىر قېلىپ كەلگۈدەك لاينى ئۈزۈپ ئالاتتى ، لاي قېتىپ كەتكەن پۇتلار لاي دۆۋىسى ۋە قېلىپ ئارلىقىدا تېز گۈرسۈلدەيتتى.قېلىپقا سېلىنغان لاي بىر سېرىشتىلا كېسەككە ئايلىنىپ ، قېلىپ ئورنى يۆتكىلەتتى … بازار قىزىقى ۋە ئاچ قورساقنىڭ غورۇلدىشى ئۇنى يەنە ئىشتىن توختاتتى . ئەمما يەنە 20 كېسەك چىقىدىغان لاي قالغاندى .« بولدىلا،بازارنى بىر ئايلىنىۋىتىپ ئاندىن قۇياي.» ئۇ ، شۇ ئوي بىلەن قېلىپنى سۇغا سېلىپ قويماقچى بولدى-يۇ ، يەنە كۆڭلى ئۇنماي بازارغا بىراقلا بارماقچى بولدى …

   كېسەكلەر ئاخىرى قۇيۇلۇپ بولدى . ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقى ئاچچىق كورۇلدايتتى .« بۇ كېسەكلەرنىڭ پۇلىدىن 10 كوي ئېلىپ تۇرۇپ تۇنۇردىن يېڭىلا قۇمۇرغان ، ياغلىرى ۋىژىلداپ قايناپ تۇرغان گۆشناندىن بىرنى يەۋەتمىسەم …» شۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ ئاغىزىغا سېرىق سۇ كېلىپ ، قورسىقى تېخىمۇ ئېچىپ كەتتى . « ھەي ي ،-دەپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى يەنە ئۇنىڭ ،-ئىككى بۇ گالغا ئۇرغان بىلەن مەن تۇغۇلۇپلا ئىچىپ كېلىۋاتقان ئېرىق سۇنىڭ ئورنىغا ئىچىۋاتقان جۈمەك سۈيىگە نېمە تۆلەيمەن . قوشنىلارغا چاندۇرماي بەزىدە ئېرىق سۈيىنى ئىچىۋاتساقمۇ بۇ ئايدا يەنە 1كوي 3 مۇ بوپتۇ … بولدىلا ، گۆشناننى قۇربان ھېيتتا ئۆيدە ئەتتۈرۈپ يېدىمغۇ …»كېرەم كېسەكچى ئاغىزىدىكى سېرىق سۇنى غۇرتتىدە يۇتۇۋېتىپ ، نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى .

   كېيىم – كېچەكلىرى لاي پېتىلا ئالدىراپ بازارغا ماڭغان كېرەم كېسەكچى سايغا ئەلەم بىلەن قاراپ قويدى . بۇ كەڭ كەتكەن شېخىل تاشلىق ساي بۇلۇپ ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان لاتقىدىن يىغىلىپ قالغان بۇ ئەتراپتىكى توپىلار كېسەك قۇيۇلۇپ تۈگەپ قالاي دېگەنىدى . « بۇ توپا تۈگىسە قانداق قىلارمەن ؟ – دەپ غەم باستى ئۇنى ، ئېتىزدىن كۈزلىكى قولغا قالىدىغىنى ئارانلار قورساققا … ئادەمنى غەم قىلدۇرۇپ بالىلار چوڭ بۇلىۋاتىدۇ . چوڭ بوپقالسىغۇ قولغا قول بۇلىدۇ . لېكىنزە ، چوڭ بولغاندىكىلا توي – پوي دەپ چىقىمى جىقلايدۇ … ھېلىمۇ تەلىيىمگە ئۆيدە ئېغىرراق ئاغىرىق تارتىپ قالغان ئادەم يوق … يا مەنمۇ باشقىلاردەك كېسەك قۇيغىلى قوشنا يېزىلارغا بارايمىكىن …»

   دۈشەنبە بازارغا يېتىپ بېرىش بىلەن كېرەم كېسەكچى بايىقى غەملىرىنى بىردەملىككە ئۇنتۇدى . ئۇ ، سېتىقچىلار ئالدىغا دۆۋىلىۋېلىپ قىزىق سودا قىلىۋاتقان يېمەكلىك ، رەخت-پەخ، جابدۇق-چارىلارغا ، ۋىژىلداپ مېيى ئېقىپ ئېغىزلارغا سېرىق سۇ كەلتۈرىۋاتقان كاۋاپلارغا … ئۇزاققىچە قاراپ بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقتى . ئاندىن ئادەملەر توپلىشىۋالغان يەرلەرگە قىزىقسىنىپ بويۇن سۇزۇپ قاراشقا باشلىدى . ياشلار ئەتىدىن – كەچكىچە توپلىشىپ ئوينايدىغان بىليارتقا ئۇ پەقەت قىزىقمايدۇ ،ھېچنىمىسنى بىلمەيدۇ . قارتا- پاڭ قاتارلقلار بولسا ئۇنىڭچە ئارتۇقچىلا بىرئىشلار… شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر بوتكىنىڭ يېنىغا يىغىلىۋالغان كىشلەرنىڭ يېنىغا باردى . ئۇ يەردە چوڭايتىلغان تۈرلۈك مەنزىرە فوتو سۈرىتى سېتىلىۋاتاتتى . كېرەم كېسەكچى سۈرەتلەردىكى ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرگە ،ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازىلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ چىققاندىن كېيىن بىر پارچە سۈرەتكە قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇمۇ بىر پارچە مەنزىرە سۈرىتى بۇلۇپ ، كەڭ كەتكەن چىملىق ،چىملىق ئوتتۇرسىدا سۈيى سۈپسۈزۈك بىر كۆل ، كۆل بويىدا بۇ يېزىلىقلارغا ناتۇنۇش بىر نەچچە تۈپ دەرەخ سايىسىدە تۆت دانە ياتما ئۇرۇندۇق .

   توپلاشقانلارمۇ مۇشۇ سۈرەت ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشكەندى :

  -قاراڭلار ھېي،- دېدى بىر ياشانغان دېھقان ،- جاھاندا مۇنداقمۇ سۈزۈك سۇ بولىدىكەن –ھە .

  -ۋاھ،ۋاھ- دېدى ياشراق بىرى، – مۇشۇنداق سۈزۈك سۇدا بىرەرقېتىم چۈمۈلۋالساق ئېرىقنىڭ لاي سۇلىرىغا كۆنۈپ قالغان بەدەنلىرىمىز قانچىلىك يايراپ كېتەر – ھە ؟

  – تازا چۆكۈپ چىقىپ مۇنۇ ئورۇندۇقلاردا سوزۇلۇپ يېتىپ قانغۇچە ئۇخلىۋالساڭ راھەت-تە،راھەت !

  -قاراڭلارچۇ ، ئوت دېگەننى . بىر نەچچە كالا بېقىپ قويساڭ نەچچە كۈندىلا سەمىرىپ ھاردۇقىڭنى چىقارغۇدەك…

   كېرەم كېسەكچىمۇ بۇ سۈرەتكە قاراپ خىيالغا پېتىپ قالغاندى . ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆلگە ، يا ئۇرۇندۇقلارغا ئەمەس ،بەلكى كەڭرى چىملىققا تىكىلىپ تۇراتتى . بىر چاغدا ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتېۋىتىپ دېدى:

-   مۇشۇنداق بىكار تاشلىۋەتكىچە ، چىملارنى قايرىۋىتىپ ئەللىك مىڭ كېسەك قۇيۇۋالسا كىشى  …سۈيىمۇ تەيياركەن بولمىسا …

ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى . ئەمما نېمىشقىدۇر بۇ سۈرەتنى ئۈچ يۈەنگە پەقەت كېرەم كېسەكچىلا سېتىۋالدى .

خەتكۈچ : تۈر : تەرمىلەر

تور ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 11 viewsئىنكاس سانى : 4

تور ھەققىدە

سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى: تورغا چىقىش ئوبىيكتىپ جەھەتتە خەلىق تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .

ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى : «مۈشۈك»نىڭ ھەقىقىي ئىسىمى مائۇس،ئۇ تورغا چىقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قاتتىق دېتال .

تارىخ ئوقۇتقۇچىسى : تور بېكەت 1990-يىلى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، 1945-يىلىغا نەزەر سالالايدۇ .

جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى : تورغا چىقساڭلار يەر شارى بىر كەنتىكە ئوخشايدۇ .

ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى : «www» نىڭ مەنىسى دۇنيا دائىرىلىك تور ، ئۇ شەكىلسىز دۇنياۋى ساياھەت پاسپورىتى.

ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى: 5 kbps  سۈرئەت بىلەن 10mb ھۆججەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى : ئائىلدە تېلىفۇن سىمى بىلەن 46 kbps سۈرئەتتە تورغا چىقىشنىڭ ئۆزى تېلفۇن سىمىنىڭ كونىراك كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى: بۇرۇن تور سۈرئىتى ماگىنى بىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيىسىگە ئوخشاش ئاستا ئىدى ، ھازىر كالىي بىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيىسىدەك تېز .

بىئولۇگىيە ئوقۇتقۇچىسى : كومپىيوتېرنىڭ جىنىس ئايرىمىسى ئېنىقلانمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مەزگىل تورغا چىققاندا مېتابولىزىم نورمالسىزلىشىدۇ .

مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى : ساۋاقداشلار توردىن چۈشۈرگەن Mp3 نى ئاڭلاپ بۇلغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۋېتىڭلار!

گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى : ساۋاقداشلار ، ۋاقتىڭلار بولسا لوۋېر سارىينى زىيارەت قىلىپ كېلىڭلار www.paris.org!

تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى: دەرىسكە تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىپ چىقىڭلار! يوقلار دەرھال Nike تور بېكىتىدىن سېتىۋېلڭلار.

مەكتەپ مۇدىرى؛ تۈنۈگۈن مەلۇم بىر ساۋاقداش چايخانىدا مېنىڭ نامىمدا ئەتە ئارامغا قۇيۇپ بېرىدىغانلىق توغۇرلۇق گەپ تارقىتىپتۇ : « بۇزادى قايسىڭ ؟ دەرھال ئورنۇڭدىن تۇر !»

خەتكۈچ : تۈر : تاغدىن- باغدىن

مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى (كۆچۈرۈلمە)

