يازما تۈرلىرى :پىسخىكا ۋە جەمئىيەت

يۇرتۋازلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.24ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 20 viewsئىنكاس سانى : 6

 

يۇرتۋازلىق – بىر مىللەت ئچىدىكى يۇرت-مەھەللىنى بىرلىك قىلغان ئاھالىدە شەكىللەنگەن مەزھەپچىلىك خاھىشى ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان پىسخىك ھالەت.

     يۇرتۋازلىق ھەممە مىللەتتە مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائىي ئىللەت .مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسكەن ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا  ۋە كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مىللەتلەردە ئىلگىرى – كېيىن تۈگىگەن ياكى ئاجىزلاشقان روھىي ئاجىزلىق.ئۇ پەقەت ئىقتىسادى گۈللەنمىگەن ، مەدەنىيەت ، مائارىپتا ئارقىدا قالغان ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ( يەنە بىر ئاتىلىشى سودىگەر) پىسخىكىسى ئۈستۈنلىكنى ئالغان مىللەت ئىچىدە جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بۇلىۋاتقان مەنىۋى راك كېسەللىكى.

   يۇرتۋازلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان چوڭ-كىچىك ، ئەر – ئايال ، ئەمەلدار – خىزمەتچى، زىيالى-ئوقۇغۇچى، سودىگەر – موللىنىڭ زور كۆپ قىسىمىنىڭ پىسخىكىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولغاچقا ، بۇخىل پىسخىك ھەرىكەت ھەر قاچان ، ھەر زامان ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ.«XXلىكلەر ئولتۇرىشى»،« XX لىكلەر بەزمىسى» دېگەندەك سورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرلۇپ تۇرۇشى يۇرتۋازلىقىنىڭ زىيالىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، خىزمەتچىلەر ئىچىدە خېلى بازار تاپقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.ھەقىقەتەن جەمئىيىتىمىزدە يۇرتۋازلىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى ئالاھىدە خۇي قىلىۋانلارنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنى ئەۋلادلىرىغا سىڭدۈرۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

     يۇرتۋازلىق يېڭى پىسخىك ھادىسە ئەمەس ، ئۇنىڭ مەنبەسى « قەبىلىۋازلىق »تۇر. ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئاتىنى مەركەز قىلغان ئورۇقداشلىق جامائەسىدە شەخىس بىلەن ئۇرۇقنىڭ مەنپەئىتى گىرەلىشىپ كەتكەچكە ، ئۇرۇق ئەزارلىرى بىرلىكتە ئوۋ ، ئەمگەك قىلىپ ئوۋ غەنىيمەتلىرى ، ئەمگەك مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھىرىمەن بولغان . يەنە بىر تەرەپتىن يات ئۇرۇق- كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن بىرلىكتە قوغدىنىپ ،ياشاش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرگەن . بۇ ئەينى زاماندىكى ئۆز كوللىكتىپىنى ، ئورتاق مەنپەئىتىنى ۋە ئۆز ماكانىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت بۇلۇپ ، ئۇنڭدا شەخسي غەرەزگە ئورۇن يوق ئىدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبلىك ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى مۇرەككەپلىشىپ ، ئادەملەر نىيەت ئوخشىماسلىقى كېلىپ چىققان . ئۇرۇق – قەبىلىلەردە ئۆزگىچە خۇي- مىجەزلەر شەكىللەنگەن . ئايرىم ئۇرۇقلاردا يەنە بىر ئۇرۇققا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ ئوۋ غەنيمەتلىرى ، مال – مۈلىكى ،ماكاننى تارتىۋېلىپ ، ئۆز ئۇرۇقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇش ئېڭى ۋە خۇيى پەيدا بولغان . بۇخىل خۇينى تەتقىق قىلغاندا ، ئۇنىڭدىن قەبىلىۋازلىقىنىڭ دەسلەپكى بىخلىرنى تاپقىلى بۇلىدۇ.