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 1

مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى
ئابدۇقادىر جالالىدىن

كىتاب مېنىڭ دۇنيانى كۆزىتىشتىكى ۋاستەم بولۇپ قالدى. گەرچە بۇ ئۈزۈل – كېسىل ھەم ئەمەلىي كۆزىتىشكە كىرمىسىمۇ، ھەرھالدا ئاز – تولا قىممەتكە ئىگە كۆرۈش بۇلۇڭى بولالايدۇ. پەخەس بولمىغاندا، مەتبۇئات كىشىنى تۇيۇق يولغا، ئۆلۈك پىكىر ئادىتىگە باشلاپ قويىدۇ. ئەمما ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆتكۈر سەزگۈرلۈكىنى يوقاتمىغان ئادەم مەتبۇئاتلاردىن پايدىلىق ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇلارنى تەپەككۇر ۋە ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ خام ئەشياسى قىلالايدۇ. ھەممە ئىقلىملارنى بىۋاسىتە ئارىلاش، يېڭى ئالامەتلەرنى ئۆز دىتى بىلەن تاسقاش، ئىنسانىيەتنىڭ مۆجىزىلىرىگە كەڭ – كۇشادە نەزەر سېلىشتىن مەھرۇم ھالدا، بىلىم ۋە ئۇچۇر قورۇمىچىلىقىنىڭ ئىسكەنسىجىسىدە روھى قاغجىراۋاتقان ئادەم ئۈچۈن پەقەت كىتابلا كۆزنەكلىك رول ئوينايدۇ. كىتاب مەن بىلەن كۆزىتىش نۇقتىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇقنى سۇبيېكتىپنىڭ تۇمانلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتسىمۇ، ئەقىل ھامان ئۆزىگە تېگىشلىك پائالىيەت مۇھىتى يارىتالايدۇ. ئەقىل كۆزى خىرەلەشمىسىلا، ھەرقانداق شارائىتتا مۆجىزىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پىكىر قىلىش ئەقىل گىمناستىكىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن جەمئىيەتشۇناس ئەمەس، جەمئىيەتنى سىستېمىلىق كۆزىتەلمەيمەن، ئەمما مەندە بىر ئەدەبىياتشۇناستا بولۇشقا تېگىشلىك ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش كۈچى ۋە ھالال يۈرەك بار، يەنە بىر مائارىپچىغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە يېنىپ تۇرغان ۋىجدان بار. مانا مۇشۇلار ۋۇجۇدۇمنىڭ كۆلىگە تاش ئېتىپ تىنماي داۋالغۇتۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شىددەتلىك بورانلار مېنى لەرزىگە سالىدۇ. بۇنداق چاغدا، مەن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا قولۇمغا قەلەم ئالىمەن، پۈتۈپ چىققانلىرى بەزىدە شېئىر، بەزىدە نەسر، بەزىدە پوبلىستىك ماقالە بولۇپ چىقىدۇ. بۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر، مەن شۇ ئارقىلىق ئازراق يەڭگىللىسەملا بولغىنى. يېزىپ بولغانلىرىم مەن ئۈچۈن روھىمنىڭ قاسراقلىرى سۈپتىدە ئەينى مەزگىلدىن ئاز – تولا دېرەك بېرەلەيدۇ، خالاس. مېنىڭ يازغانلىرىم پىكىر قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇللىرى، ھەرگىزمۇ ئابىدە تىكلەشكە ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇللىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانىيەتىڭ قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش دەۋرى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن.بىز 21 – ئەسىرگە كەتمەن بىلەن كاۋاپداننى كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدۇق. ئىنتېر تورى ئارقىلىق سېكۇنتىغا 10 مىليون ئۇچۇر ئالىمىشىپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈندە، زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئايىغى چىقماس يىغىلىشلاردا، چوڭ – كىچىك چاي سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزمەكتە. ۋاقىت سېكۇنت بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، كېۋەزلىكتىكى ئاتا – ئانىلىرىمىز ۋاقىتنى كۈن بىلەن ئۆلچەيدۇ. كۈن بولسا قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. غەربتە ۋاقىت گويا نۇر تېزلىكىدە چاپماقتا، بىزنىڭ بۇ يەردە ۋاقىت توختاپ قالغاندەك، تارىخنىڭ ئۆزىمۇ قىمىرلىماي يېتىۋالغاندەك بىلىنىدۇ.بىزدە ئەسىر ئالىمىشىشقا دائىر يىرىك مۇلاھىزىلەر بولمىدى. كېلەچەكنىڭ قىياس خاراكتېرلىك تەسۋىرىنى سىزىپ بېرىدىغان كىشىلەر غەرب ئىقلىمىلىرىدا شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي، قىزغىن ئېتىبارغا سازاۋەر. ئەكسىچە، بىزدە ئىغىۋاگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇنچە مۆتىۋەر. بۇ بىلىم ئەھلىنىڭ جەمئىيتىمىزدىكى ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شائىر فۇرقەتنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:چەرخى كاج رەپتارنىڭ بىر مېۋىسىدىن داغمەن،ئەيشنى نادان سۈرۈپ، دەردىنى دەنا تارتىدۇ.(مەنىسى: پەلەكنىڭ مۇنۇ قىلمىشىدىن داغ – ھەسرەتكە گىرىپتارمەن، زاماننىڭ راھىتىنى نادانلار سۈرۈپ، دەردىنى دانالار تارتىدۇ.)21- ئەسىر ئەقىل دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا ھېسسىيات مىللىتى سۈپتىدە كىرىپ كەلدۇق. 21 – ئەسىر رىقابەت دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا تايىنىشچان مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق. 21 – ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى، لېكىن بىز ئۇنىڭغا بېكىندۈرمە مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق.20- ئەسىردە غەرب ئەقىدىسىنى مەنبە قىلغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ قارىمۇ قارشى قۇتۇپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنى كۆردۇق، بۇ ئۇرۇشلار جاھاننىڭ بارلىق “ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ” لىرىغا ئۆز تەسىرىنى ئېلىپ كەلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىنگلىز يازغۇچىسى كىپلىڭ (1865- 1936): “شەرق دېگەن شەرق، غەرب دېگەن غەرب، ئۇلار مەڭگۈ كېلىشەلمەيدۇ، پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن يەرنى ئۆز ئورنىغا بېكىتىۋەتكەندەك ئۇلار مەڭگۈ ئاشۇنداق تۇرىدۇ” دېگەندە، بۇنىڭغا جاۋابەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھىندىستان شائىرى تاگور (1861- 1941) مۇنداق دېگەنىكەن: “ئادەم دېگەن ئادەم، ماشىنا دېگەن ماشىنا، بۇ ئىككىسى مەڭگۈ سىغىشالمايدۇ”. روشەنكى، غەرب قىممەت قارىشى ماددىنى، شەرق قىممەت قارىشى روھنى نېگىز قىلغان. بىراق 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، غەرب مەدەنىيىتى شىددەتلىك پارتلاپ ھە دېسىلا تېشىغا كېڭەيدى. تاگورنىڭ ۋەتىنى بۈگۈنكى كۈندە غەرب قىممەت قارىشىنىڭ زىلزىلىسىدە قالدى. بىزمۇ قەدىمكى شەرقنىڭ چۈشكۈنلەشكەن پېرسوناژى سۈپىتىدە بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا رول ئېلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە ئايلاندۇق. غەرب مەدەنىيىتى 20 – ئەسىردە ھە دېسە تېشىغا پارتلىدى، بىز بولساق ئىچىمىزگە پارتلاپ كەلدۇق. غەرب مەدەنىيىتىدىكى پارتلاشنىڭ ئەۋجى يېتىپ كېلىۋاتقان 21 – ئەسىردە مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇشى بىز ئۈچۈن ئەڭ ماھىيەتلىك سوئال. بۇ سوئال خۇددى سىفنىكىسىنىڭ تېپىشىمىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش – بېرەلمەسىك ھاياتىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات ئۆزىنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇنياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدا قالغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ كېلىپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ باشقىلار زېرىكىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ مىراسخورى بولۇپ قېلىشىمىز يۇقىرىقىنىڭ بىر پاكىتى. بۇ خۇددى تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئادەم ئاسان كېسەل بولغاندەك بىر ئىش. 21 – ئەسىر بىزگە يەنە قانداق مەسىلىلەرنى يۈكلەيدۇ؟بۇ مەسىلىنى ھەممىمىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان نۇقتا، كەسىپ، ئارزۇ – يۆنىلىشلەر بويىچە تەتقىق قىلغاندىلا يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىرلىرى بولىدۇ، ھەر بىر قىر مەلۇم كەسىپ ۋە بىلىملەر ئاساسىدىكى رېئال ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنى ئەنە شۇ ساھەنىڭ ئادەملىرى يېتەرلىك سەزگۈرلۈك ۋە ئىدراك بىلەن تەھلىل قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ئىلغار ئىدىيە، جانلىق مېتود كېتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى زىيالىي قۇرۇلمىمىزدا “ئاڭ فورمىسى زاپچاسلىرى” مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار راستىنى ئېيتقاندا، ئاڭ فورمىسى كۈتكەن ئۈمىدنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان كېرەكسىز “زاپچاسلار” بولۇپ، ئەينى دەۋرلەرنىڭ قالدۇق “تەۋەرۈك”لىرى. مانا بۇ ئىجتىمائىي پەن ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ دىئاگىنوزسىز قېلىشىدىكى بىر سەۋەب. پەن – تېخنىكىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادنى نېگىز قىلغان ئىجتىمائىي ھالەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغاندا، بىزدە ھەرخىل ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆتكۈر پەن – تېخنىكا خادىملىرى يوقنىڭ ئورنىدا. بۇ ئەھۋاللار جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە توغرا، ئىلمىي جاۋاب تېپىپ، ئۆزىمىزنى تۈزەشنىڭ قىينچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئاتوم فىزىكىسى ئاتوم دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ئۇچۇر دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ دەۋرلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. بۇ دەۋرلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ساھەلەر بويىچە يېتىلگەن ئالىملارنىڭ، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ، تارىخچىلارنىڭ، مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ ۋە تۈرلۈك سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ ماسلاشما ئەمگىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن بىزدە بۇنداق ئىلمىي قۇرۇلمىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا، كەلكۈن ئېقىنى نەگە باشلىسا شۇ يەرگە قاراپ ئېقىپ يۈرگەن سەرسان ئالىمدەك ياشاش كېلىپ چىقىدۇ.يېقىندا مەن ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس دانىئىل بىللنىڭ “كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى” ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئاپتور 1973 – يىلى يازغان بۇ ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە “كېيىنكى 30 – 50 يىل ئارىلىقىدا كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىمىز” دېگەنىكەن. ئىنسانىيەت دانئىل بىلل بەرگەن بېشارەتنى مانا ئەمدى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكتە. بىلل كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇنۇ گرافىك ئارقىلىق تەسۋىرلەيدۇ.كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرمەركىزىي ئوق پرىنسىپى:نەزەرىيىۋى بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىشى ۋە كونكرېتلىشىشىئاساسلىق ئورگان:ئىقتىساد ئۇلى: ئاساسلىق مەنبە:سىياسىي مەسىلىلەر:قۇرۇلما مەسىلىسى: ئىجتىمائىي تەبىقە: نەزەرىيە مەسىلىسى: ئىجتىمائىي ئىنكاس:ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەتقىقات شىركەتلىرى پەننى ئاساس قىلغان سانائەت ئەمگەك كۈچى كاپىتالى پەن سىياسىتى مائارىپ سىياسىتى شەخس بىلەن ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ مۇۋازىنىتىئاساس – تېخنىكا جەريان – مائارىپ”يېڭى تەبىقە”نىڭ ئىچكى جۇغلانما كۈچى بيۇروكراتلىشىشقا قارشى تۇرۇش مەدەنىيەت قارىمۇ قارشىلىقىبىلل يۇقىرىقى گرافىكنى ئىزاھلاپ، كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇچۇر، بىلىم، تېخنىكا، كەسپىي خادىم، رىقابەت، ئۇچۇر، كېلەچەك قاتارلىق نۇقتىلىق ئىبارىلەرگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېيىنكى سانائەت دەۋرىدە بىلىم ئەھلى جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق قاتلىمىغا، مائارىپ ۋە بىلىم مۇئەسسەسىلىرى جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا ئايلىنىدۇ. “بىلىم ھەممىگە قادىر” دېگەن سۆز “ھوقۇق ھەممىگە قادىر” دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەت يۇقىرىقىلارنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا باشلىدى. كىشىلەر دانىئىل بىلل تەسۋىرلىگەن جەمئىيەتنى “بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى” دەپ قوبۇل قىلىشتى. مانا ھازىر “بىلىم ئىگىلىكى”گە ئائىت ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ئوقۇشلۇقلار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى كىتاب ئىشكاپىدا ئاز – تولا پەيدا بولدى، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندى.دانىئىل بىلل يۇقىرىقى ئەسىردە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن.ئالدىنقى سانائەت جەمئىيىتى جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق تەبىئەتتىن خام ئەشيا ئېلىش. مەسىلەن، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، كانچىلىق، بېلىقچىلىق دېگەنلەردەك. ئەنئەنىگە ۋە ئۆتمۈشكە سېغىنىش ئاساسىي ئېقىم. كىشىلەر يەرگە باغلانغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىش دائىرىسى تار مەھەللە ياكى رايون بىلەن چەكلەنگەن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى پەسىل، يېغىن، سۇ مەسىلىلىرىگە زىچ چېتىلغان بولىدۇ.سانائەت جەمئىيىتى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلىپ تەشكىللەنگەن جەمئىيەت. مەسىلەن، ياساش، ئىش قوشۇش دېگەنلەردەك. بۇ دەۋردە ماشىنا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، تۇرمۇش رىتىمى ماشىنا بىلەن باغلانغان بولىدۇ، ئېنېرگىيە جىسمانىي كۈچنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆسۈشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.بىز يۇقىرىدىكى گرافىكتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن جەمئىيەت بولۇپ، كەسپىي خادىملار ۋە تېخنىك خادىملار يېتەكچىلىك ئورنىدا تۇرىدۇ.شائىر نىمشېھىت بىلىم بولسا يەر شارىنىمۇ توپ قىلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. دەرۋەقە، يەر شارىنى كىملەرنىڭ توپ قىلىپ ئويناۋاتقانلىقى بىزگە ئايدىڭ بولۇپ قالدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالدى.يۇقىرىقى جەمئىيەت ئەندىزىلىرى ئەمدىلىكتە بىر قىياس ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. بىز بۇ ئەمەلىيەتكە قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك؟رايونىمىز پايانسىز كەتكەن خام ئەشيا بازىسى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېھقانچىلىق ۋاسىتە جەھەتتە تراكتور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندەك قىلسىمۇ، كەتمەن يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە ۋاسىتىلەر قىسمەن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئىگىلىكنىڭ ماھىيىتى ئوتتۇرا ئەسىردە شەكىللەنگەن ئەنئەنىنى مەزمۇن قىلدى. دېھقانلار ئەنئەنىدىن كەلگەن دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ۋە ساۋاتلىرى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىدۇ، زامانىۋى جەمئىيەت كىشىلىرىگە خاس ئاڭ ئۇلاردا شەكىللەنمىدى. تېلېۋىزورنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرى، ناخشا – ئۇسسۇل، ھىندىستاننىڭ بىر خىل قېلىپتىكى ئاشىق – مەشۇق ھېكايىلىرى، ۋۇسۇڭنىڭ ئاجايىپ چامباشچىلىقى بولدى.نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرى ياغاچ ئات، تۆمۈر بېلىق قاتارلىق فانتازىيىلىك خىياللارنى سۈرگەن بۇ خەلق ئۆزىنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك ئازۇرلىرىنىمۇ تونۇماس بولۇپ كەتتى. تەييار ماللارنىڭ بازارلارنى ئىگىلىشى ئارقىسىدا، ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە شەكىللىنىپ، سىستېمىلاشقان قول ھۈنەرۋەنچىلىك شاللىنىش جەريانىدا كېتىپ بارىدۇ.چەت ئەلنىڭ كىيىملىرىنى قاملاشتۇرۇپ كىيىۋالغان، لېكىن، زامانىۋى ئىلىملەردىن خەۋرى يوق ھالدا شاھادەتنامە ئالغان ستۇدېنت يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ چورۇقىنى ئۆزى تىكىپ كىيگەن دېھقاننىڭ روھىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن؟ ئۆزى سالغان كەپە باشقىلار سېلىپ بەرگەن شاھانە قەسىردىن نەچچە ھەسسە ئەلا. چۈنكى ئاشۇ كەپىدە ئىجادكارلىق ۋە ھالال مېھنەت بار. مېھنەت بىر خىل ئالىي ھوقۇق.جەمئىيەت بىلەن مەكتەپ ئەسلىدىلا بىر گەۋدە. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى بىلىملىرى تەبىئەتتىن، جەمئىيەتتىن كەلگەنىدى. مەكتەپلەر بارغانسېرى ئايرىم بىر قورۇ بولۇپ، جەمئىيەتتىن ئۆزىنى ئايرىم تۇتىدىغان بولدى. مەكتەپتىكى بىلىملەر تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنى ئەۋزەل غايە ۋە ۋاسىتىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. مەكتەپلەر بارچە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنىڭ غۇرۇرى ۋە نوپۇزلۇق ئورگىنى. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەم تەرەققىياتىنىڭ خەۋەرچىلىرى ۋە لايىھىچىلىرى. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ چاقىرىقلىرىنى ئەڭ كېچىكىپ ئاڭلايدىغان، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى دىپلومغا تايىنىپ تىكلىگۈچى جان باقارلارنى تەربىيىلەيدىغان خىلۋەت قولتۇققا ئايلىنىپ قالدى.رايونىمىزدىكى مەۋجۇت ئىگىلىك ئەنئەنە رەۋىشىدە بولغاچقا، مەكتەپلەرگە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇشتىن يىراق. ساۋاتسىز بىر يېزا باشلىقى ياكى كەنت باشلىقى خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زامانىۋى بىلىملەرگە تەقەززا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. باشقا تەرەپلەرنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، ئالىي مەكتەپ تەتقىقات ئورۇنلىرى، نەشرىيات تارماقلىرىدا كەسپىي خادىملارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا ئورۇن يوق. ئۇلار كەسپىي ئىشلاردىمۇ مەمۇرىي خادىملارنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزدە رەھبەر دېگەندە كەسپىي يېتەكچىلىككە ئائىت تەرەپلەر نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگوغا جىددىي كېرەك بولۇۋاتقىنى دەل مەخسۇس كەسپىي تالانت ئىگىلىرى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇق تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا كاشىلا تۇغدۇرماقتا. بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، ئىقتىسادىي دۇنياۋىلىشىش بىزدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلسىمۇ، دەماللىققا ئامالىمىز يوق. چۈنكى كەسپىي تالانت ئىگىلىرى ۋە سۈپەتلىك جەمئىيەت ئەزالىرى بىردەمدىلا يېتىشىپ چىقمايدۇ.مائارىپ كرىزىسى بىز قۇتۇلالمايۋاتقان زور ئىجتىمائىي خەۋپ بولۇپ، مەزكۇر كرىزىس دەل بىلىم كرىزىسىدە كۆرۈلمەكتە. بىلىمنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم ۋە زىيالىيلار ھەققىدىكى تەبىرلەرمۇ ئۆزگەردى، تۈرمۇ كۆپەيدى. بىلل “كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى” دېگەن ئەسىرىدە بىلىمگە مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: “بىلىم شەيئى ياكى ئىدىيىگە سىستېمىلىق شەرھى بېرىش ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلۇق ھۆكۈم ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك خۇلاسە بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى، مۇئەييەن سىستېما ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ”. بىلل بىلىمنى كەسپىي بىلىم، سودا بىلىمى، ئەمگەك بىلىملىرى، سىياسىي بىلىم، ئائىلە بىلىملىرى، پەننىي بىلىم، روھىي بىلىم قاتارلىق كونكرېت تۈركۈملەرگە ئايرىپ بىرمۇ بىر ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىزغا تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ كەتمىگەندىمۇ بەرىبىر رېئاللىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سىرتقى كۈچنى پەيدا قىلغۇچى بىر جەمئىيەتنىڭ ئەينى دەۋردىكى قىياپىتىنى پەرەز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇنلاشمىساق پاكىت بىزنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىدۇ. ئۆزىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگەنلەر سىرتقى كۈچ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ.ھازىرقى مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ يەردىكى بىلىملەر دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلالمىدى. خۇددى “ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق” دېگەندەك، قالاق ئىگىلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان جەمئىيەتتىكى مەكتەپلەر ئۆز دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىختىساسلىقلارنىڭ بۆشۈكى بولالمايدۇ. رۇس نەسرچىسى مىخائىل پىرشىۋېن “ئەگەر سۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا بېلىقلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ سۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، ئەگەر ھاۋا بولۇپ، ئۇنىڭدا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن قارلىغاچلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ ھاۋا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن” دېگەنىدى. بىر ئالىي مەكتەپ ياكى بىر ئاكادېمىيىدە مەملىكەتتىكى ئىلىم تارماقلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان، خەلقئارادىكىلەرمۇ تونۇيدىغان سەرخىللار بولمىسا، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟!بىزدىكى بىلىم كرىزىسى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، كارغا كېلىدىغان بىلىمنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىرى، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان رىقابەت مۇھىتىنىڭ بولماسلىقى. بىزدە كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بولغۇدەك جانلىق ئىجتىمائىي مېخانىزم شەكىللىنىپ بولالمىدى. ئەكسىچە، ئاز – تولا ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش روھىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى تۈرلۈك توسالغۇلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئەركىن رىقابەت تەرىپىدىن شاللىنىپ قېلىشتىن ئەمەس، بەلكى ئىمتىھاندىن قورقىدۇ. ئىمتىھان ئۇلار ئۈچۈن نەق ۋەھىمە بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە دىپلومغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىمتىھان يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ياخشى كوزىر بولۇپ قالدى. نۇرغۇن لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئېلىش، تەكشۈرۈش، نوپۇزىنى پەش قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا “خاقان” بولماقچى بولىدۇ. مائارىپ باشقا ئىشلار قولىدىن كەلمەيدىغانلارنى ئالمان – تالمان قوينىغا ئالىدىغان، بەرداشلىققا باي سېخىي ماكان بولۇپ قالغاچقا، لاياقەتسىز ئادەملەر ئۇ يەردىن ئاسانلا پاناھلىق تاپىدۇ. ئىمتىيازلىقلارنىڭ ئائىلىۋى باش ئاغرىقى مەكتەپلەر ئارقىلىق شىپا تاپىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىكى تولدۇرغۇسىز زىيانلار ئەلنىڭ سەۋرچان روھىدا غەلىتە لاتقىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.بىزدە بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھەقىقىي باھا بېرىش مەسىلىسى توغرا ھەل قىلىنمىدى. ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردە پۇل تۆلەپ ئوقۇيدۇ يۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تاللاش، ئوقۇتقۇچىلارغا باھا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى سائەت مىقدارى بىلەن ئۆلچەندى. كىمنىڭ دەرس سائىتى كۆپ بولغان بولسا شۇ ئىلغار بولۇپ سايلاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى ئىنكاسى نۇرغۇن مەكتەپلەردە ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ. بىر ئۇن تارتىش ماشىنىسىنىڭ ئەمگىكىنى ۋاقىت (سائەت) بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە مىقدارى تېخنىك خادىملار تەرىپىدىن مېخانىك يوسۇندا بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى ئەقلىي ئەمگەكچى، ئۇ روھ، كەيپىياتقا ئىگە ئادەمنىڭ ئەمگىكى بولغاچقا، ماشىنىنىڭ ئەمگەك مىقدارىنى ئۆلچىگەندەك ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئەقەللىيسى، ئادەم ماشىنا ئەمەس، ئۇ مېخانىك ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ئەمگىكىنىڭ سۈپىتى قابىلىيەت، روھىي كەيپىيات، تەجرىبە، جانلىق ئۇسۇل قاتارلىق نۇرغۇن كونكرېت ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا 10 سائەتتە بېرەلمىگەن ئۈنۈمنى يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىرەر سائەتتە بېرەلىشى مۇمكىن. جايىنى تاپقان بىرەر سائەتلىك تەربىيە قارىسىغا بېرىلگەن 10 سائەتلىك تەربىيىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىپلا قالماستىن، يەنە شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىنمۇ بېشارەت بېرىدۇ. زېرەك ئوقۇغۇچىلار ھەممە تەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەت ئىچىدە ماھىيەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى بېرىشكە قادىر ئەمەس، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى بىلدۈرۈپلا قالماي، نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھاياجانغا سېلىۋېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كونكرېت تەرەپلەر ئەقلىي ئەمگەكنىڭ سۈپىتىدىكى زور ئىچكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرسلەرنىڭ قىممىتىنى نوقۇل سائەت بىلەن ئۆلچەش ئەقلىي ئەمگەكنىڭ سۈپەت قانۇنىغا تۈپتىن خىلاپ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرەر فاكۇلتېتىدا ياكى بىرەر ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كوزىر ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرقانچىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئوخشاش قىممەتتە باھالىنىدۇ. ھەتتا تۆۋەن باھالىنىدۇ.مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆگەندىم ۋە تەتقىق قىلدىم. نەتىجىلىرىم ئاز – تولا ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باش كۆتۈرمەي قىلغان ئەقلىي ئەمگەكلىرىم مېنى ئەقەللىي موھتاجلىقتىن ساقىت قىلالمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە بولمىسا، بولۇشىغا ياشاش يولىغا مېڭىپ كېتىش نورمال ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەت ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە (ئېغىر ياكى بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە) مەۋجۇتتۇر.بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە ئالىملار، تېخنىكلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ دېدۇق، بۇنى جەمئىيەتشۇناس ئالىملارنىڭ بايانلىرى بىلەن دەلىللىدۇق. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتمۇ بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى نامايان قىلماقتا. كىتابخانلار ئۇنداق يۈزلىنىشلەر بىزدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ سوراپ قالسا، مەنمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مۇقەررەرلىك ئاز – تولا كېچىكسىمۇ ھامان يۈز بېرىدۇ. تەرەققىياتنىڭ سادالىرى ئاخىرقى ھېسابتا خۇددى ئىسراپىلنىڭ نەرىسىدەك گاس ئادەملەرنىمۇ چۆچۈتۈپ تاشلايدۇ.
2000- يىل يانۋار