ئىنسانلار ئۇرۇق بويىچە ئايرىلىپ ياشاپ ، تىل ، ئۆرۈپ- ئادەت ، جۇغراپىيىلىك ماكان بىرلىكى بويىچە قەبىلىلەرگە ئۇيۇشقانلىقتىن ياكى بىر قانچە ئۇرۇق قانداشلىق، تۇغقانچىلىق ئاساسىدا بىر قەبىلە بۇلۇپ توپلاشقانلىقتىن، قەبىلە ئەزالىرىدا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇي-خۇسۇسىيەتلەر بارلىققا كەلگەن؛ ئۆز مەنپەئىتىنى ئۈستۈنكى ئورۇنغا قۇيۇپ،باشقا بىر ئورۇقنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچىرىتىپ كۆنگەن ئۇرۇقلارنىڭ ئاقساقالىرى قەبىلىنىڭ ھۇقۇقىنى ئىگىلىگەن بولسا،بۇ قەبىلىدىكىلەر يەنىلا باشقا قەبىلىدىكىلەرنى بوزەك قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىنى، مال –چارۋىسىنى تارتىۋېلىش ھادىسلىرىنى دائىم سادىر قىلىپ تۇرغان. بۇ خۇسۇسىيەت ۋە ھەركەتلەر قەبىلە بىلەن قەبىلە ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈر زىدىيەت ۋە دۈشمەنلىك كەيپىياتنى ئۇلغايتقان. ئۇرۇق ئەزالىرىدا ئوخشىمايدىغان خۇيلار ئۆسۈپ بارغان. باشقا قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىپ تەييارغا ئىگە بۇلۇشنى كەسىپ قىلغان قەبىلە ئەزالىرىدا ئاچكۈزلۈك، شەخسيەتچىلىك ، ئۇرۇشقاقلىق، ھارامخورلۇق پىسخكىسى پەيدا بۇلۇپ كۈچەيگەن. ئۇنىڭ قارشىسىدىكى قەبىللەرنىڭ ئەزالىرىدا رەزىللىككە قارشى تۇرۇش، ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش پىسخىكىسى يىتىلگەن.

مانا بۇ بىر قاتار پىسخىك ئامىللار قەبىلە ئەزالىرىنىڭ خۇي –مىجەزىدە قەبىلۋازلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇئاستا-ئاستا قانغا ئۈتۈپ، ئىرسىيەتكە ئايلانغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا قەبىلىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىللەت خىلى ئۇزاق داۋام قىلغان. بەزىدە قەبىلە ئىتتپاقى،خانلىقلارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە يۇقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «ئۇلارنىڭ قۇشۇننىڭ يېرىمى ئوردىدىكى مال-بايلىقىنى بۇلىغىلى ماڭدى،يېرىمى ئۇرۇشقلى كەلدى…» قەبىلىۋازلىق خاھىشى قەبىلە ئەزالىرىنى شۇنداق رەزىللەشتۈرگەنكى، قوشنا قەبىلىنى يۇقىتىش ئۈچۈن يات قۇۋۇملارنى ئىشقا سالغان. بەزى قەبىللەر قەبىلىۋاز قوشنا قەبىللەرنىڭ دەستىدىن ماكاننى تاشلاپ جاپالىق جايلارنى ماكان تۇتقان. « بەگلىرىدە ، خەلىقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغوقچىلىق سېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ….دۆلىتىدىن ئايرىلىپتۇ….خاقاندىن ئايرىلىپ قاپتۇ….»