مەنبە : ئابدۇقادىر ماقالىلىرى(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)

http://www.uyghurlar.tv/?p=1612ئەسلى مەنبەسى؛

PHP بەت تەرجىمە قىلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 10 viewsئىنكاس سانى : 0

PHP بەت تەرجىمە قىلىش

(1) : تەرجىمە خىزمىتى ئاساسىي تەلەپلىرى
كىرىش سۆز
ئىلگىرى PHP بەت تەرجىمە قىلىش ھەققىدە بىر تېمىلار يوللانغان. ئەمما كۆرۈپ چۈشەنمىگۈچىلەر، ياكى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلار بار. شۇڭا بۇ ئاددىي مىسال ئېلىندى. مەن PHP تەرجىمە قىلىش ھەققىدىكى يازمىدا PHPwind8.3 نىڭ ئاساسلىق تەرجىمە قىلىنىش باسقۇچىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
نېمىشقا PHPwind8.3 نى مىسالغا ئالىمەن؟
چۈنكى مەن كۆرگەن سىستېمىلار ئىچىدە، تەرجىمە قىلىش جەريانى بىر قەدەر قۇلايسىز، ئاۋارىچىلىق بولغان سىستېما مۇشۇ شۇ. بۇ سىستېما تەرجىمە قىلىش جەريانىدا نۆۋەتتە مودا بۇلىۋاتقان باشقا PHP سىستېمىلارنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇچرىمايدىغان بەزى ئاۋارىچلىقلارغا يولۇقىسىز. تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ ئاۋارىچىلىق كۆپ سىستېما تاللاندى. بۇ سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر كونا بولۇپ، تەرجىمە قىلىدىغان ھۆججەتلەر HTML,JS,PHP فورماتلىرىدا بولىدۇ. باشقا ئۆلچەملىك سىستېمىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تىل بولىقىنى ئايرىم تەمىنلەيدۇ. ئەمما بۇ PHPwind كونا رامكىسىنى تېخى يېڭىلىمىغاچقا مۇكەممەل بولغان تىل بولىقى يوق. شۇڭا HTML قېلىپ ھۆججەتلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىش كېرەك.
دەرسلىكنىڭ ئەتراپلىق بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ سىستېما تاللاندى. باشقا سىستېمىلارنى تەرجىمە قىلغاندىمۇ مۇشۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ ئۆتىسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئىچىدىكى مەلۇم تۈرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
قانداق سىستېمىنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسەم بولىدۇ؟
ھازىر UTF-8 ۋە GBK كودىدىكى PHP سىستېمىلار بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. GBK پەقەت خەنزۇچىنى ياخشى قوللايدۇ، شۇڭا ھەرگىزمۇ GBK سىستېمىنى تاللىماڭ، ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ. سىز كودىنى UTF-8 گە ئالماشتۇرغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر قىسىم ئورۇنلاردا ئەسلى ئىقتىدارى يۇقاپ كېتىدۇ. ساندان ۋە پروگرامما ئارىسىدا ھەممە ئورۇننى نورمال تەڭشىمىسىڭىز كىيىن نەشىر يۇقىرىلاتقاندا مەسىلە چىقىشىمۇ مۇمكىن.شۇڭا سىزگە خەلقئارالىق ئۆلچەم UTF-8 لىك كودتىكى سىستېمىلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ دەرسلىكتىمۇ UTF-8 لىك PHPwind8.3 مىسال ئېلىنىدۇ.
سىستېما تاللىغاندا خەلقئارالىق ئۆلچەم UTF-8 لىك كودتىكى سىستېمىلارنى تاللاڭ.
قانداق يۇمشاق دېتالدا تەرجىمە قىلىمەن؟
ئەڭ يېنىڭ قۇرال EditPlus، بۇنىڭدىن باشقا Dreamweaver قاتارلىق PHP نى نورمال قوللايدىغان ھەرقانداق يۇمشاق دېتال ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما Windows نىڭ يۇمشاق دېتاللىرى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىنىق ئاڭلاڭ. Windows نىڭ يۇمشاق دېتاللىرى بولمايدۇ. چوقۇم EditPlus، Dreamweaver قاتارلىق PHP نى نورمال قوللايدىغان ھەرقانداق يۇمشاق دېتال ئىشلىتىڭ.
مەندە قانداق ئىقتىدارلار بولۇشى كېرەك؟
ناۋادا بىر سىستېمىنى يالغۇز تەرجىمە قىلىمەن دېسىڭىز سىز دە تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىقتىدار چوقۇم بولۇشى كېرەك. ناۋادا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىمەن دېسىڭىز ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنى جۇغلىسىڭىز تۆۋەندىكى ئىقتىدارلار بولۇشى كېرەك.
1. سىزدە كودقا توغرا چۈشەنچە بولۇشى كېرەك. تەرجىمە جەريانىدا كودقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىز، چېكىت، پەش ۋە باشقا سىز تونۇمايدىغان بەلگىلەرنى قالايمىقان ئۆچۈرمەسلىكىڭىز، ئۆزگەرتمەسلىكىڭىز كېرەك. ئىسىڭىزدە بولسۇن: كود شۇنداق نەرسە! بىرەر چېكىت، پەش، ياكى باشقا بەلگە پۈتۈن پروگراممىڭىزنى پالەچ قىلىپ قويىدۇ.
2. پروگراممىنىڭ HTML ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغۇچىلار HTML ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، ئۆزى قول سېلىپ يازالمىسىمۇ كودنى كۆرۈپ چۈشىنەلىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەمگە چۈشمىسىڭىز دەرھال HTML ئۆگۈنۈپ ئاندىن تەرجىمىنى باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. پروگراممىنىڭ PHP ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغۇچىلار PHP ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، ئۆزى قول سېلىپ يازالمىسىمۇ كودنى كۆرۈپ چۈشىنەلىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەمگە چۈشمىسىڭىز دەرھال PHP ئۆگۈنۈپ ئاندىن تەرجىمىنى باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4. پروگراممىنىڭ JS ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغۇچىلار JavaScript ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، ئۆزى قول سېلىپ يازالمىسىمۇ كودنى كۆرۈپ چۈشىنەلىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئەڭ تۈۋەن ئۆلچەمگە چۈشمىسىڭىز دەرھال JavaScript ئۆگۈنۈپ ئاندىن تەرجىمىنى باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5. كۆرۈنمە يۈز تەڭشەش ئەڭ تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. سىزدە CSS بىلىمى بولۇشى كېرەك. ئەڭ كەم بولغاندا CSS نى كۆرۈپ چۈشىنەلىشىڭىز كېرەك. يەنە CSS قا ئائىت قۇشۇمچە قوراللارنىمۇ ئىشلىتىشنى بىلسىڭىز سىزگە ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن Firefox نىڭ FireBug قىستۇرمىسى دېگەندەك.
6. رەسىم بىر تەرەپ قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. ناۋادا تەرجىمە قىلغان سىستېمىڭىزنى راۋرۇس گۈزەللەشتۈرىمەن دېسىڭىز سىزە رەسىم بىر تەرەپ قىلدىىغان تېخنىكا بولۇشى كېرەك.
7. تىل-يېزىق، ساپا، مەسئۇلىيەت ۋە چىداشچانلىق قاتارلىق روھىي دەسمايىلەر كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ.
قانداق ساپا كېتىدۇ؟
يۇقارقى تەلەپلەر ئىچىدىكى 7-تەلەپنى كۆرۈپ ئەجەبلەنگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا سىزدە بۇ تەلەپ ئەمەلىيلەشمىگەن بولسا، بىر بولسا تەرجىمە قىلغان پروگراممىڭىزنىڭ نەتىجىسى چىقماي يېرىم يولدا قالىدۇ، بىر بولسا ئىملا خاتالىق بىلەن توشۇپ كەتكەن، كارغا كەلمەيدىغان ئەخلەت دۈۋىسى بولۇپ قالىدۇ. تەرجىمىنىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولۇشى، ئىملا توغرا بولۇشى قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي تەلەپنى ئۇرۇندىيالمىسىڭىز سىز تەرجىمە قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىسىز. شۇڭا ئالدى بۇ ساپانى يىتىلدۈرۈڭ
ئاخىرقى سۆز
سىز يۇقارقى ئىشلارنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز تەرجىمە خىزمىتىگە كىرىشسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىم تەرجىمانلىقنى ئۆزىڭىزگە كەسىپ قىلىۋالماڭ. بۇ كەسپىڭىز ئاقمايدۇ. سىستېما تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەن يۇقاردا تىلغا ئالغان تېخنىكا بىلىملىرىنى پىششىقلىسىڭىز، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزسىڭىز بولىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا سىستېمىنىڭ يېزىلىش ۋە ئىجرا بۇلۇش پىرىنسىپىنى چۈشۈنۈش ۋە تېخنىكا بىلىملىرىڭىزنى پىششىقلاش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.


PHP بەت تەرجىمە قىلىش(2) : تەرجىمە خىزمىتى تەييارلىقلىرى
ئاۋۋال چوقۇم كۈرۈڭ
ئالدىنقى سائەتكە نەزەر : PHP بەت تەرجىمە قىلىش(1) : تەرجىمە خىزمىتى ئاساسىي تەلەپلىرى
كىرىش سۆز
ئاساسىي تەلەپلەرنى ئۆزىڭىزدە ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز رەسمىي تۈردىكى تەرجىمە خىزمىتىگە كىرىشىمىز. تەرجىمە خىزمىتىنىڭ غەلبىلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى تەييارلىقلارنى پۇختا ئىشلەڭ.
زۈرۈر تەييارلىقلار قايسى؟
1. زۈرۈر بولغان يۇمشاق دېتاللار بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: Dreamweaver,Editplus قاتارلىق PHP ھۆججەتلىرىنى تەھرىلىگىلى بولىغان يۇمشاق دېتاللار. يەنە Firefox تور كۆرگۈچىسى، شۇنداقلا بۇ تور كۆرگۈچكە FireBug قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ قويۇڭ. بۇ يۇمشاق دېتاللار سىزنىڭ تەرجىمە خىزمىتىڭىزنى زور دەرىجىدە يىنىكلىتىدۇ. ئاخىرىدا ئىملا تەكشۈرىدىغان ئەلكاتىپ، يۇلغۇن، ئۇيغۇرئېدىت قاتارلىق تەھرىرلىگۈچتىن كەم دېگەندە بىرىنى تاللاڭ. شۇنىڭ بىلەن لازىملىق يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن جەم بولدى دېگەن گەپ. (رەسىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن Photoshop قاتارلىق دېتاللار كېتىدۇ.)
2. پروگرامما ئىجرا مۇھىتى لازىم بولىدۇ. تەرجىمىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ۋە چۈشۈنۈشلىك بولۇشى ئۈچۈن، تور بەت كۈرۈنمە يۈزىدىكى ئۇرۇنغا قاراپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ناۋادا تەرجىمە جەريانىدا سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ پروگرامما بۇزۇلسا، خاتالىقنى دەرھال بايقىيالايسىز. بۇ ئاخىرىغا بارغاندا خاتالىق ئىزدىگەندىن مىڭ ياخشى. شۇڭا چوقۇم سىز تاللىغان پروگرامما نورمال ئىجرا بۇلىدىغان مۇھىت راسلاڭ.
3. مۇۋاپىق مۇھىت، سالامەتلىك ۋە يىمەك-ئىچمەك كەم بولسا بولمايدۇ. تەرجىمە خىزمىتى جاپالىق جەريان. بەزىدە تەرجىمىگە كىرىشىپ كەتكەندە خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالىسىز. شۇڭا سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇھىتنى تاللاڭ. يىمەك-ئىچمىكىڭىزمۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن.
ئاخىرقى سۆز
بىز كۆپ ھاللاردا بەك ئالدىراپ كىتىپ ئاساسىي تەييارلىقنى ياخشى قىلمايمىز. داۋاملاشقانسىرى بىز تەييارلىق قىلمىغان جايلاردىن توختىماي مەسىلە چىقىپ ئىشلىرىمىز يۈرۈشمەي قويىدۇ. شۇڭا زۈرۈر تەييارلىقلارنى پۇختا ئىشلەپ خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرىشىشىگە ئاساس ھازىرلاڭ.

PHP بەت تەرجىمە قىلىش(3) : تەرجىمە قىلىدىغان سىستېمىنى چۈشىنىش
كىرىش سۆز
تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن ئۆزىمىز تاللىۋالغان سىستېمىنى تەييارلىغان مۇھىتتا ئىجرا قىلىمىز. ھەم كۆرۈنمە يۈز ۋە باشقا ئالاقىدار مەشغۇلات يۈزلۈكلىرىنى كۆرۈپ، تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك دېگەن ئورۇنلارغا كۆڭلىمىزدە سان قويىمىز. پروگرامما نۇقسانسىز ئىجرا بولغان، شۇنداقلا سىزمۇ پروگراممىنى قىينالماي ئىشلىتىۋاتقان شەرت ئاستىدا تەرجىمە خىزمىتىگە كىرىشسىڭىز بولىدۇ.
زۈرۈر باسقۇچلار قايسى؟
1. تاللىغان پروگراممىنى راسلىغان مۇھىتتا نورمال ئىجرا قىلدۇرۇش كېرەك. پروگرامما نورمال ئىجرا بولمىسا سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ نورمال ئىجرا قىلغاندىن كىيىن، كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەسلىدىلا مەسىلە بار ياكى نورمال ئىجرا بولمايدىغان سىستېمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرسىڭىز بەرىبىر ئىشلىتەلمەيسىز.
2. پروگراممىنى چۈشۈنۈش ۋە ئىشلىتىش. تەرجىمىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ۋە چۈشۈنۈشلىك بولۇشى ئۈچۈن، تور بەت كۈرۈنمە يۈزىدىكى ئۇرۇنغا قاراپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇڭا ئاۋۋال كۆرۈنمە يۈز ۋە باشقا ئالاقىدار مەشغۇلات يۈزلۈكلىرىنى كۆرۈپ، تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك دېگەن ئورۇنلارغا كۆڭلىمىزدە سان قويىمىز. شۇنداقلا پروگراممىنىڭ بەزى زۈرۈر مەشغۇلاتلىرى ئاۋۋال چوقۇم بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: قالدۇق تازىلاش مەشغۇلاتى. بەزىدە بىز ئۆزگەرتكەن ئورۇنلارنىڭ ئۆنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن قالدۇق تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. شۇڭا مۇشۇنىڭدەك زۈرۈر مەشغۇلاتنى ئاۋۋال بىلىۋېلىڭ.
3. پروگراممىنىڭ تەرجىمە قىلىدىغان ھۆججەتلىرىنى بىلىۋېلىڭ. بىر پروگراممىنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش كەتمەيدۇ. تەرجىمە بولغاندىكىن پەقەت كۈرۈنمە يۈز قىسمىنىڭلا ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىمىز. كۈرۈنمە يۈزدە چىقمايدىغان خەتلەرنى تەرجىمە قىلىشىڭىز بىھاجەت. بولۇپمۇ سىستېمىنىڭ يادرولۇق ھۆججەتلىرىدىكى تەرجىمە قىلمىسىمۇ بولىدىغان خەتلەرنى تەرجىمە قىلىۋېلىپ پروگراممىنى بۇزۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىڭ. شۇڭا تەرجىمە قىلىش زۈرۈر بولغان ھۆججەتلەرنى ئاۋۋال بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. پروگراممىنىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك ھۆججەتلىرىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى سىناق تەرجىمە قىلىش جەريانى دەل مۇشۇ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك ھۆججەتلەرنى تېپىش ئۈچۈندۇر.
سىناق تەرجىمە قىلىش باسقۇچى
سىناق تەرجىمە قىلىش دېگىنىمىز بىز تەرجىمە قىلىش كېرەكمۇ يوق دەپ بىلەلمەي قالغان ھۆججەتلەردىن بەزى خەتلەرنى تەرجىمە قىلىپ سىناپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىشنى كۆرسىتىدۇ.
ناۋادا تەرجىمە ئۈنۈمىنى كۆرەلىسىڭىز بۇ ھۆججەت تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك ھۆججەت قاتارىغا كىرىدۇ. ناۋادا ئۈنۈمىنى كۆرەلمىسىڭىز بۇ ھۆججەتكە ۋاقتىنچە چېقىلماڭ.
PHPwind8.3 نىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك ھۆججەتلىرى
سىز تاللىغان پروگراممىنىڭ تارقاتقۇچى بېكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش ھۆججەتلىرىدىن پايدىلانسىڭىز بۇ باسقۇچتا بەك جىق جاپا تارتمايسىز. يۇقاردا دىيىلگەن بويىچە بىز PHPwind نى سىناق تەرجىمە قىلىپ بېقىش ئارقىلىق تەرجىمە قىلشىقا تىگىشلىك ھۆججەتلىرىنى بېكىتىۋالالايمىز. قارىسىڭىز تۆۋەندىكى ھۆججەتلەر سىزنىڭ تەرجىمە قىلىشىڭىزغا مۇھتاج.
ھۆججەتلەر:
يىغىپ ئېيتقاندا سىستېما ھۆججەت خالتىسىدىكى بارلىق template مۇندەرىجىسىدىكى ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ قول تۇتىدىغان يىرى template/wind ئىچىدىكى ھۆججەتلەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى lang_*.php ئىسىملىك ھۆججەتلەر تىل بولىقى، بۇ ھۆججەتلەرنى ئاخىرىدا تەرجىمە قىلغىنىڭىز ياخشى. باشقا HTML ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشسىڭىز بولىدۇ.
admin مۇندەرىجىسىدىكى ھۆججەتلەرگە ئالدىراپ چېقىلماڭ. باشقۇرۇش رايۇنىنىمۇ تەرجىمە قىلىمەن دېسىڭىز، بۇنى ئەڭ ئاخىرىدا قىلسىڭىز بولىدۇ.
js مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ھۆججەتلەر.
ئاخىرقى سۆز
پروگراممىنى چۈشۈنۈش ۋە تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك ھۆججەتلەرنى ئايرىش قارىماققا زۈرۈر ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ھە دېسىلا ھۆججەتلەرنى ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلاي دېسىڭىز بۇ باسقۇچنى تاماملاڭ. ئاندىن خاتىرجەم ھالدا تەرجىمە باسقۇچىغا كىرىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