«قەبىلىۋازلىق»نىڭ شەكىللىنىش ۋە داۋاملىشىشى، بىرىنچىدىن، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىدا نادانلىق، ئىتقادسىزلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى، كۈچەيگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىرسىيەتلىك داۋاملاشقانلىقى، ئىككىنچىدىن، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىدا ئاچكۆزلۈك، ھارامخورلۇق ئىللەتلىرىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىن يىراقلاشقانلىقى، ئۈچىنچىدىن، قەبىلە ئاقسا قالىرىنىڭ ئۆز خاھىشىنى قەبىلە مەنپەئەتى قىلىپ كۆرسىتىپ ، ئۇنى ئەزالىرىغا سىڭدۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇ ئىدىيە قەبىلىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پىسخىك ھالەتكە ئايلانغان . شۇنىڭ بىلەن قەبىلىۋاز قەبىلىلەردە ئۆزىگە قوشنا قەبىلىنىڭ چارۋىسى ، مال – دۇنياسى ، ئوتلاقلىرىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ؛ باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش بىردىنبىر خاراكتىر بۇلۇپ قالغان .تار مەنپەئەتپەرەسلىكىنى چىقىش قىلغان قەبىلىۋازلىق پىسخىكىسى دەۋىر ، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ، چوڭ-كىچىك يۇرتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، يۇرت بىلەن يۇرتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ ياشىشى ، يۇرت بەگلىرىنىڭ ئاھالىنى باشقا يۇرت خەلىقىنىڭ مەنپىئىتىنى  زىيانغا ئۇچىرتىشقا قۇتىرتىشى ۋە باشقا يۇرت خەلىقىنى كەمسىتىشكە ئۆگەتكەنلىكى يۇرتۋازلىقىنى پەيدا قىلغان بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ . لېكىن بۇ ئىچكى مەنبە ئەمەس ، قەبىلىۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ ئۇدۇم بۇلۇپ داۋاملاشقانلىقى ، قېنىدا ئاشۇ خۇي بولغان ئاھالىلارنىڭ «يۇرت» بۇلۇپ توپلاشقانلىقى ، كونا ئىللەتنىڭ يېڭى شارائىتقا ماسلىشىپ يېڭى تۈس ئالغانلىقى ئىچىكى مەنبە بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىكى بىر سەۋەبنى تارىخىمىزنىڭ ئايرىم باسقۇچلىرىدا بەزى قەبىلىلەرنىڭ ھۆكۈمران قەبىلە ،ئاقسۆڭەك قەبىلە،چوپان قەبىلە،تېرىقچى قەبىلە، تۆمۈرچى قەبىلە… دېگەندەك ناملاردا ئاتالغانلىقىدىن ياكى شۇ نامنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ . يەنە بىر سەۋەبنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى  يۇرتلاردا خەلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۆلۈنۈپ ياشىغانلىقىدىن ؛ دىن تارقىتىش ئۇرۇشى، دىن ئوخشىماسلىقىتىن دۈشمەنلىشش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ.

يۇرتۋازلىقنىڭ مەلۇم يۇرت ئاھالىسىدە تىپىك خاراكتېرلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مىللەت قېنىدىكى شالغۇتلىشىش ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىغىلى بولمايدۇ .ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆز تەركىبىگە 8-9 يات قوۋمنى سىڭدۈرۈپ كەتكەن . مۇشۇ قوشۇلغان قوۋملار بىر يۇرتتا ( بىر نەچچە يۇرتتا) توپلاشقان ياكى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . يۇرتۋازلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش ھالىتىگە ئاساسلانغاندا يۇقۇردىكى ئۇسۇل بويىچە توپلىشىپ شەكىللەنگەن يۇرتلاردا يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .بۇنىڭدىن قانداشلىقىنىڭ رولىنى ، شالغۇتلىششىنىڭ مۇرەككەپ خۇي- مىجەزنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ  ئىككىسىنىڭ مىللەتنىڭ ئىتنىك تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ .

يۇقۇرىقى ئوخشاشمىغان ھالەتتكى يۇرتۋازلىق ئامىللىرى پەيدا قىلىدىغان يۇرتۋازلىق ئىپادىلىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ ھەم مۇرەككەپ روھىي ھالەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. يۇرتۋازلىقىنىڭ خۇيىدا باشقا يۇرتلارغا بېرىپ شۇ يەردىكىلەرنى بوزەك قىلىش خۇيى ۋە ئۇدۇمى يېتىلگەن بۇلىدۇ.

قەيەردە يۇتۋازلىق بولسا ، شۇ يەردە گوروھۋازلىق ، مەزھەپچىلىك بۇلىدۇ . يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىدىكى ئادەملەر بىر ئۇرۇنغا باش بولسا ، بىرىنجى بۇلۇپ يۇرتلۇقلىرىنى ئەتراپىغا يىغىدۇ ھەمدە شۇ ئۇرۇندىكى باشقا يۇرتلۇقلارنى چەتكە قېقىپ زەربە بېرىدۇ . شۇ ئۇرۇندا ئۆزى بىلەن تەڭ ياك چوڭراق ئەمەل تۇتقان باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ  ئېشىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ، ئارقىسىدىن ئېغۋا توقۇپ ئورنىنى تارتىۋېلىپ ، يۇرتداشلىرىغا تۇتقۇزۇشنى پىلانلايدۇ . باشقا يۇرتلۇقلار كىچىككىنە سەۋەنلىك سادىر قىلسا ئېسىلۋېلىپ قۇيۇپ بەرمەيدۇ ، يۇرتلۇقلىرىنىڭ يامان ئىشىنى تۆھپە ، ناچار خۇيىنى ئېسىل پەزىلەت دەپ جار سالىدۇ . ئىشقا قۇيۇشتا ئىقتىدار ، بىلىم ئەخلاقى پەزىلىتىنى كۆزدە تۇتماي ، يۇرتلۇقلىرىنى ئىزدەپ تاپمىسا كۆڭلى ئۇنمايدۇ.