PHP بەت تەرجىمە قىلىش(4) : ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىش

كىرىش سۆز4 ]; o- V: @6 g# ^0 s
تەييارلىقلار پۈتۈپ سىستېمىنى چۈشىنىپ ھۆججەتلەرنى ئايرىپ بولغاندىن كىيىن ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشسەك بولىدۇ. تۆۋەندە ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىش باسقۇچلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.(تەرجىمە جەريانىدا ئىملايىڭىزغا دىققەت قىلىڭ)/ w6 U+ s% u1 k, S! P# P
 ھۆججەتلەرنى قانداق تەرتىپتە تەرجىمە قىلسام بولىدۇ؟, T3 o, k* Q’ j6 ?9 Q* a
ئەمەلىيەتتە قايسىنى بالدۇر، قايسىنى كىيىن تەرجىمە قىلىشقا بەلگىلىمە يوق. پەقەت ھەممىنى تەرجىمە قىلىپ تۈگەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئەمما تەرجىمە خىزمىتىڭىزنىڭ رەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن سىزگە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بۇيىچە قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن., R“ }7 K: T8 k+ j5 U% V2 GF
1-باسقۇچ: CSS كە يېزىق تونۇتۇپ، خەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش
پەقەت بەت يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان قىلسىڭىزلا بولدى. CSS نىڭ باشقا جايلىرىغا ۋاقتىنچە تەگمەڭ. چۈنكى تەرجىمە قىلىش ئاخىرلاشقاندا ئاندىن CSS تەڭشەش ئەقىلغە مۇۋاپىق. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە. ئىنگىلىزچە خەتلەرنىڭ كۆرۈنۈش تەرتىپى ئوخشىمىغاچقا، سىز بەتنى تەرجىمە قىلماي تۇرۇپلا تەڭشىسىڭىزمۇ كىيىن ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال يېزىقنى تونۇتۇپ بولۇپلا، باشقا جايلارغا چېقىلماي تەرجىمىگە كىرىشىڭ. يېزىق تونۇتۇشقا CSS نىڭ font,font-family خاسلىقلىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
,! h’ c2 A( F’ x/ }“ `’ b3 D( ?& U’ j
2-باسقۇچ: سىستېمىنىڭ HTML قېلىپ ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش; l2 u( ~: k5 B9 R! U( H
HTML ھۆججەتلەر ئىچىدە ئۇچرىغان بەت يۈزىدە كۆرۈنۈدىغان خەتلەرنى بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىڭ. تەرجىمە جەريانىدا پەقەت خەتنىلا تەرجىمە قىلىڭ. باشقا كودلارغا قەتئىي چېقىلماڭ. نۇرغۇن دوستلىرىمىز Dreamweaver نىڭ كۆرۈنمە يۈز ھالىتىدە تەرجىمە قىلغىلى ئامراقكەن. ئەمما ئىھتىيات قىلمىسىڭىز سىستېمىنىڭ كودىدا بەزى كودلار قوشۇلۇپ قالىدۇ، بۇ شۇ Dreamweaver نىڭ مەسىلىسى. يەنە بىر تەرەپتىن، PHP سىستېمىلارنىڭ HTML قېلىپ ھۆججەتلىرى ئادەتتىكى HTML ھۆججەتلەردىن پەرىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ PHP جازا ياكى قېلىپ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولسا شۇنداق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز Dreamweaver دەك دېتاللارنىڭ كۆرۈنۈش ھالىتىدا تولۇق ئۆنۈمىنى كۆرەلمەيسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇشمايلا كود ئارتۇق ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ. دەل مۇشۇنىڭدەك ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تېكىست ھالىتىدە تەرجىمە قىلىڭ. يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەي: پەقەت خەتنىلا تەرجىمە قىلىڭ، كودقا چېقىلماڭ. HTML كود ئارىسىغا يېزىلغان CSS كودلىرى شۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن، CSS لەرنى كىيىن بىراقلا تەڭشەيمىز.* {7 k% \) q2 }) b1 d7 W
e3-باسقۇچ: سىستېمىنىڭ JS ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش5 m2 s2 U& @. b
سىستېمىنىڭ JS ھۆججەتلىرىدە تەرجىمە قىلىدىغان ئورۇنلار بەك جىق ئەمەس، ئەمما تەرجىمە جەريانىدا ئاسانلىك سەۋەنلىك چىقىدۇ. ئالدىنقى قېتىم تەكىتلىگىنىمىزدەك بىرەر ھېكىت، پەش، ياكى بەلگىمۇ خاتالىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ. پەقەت خەتنىلا تەرجىمە قىلىڭ، كودقا چېقىلماڭ. ‘ X; v; c- g0 S; w- S- u b, @2 U
بۇ يەردە يەنە ئىككى كىچىك نۇقتا بار:4 O6 Y5 o# _* Q0 h9 L2 k5 a6 O4 r
1) بۇ JS ھۆججەتلەردىكى بەزى خەتلەرنى سىستېمىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەتلەر بىلەن ئوخشاش تەرجىمە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن: ئىزدەش رامكىسىدىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرى مائۇس چېكىلگەندە يوقايدۇ، قۇرۇق بولسا مائۇس ئايرىلغاندا يەنە ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ. ناۋا ئىچىدىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئوخشاش ئالمىسىڭىز بۇ ئىقتىدار ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنىڭدەك كىچىك نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ.* J C4 z# y1 V! z9 e
2) گەرچە AJAX ئىشلىتىلگەن سىستېمىلاردا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى ئۇيغۇرچە نورمال تونۇسىمۇ بەسى سىستېمىلاردا تېخى بۇ تېخنىكا قوللىنىلمىغان. شۇڭا ئورنىغا قاراپ قانداق تەرجىمە قىلىشنى بېكىتىڭ. بولمىسا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەي قويىدۇ. مەسىلەن: alert ۋە confirm ئىشلىتىلگەن جايدىكى خەتلەر ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىمايدۇ. زۈرۈر تېپىلسا بۇ خەتلەرنى ULY بۇيىچە قىلسىڭىز بولىدۇ.
3) تەرجىمىدىن باشقا ئىشلارغا دىققىتىڭىزنى چاچماڭ. باشقا ئىشلار تۈگىگەندە ئاندىن JS كە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. 6-باسقۇچتا سۆزلىنىدۇ.2 V- u$ d’ e1 s+ ~) a
, 4-باسقۇچ: سىستېمىنىڭ PHP ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش8 s) v/ ~( _0 {* M“ ]0 o’ x: s$ q9 ?
HTML ۋە JS ھۆججەتلەرنىڭ تەرجىمىسى پۈتكەندە بىز PHP ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىشقا باشلايمىز. ئوخشاشلا خەتنىلا تەرجىمە قىلىش، كودقا چېقىلماسلىق شەرتى بۇيىچە تەرجىمە قىلساق ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ. تەرجىمە قىلىدىغان PHP ھۆججەتلەرنى ئىككى خىلغا ئايرىش مۇمكىن. بىرى HTML كودلىرى ئارىلاشتۇرۇپ يېزىلغان ھۆججەتلەر، يەنە بىرى تىل بولىقى شەكلىدىكى مەخسۇس تىل بولىقى ھۆججەتلىرى. مەيلى قايسىسى بولسۇن، پەقەت خەتنىلا تەرجىمە قىلىش، كودقا چېقىلماسلىق قائىدىسىگە بويسۇنسىڭىز قەتئىي مەسىلە چىقمايدۇ. I5-باسقۇچ: سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى تەڭشەش (CSS ھۆججەتلەرنى تەڭشەش)
9 CSS دېگەنلىك كۆرۈنمە يۈزنى باشقۇرۇش دېگەنلىك. CSS تور كۆرگۈچكە بەتنى قانداق كۆرسىتىشنى دەپ بىرىدۇ. شۇ بېتىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىغا خاس نورمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن CSS تەڭشىمىسىڭىز بولمايدۇ.(ناۋادا يېزىقىمىز ئوڭدىن-سولغا يېزىلمىغان بولسا CSS نى تەڭشىمىسىڭىزمۇ بولاتتى. ) ناۋادا سىز تەڭشىمەكچى بولغان بۇ سىستېمىنىڭ ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان مەلۇم يېزىقتىكى نۇسخىنىڭ CSS ھۆججىتىنى تاپالىسىڭىز شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خەت نۇسخىسىنى تەڭشىسىڭىزلا، بۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن خالاس بولىسىز. ئۇنداق بولمىغاندا بىر-بىرلەپ قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.3 Y5 V/ L1 ~( g f
CSS بىر تىل، بەتنىڭ كۆرۈنۈشىنى بېكىتىدىغان بىر تىل. ئۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئۇنى بىلمىسىىز ئاۋۋال بىر قېتىم ئۆگۈنۈپ چىقىڭ. ئۆگۈنۈش جەريانى خاتالىق سادىر قىلىش ۋە تۈزىتىش جەريانىدۇر. خاتا بولۇپ قېلىشىدىن قورقماڭ. خاتالىقنى ئوڭشىسىڭىزلا بولىدۇ. بەت CSS تەڭشەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە بىر CSS قوللانمىسىنى ھەمراھ قىلىڭ. بەت يۈزىدىكى ئورۇنلارنى بىر-بىرلەپ تەڭشەڭ. بىر جاينى تەڭشەپ، يەنە بىرجاينى بۇزۇپ قۇيۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. شۇڭا ئۆزىڭىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان جايغىلا ماس بۇيرۇقلارنى يېزىڭ. بولۇپمۇ class قا مۇناسىۋەتلىك جايلارنى تەڭشىگەندە بەك ئىھتىيات قىلىڭ. بولمىسا سى ئويلىمىغان باشقا جايلار بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن

CSS تەڭشەشتىكى قارىشىڭىزنى توغرىلاڭ. ۋاقت چىقىرىپ CSS سەھىپىسىدىكى باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى كۆرۈڭ، بۇنىڭدا ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايسىز. يەنە بىرسى direction : rtl || ltr ھەققىدىكى خاتا قاراش نىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ. قارىغۇچلارچە ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ. fئۇچرىغان مەسىلىڭىز ۋە تەجرىبىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ. بۇنىڭدا سىزگىمۇ باشقىلارغىمۇ نەپ تىگىدۇ. بىر تەرەپتىن بىلگىنىڭىزنى پىششىقلىۋالىسىز، باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش جەريانىدۇر. يەنە بىرى كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن گۆھەر قالدۇرۇپ قويىسىز. نەپ ئېلىشنىلا ئەمەس، نەپ بىرىشنى بىلىپ قويۇڭ. سىزدە قانچە جىق بولسىمۇ، باشقىلارغا بەرمىسىڭىز ئۇنىڭ قىممىتى نۆل بولىدۇ.6 c“ @* y1 D$ ^# k
 6-باسقۇچ: سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى تەڭشەش (JS ھۆججەتلەرنى تەڭشەش)/ }! N( K7 L1 f9 W3 I
1) بەت يۈزى CSS ئارقىلىق كونترول قىلىنسىمۇ، لېكىن ئايرىم ئورۇنلار (تىزىملىك، لەيلىمە كۆزنەككە ئوخشاش ئورۇنلار) JS نىڭ ياردىمى ئورنى مۇقۇملاشتۇرۇلغان بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئورۇنلارنى تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ. ئاساسلىقى بەت يۈزىنى ئوڭدىن-سولغا قىلىپ تەڭشىگەندە بۇ ئورۇنلارنى تەڭشەش زۆرۈر بولىدۇ. سىستېمىڭىزنى سىناپ مەسىلە بار ئورۇنلارنى CSS ئارقىلىق ھەل قىلغىنىڭىز ياخشى. ئەمما بەزى ئورۇنلارنى چوقۇم JS ئارقىلىق تەڭشەش زۆرۈر بولىدۇ.+ s- O7 P4 h& j% a$ q
4 ? P& k) w/ H! X8 E) ?2) بەزى چەكلىمىلەرنى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن تېما ئۇزۇنلۇقى دېگەنگە ئوخشاش.4 z. ~8 ?: ?/ N%
7-باسقۇچ: ئومۇمىي سىناق ۋە ئاخىرقى تەڭشەش; I3 c: O ]- W0 ?8 _“ ^- d
سىز يۇقارقى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىن سىستېمىڭىز بىر قاتار ئۇيغۇرچىلىشىپ ۋە تەڭشىلىپ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز سىستېمىنىڭ ھەممە جايلىرىنى بىر قاتار سىناپ، تەكشۈرۈپ بايقىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىڭ. باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ سىناتقۇزۇڭ. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولغان بولسىڭىز تەڭشەش ئاخىرلىشىدۇ.
ئاخىرقى سۆز4 Y, ?4 F& C# B8 p) X
تەرجىمە ۋە تەڭشەش جەريانىنى جاپالىق جەريان. چىدامچان بولۇڭ. تىرىشسىڭىز ھامان نەتىجىسىنى كۆرىسىز. تەرجىمە ھەققىدىكى دەرسلىك مۇشۇ يەردە تامام بولدى. مەن ئامال بار رەتلىك يېزىشقا تىرىشتىم. سەۋىيە چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن سەۋەنلىك سادىر بولغان ئورۇنلار بولسا باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.! @% q& I* G# z/ g$ n
 تەۋسىيە
4 تەرجىمنى ئۆزىڭىزگە خىزمەت قىلىۋالماڭ. سىز قانچە ياخشى تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ نەرسىسى، سىزگە تەۋە ئەمەس. تەرجىمە جەريانىدا ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىنى پىششىقلاشنى ۋە يېڭى بىلىم ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىڭ. ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزۋە ئۆگىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

يۇقارقى مەزمۇنلار نۇرقۇت تور دۇنياسىدىن رەتلەپ ئېلىپ كېلىنگەن ، ئەسەر ھوقوقى ئەسلى ئاپتۇرغا تەۋە ، كۆچۈرگەندە مەزمۇنىنى ئەسكەرتىڭ . & b5 ?0 ~+ s5 P+ T“ Q

خەتكۈچ : تۈر : گۈلىستان

رەھبەرلەر «خاپا بۇلۇپ»مۇ سۆزلەمدىغاندۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 0

«تىلماچلار چايخانىسى»دىكى پاراڭلار

رەھبەرلەر «خاپا بۇلۇپ»مۇ سۆزلەمدىغاندۇ؟

 پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەزەلدىن ھۆرمەتلەيمەن ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاساسى قاتلاملارغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرگە بەك قىزىقىمەن.