يۇرتۋازلارنىڭ پىسخىكىسىدا ھەسەتخورلۇق گەۋدىلىك بۇلىدۇ ، ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىپ  نەتىجە قازىنىشىدىن بەك قورقىدۇ . ئۇلارنىڭ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيتىنى توسۇش ئۈچۈن باھانە تېپىپ توسالغۇلۇق قىلىدۇ . باشقا يۇرتلۇقلار نەتىجە قازىنىپ قالسا ، نەتىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى يوققا چىقىرشقا ، ھەتتا قارا چاپلاپ جىنايەتكار قىلىپ ، قۇيۇشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن چېقىمچىلىق قىلىش ، تۆمەت چاپلاش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقۇرغۇچىلارنى كولدۇرلىتىدۇ .

يۇرتۋازلار نەيرەڭۋاز كېلىدۇ . ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنى ئالداپ سىيلاپ ئۆزىنىڭ سىزىقىغا دەسسىتىشكە ، ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپقۇزۇشقا تىرىشىدۇ . ھىيلىسى ئاقمىسا بىر ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ دۈشمەنلىششىكە ئۆتىدۇ. يۇرتۋازلار كىچىككىنە بىلىم، ھۈنەرگە ئىگە بولسا ، ئۆزىنى قالتىس ئىقتىدارلىق، بىلىمى يۇقىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ خېلى يۇقىرى بىلىمى، ئىقتىدارى بولسىمۇ ، ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . كۆزگە ئىلمايدۇ.

يۇرتۋازلار ئۇرۇشقاق كېلىدۇ. باشقا يۇرتلۇق قوشنىسى ، ئىشدېشىغا ھەر دائىم ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ. يول ماڭغاندا باشقا يۇرتلۇقلار ئارقىسىدىن ماڭمىسا ، ئۇدۇل كېلىپ قالغاندا يولنى بوشىتىپ تۇرمىسا ، ھەر كۈنى «تاۋاق» سۇنۇپ تۇرمىسا باھانە تېپىپ ئۇرۇشىدۇ. بالىلىرىنى باشقا يۇرتلۇق قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىغىلى قويمايدۇ. يولسىز قىلمىشلىرىغا پىكىر قىلسا چوڭ-كىچىك ھەممسىسى چىقىپ «يۇرتىنىڭ تايىنى يوق» ،«قەلەندەر»… دەپ تىللايدۇ، ھەتتا تاياق- توقماق كۆتۈرۈپ چىقىپ جېدەل قىلىدۇ .

يۇرتۋازلار تويلىشىشتىمۇ يۇرتۋازلىق قىلىدۇ . باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز چىقارمايدۇ ، باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئوغۇل ئۆيلىمەيدۇ . بىرەرسى باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئۆيلەنسە ياكى باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز چىقارسا ئارىغا ئالمايدۇ . ئۇنى يۇرتلۇقلار تىزىمىدىن چىقىرۋېتىدۇ.

ئومومەن ، يۇرتۋازلارنىڭ يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى ئېرسىيەت، ئۇدۇملۇق داۋاملىشىدۇ ، ئۇلار قانداقلا جايدا بولمىسۇن ، ئەخلاق،نىيەت، ئېتىقاد، غورۇر قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرلىنىشى بىلەن باشقا يۇرت ئادەملىرىدىن ئېنىق پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلاردا ئېتىقادسىزلىق، كاززاپلىق،داپيۈزلۈك ، ئىككى يۈزلىمىلىك قاتارلىق پىسخىك ئىللەتلەر خۇي- ئۇدۇمغا ئايلانغان بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇستىسىدىن شاگىرتى ئېشىپ كەتكەندەك، ئىلگىرىكى يۇرتۋازلاردىن ھازىرقى يۇرتۋازلاردا يۇرتۋازلىق تېخىمۇ ئۇلغايغان ۋە كۈچەيگەن . ئۇلار باشقىلارنىڭ يۇرتۋازلىقىدىن كۈچ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ناچار قىلىشىنى ھېچبىر قىينالمايلا ئىشقا ئاشۇرۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ داپيۈزلىكىدىن يۇرتۋازلىقىنى « يۇرتىنى سۆيگەنلىك » دەپ چىرايلىق بېزەۋاتىدۇ ، بەزىلىرى ئەيمەنمەستىن « غورۇر » دەۋاتىدۇ.

يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىغا يانداش يەنە بىر ئىللەت ــ يۇرت خۇيى ۋە يۇرت خۇيى ئۇدۇمى بۇلۇپ ، ئۇ ئادەتتە يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىغا گىرەلىشىپ ۋە ئارلىشىپ كېتىدۇ . تازا دىققەت قىلغاندا يۇرتۋازلىقتىن پەرىقلىنىدۇ.

ھەر بىر يۇرتتا بىرەر ياكى بىر نەچچە  خىل تىپىك يۇرت ئىللىتى ، بىرسىدە  ئۇرۇشقاقلىق ، يەنە بىرسىدە ھەسەتخورلۇق ، كۆرەلمەسلىك ، بەزىسىدە بولسا ھۇرۇنلۇق ، پىتنىخورلۇق ياكى ئاچكۆزلۈك ، ئىناقسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ بىرسى ياكى ئىككىسى بۇلىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى يۇرتۋازلىق بىلەن بىرىكىپ ، يۇرتۋازلىقىنىڭ ھالىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ . يۇرتۋازلارئىچىدىمۇ يۇرت بۆلەكلىرى بويىچە يۇرت خۇيى شەكىللەنگەن بولغاچقا ، يۇرتۋازلار كىچىك يۇرت بويىچە يۇرتۋازلىق قىلىشىدۇ. يۇرت خۇيى پىسخىكىسى يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ ئىجتىمائىي يۆلەنچۈكى بۇلۇپ رول ئوينايدۇ . ئۇ باشقا پىسىخىك ھالەتلەرگە ئوخشاشلا قانۇنىيەت بويىچە پەيدا بۇلۇش ، داۋاملىشىش خۇسۇسىيىتىگە  ئىگە .

يۇرتۋازلىق ـــ مىللەتنىڭ بىرلىكى ، ئۆملىكى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كۈشەندە . ئۇ ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ ، مىللەت ئەزالىرىدىكى قاششاقلىق ، چېچىلاڭغۇلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈك، بېكىنمىچىلىك ۋە چەكلىمىلىكىنى ئۇلغايتىدۇ . مۇشۇ سەۋەبلىك ، يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى يامرىغان ياكى باش كۆتۈرگەن مىللەتتە ئۆملۈك ۋە پىكىر بىرلىكى ئىىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ – دە كىشلەر قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللەت ئىچىدە يەنە باشقا نۇرغۇن پىسىخىك ئاجىزلىقلار پەيدا بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇش – بويسۇنۇش پىسخىكىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بويسۇنغۇچىلاردا ئۆزگىگە بويسۇنماسلىق ، باشقۇرغۇچىلاردا ئۆزگىگە رەھىمسىز بۇلۇشتەك پىسخىك ھالەتنى ۋە غەيرى ئىجتىمائىي ئىللەتنى يېتىشتۈرىدۇ. ئېتىقاد قۇرۇلمىسى جەھەتتە ۋەتەن ، مىللەت ۋە غايە ئېتىقادىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ ، مىللەتنى خار – زارلىق چۆلىگە تاشلايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

لەززەت ھەم گۈزەللىك – ئۈمىدۋارلىقتا

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.16ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 0

   ئادەم ياشانغاندا فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ ، مىجەز – خارەكتىرى ۋە روھىي كەيپىياتىدا ئىلگىركىگە  ئوخشىمايدىغان خلمۇ-خىل ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.

   بەزى ياشانغانلار « بىز ئەمدى قېرىدۇق، جەمئىيەتكەكېرىكىمىز قالمىدى، پەرزەنتلەرگە يۈك بۇلۇپ قالدۇق » دەپ قاراپ بەك مەيۈسلىنىدۇ. روھسىزلىنىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ، ئەمەليەتتە بۇنداق ئۆزىنى تاشلىۋېتىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق ! ئادەمنىڭ ياشنىشى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتى ، تەبىئەت قانۇنىيتىگە بوي سۇنۇش پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مەجبۇريىتى . مەغرۇر ياشاش ، ھاياتقا نىسپەتەن ئۈمىدۋار بۇلۇش ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ ئوخشاشلا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ .

  ئادەمنىڭ قېرىپ كۈچ- ماغدۇردىن قېلىشى تاكى خىزمەتتىن پىنسىيىگە چىقىشى ھەرگىزمۇ شۇ ئادەمنىڭ ھايات سەپىرىنىڭ ئاخرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . مۇشۇ ياش باسقۇچىغا كەلگەنلەر ھاياتىدا يەنە يېڭى بىر مەنزىلنىڭ باشلانغانلىقىنى ، بۇ مەنزىلنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ھۇزۇر- ھالاۋىتى ، تەم-لەززىتى بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى ، بۇ يېڭى مەنزىلنى يېڭى سەھىپىلەر بىلەن بېزەپ ، ئۆزىنىڭ ھەر  بىر كۈنى ، ھەر بىر سائىتى ، ھەتتا ھەر بىر مىنۇتىنىمۇ تېخىمۇ قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشى ، جەمئىيەت بېسىمى ، خىزمەت جىدىيچىلىكى ھەم ئائىلە يۈكىدىن قۇتۇلغان ئەركى ھاياتنى قايتىدىن جاللاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .

   ھەر بىر ئادەم بىر تارىخ ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مىجەز – خارەكتىرى، تەربىيلىنىشى ، شەرت-شارائىتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ، ئوخشاش بولىمىغان ، تارىخنى يارىتىدۇ ، ياشانغان دەۋىر ئەشە تارىخ سەھىپىسىنىڭ يەشمىسى ھېسابلىنىدۇ. ھاياتلىقىتا كىشلەر بېشىدىن  نۇرغۇن ئەگرى -توقايلىقلارنى ، ئىسسىق – سوغوقلارنى ئۆتكۈزگەن بۇلدۇ. ياشانغانلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلىگەندە ھاياتىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى كۆڭۈل خاتىرسىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى ، ئۆچ-ئاداۋەتلىرىنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىققا ياكى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىششى ، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىنى پۈتۈن ھاياتىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،دەپ قارىۋالماي ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەمىشە ئۆكۈنۈپ يۈرمەي ، ھاياتنىڭ يېڭى مەنزىلىدىكى بۇ قىسىمىنى ئىمكانقەدەر خۇشال – خۇرام ، مول مەزمۇنلۇق قىلىشقا تىرىششى ، ئۆز-تەجىرىبە ساۋاقلىرى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەمۇنىلەرنى قالدۇرىشى ، گۈزەل ئوبرازى ھەم ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ھاياتىدىن ئەقىلى يەكۈن چىقىرىشقا تىرىششى لازىم .

    ياشانغانلار ، جەمئىيەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنىشى ھەم مېھىر- شەپقىتىگە موھتاج. ياشلارنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، ياشانغانلار بۇنى ئۆزلىرىگە رھى بېسىم قىلىۋالماسلىقى ، جەمئىيەتنىڭ ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنىشىنى ئىلگىرى سىڭدۈرگەن ئەجىر- مېھنەتلىرىنىڭ ، قوشقان تۆھپە- نەتىجىلىرنىڭ ھەققى دەپ تۇنۇشى ، ئۆزلىرىنى ياشاشقا ، بارلىق ئىمتىيازلاردىن  بەھىرىمان بۇلۇشقا ھېلىھەم ھەقلىق دەپ بىلىشى كېرەك! شۇندىلا ئۆمرىنىڭ ئەڭ شىرىن دەملىرىنى گويا ۋايىغا يېتىپ پىشقان قوغۇندەك،قىزارغان ئالمىدەك لەززەت ھەم گۈزەللىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ.

   قۇياش پەقەت شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن چاغدىلا تېخىمۇ يوغان ، تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم تېخىمۇ يېقىن كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىن لەززەت ئېلىش ، ھاياتىنى گۈزەللىك بىلەن بېزەش گويا شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن قۇياشتەك ئادەمنى تېخىمۇ بۈيۈكلۈككە ، مۇكەممەللىككە ئىگە قىلدۇ.

كۆچۈرۈلمە ئەسەر.

مەنبە:«شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى.

خۇشامەتكويلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 0

خۇشامەتكويلۇق

خۇشامەت ئىنساندىكى ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتى ۋە ئىپادىسى بۇلۇپ ، ئۇ غەيرى مۇددىئا مەنبە قىلىنىغان ، غەيرى نورمال پىسخىك ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.