ئۇزاق كۆزىتىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىم :رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغانلىقى ئامما دەرقەمتە بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىدە « خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى»،ياكى« ناھايىتى ھاياجان بىلەن ئۇنداق دېدى» دېيىلدىكەنۇ، ئەمما ھېچقاچان «خاپا بۇلۇپ ئۇنداق دېدى»،ياكى«غەشلىك بىلەن مۇنداق دېدى» دېيىلمەيدىكەن . رەھبەرلەرنىڭ ئوي-خىيالى ئاممىدا بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقىتىنى ئويلايدۇ،تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر يىلى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىدىغان ۋاقتى بىر-ئىككى ئايدىن كەم بولمايدۇ . بارغان شەھەر – ناھىيىلەرمۇ نەچچە ئونغا يېتىدۇ . خوش ، ئۇنداق بولسا ، رەھبەرلەر بارغانلىكى يېرىدە كۆڭۈللۈك ئىشلارغا ئۇچۇراپلا تۇرامدىغاندۇ ؟

پېقىرنىڭ مەنىسى چوڭمۇ ئەمەس ، ئەمما ئاساسى قاتلاملارغا جىق بارىمەن ؛ مەن بارغان – تۇرغان جايلاردىكى ئىشلار كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ .2009-يىلى يىغىنغا كېتىۋاتقاچ ۋۇتەي تېغى باغرىدىكى مەلۇم ناھىيەدىن ئۆتۈپ قالدىم . بۇ يەردە ئالتۇن كان ، تۆمۈر كان ، كۆمۈر كان دېگەنلەر كۆپ ئېچىلغاچقا ، تىتما كاتاڭ بوپكېتىپتۇ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ، دەريا – ئېقىنلارنىڭ كۆپى قۇرۇپ كېتىپتۇ ، قۇرۇپ كەتمىگەنلىرىنى لاي-لاتقا بېسىپتۇ . بۇنى كۆرۈپ يول بويى كۆڭلۈم غەش بولدى . يېقىندا شىمالىي جىياڭسۇغا بارغاندىم ، ئۇ يەردە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى باشقىلار ئىگىللىۋالغاچقا  كېلىپ چىققان ئاممىۋى ماجىرادا بىر يىگىتنىڭ قازا قىلغانلىقى ، بۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈز ئادەم كوچىلاردا چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى . چاغاندا ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولغان لەكمىڭ-لەكمىڭ يولۇچىنىڭ بىلەت ئالالماي قاقشاۋاتقانلىقنى،كۈرمىڭ شەھەرلىكنىڭ بالىلىرىنى يەسلىگە ئالدۇرالماي ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىغا چىداپ بولالماي ۋايساۋاتقانلىقىنى … ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ تولىلىقى كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ. قارىغاندا ، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلار خۇشال قىلىدىغان ئىشلاردىن جىق ئوخشايدۇ.

بۇ ھەرگىزمۇ رەھبەرلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ ، پىسەنتكە ئېلىپ قويمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.مۇھىمى،رەھبەرلەر بارغان جايلاردا بۇنداق ئىشلارنى كۆرمەي، ئاڭلىماي قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.چۈنكى ھازىر رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يەرلىك مەنسەپدارلار رەھبەرلەرنىڭ ماڭىدىغان يولىنى ، قەيەرگە بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى ، قەيەرگە بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ، نەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، نەنى يۇشۇرۇش لازىملىقىنى ئالدىنئالا يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە پىلانلاپ «خوجا كۆردى»قىلىپ ئۇرۇنلاشتىۋېتىدۇ.ئىشقىلىپ ياخشىسىنى كۆرسىتىپ كېكەرتىۋېتىدۇ؛ناچار تەرەپلەرنى ئىزدەپ – سوراپمۇ كۆرەلمەيسەن . دوكىلات ئاڭلاشقا كەلسەك ، ياخشىسىنىلا تاللاپ سۆزلىگەندىن تاشقىرى ، يەنە ئاساسى قاتلامدىكى گەپدان – زۇۋانداراز كادىر ۋە ئاممىدىن بىر نەچچىنى تاللاپ سۆزلىتىدۇ،ھەتتا رەھبەرلەرگە مەخسۇس بېيىغان «يېنى توم ، گېپى ئوڭ»ئائىلىلەرنى تاللاپ كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاتقۇزىدۇ. بۇنداق«ئامما»«خۇشاللىق بىلەن»سۆزلىگەندە رەھبەرلەر «خۇشال» بولماي قالامتى؟! بىراق ئۇنداق يەرلەردە ئازراقمۇ مەسلە يوقمىدۇ؟ ئاممىۋى ماجىرا ، مەنسەپدارلار بىلەن توقۇنۇش بۇلۇپ قالمامدىغاندۇ؟ ھېچقانداق مەنساپدار خىيانەتچىلىك قىلمىغان ، چىرىكلەشمىگەنمىدۇ؟ ئەمەل-مەنسەپ ئۈچۈن يۇقىرى – تۆۋەن قاتىراپ پۇل – ھوقوق سودىسى قىلغانلار  ئەسلا يوقمىدۇ؟ ساختىپەز – شەكىلۋازلار ئەزەلدىن يوقمىدۇ؟ مۇھىتنى بۇلغاپ ،ئېكېلوگىيەنى بۇزىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ باقمىغانمىدۇ ؟ مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەسىدە كەلسە-كەلمەس ھەق ئالىدىغان ئىشلار يوقمىدۇ ؟ مۇھىمى، ئۇنداق ئىشلار رەھبەرلەر ئالدىدا ھەرگىز تىلغا ئېلىنمايدۇ ، بۇنداق «سەلىبى ئۇچۇر»لار ئەينەن تىلغا ئېلىنسا رەھبەرلەر چۇقۇم «كەسكىنلىك بىلەن » ،«ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ»جاۋاپ قايتۇرغان بولار ئىدى.

ھازىرقى رەھبەرلەر«خاپا بۇلۇپ»مۇ سۆزلەمدىغاندۇ؟ بۇھەقتە بىلىدىغانلىرىمىز يوق دېيەرلىك. ئېيتىلىشىچە ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى رەئىس ماۋزېدۇڭ تەكشۈرۈشكە بارغانلىكى يېرىدە ئاممىنىڭ قورشاۋىدا قالارمىشكەن . كىشلەر ئۇنى قارىشى ئالىمىز، كۈتۈۋالىمىز دەپ پايپىيەك بۇلۇشۇپ تۇرسا ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ قېتىم خاپا بۇلۇپ كەتكەنكەندۇق. شۇڭا ماۋزېدۇڭغا مەخسۇس پويىز ئاجىرتىلىپ،پويىز نەدە توختىسا شۇ يەرنى تەكشۈردىكەن . ئېتىز-قىرلارنى،زاۋۇت- مەكتەپلەرنى كۆرۈپ بۇلۇپ ، ئۇدۇل پويىزغا چىقىپ شۇ يەردە تاماق يەپ، شۇ يەردە يېتىپ-قوپىدىكەن . رەئىس ليۇ شاۋچى 1961 –يىلى خۇنەن يېزىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ناھايىتى خاپا بوپتىكەنمىش.ليۇ شاۋچى خۇنەننىڭ لاۋجىيانىڭ يېزىسىغا  بارغاندا يول ياقىسىدىكى بىر چوشقا فىرمىسىغا « بېقىۋاتقان چوشقىمىز ئون مىڭ تۇياققا يېتىدۇ»دەپ يېزىلغانلىقنى كۆرۈپ ، پىكاپتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئاشۇ فىرمىغا كەپتۇ . ليۇ شاۋچى پۈتكۈل فىرمىدا پەقەت ئىككى تۇياقلا چوشقىنى كۆرۈپ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ:« ھۇ ئۆلگۈرلەر ، تەكشۈرۈش مۇشۇ يەردىن باشلىندۇ، ھەممىمىز قوتاندا قونىمىز؛ھېچكىم كەتمىسۇن !» رەھبەرلەرنىڭ«خاپا» بولغانلىقىغا ئائىت يەنە مۇنداق بىر پاكىت بار:(2008-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا) سىچۇەن- ۋېنچۈەندە ئېغىر يەر تەۋرىگەندە ھەربىي قىسىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دېگەندەك ماسلىشالماي قاپتۇ، بۇنىڭدىن خاپا بولغان زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئۆڭۈپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:«ئېسىڭلاردا بولسۇن ، سىلەرنى بېقىۋاتقىنى خەلىق ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلار بىلىڭلار!» قارىغاندا ، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشقا چۈشكەن ، بىرەر خىزمەتكە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەن رەھبەرلەرنىڭ «خاپا بوپقالىدىغان»چاغلىرىمۇ بولىدىكەن.

بىراق مەلۇم رەھبەرلەرنىڭ «خاپا بولغان»لىقى توغرىسىدا  شۇ چاغدا ھېچقانداق مەلۇمەت بېرىلمىگەن بولغاچقا ، ئۇنى پەقەت ئەينى يىللاردا شۇلارنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن خادىملارنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغان ئەسلىمىلىرىدىن ئۇققاندۇق . ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ «خاپا بولغان»لىقىمۇ ئەينى چاغدىكى جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئالاھىدە شارائىتتىلا ئاندىن ئاشكارە خەۋەر قىلىندى . ناۋادا ئادەتتىكى ۋاقىت بولغان بولسا ، بۇ گەپ ئەسلا تىلغا ئېلىنماس بولغىيدى.

بۇنىڭدىن مۇنداق بىر نېگىزلىك مەسلىنى بايقاش مۇمكىن: رەھبەرلەر ئەلنىڭ رايىغا ، ئىلىمى تەرەققىيات قانۇنىيتىگە مۇخالىپ ئىشلارنى كۆرگەندە ئاچچىقلانغان بولسىمۇ ، ئەمما تەشۋىقات ۋاستىلىرى رەھبەرلەرنىڭ ئاچچقىلانغانلىقىدىن  ئىبارەت پاكىتنى ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بويىچە تازلاپ چىقىرۋېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئېغىزىدا « ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار»ۋە «خۇشاللىق بىلەن » دېگەن گەپلەرلا ئېشىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەيھات! ئۇنداقلارنى لى جۇڭتيەننىڭ قايسىبىر ھېكايىسىدىكى « خۇشاللىق ئىلىمى جەمئىيتى»نىڭ ئەزالىرىدىنمىكىن دېگۈم كېلىدۇ.

مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ،ئۇقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈرمەنلەر نېمىدەپ قالار؟ ئۇلار « رەھبەرلەر ئاساسى قاتلاملارغا  چۆكۈشنى بىلمەيدىكەن ؛ جەمئىيەتنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلمەيدىكەن ؛ ئاممىدىن يىراقلاپ كېتىۋېتىپتۇ؛ ئاۋام – پۇقرا چېغىدا كۆرەلىگەن نەرسىلەرنى ھېس قىلالمايدىكەن ؛ ئۇلار ئەرشىئەلادىكى باغى ئېرەمدە شادىمان ياشايدىغان ئىلاھلارغا ئوخشاپ قالغاچقا ، جاھاندا بەختسىزلىكنىڭمۇ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتۇ » دەپ قالماسمۇ؟!

ئوبدانراق ئويلىنىپ باقساڭلارلا مەلۇم بولىدۇكى ، رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەردە ساپلا «خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى» دېيىلسىمۇ ، ئەمما شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ رەھبەرلەر ۋە پۇقرالانى بىردەك «خۇشال» قىلالىشى ناتايىن . ناۋادا رەھبەرلەرنى «خۇشال قىلىدىغان» تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىكى ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئاۋامنى « زەردە بىلەن ئويلاندۇرىدىغان » ئىشلاردىن بوپقالسىچۇ ؟ ئۇ چاغدا رادىيو – تېلىۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ جار سالقىنى ئەمەلىيەتكە مۇخالىپ مۇقاملاردىن بوپقالمامدۇ؟!

 

(جىياڭ شىنياڭ قەلىمىدىكى بۇ فېليەتۇن ئەسلى «تەقدىرداشلار» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلى 4-ساندىن «فىليەتۇنلاردىن تاللانما» ژۇرنىلى 2010-يىل ماي (ئالدىنقى يېرىم ئايلىق) سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان . مۇھەممەت ھۈسەن تەرجىمىسى. ئىزتىل بىلوگىغا شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئەسلى ئەسەردىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. )ختخررر

WordPress سۇپىسىدا ھەقسىز بىلوگ قۇرىغىڭىز بارمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 13 viewsئىنكاس سانى : 2

سۇپىسىدا ھەقسىز بىلوگ قۇرىغىڭىز بارمۇ ؟ WordPress

    ئۇيغۇر تورچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، نۇرغۇنلىغان دوستلار ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل تور ياكى بىلوگلارنى قۇرۇپ ئۆزنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلرىدا يۇلۇقتۇرغان ئىش – ئىزلىرى ، ھىس – تۇيغۇلىرىنى قالدۇرۇپ ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا ھۆسۈن قۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدا بىلوگنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ ، يېقىنقى يىللاردىدىن بۇيان ئۆز ئالدىغا مۇستەققىلىق بىلوگ قۇرۇپ نادىر يازمىلارنى ئېلان قىلىۋاتىقان دوستلار ئاز ئەمەس ،بىلوگباس ، بىلوگPJ ، بىلوگ Z ،  ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر بىلوگ دۇنياسىدا ئەڭ قارىشى ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان  ۋورپرەس قاتارلىقلار ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ھازىر بىلوگباستىن ۋوردپرەسكە كۆچۈپ كېلىۋاتقانلار ناھايىتى نۇرغۇن ، يەنە نۇرغۇن دوستلارمۇ كۆچۈشنى ئولىشىۋاتىدۇ بىراق ئىقتىساد، تۈرلۈك كېلىشملەر،بوشلۇق چەكلىمىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقسىز بولغان بىلوگباستىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقانلار يەنىلا كۆپ ، مانا ئەمدى سىزنىڭ ھەقسىز بولغان ۋوردپرەس سۇپىسىغا ئىگە بىلوگنى قۇرۇيدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى، سىزمۇ ھەقسىز ھالدا ۋوردپرەسنىڭ پەيزىنى سۈرۈلەيسىز .  سىز ئالدى بىلەن http://blog.cd تورىغا كىرىپ كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ئىسىم ئىلتىماس قىلىسز ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ، بىراق بىرلا يېرى بۇ سۇپا ھازىرچە ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىمايدۇ ، مەن داۋاملىق ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇتۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن . بۇ بىلوگ سۇپىسى بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھەقسىز ئۇسلۇپلارنى تەمىنلەپ بەرگەن . بىز ئۆز ئالدىمىزغا خالىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ ئىشلىتەلەيمىز .  بۈگۈن مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ تۇراي . قالغان قىسىمىنى بارا-بارا تورداشلار بىلەن تەڭ ئىگەللەپ كېتەرمىز . بەلكىم ياقتۇرۇپ قالىدىغانلار چىقىپ قالار  دېگەن نىيەتتە بۇ يازمىنى يوللىدىم ، ئەگەر سىز بۇ بىلوگ سۇپىسىنى ئىشلىتىش جەرياندا يېڭىلىق بايقىسىڭىز مېنى ھەم مەن قاتارلىق بىلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقانلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، نادىر يازمىلاردىن ھۇزۇرلىناي دېسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق« ئىزتىل بىلوگى » دا بولسۇن !

خەتكۈچ : تۈر : گۈلىستان

خۇشامەتكويلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 0

خۇشامەتكويلۇق

خۇشامەت ئىنساندىكى ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتى ۋە ئىپادىسى بۇلۇپ ، ئۇ غەيرى مۇددىئا مەنبە قىلىنىغان ، غەيرى نورمال پىسخىك ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.

خۇشامەت سىنىپى بۆلۈنمە پەيدا قىلغان ، فېئوداللىق تۈزۈم ۋايىغا يەتكۈزگەن پىسخىكىلىق ئامىل . فېئوداللىق بايلىق ، ئىمتىياز ،ھوقوق پەرىقىگە قاراپ بىر – بىرىگە خۇشامەت قىلىشنى خۇي ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان . ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم « ئادەم» لەر بايلىققا ئېرىشىش مەقسىتى ، ھوقوق ، ئىمتىياز تەمەسى ۋە ئۆزىدىن تۆۋەن تەبىقىلەرنى بوزەك قىلىش قارا نىيتىنىڭ ۋەسۋەسىدە فېئوداللارغا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خۇشامەت قىلغان . خۇشامەتتىن ئىبارەت غەيرى نورمال پىسخىك ئامىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئىرىسيەت، ئۇدۇم، نىيەت ۋە باشقا ئامىللارنىڭ ھامىيلىقىدا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

خوشامەتنى ئىپادىلىنىش ھالىتىگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ.

(1)  سالام خوشامىتى؛

(2)  مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى؛

(3)  تۆۋەنچىلىك خۇشامىتى؛

(4)  كۆز-بۇياش خۇشامىتى؛

(5)  قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى؛

(6)  چەكلىمىلىك قىلىش خۇشامىتى.

سالام خۇشامىتى ــــ سالاملىشىشتا ئىپادىلىنىدىغان خۇشامەت تىپى. خۇشامەتچىلەر بايلىقى كۆپ، ھوقۇق-ئىمتىيازى بار ئادەملەرگە ھەرخىل شەكىللەردە قۇللارچە ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ. خۇشامەت سالىمى قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى ـــــ باي، ئىناۋەتلىك، ھوقۇقدارلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، ئۇلاردىن نەپ ئېلىش، ئۆزىنى سەمىمىي، كەمتەر كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۆرۈلسە؛ يەنە بىرى ـــــ دەرىجىسى تۆۋەن ياكى غادىيىش، مەنمەنچىلىك قىلىش، ئۆچمەنلىك قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خۇشامەتچىلەر بەزىدە ئۆزىگە گۇپپاڭچى كۆپەيتىش غەرىزىدە ئەتراپىدىكىلەرگە نەيرەڭۋازلىق سالىمى قىلىدۇ.

مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى ــــ داستىخاندا ئىپادىلىنىدىغان خۇشامەت تىپى. خۇشامەتچىلەر ھوقۇقى بار، ئىمتىيازى چوڭ، بايلىقى كۆپ ئادەملەرگە مەرىكە-سورۇندىن پايدىلىنىپ خۇشامەت قىلىدۇ. خۇشامەتچىلەر مەرتىۋە جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرىلار توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قىلسا، چاي، زىياپەت ئۆتكۈزسە، ئازراق تۇنۇشلۇقىنى باھانە قىلىپ قازان ئاسقۇچىلار، خىزمەت قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرىۋېلىپ ئۆي ئىگىسىگە خۇشامەت قىلىدۇ. سورۇندىن كەلگەن ئەمەلدارلارغا خۇشامەت قىلپ خەقنىڭ ئېشىدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە پۇرسەت تېپىپ ئەمەلدارلارغا خۇشامەت چېيى بېرىدۇ.

چاكارچىلىق خۇشامىتى ــــ خۇشامەتنىڭ ئالاھىدە تىپى. ئۇ خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەمەلدار، بايلارنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشتىكى ۋاستىسى بولۇپ، بۇنداق خۇشامەتچىلەر ئەمەلدارلار، بايلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېىلپ، ئۆي ئىشىنى قىلىپ بېرىش، بالىلىرىنى بېقىش، توشۇق توشۇش، خوتۇنىنى، بالىسىنى ئەۋەتىپ چاكارلىق قىلدۇرۇش ۋاستىسى بىلەن خۇشامەت قىلىدۇ. بۇخىل خۇشامەت ئادەتتە قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى، مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى بىلەن ئارىلىشىپ ياكى بىرىكىپ كېتىدۇ.

كۆز بوياش خۇشامىتى ــــ بىرخىل مۇرەككەپ خۇشامەت تىپى. ئۇ، بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز، ئەخلاقسىز، ئەمما ھىيلە-مىكىرلىك، نەيرەڭۋازلىققا كۆنگەن مەككار ئادەملەر تەرىپىدىن ئورۇندىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرخىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەردە خۇشامەت ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆزىنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، سەمىمىي قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ باشقىلار قىلغان ئىشنى مەن قىلدىم، دەپ دوكلات قىلىدۇ؛ يىغىن سورۇنلىرىدا ئەمەلدار(باي) نى قارىتىپ تۇرۇپ ماختايدۇ؛ باشلىق بار چاغدا ئىنتىزامچان، ئىشچان بولىۋالىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىنى ئوغرىلاپ ياكى ئۇنىڭغا شىرىك بولىۋېلىپ، بىلىملىك قاتارىغا كىرىۋالىدۇ.

قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى ـــــ مۇرەككەپ، ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان خۇشامەت تىپى. ئۇ، ھەرخىل قاتلاملاردىكى ئۆزگىچە خاراكتىرلىك ئادەملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، سالاھىيىتى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلدار، باي، ئىمتىيازلىقلارغا سوۋغات بېرىش، داستىخان سېلىش، خوتۇن ۋاستىسى، چاكارلىق قىلىش، ناتوغرا يول بىلەن تاپقان پۇلىدىن «زاكات» بېرىش، يەيدىغىنىدىن «ئۆشرە» ئايرىش ئۇسۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ خۇشامەت قىلىپ، ناچار باشقۇرۇش پىسخىكىسى، ناچار باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلار ۋە ئاچكۆز، شەھۋەتپەرەس ئادەملەرنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئۇلاردىن پايدىلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش، ئورىنى چىڭىتىش، «رەقىپ»لىرىنى يىقىتىش ۋە ئۇلارنى كۆزىدىن يىراقلىتىش غەرىزىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇخىلدىكى خۇشامەتچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلارنىڭ يۆلەنچۈكى، تۇراقسىز باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلارنى ئازدۇرغۇچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.

چەكلىمىلىك قىلىش خۇشامىتى­­ـــــ خۇشامەتتىكى بىر خىل يۇشۇرۇن تىپ، بۇ خىلدىكى خۇشامەتچىلەر ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ مەلۇم ئىقتىدارى، ئەمگىكى ، ئەقىلىي قابىلىيتى ۋە ئىناۋىتىنى چەكلەش ئۈچۈن مەلۇم ئەمەلدار ، گۇپپاڭچىلارنى خۇشامەت قىلىپ قولغا كىرگۈزۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزى كۆرەلمىگەن كىشلەرنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇخىل خۇشامەت تىپى قولغا كىرگۈزۋېلىش خۇشامىتى ، چاكارلىق خۇشامەتلىرى بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ.

خۇشامەتچىلىك ناچار ئىللەت. ئۇ ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى چەكلەش بىلەن بىر چاغدا ،ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى چەكلەش بىلەن بىر چاغدا ، ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى تېخى ئۈستۈنلۈكىنى ئالمىغان مىللەت ۋە قاتلاملاردا مەلۇم دەرىجىدە بازار تاپىدۇ. خۇشامەتچىلەر ھەرخىل «ھۈنەر»لىرى بىلەن ناچار باشقۇرۇش ، بوسۇنۇش پىسخىكىسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساختىپەز، ئىقتىدارسىز، يالغانچى، ئىككى يۈزلىمە، قاششاق،ھەسەتخور،ئاداۋەتخور، تەمەخور،ئاچكۆزلەرنىڭ بازىرى ئاۋاتلىشىپ، ئىقتىدارلىق ، سەمىمىي ، ھايالىق، دۇرۇس كىشلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا ، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ باسۇرۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ- دە ، «ئات جۇۋازدا،كالا مەپىدە» ھالىتى شەكىللىنىدۇ.

بىزدە خۇشامەتنىڭ ھەممە تىپلىرى تۈگەل مەۋجۇت. ئۇ بەزى جاي، تارماق ۋە بەزى يرت ئاھالىلىرنىڭ بىر قىسىمىدا خېلىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . خۇشامەتچىلەر مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى ــــ چولار، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،بىر-بىرىنى ئۆز –ئارا ھۆرمەت قىلىشنى بۇزۇپ، خۇشامەتتىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي، سىياسى نەپ ئېلىۋاتىدۇ ھەم مىللەتنىڭ ساپاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئەمما، خۇشامەتچىلەر ھامان، ھەرقانداق جايدا ، ھەق ئالدىدا، دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەر ئالدىدا شەرمەندە بولماي قالمايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

خۇراپاتلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 30 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

4.خۇراپاتلىق

خۇراپاتلىق ئادەم ئېڭىدىكى غەيرى تەبئىي چۈشەنچىلەرنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ ، كىشلەر تەرىپىدىن سېتىخىيىلىك ھەم مەئۇم مۇددىئادا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ، ھەر خىل دىنلاردىكى بەزى ئېدېئال چۈشەنچىلەر ئارلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان ئەبجەش قاراشلارنىڭ ئادەم ئېڭىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت. خۇراپاتلىق دىنى ئېتىقاتتىن پەرىقلىنىدىغان ئۇقۇم ۋە ھادىسە . بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىگەندە دىن بىلەن خۇراپاتلىقنىىڭ پەرقىنى بىلمەي ئىككىسىنى بىر- بىرىگە چېتىپ قۇيۇشتەك خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ .

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان دىنلار بار بۇلۇپ ، بۇ دىنلارنىڭ ئوخشىشىدىغان ، ئوخشىمايدىغان تەلىماتلىرى، قائىدىلىرى بار. بۇ دىنلار ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى قائىدە – ئەمەللىرى ئارقىلىق روھى جەھەتتىن يېتەكلەپ يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇراپىي قاراشلار بىر خىل دىننىڭ تەبىئەت ، ھاياتلىق قارىشىنىڭ ئۆزى بولماستىن ، بەلكى ئۇ ، مەلۇم ئادەم ، مەلۇم شەيئىگە ياكى مەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئۇرۇندىلىدىغان سىرلىق قىلىقلارغا چۇقۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن بىرەر تىلەككە يېتىشنى كۈتۈشتەك ئاڭ ۋە ھەرىكەتتە بۇلۇش دېمەكتۇر.

خۇراپاتلىق ئاشۇنداق خۇسۇسىيتى بىلەن كىشلەرنى نادانلىق ، قالاقلىق ھالەتلىرىگە گىرىپتار قىلىپ ، قورقۇنچاق ، ھۇرۇن ، مۇتەئەسسىپ روھى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . خۇراپاتلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دىنى ئېتىقاد ، تۇرمۇش ئېتىقادى ۋە غايە ئېتىقادى قاتارلىقلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ .

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپىكى باسقۇچىدا ئىنسانلار ئېڭىدا خۇراپىي قاراشلار بولمىغان . ئىنسانلار دەسلەپتە ئۆزىنى بېقىۋاتقان زېمىن ، ئۆسۈملۈك ، سۇ ۋە جانۋارلارنى ئۇلۇغلاپ ئۇلارغا تېۋىنغان . كېيىن يەنە ئانىلار ، ئاتىلارغا چوقۇنغان . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئەقىلى تەپەككۇر ئىقتىدارى گۆدەكلىك باسقۇچىدا تۇرغاندا شەكىللەنگەن ئىنتايىن گۈزەل ، ساپ چۈشەنچە بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگىنى پانتىزىملىق دۇنيا قاراش ئىدى .

 ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ ئاخىرىدا ئەجدادلىرىمىز ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن يېرىم ئىپتىدائىي ، يېرىم نەزەرىيلەشكەن دۇنياۋى دىن شامان( قامان ) دىنىدا ئاساس قىلىنغىنى پانتىزىملىق دىنى چۈشەنچە بولسىمۇ ، كېيىنچە دىن يېتەكچىلىرى بولغان شامان  باخشىلارنىڭ ئۆزىنى سىرلىقلاشتۇرۇش ، ئىلاھيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان غەيرى ئۇقۇملىرى كىشلەر ئېڭىدىكى روھ چۈشەنچىسى بىلەن بىرىكىپ دەسلەپكى خۇراپىي قاراشلارنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بولغان ، ھەمدە جىن ، ئالۋاستى روھلارنىڭ تەسۋىرى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . « جىن -ئالۋاستى» ئۇقۇمى ئىنسانلار ئېڭىدىكى خۇراپاتلىقنىڭ باشلىنىش مەنبەسى  بولغان .

 

داۋامىنى كېيىنكى ساندا كۆرۈڭ ! نەزىرىڭىز داۋاملىق « ئىزتىل بىلوگى» نىڭ نادىر تېمىلىرىدا بولسۇن .

 

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

4.خۇراپاتلىق

(داۋامى)

  ئىپتىدائىي باسقۇچتىكى ئىنسانلار كىچىك-كىچىك توپ بۇلۇپ مەلۇم جاينى ماكان قىلىپ ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ، ئوۋ قىلىشتا يىرىتقۇچ ھايۋانلاردىن  مۇدائىپىيەلىنىش، يات كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، نىقابلىق ئوۋ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان . ئىنسان توپلىرىنىڭ بەزىلىرى باشلىرىغا ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى  ، مۈڭگۈزلىرىنى تاقاپ ، بەزىلىرى يۈزلىرىگە ھەرخىل شەكىل – رەڭدىكى نىقابلارنى تارتقان . ئوۋدا نىقاب ئىشلىتىش پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بۇلۇپ قالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭمۇ خاس نىقابلىنىپ ئوۋ قىلىش ئۇسۇلى بولغان .ئۇلار ئوۋ غەلبىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن « نىقابلىق ئوۋ قىلىش ئۇسۇلى»(دەسلەپكى ئۇسۇل) نى ئىجاد قىلغان بەزى چاغلاردا ئىنسان توپلىرىدا يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ توپلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ تالاپەت تارتىدىغان ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇرغان. ھەممىدىن ئېغىرى ، تەبئىي ئاپەت ياكى ئوۋ قىلالماي ئاچ قالغان ئىنسان توپلىرى ياكى بۇلاڭچىلىق ، قىرغىنچىلىقنى تاللىۋالغان ئىنسان توپلىرى باشقا ئىنسان توپلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلشتەك ئىشلارمۇ يۈز بىرىپ تۇرغان . قەدىمكى كۇچار تىلىدا يېزىلغان « چاستانى ئىلىگ بەگ »ھېكايىسىدىكى « ئۇ جىنلار ئادەملەرنىڭ گۆشىنى يەپ ، قېنىنى ئىچىپ ، ئۈچەيلىرىنى بەدەنلىرىگە يۆگىۋالغان ئىدى. ئۇلار چىرايلىرىنى ( ئادەم) قورققۇدەك كۆپكۆك قىلىپ ، يامان ( ۋە ) قاتتىق ئۈن بىلەن چىرقىرايتتى … ئوي رەڭلىك چاچلىرىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۈپ ، زەھەرلىك يىلانلار بىلەن گەۋدىلىرىنى يۆگەپ …» دېگەن تەسۋىرلەر بىز ئېيتىۋاتقان بۇلاڭچىلىق ، قىرغىنچىلىقنى كەسىپ قىلغان ئىنسان توپلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئىنسان توپلىرى ئۆزى تەڭ كېلەلىمىگەن قارا كۈچلەر – ئادەم ، ھايۋانلارنى جىن – شاياتۇن ، ئالۋاستى ، يالماۋۇز ، دېۋە … دېگەندەك ناملاردا ئاتىغان .

دېمەك ، جىن – ئالۋاستى ئۇقۇمى ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ دەسلىپىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشىي ئادەم ، ۋەھشىي ئىنسان توپلىرى ھەم يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن سۈرەتلىنىشىدىن باشقا ئۇقۇم ئەمەس ( ئىنسانىيەت ئالىمىدە بۇنداق ئۇرۇق ، قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرلەر بار ). بۇ قاراشتا ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىي ، قانخور كۈچلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىكى چىنلىق ، ياخشىلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئېڭى ۋە پىسخىكىسى  ئىپادىلەنگەن .

جىن – شاياتۇن ئۇقۇمى كېيىنكى چاغلارغا بارغاندا ئۆزگىرىش ياساپ ، ئەۋلادلارنىڭ ئېڭىدا كۆزگە كۆرۈنمەس كۈچ سۈپىتىدە پەيدا بولغان . شامان ، باخشىلار بۇ خىل چۈشەنچىدىن پايدىلىنىپ « يامان روھ ، جىنلار ئادەملەرنىڭ كېسەل بۇلۇشىنىڭ سەۋەپچىسى ، ئادەمنىڭ كېسەل بۇلۇشى يامان روھ چاپلاشقانلىقتىن بۇلىدۇ . شامان ، باخشىلار يامان روھ – جىنلانى قوغلاپ كېسەل ساقايتالايدۇ .» دەپ داۋراڭ سېلىپ ، كىشلەرنىڭ جىن- ئالۋاستى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن .

زارۇ- ئاستىر دىنى بۇددا دىننىڭ بەزى ئىدېئال تەلىماتلرىدىكى جىن – شاياتۇن ئۇقۇمى ۋە ئايرىم دىنىي كاتتىباشلارنىڭ ئۆز رولىنى سىرلىقلاشتۇرىدىغان ئەقىدىلىرىنى باشقا دىن ئەقىدىلىرىگە ئارلاشتۇرىۋېتىپ دىن ئېتىقادچىلىرىنىڭ خۇراپىي قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۇلغايتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دىن ئەقىدىلىرىدىكى ئايرىم تەلىماتلار خۇراپىي چۈشەنچىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

يۇقىرقىلاردىن مەلۇمكى ، خۇراپاتلىققا ئائىت چۈشەنچىلەرنىڭ چەك-چېگىرىسى بولمايدۇ . خۇراپىي قاراشلار خۇراپاتلىققا پاتقان ئادەملەرنىڭ ئېڭى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ ئېڭىغا بىرسى ئىككى بۇلۇپ سىڭىپ كىرگەن . خۇراپىي قاراشلار تەسىر كۆرسىتىپ ئايرىم قاراش ، ئادەتلەرگە ئارلىشىپ قالغان . مەسلەن ،« يۈرۈڭ» تىلەپ « ئاۋاق ئېشى» ئېتىپ تۆت كوچا دوقمىشىغا قۇيۇش ، بىمارنى «ئوتلاپ قېقىش»،«ئاق تۇخۇ ئۆلتۈرۈپ قان قىلىش»،« دەمدە» ئىچۈرۈپ  كېسەلگە شىپالىق تىلەش ؛ قۇرغاقلىچىلىق ، يۇقۇملۇق كېسەللىك ، ھاشارەت ئاپىتى بولسا ئالدىنى ئېلىش ، مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنى قىلماي داش قازان ئېسىپ«زارە خەتمە » قىلىش ، كەلكۈن كەلسە توختى ئىسىملىكلەرنى سۇغا تاشلاپ سۇنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇش قاتالىقلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى خۇراپىي ھەركەتلەردۇر.

 

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

ئاڭلاپ قۇيۇڭ !

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 9 viewsئىنكاس سانى : 0

ئاڭلاپ قۇيۇڭ !

ئەڭ بۇرۇنقى رادىئو ئاڭلىتىش

     1906-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىمسىز رادىئو ئاڭلىتىلغان . ئامېرىكا پېتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى رېگناد فسېندېن ماسسا چۇستىس شىتاشى بلۇنېت تېغىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئېلىكتىر ئۈسكىنلىرى شىركىتىنىڭ ئېگىزلىكى 128 مېتىر كېلىدىغان رادىئو مۇنارى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم رادىئو پىروگىراممىلىرىنى تارقاتقان . رادىئو پىروگىراممىلرى  « ئىنجىل » دىكى روژىستۋو قىسسىلىرى ، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى قاتارلىقلار بولغان ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيەلىك مۇزىكانىت ھاندىر ئىشلىگەن«،مۇڭلۇق كۈي» ناملىق مۇزىكا ئاڭلىتىلغان. كىشلەر قىزىقارلىق رادىئو پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھەيرانلىق ھىس  قىلغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىروفېسسۇر فىېندىن 1900-يىلى بىر قېتىم رادىئو نۇتىقى سۆزلىگەن بولسىمۇ ، ئاۋازى ئېنىق بولمىغاچقا ،ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانىدى .1902-يىلى ئامېرىكىلىق نىسان ستپرفىلىدمۇ كېنتاككى شىتاتىنىڭ مۇرلى شەھىرىدە سىناق تەرىققىسىدە بىر قېتىم رادىئو ئاڭلىتىلغان.

   سىتورفىلد پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئېلىكتىر ئۈسىكىنىلىرىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىش  قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا ، كېيىن كەشپىياتچىغا ئايلانغان.1886-يىلى ئۇ ژۇرنالدىن گېرمانىيەلىك خېسىنىڭ ئېلىكتىر دولقۇنغا ئائىت سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ، ئېلىكتىر    دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئاڭلىتىشنى سىناپ باقماقچى بولغان . سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلۇپ ، بارانات ستورفىلد دۇنيادىكى تۇنجى رادىئو دىكتورى بۇلپ قالغان ھەمدە «رادىئو ئاتىسى » دەپ ئاتالغان . ھازىر كېنتاككى شىتاتىنىڭ مۇرلى ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇنىڭ خاتىرە مۇنارى ئابىدىسى بار .

«شىنجاڭ ياشلىرى » 2010-يىللىق 10-سانىدىن ئېلىندى .

قالاقلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 11 viewsئىنكاس سانى : 0

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار»

3. قالاقلىق

قالاقلىق – ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورمال پىسخىك ھالەت ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى مۇرەككەپ . ئۇ جاھىللىق پىسخىكىسى بىلەن يىلتىزداش كېلىدۇ ، شۇنىڭدەك نادانلىق ھەم خۇراپاتلىق ئىللەتلىرىگە چېتىلىدۇ . قالاقلىققا پېتىپ قېلىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا ، ئۇنى مەلۇم ئېرسىيەتلىك ئامىلىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ياكى مىللىي بېكىنمىچىلىكنىڭ رول ئويناۋاتقالىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا قالاق ھالەتتە قالغان مىللەت ، ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھەركىىتىدە « ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۇگۈنكى ئۆپكە ئەلا » دەيدىغان خاتا نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ، ماكان تەرەققىياتىنى ئويلىماسلىق ، زاماندىن بىخەۋەر ياشاشتەك ھالەت داۋام قىلىدۇ . قالاقلىقنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى مۇنداق بۇلىدۇ : كونىلققا ئېسىلۋېلىپ ، يېڭى شەيئى ، يېڭى تېخنىكىغا پاسسىپ پوزىتسىيىدە بۇلۇش ، ھەتتا قارىشى تۇرۇش ؛ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىلغار پىكىرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ؛ بىرەر ئىشقا ، مەسلىگە دۇچ كەلگەندە ماكان ، زاماننىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى تەرەققىياتى ، مەنپەئەتىنى كۆزلىمەي ، ئۆتكەن زامان ئېڭى ۋە ئۆتكەن زامان پىكىر قىلىش ئەندىزىسسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىش؛ ئۆزىگىلا پايدىلىق ، مىللەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان تۇرمۇش رېتىمى، ۋاقتى ئۆتكەن ناچار تۇرمۇش ئادىتىگە يېپىشىۋېلىش ؛ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ، يېتەرسىزلىكىنى  تۇنۇماسلىق؛ ئائىلە،مىللەتنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەي كۈن ئۆتكۈزۈش؛ پۇل تېپىش، تاپقان پۇلىنى تىقىپ ساقلاش ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرۈش قاتارلىقلار . بۇنىڭ بىلەن قالاقلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلار ئۆزىنىڭ ئائىلە ، مىللەت ھەم ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە قانچىلىك زىيان  يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .

قالاقلىق روھى ھالىتنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىغاندا ، بىزدىن پەرزەنتلەرنى ئوقۇتماسلىق ، مەكتەپتىن چىقىرۋېلىش ، تۇرۇبا سۈيىنى« كۈن كۆرمىگەن» دەپ ، بۇلغانغان  سۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىش؛ ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ئۇسۇلىدىن كېچەلمەسلىك ، ئىلىمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشقا ئىنتىلمەسلىك قاتارلىق  ھالەتلەرنى  تاپقىلى بولىدۇ.

ئەمما ، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقىنىڭ پەرقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ، باشقىلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قۇبۇل قىلىش بىلەن مىللىي ئەنئەنە ( مەدەنىيەت – سەنئەت، ئۆرپ- ئادەت) لەرنى چەتكە قېقىش، ئۆزگەرتىش ھالىتىنى پەرىق قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

كېيىنكى پىسخىكا ئاجىزلىق- خۇراپاتلىق.دىققىتىڭلار داۋاملىق ئىزتىل بىلوگىدا بولسۇن .

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى

   ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مول مەدەنىيەت يارىتىپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ، بۇلۇپمۇ ئېلىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان .

  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي دەۋىردىكى چىنلىق،ياخشىلىق،گۈزەللىك چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى ئېتىقادى،ئەپسانە-رىۋايەتلەردىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسى ،گۈزەل پىسخىكىسى ، ئاددى-ساددا ، پايدىلىق ئۆرۈپ-ئادەتلىرى؛ ئاتىلىقلار مەدەنىيىتى ۋە ئېكىنچىلىق مەدەنىيىتى دەۋىرلىرىدىكى چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى؛ يىپەكچىلىك،تۇقۇمچىلىق، مېتالچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى؛ دۇنياغا مەشھۇر «يىپەك يولى» مەدەنىيىتىنى يارىتىش داۋامىدىكى ئەدەبىيات-سەنئىتى،12 مۇقام مۇزىكىسى،ئىلىم-پەن كەشپىياتلىرى، ئۆز مەدەنىيىتىنى شەرق-غەرىپكە تارقىتىش، شەرق-غەرىبلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىنىڭكىگە ئايلاندۇرۇپ قۇبۇل قىلىشى داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋۋەپىقىيەتلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرىدىن ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئەمگەكچان ، ئىجادكار ، ئۇيۇشقاق، باتۇر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ئىلغارلىققا ھەم ئاجىزلىقلارغا ئىگە پىسخىك ھالەت، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي پىسخىك ھالىتى – تارىخى كەچۈرمىشلىرىنىڭ يىغىندىسى ، شۇنىڭدەك يېڭىدىن ئۆزگىرىش ياساۋاتقان ، ئىلغار پىسخىك ئامىللار بىلەن ناچار پىسخىك ئامىللار بىر-بىرىنى  يېڭىش ئۈچۈن جىددى كۆرەش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان پىسخىك ھالەت .

ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋىردىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە پىسخىك ئامىللارنى ھاسىل قىلىدىغان قانۇنىيەتلىك ئامىللار – جۇغراپىيىلىك ئۇرۇن ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ،مۇناسىۋەتلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى،ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى، نىكاھ،ئائىلە،ئۆرۈپ – ئادەت ، قائىدە- يۇسۇنلىرى، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرى، ئېرسىيىتى، ئۇدۇمى، تەربىيلىنىش مۇھىتى ، خاس يېمەكلىكى ۋە سىرىتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە بىر مۇنچە خاس پىسخىك ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي قەبىلە مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى مەزگىللىرىدە ئاساسەن بىر قەدەر ئىلغار پىسخىك ئامىللار ۋە پىسخىك خاسلىقلار ئورتاقلىقدا ياشىغان.كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەلۇم قەبىلە ، يۇرتلاردا شەكىللەنگەن يەككە پىسخىك ئامىللارنىڭ  رول ئوينىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە پىسخىك ئامىللار ئاجىزلىشىپ ياكى بېسىما ئۇچىراپ ، قىسمەن ئىللەتلەر باش كۆتۈرگەن . مىللەت ئىچىدە بۆلۈنمىچىلىك ، تارقاقلىق ھالىتى ئۈستۈنلۈكنى ئالغان . يېشىپ ئېيتقاندا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسىنى بۇزىدىغان پىسخىك ئامىللار پەيدا بولغان ھەمدە ئورتاق پىسخىك ئارتۇقچىلىق ئامىللىرى پەيتىگە قاراپ ئاجىزلاش ھالىتى شەكىللەنگەن. ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھوقوق تالىششى ، ئاچكۆزلىكى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكى، بېكىنمىچىلىكى ھەم ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ناچار بويسۇنۇش پىسخىكىسى ۋە تاشقى تەسىرلەر پەيدا قىلغان پىسخىك ئاجىزلىقلار مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىك ئارتۇقچىلىقىنى بۇزۇپ ، كۆپ قاتلاملىق ھەم ناچار خاراكتېرلىك پىسخىك ئامىللارنى پەيدا قىلغان .

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئورتاق پىسخىك ئامىللار، پىسخىك خاسلىقلار ، پىسخىك ئۇدۇم بىلەن مىللەت ئەزالىرىدىكى يەككە ۋە ئورتاق پىسخىك ئامىللار ؛ مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىك خاسلىقى ھەم پىسخىك ئۇدۇمدىن چەتنىگەن پىسخىك ئامىللار ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلغار پىسىخىك ئامىللار بىلەن ناچار پىسخىك ئامىل تەركىپلىرى قۇشۇلۇپ ناھايتتى  مۇرەككەپ پىسخىك ھالەت  شەكىللەنگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئىلغار- دۇرۇس پىسخىك ئامىللار ، پىسخىك خاس ئارتۇقچىلىقلارمۇ ؛ ناچار پىسخىك ئامىللار – ئاجىزلىق ۋە ئىللەتلەرمۇ بار . بۇ پىسخىك ئارتۇقچىلىق ( خىسلەتلەر ) ۋە پىسخىك ئاجىزلىقلار ( ئىللەتلەر ) نىڭ بەزىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىسخىك قۇرۇلمىسىدا مەۋجۈت بولغان . بەزى پىسخىك ئاجىزلىقلار ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى . ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ رولى بىلەن پەيدا بولغان ياكى شاخلاپ بارغان. بەزى ئىلغار – دۇرۇس پىسخىك ئامىللار ، خاسلىقلار ئاجىزلاشقان ، ھەتتا يوقىلىشقا  يۈزلەنگەن.

فېئوداللىق ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشى ، مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە نادانلىق ، قالاقلىق ، خۇراپاتلىق ۋە باشقا ئاجىزلىقلارنىڭ چوڭقۇرلىششى ، ئىقتىساد ، ھوقوققا ئىگە بولغانلاردا ھىممەتسىزلىك، ئىقتىسادىي چەكلىمىلىك ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك پىسخىك ئامىللىرىنىڭ خاسلىققا ئايلىنىشى … سەۋەبلىك جەمىئيەتتە  نامىراتلىق ، قالاقلىق ، ساۋاتسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈپ ، ئەۋلادلارنىڭ پىسخىكىسىدا پەقەت پىسخىك ئۇدۇم ئاساسىدىكى دۇرۇس پىسخىك ئامىللارلا ساقلاپ قېلىنغان.

ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم ناچار پىسخىك ئامىللارنى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر  يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتاد غۇبىلىگ» ناملىق كىتابىدا بىر-بىرلەپ ئېچىپ بەرگەن . ئۇنىڭدىن كېيىن كىلاسسك شائىرلىرىمىزدىن ناۋايى،سەككاكى،نىزامىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس شېئىرلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن قىممەتلىك قاراشلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان .

ئۇيغۇرلاردا پىسخىك ئاجىزلىقلار ، دۇرۇس خۇي- مىجەزلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . ئۇنىڭ بىر مۇنچىسى پىسخىك ئۇدۇم ، ئەنئەنە سۈپىتىدە نۇرغۇن ئاقىل ، بىلىملىك ، مەرىپەتپەۋەر كىشلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتىدۇ ھەمدە ئاۋام خەلىقىمىز تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىۋاتىدۇ . ئەمما، ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى يۈزلىنىشىگە سېلىشتۇرغاندا ، بىزدىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار نىسپەتەن ئېغىر . بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ زامان يۈزلىنىشگە قارىشى يۆنىلىشتە كونا،ناچار پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇلغايتىشتىن باشقا يەنە ، يېڭىباشتىن ناچار پىسخىك ئامىللارغا ئۆزىنى ئۇرىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

«………………..

باش ئەگدى ئۇلارغا يەر بىلەن ئاسمان.

باشقىلار ئۇچتى ئايغا، يۇلتۇزغا.

بىزدىكى غەم بۈگۈن- توي بىلەن داستىخان»

دېگەن مىسرالاردا بىزنىڭ ھازىرقى روھى ھالىتىمىز ناھايىتى ئېنىق ھەم ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىلگەن.

فېئوداللىق جەمئىيەتتىن باشلانغان ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپچىلىق ، داغۋازلىق ھەم ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان تويلىشش پىسخىكىسى ؛ ئاچكۆزلۈك ، خۇشامەتچىلىك ، تەمەخورلۇقنى چىقىش قىلغان زىياپەت – چايلار بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى ئىللەتلەر بىلەن تولدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن تويلىشىش، داستىخان سېلىش پىسخىكىسىدىكى ھەرقىسىما ناچار ئامىللار ئىللەتلەرنىڭ بىمالال يىلتىز تارتىشى، كېڭىيىشىگە سەۋەپچى بولدى. مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدا  ئىقتىسادى چەكلىمىلىك ( بېخللىق ، ئىقتىسادنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئىلىم-پەن ئىگەللەشتىن پۇل تېپىشنى ئەلا بىلىش )، ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللەنگەن دېپلومغىلا ئىگە بۇلۇش ئىستىكى ، كىشلەردىكى بىر-بىرىدىن نەپ-ھايان ئېلىشنى قوغلىشىش، بىلملىك، ئىختىساسلىقلارنى كۆزگە ئىلماسلىق ، بىر – بىرىنى ئالداش ، مۇئامىلىدە سەمىمى بولماسلىق، تاشقى گۈزەللىكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئىچكى گۈزەللىكنى تاشلىۋېتىش ، غەيۋەتخورلۇق، دادخورلۇق، چېقىمچىلىق،ھەسەتخورلۇق، يالغانچىلىق، يۇرتۋازلىق ، ئاداۋەتخورلۇق… قاتارلىق پىسخىك ئىللەتلەر يامرىدى.

چۈشىنىش كېرەككى ، مىللەتنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى ، ئىللەتلەرنى ئېچىشتىن مەقسەت مىللەتنى كەمسىتىش بولماستىن ، بەلكى مىللەتتىكى مەنىۋى بۇيۇنتۇرۇق ـ پىسخىك ئاجىزلىقلاردىن بوشىنىپ ، دەۋىر روھىغا ماسلىشىپ ، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مەنىۋى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇپ ، مىللەتنى مەنىۋى ، ماددى جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن قىلىشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.

« ئۇيغۇرلاردىكى پىسخك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 

بايرىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن جېنىم ئانا

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 0

بايرىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن جېنىم ئانا

    بۈگۈن بايرام ، بۈگۈن تەنتەنە .

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ، بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن جان ئانا ……..

مېنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە ،ئەمدىلەتتىن بۇ سۆزنى ئېغىزىمدىن چىقىرىۋاتقىنىمدىن ئۇيىلمەن ئانا. يەنە بىر قېتىم بايرىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن ئانا …..

    ئەنە پۈكۈلگەن قەددىڭگە يانداش جەسۇرانە قىياپىتىڭ ، نۇرسىز ئەمما مۇستەھكەم ئىرادىنىڭ شولىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئاشۇ بىر جۈپ قوي كۆزۈڭ تارىخنىڭ ھەقىقى گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئىگىلگەن جىسمىڭنى تېخىمىۇ پاكلاپ تۇرماقتا . ئەنە ، پىشانەڭدىكى يول-يول سىزىقلار يىللار مابەينىدە چەككەن مۇشاقەتلىرىڭنىڭ ھەقىقى ئىزناسى سۈپىتىدە سېنى تېخمىۇ مۇكەممەللىككە ، پاكلىققا ئىنتلدۈرمەكتە .

   شۇچاغلار ،سەن مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىسى بىلەن مېنى ئۇخلاتقان ، مەن مەكتەپتىن كەلگۈچە كىرپىك قاقماي مېنى ساقلاپ تۇرغان شۇ چاغلار ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنمىدى جېنىم ئانا .  سەن ياش ئىدىڭ ، تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئەمدىلەتتن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم باسقاندا ، سەن يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىد ، ئىشەنچىلەر بىلەن مېنى ئىللىق باغرىڭدىن ئېلىپ ،ئىلىم-مەرىپەت قوينىغا يولغا سالغانىدىڭ . شۇچاغلار سەن ياش ئىدىڭ ئانا ، يللارنىڭ ئېغىر جۇدۇنلىرى سېنىڭ قەددىڭنى پۈكۈشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەنىدى .

   مەنمۇ چوڭ بولدۇم ، چوڭ بولدۇملا ئەمەس ، ئاق-قارىنى ،دۇنيانى پەرق ئەتكۈدەك ،چۈشەنگۈدەك بولدۇم .

   ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇلۇمغا ئالغان شۇ كۈن ھېلىمۇ ئىسىمدە . سەن ، ساڭا قۇشۇلۇپ مەن ، بىز بىز ئائىلە كىشلىرى ھەممىمىز شۇنچىلىك خۇشال بولغان ئىدۇق . چۈنكى مەن ئائىلىمىز بويىچە بىردىنبىر ئىلىم-مەرىپەت چىرىغىنى يۇرۇتقۇچى سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانىدىم .

    مانا ،ئالىي مەكتەپ قوينىدا ھېچ نېمىدىن غەمسىز ، خۇشال ياشاۋاتىمەن .ئەمما يەنىلا بىر نەرسەم كەمدەكلا ھېس قىلىمەن . يېنىمدا سەن يوق ، ئەمدى بىلسەم ، مەن سەندىن ، سېنىڭ چوڭقۇر ، ھېچ نېمىگە تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان ئىللىق مېھرىڭدىن ئايرىلىپتىمەن ئانا .

    كۆزۈمدىن ھىجران يېشى ، قەلبىمدە ئاچچىق ئەلەم ، ساڭا يۈكۈنۈپ ئالدىڭدا ئولتۇرىمەن

.سېخى يىللار ،ساڭا بەك بالدۇر ،تولىمۇ بەك بالدۇر سوۋغا قىلغان ئاپئاق چاچلىرىڭ ئالدىدا گۇناھكارلارچە ساڭا تەلمۈرۈپ قارايمەن . بىلمىدىم ئانا ،ماڭا قىلغان ئەجرىڭنى قانداق قىلىپ قايتۇرۇشنى، پەرزەنتلىك بۇرۇچۇمنى قانداق قىلىپ ئادا قىلىشنى راستىنلا بىلمىدىم .

ئەمدىلا بالىلىقنىڭ گۈلگۈن چېچەكلىرىدە كەپسىزلىك قىلىپ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىمدا دادامدىن ئايرىلدىم . ئاكام ، ئاچام مەن ئۈچىمىز بىر ساڭا يۈكلەندۇق . ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلمىساڭ تېخى ، بىز ئۈچىمىزنى بېقىپ كىر-قاتلىرىمىزنى يۇيمىساڭ تېخى ، سەن ھەقىقەتەن كۆپ جاپالارنى تارتتىڭ ،قىينالدىڭ ئانا ، بىراق سەن يەنىلا شۇنچىلىك قەيسەر ، ئىرادىلىك ئىدىڭ . بىزنى بېقىپ تەربىيلەش جەريانىدا ، سەن بىزگە ئانا ھەم دادا بولدۇڭ ،يىقىلغاندا يۈلەنچۈك ، ھارغىنىمىزدا سايىۋەن بولدۇڭ ، بىر سەن بولغاچقىلا بىز دادامنىڭ يوقلىقىنى ، دادىسىزلىقنى ھېس قىلالمىدۇق –ئانا . باشقىلارنىڭ ئالدىدا دادىسىزلىقىمىز چانمىدى ،چۈنكى  سەن بارلىقىڭ ،پۈتكۈل ھاياتىڭنى بىز بالىلار ئۈچۈن ئاتىغان ئىدىڭ .

     ئەنە ، چەكسىز كەتكەن يېزا يولىدا مېنى مۈرەڭگە ھاپاش قىلىپ كېتىۋاتقىنىڭدا ، كەپسز ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ توپىلىق يوللارنى كېچىپ ، كەينىمىزدىن قىيغىتىپ كېلىشلىرىنى ئۇنتالمايمەن . مېھماندارچىلىقتىن كەلگىنىڭدە ئۆزۈڭ يىيشكە قىيماي ، ئاللىكىملەرنىڭ ئۆيىدە سېنىڭ ئالدىڭغا قويۇلغان تاتلىق-تۈرۈملەرنى بىزگە قىسىنىپ ئېلىپ كىلىشلىرىڭ ، كەپسىز ئاكا-ئاچىلىرىم بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ يىيشلىرىمىز ھەرگىز ، ھەرگىزمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ جان ئانا ..

      كىچىك چاغلىرىمدا ھەدىسىلا سېنى رەنجىتىتەتتىم ، كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەي ، ساڭا قىيداپ ، ساڭا خاپا بولاتتىم . ئەمدى بىلسەم گۈدەككەنمەن ئانا . شۇ چاغلاردا نۇرغۇن ئىشلارنى ، يەنى سېنى چۈشىنىشكە قۇربىتىم يەتمىگەچ ، دىلىڭغا كۆپ ئازارلارنى بېرىپتىمەن . ماڭا   كۆيۈنمەيدۇ دەپ سېنى خاتا ئەيىپلەپتىمەن . ماڭا كۆيۈنۈپ قىلغان گەپلىرىڭنى خاتا چۈشىنىپ ، ساڭا قاتتىق تىگىپتىمەن . ھېلىمۇ ھەم بەزى چاغلاردا سېنى رەنجىتىپ قويىمەن . سېنى  خاپا قىلىپ كۆڭلۈڭنى ئاغىرىتىمەن . سېنىڭ كۈتكەن يېرىڭدىن چىقالمىدىم ئانا . خېلىلا تىرىشۋاتقان بولساممۇ ، يەنىلا سېنى قانائەتلەندۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن .

     ياق ، سەن قانائەتچان ئانا .شۇڭىمۇ سەن ئازغىنە نەتىجىلىرىمدىن خۇشاللىق ، قانائات تېپىپ كەلدىڭ . كىچىككىنە مۇۋاپپەقىيەتلىرىمدىن خۇددى كىچىك بالىلاردەك خۇشال بۇلۇپ كەتكىنىڭنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك خىجىللىق ھېس قىلىمەن . ئالدىڭدا ئۇيىلىمەن ئانا . ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچقانداق مۇۋاپپەقىيەت ئەمەس. سېنىڭ ماڭا قىلغان ئەجرىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ،ھېچنېمە ئەمەس ئەمەس ئىدى جان ئانا .

     بالىلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈۋېتەرسەنمۇ ؟ گۈدەكلىك قىلىپ قىلغان سۆزلىرىمنى ئېسىڭدىن چىقىرىۋېتەرسەنمۇ ؟

     سەن ئەپۇچان ئانا . ئەنە بىر جۈپ كۆزۈڭ ماڭا شۇنداق دەيدۇ :《بالام ، سېنىڭ بەختىڭ- مېنىڭ بەختىم . سېنىڭ كۈلكەڭ-مېنىڭ كۈلكەم ، سېنىڭ ھاياتىڭ –مېنىڭ ھاياتىم .سەن كۈلگىن ، ئىلىم- پەن ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىل .سەن ئۈچۈن ، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن مەن ھەممىنى قىلىشقا رازى  》

خەتكۈچ : تۈر : ئەسەرلىرىم

ھىجران كوچىسىدا

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 12 viewsئىنكاس سانى : 0

 

ھىجران كوچىسىدا

(نەسىر)

مەكتەپ مەيدانىدا سېنى ئۇچراتىم،  ئەسلىدە سېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى ئىدىم،بىراق سەن مېنى چاقىرىپ قالدىڭ.چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم،سەن ماڭا قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈپ تۇراتتىڭ.

دەرىستىن چۈشۈپ ياتاققا كېتىپ باراتتىم،يىراقتىن سېنىڭ كېلىۋاتقانلىقىڭنى كۆردۈم،مەن دەرھال ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم.بىراق تاكى سېنىڭ قاراڭ يۈتكۈچە قاراپ تۇردۇم.قايسى كۈنى ئىككىمىز يەنە ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق،سەن يەنىلا شۇنداق تەمكىن ئىدىڭ،دائىم كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان خۇشخۇي چىرايىڭ ئازراق سۇلغۇن كۆرىنەتتى.تىۋىشىز يولدا كېتىپ بارىمىز،ئىلگىرى ئېيتىپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان قازىقارلىق پاراڭلىرىمىز،يەنە سېنىڭ قوڭغۇرىقتەك زىل كۈلكەڭ…مانا ئەمدى بۇلاردىن ئەسەر قالمىغانىدى.بىز يەنە شۇنداق تىۋىشسىز خوشلاشتۇق.قەدەملىرىمنى خۇددى ئېغىر بىر نەرسە ئېسىپ قويغاندەك شۇنچىلىك تەستە يۆتكەپ مېڭىۋاتىمەن. مەن مېڭىۋاتىمەن ،چەكسىز ئازاپ ،چوڭقۇر پۇشايمانغا تولغان ئۆتمۈش ئىچىدە خامۇش ھالەتتە كېتىپ بارىمەن .

 خىياللىرىم چېچىلانغۇ ،يۈرىكىم ئاچچىق ئەلەم ،چوڭقۇر پۇشايمان ئىلكىدە ئۆرتەنمەكتە.بىراق بىلىمسەن؟!!…مەن پۇشايمانغا قالغان ،خاتالىقىمنى تونۇپ يەتكەن موشۇ دەقىقىدە، دەل موشۇ دەقىقىدە ئالىبۇرۇن سېنىڭ دۇنيادا ھېچنىمىگە تەڭلەشتۈرۈپ بولالمايدىغان كىرسىز،پاك مۇھەببىتىڭدىن مەھرۇم قىلىپ بوپتىمەن. ئۆزۈمنىڭ قەلبىڭدىكى ئورنۇمنى شۇنچە تېزلا خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويغانلىقىم ،شۇنچىلىك پاك ،ساددا بىر قىزنىڭ قەلبىدىن شۇنچە تېزلا ئۆچۈرۈلۈپ كەتكىنىم  بۇمېنىڭ ھاياتلىقىمدىكى ئەڭ چوڭ گۇناھىم ۋە مەڭڭۈلۈك پۇشايمىنىم .

  گەرچە سېنىڭ بىلەن يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئانچە كۆپ بولمۇسىمۇ ،مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلىرىمنىڭ مەڭڭۈلۈك قۇربانى بولۇشنى ئىتەيمەن. چۈنكى شۇبىرمەزگىل مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قىسمى . چۈنكى مەن سەندىن ،سەندەك بىرسەبىي ،ساددا قىزنىڭ پاك  قەلبىدىن ،كىرسىز روھىدىن ھەقىقى ئادىمىلىك ،چىنلىق ،پاكلىقنى ئۆگەنگەنىدىم .چۈنكى بۇلار تۇنقى قەدەمدە سېنىڭ روھىڭ ئارقىلىق مېنىڭ روھىمغا سىڭىشكەن.

  ئەنە،سېنى تۇنقى قېتىم ئۇچراتقان چاغ .ئالدىراپ دەرىسكە ماڭغانىدىم ،ئەمدىلا ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە يېنىمدا توساتتىن  سەن پەيدا بولدۇڭ ،سەن ھودۇققان ،قورۇققان ھالەتتە ئۆزۈڭنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى سورىدىڭ ،تۇرقۇڭدىن مەكتەپكە يېڭى كەلگىنىڭ مانامەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى .مەكتىپىمىز ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولغاچقا ،سېنىڭ بۇھالىتىڭدىن ئۇنچىۋالا ھەيرانلىقمۇ ھېسقىلمىدىم،سۇئالىڭغا ئېرەنسىزلا جاۋاپ بېرىپ دەرىسكە كىرىپ كەتتىم .

    ئىككى سائەتلىك دەرىسنى تۈگىتىپ قايتىپ كېتىۋاتقىنىمدا يەنە ماڭا ئۇچۇراپ قالدىڭ ،بەلكىم تەقدىر شۇبولسا كېرەك ،سەن يېقملىق سالام قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىڭ .

     ئەنە،شۇ كۈندىن باشلاپ سېنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالىمەن ،سەن يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش ئىللىق كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىپ ئۆتۈپ كېتى سەن .كۈنلەر ئۆتمەكتە ،يەنە ھېلىقى كۈلۈمسىرەش ،بىر-بىرىنى ئانچە تونۇپ كەتمەيدىغان ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېلىقى چوڭقۇر سالام ،ييەنەكېلىپ ،سېنىڭ باشقا ئالىي مەكتەپ قىزلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئاددىي-ساددا قىياپىتىڭ ….بارا-بارا ساڭا تېخىمۇ دېققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .بىراق مەن سەندىن يوققىرى يىللىقتا بولغاچقا ،سەن بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى ھەقىقەتەن يوق دىيەرلىكلا  ئىدى . كىيىنچە سېنى كۆپرەك كۆرۈپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان بولدۇم .ھەتتا بەزىدە سېنى كۆرسەم   ئۆزۈمچەقورۇنۇپمۇ قالاتتىم .بۇنداق چاغلاردا ،سەن تۇيغۇن-زېرەك قىز.ىدىڭ ،يەنەلا ھېلىقىدەك ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئۆتۈپ كېتەتتىڭ .

  كەچكۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئاخىرى سەن بىلەن تونۇشتۇم ،ئاق لىباسقا پۈركەنگەن كەڭرى دالان بىزنىڭ ۋىسال شاتلىقىمىزغا جۆربولۇشتى .          سەن تىرىشچان قىزئىدىڭ.ھەمىشە سېنى ئىزدەپ ،مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن ياكى باشقا ئۆگىنش قىلىدىغان سىنىپلاردىن تېپىۋالاتتىم.سەن باشقا دوستلىرىڭغا ئوخشاش ئويۇن-تاماشا،ھەشەمەتلىك تۇرمۇشلاردىن   خالىي ئىدىڭ .قاچانلا بولمىسۇن ئۆگىنىش ،كەلگۈسى پىلانلىرىڭ ھەققىدەھارماي سۆزلەيتتىڭ ،مەنمۇ ھەم سېنى قوللايتتىم .بىلەمسەن ؟مەن ھەقىقەتەن كۆڭلۈمدە ساڭا قايىل بولاتتىم .سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭغا ،ئىرادەڭگە ئاپرىن ئوقىتتىم .سەن ئەنە ئاشۇ پاك ،ھارماي ئىزدىنىش ،تىرىشىش روھىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ ئۆزۈڭگە جەلىپ قىلاتتىڭ .گەرچە يېشىم سېندىن چوڭ بولسىمۇ ،مەن ھەقىقى ئادىمىلىك ،ئىنسانى پەزىلىتنى يەنىلا سەندىن ئۆگەندىم .

   سەن ئەخلاقلىق ،ياخشى قىز ئىدىڭ ،ياخشى قىزلا ئەمەس ،بەلكى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ،سۆيۈشۈمگە ،ئىززەتلىشىمگە لايىق پاك قەلىپ ئىگىسى ئىدىڭ .ئەنە شۇ پاك قەلبىڭ ،سەمىمى ساداقىتىڭ مېنىڭ دۇنيارىمنى تېخىمۇ مەنىۋىلىككە ،تاكامۇللۇققا ئىنتىلدۈرەتتى .

     مېنى كەچۈرگىن !!……

  ئاددىيغىنە مۇشۇبىر ئېغىز سۆزبىلەن ئالدىڭدا گۇناھىمنى تىلەشتىن   ئۇيىلىمەن .قانداق قىلىپ بولمىسۇ،قاراھەتلەنگەن قەلبىڭگە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلالىسام ،بۇمېنىڭ بۇكۈنلەردىكى ئەڭ زور خۇشاللىقىم ئىدى. سۇلغۇن چىرايىڭنى ھەرقېتىم كۆرگۈنۈمدە ،يۈرىكىمنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھەسرەت ،پۇشايمان ئىچىدە قاتتىق مۇجۇلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن .پاك قەلبىڭگە گۇناھكارلارچە ئاسىيلىق قىلىپ ،ئازغۇنلارنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكىنىمەن .ئۇچۇرۇشۇپ قالغان چاغلىرىمىزدىكى تەمكىنلىكىڭدىن قەلبىمدە ئازرىق ئۆمۈد ئۇچقۇنلىرىنى سەزسەممۇ ،يۈرىكىمنى قاپلىغان ئازاپ بورانلىرى ئىچىدىن بۇ ئاجىز ئۇچقۇنلارنى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىزمەن .

  كەچۈر گۈلۈم ،قەلبىڭدە تۇنجى بىخلانغان ساپ مۇھەببىتىڭگە ئاسىيلىق قىلغان ،سەمىمىي-ساداقەت ،مېھىر-ۋاپا كوچىسىدا سېنى يالغۇز قويغان مەندەك بىر تۇزكۇرنى ئەپۇقىل .

    ئەنە،مەكتەپ مەيدانىدا نۇرغۇنلىغان قىزلار ئارىسىدىن كۆزلىرىم ئختىيارسىز ھالدا سېنى ئىزدەيدۇ .ئاسىي يۈرىكىم يەنىلا پەقەت ۋە پەقەت بىر ساڭىلا تەلپۈنىدۇ .ئاچچىق ھىجران ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان ،پۇشايمانغا تولغان ئازاپلىق قەلىپ نىزالىلىرىمنى ساڭا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئېيتىپ سېنىڭدىن گۇناھىمنى تىلىۋالالىغان بولساممۇ كاشكى ،بىراق سېنى ئىزدەپ ،ھېچيەردىن تاپالمايمەن .

    بىلەمسەن جېنىم ،سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان ،ئاشۇ قېتىملىق ئىزىقىىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئازاپ-ھەسرەتلەر دەستىدە كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقىنىنى بىلمەيمەن .دىلىمدا .ئىسمىڭنى يادلاپ ،كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىيالماسلىقىممۇ يەنىلا بىر سەن ئۈچۈن.

  مەن مۇھەببەت ئاسىيسى ،پاك قەلىپنىڭ ،پاك يۈرەكنىڭ ئاسىيسى ،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن قانچە ئازاپ چەكسەم ،خورلۇق تارتسام ئەرزىيدۇ .بىراق سېنىڭ ئازابىڭ ،ھەتتا كۆزۈڭدىن ئاققان بىرتامچە ياشقىمۇ مەن چىداشلىق بېرەلمەيمەن .سەن ئىرادىلىك ،غەيرەتلىك قىز،كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بوشاشتۇرۇپ قويىدىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن.ئاقىۋەت ،سەن تەنھالىقنى تاللىغان ئىكەنسەن ،يەنىلا سەن ئۈچۈن بولسىمۇ ،سېنى قوللىماي ئامالىم يوق.سېنى تەنھالىقىڭغا قويىۋېتەي .تەنھا دۇنيارىڭدا ئەركىن-ئازادە ياشىغىن .

   بىراق يەنىلا سېنى بىر ئۆمۈر كۈتىۋاتقان ،سەندىن گۇناھىمنى تىلەپ ،قەلىپ گۈلزارىڭدىن قايتىلاپ دەستە گۈل ئۈزۈش تەقەزاسىدا يۈرگەن مەندەك بىر خەنداننى ئۇنتۇپ قالما.

خەتكۈچ : تۈر : ئەسەرلىرىم