خۇشامەت سىنىپى بۆلۈنمە پەيدا قىلغان ، فېئوداللىق تۈزۈم ۋايىغا يەتكۈزگەن پىسخىكىلىق ئامىل . فېئوداللىق بايلىق ، ئىمتىياز ،ھوقوق پەرىقىگە قاراپ بىر – بىرىگە خۇشامەت قىلىشنى خۇي ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان . ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم « ئادەم» لەر بايلىققا ئېرىشىش مەقسىتى ، ھوقوق ، ئىمتىياز تەمەسى ۋە ئۆزىدىن تۆۋەن تەبىقىلەرنى بوزەك قىلىش قارا نىيتىنىڭ ۋەسۋەسىدە فېئوداللارغا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خۇشامەت قىلغان . خۇشامەتتىن ئىبارەت غەيرى نورمال پىسخىك ئامىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئىرىسيەت، ئۇدۇم، نىيەت ۋە باشقا ئامىللارنىڭ ھامىيلىقىدا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

خوشامەتنى ئىپادىلىنىش ھالىتىگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ.

(1)  سالام خوشامىتى؛

(2)  مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى؛

(3)  تۆۋەنچىلىك خۇشامىتى؛

(4)  كۆز-بۇياش خۇشامىتى؛

(5)  قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى؛

(6)  چەكلىمىلىك قىلىش خۇشامىتى.

سالام خۇشامىتى ــــ سالاملىشىشتا ئىپادىلىنىدىغان خۇشامەت تىپى. خۇشامەتچىلەر بايلىقى كۆپ، ھوقۇق-ئىمتىيازى بار ئادەملەرگە ھەرخىل شەكىللەردە قۇللارچە ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ. خۇشامەت سالىمى قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى ـــــ باي، ئىناۋەتلىك، ھوقۇقدارلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، ئۇلاردىن نەپ ئېلىش، ئۆزىنى سەمىمىي، كەمتەر كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۆرۈلسە؛ يەنە بىرى ـــــ دەرىجىسى تۆۋەن ياكى غادىيىش، مەنمەنچىلىك قىلىش، ئۆچمەنلىك قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خۇشامەتچىلەر بەزىدە ئۆزىگە گۇپپاڭچى كۆپەيتىش غەرىزىدە ئەتراپىدىكىلەرگە نەيرەڭۋازلىق سالىمى قىلىدۇ.

مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى ــــ داستىخاندا ئىپادىلىنىدىغان خۇشامەت تىپى. خۇشامەتچىلەر ھوقۇقى بار، ئىمتىيازى چوڭ، بايلىقى كۆپ ئادەملەرگە مەرىكە-سورۇندىن پايدىلىنىپ خۇشامەت قىلىدۇ. خۇشامەتچىلەر مەرتىۋە جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرىلار توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قىلسا، چاي، زىياپەت ئۆتكۈزسە، ئازراق تۇنۇشلۇقىنى باھانە قىلىپ قازان ئاسقۇچىلار، خىزمەت قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرىۋېلىپ ئۆي ئىگىسىگە خۇشامەت قىلىدۇ. سورۇندىن كەلگەن ئەمەلدارلارغا خۇشامەت قىلپ خەقنىڭ ئېشىدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە پۇرسەت تېپىپ ئەمەلدارلارغا خۇشامەت چېيى بېرىدۇ.

چاكارچىلىق خۇشامىتى ــــ خۇشامەتنىڭ ئالاھىدە تىپى. ئۇ خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەمەلدار، بايلارنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشتىكى ۋاستىسى بولۇپ، بۇنداق خۇشامەتچىلەر ئەمەلدارلار، بايلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېىلپ، ئۆي ئىشىنى قىلىپ بېرىش، بالىلىرىنى بېقىش، توشۇق توشۇش، خوتۇنىنى، بالىسىنى ئەۋەتىپ چاكارلىق قىلدۇرۇش ۋاستىسى بىلەن خۇشامەت قىلىدۇ. بۇخىل خۇشامەت ئادەتتە قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى، مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى بىلەن ئارىلىشىپ ياكى بىرىكىپ كېتىدۇ.

كۆز بوياش خۇشامىتى ــــ بىرخىل مۇرەككەپ خۇشامەت تىپى. ئۇ، بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز، ئەخلاقسىز، ئەمما ھىيلە-مىكىرلىك، نەيرەڭۋازلىققا كۆنگەن مەككار ئادەملەر تەرىپىدىن ئورۇندىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرخىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەردە خۇشامەت ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆزىنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، سەمىمىي قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ باشقىلار قىلغان ئىشنى مەن قىلدىم، دەپ دوكلات قىلىدۇ؛ يىغىن سورۇنلىرىدا ئەمەلدار(باي) نى قارىتىپ تۇرۇپ ماختايدۇ؛ باشلىق بار چاغدا ئىنتىزامچان، ئىشچان بولىۋالىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىنى ئوغرىلاپ ياكى ئۇنىڭغا شىرىك بولىۋېلىپ، بىلىملىك قاتارىغا كىرىۋالىدۇ.

قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى ـــــ مۇرەككەپ، ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان خۇشامەت تىپى. ئۇ، ھەرخىل قاتلاملاردىكى ئۆزگىچە خاراكتىرلىك ئادەملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، سالاھىيىتى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلدار، باي، ئىمتىيازلىقلارغا سوۋغات بېرىش، داستىخان سېلىش، خوتۇن ۋاستىسى، چاكارلىق قىلىش، ناتوغرا يول بىلەن تاپقان پۇلىدىن «زاكات» بېرىش، يەيدىغىنىدىن «ئۆشرە» ئايرىش ئۇسۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ خۇشامەت قىلىپ، ناچار باشقۇرۇش پىسخىكىسى، ناچار باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلار ۋە ئاچكۆز، شەھۋەتپەرەس ئادەملەرنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئۇلاردىن پايدىلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش، ئورىنى چىڭىتىش، «رەقىپ»لىرىنى يىقىتىش ۋە ئۇلارنى كۆزىدىن يىراقلىتىش غەرىزىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇخىلدىكى خۇشامەتچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلارنىڭ يۆلەنچۈكى، تۇراقسىز باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلارنى ئازدۇرغۇچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.

چەكلىمىلىك قىلىش خۇشامىتى­­ـــــ خۇشامەتتىكى بىر خىل يۇشۇرۇن تىپ، بۇ خىلدىكى خۇشامەتچىلەر ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ مەلۇم ئىقتىدارى، ئەمگىكى ، ئەقىلىي قابىلىيتى ۋە ئىناۋىتىنى چەكلەش ئۈچۈن مەلۇم ئەمەلدار ، گۇپپاڭچىلارنى خۇشامەت قىلىپ قولغا كىرگۈزۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزى كۆرەلمىگەن كىشلەرنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇخىل خۇشامەت تىپى قولغا كىرگۈزۋېلىش خۇشامىتى ، چاكارلىق خۇشامەتلىرى بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ.

خۇشامەتچىلىك ناچار ئىللەت. ئۇ ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى چەكلەش بىلەن بىر چاغدا ،ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى چەكلەش بىلەن بىر چاغدا ، ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى تېخى ئۈستۈنلۈكىنى ئالمىغان مىللەت ۋە قاتلاملاردا مەلۇم دەرىجىدە بازار تاپىدۇ. خۇشامەتچىلەر ھەرخىل «ھۈنەر»لىرى بىلەن ناچار باشقۇرۇش ، بوسۇنۇش پىسخىكىسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساختىپەز، ئىقتىدارسىز، يالغانچى، ئىككى يۈزلىمە، قاششاق،ھەسەتخور،ئاداۋەتخور، تەمەخور،ئاچكۆزلەرنىڭ بازىرى ئاۋاتلىشىپ، ئىقتىدارلىق ، سەمىمىي ، ھايالىق، دۇرۇس كىشلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا ، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ باسۇرۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ- دە ، «ئات جۇۋازدا،كالا مەپىدە» ھالىتى شەكىللىنىدۇ.

بىزدە خۇشامەتنىڭ ھەممە تىپلىرى تۈگەل مەۋجۇت. ئۇ بەزى جاي، تارماق ۋە بەزى يرت ئاھالىلىرنىڭ بىر قىسىمىدا خېلىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . خۇشامەتچىلەر مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى ــــ چولار، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،بىر-بىرىنى ئۆز –ئارا ھۆرمەت قىلىشنى بۇزۇپ، خۇشامەتتىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي، سىياسى نەپ ئېلىۋاتىدۇ ھەم مىللەتنىڭ ساپاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئەمما، خۇشامەتچىلەر ھامان، ھەرقانداق جايدا ، ھەق ئالدىدا، دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەر ئالدىدا شەرمەندە بولماي قالمايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

خۇراپاتلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 36 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

4.خۇراپاتلىق

خۇراپاتلىق ئادەم ئېڭىدىكى غەيرى تەبئىي چۈشەنچىلەرنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ ، كىشلەر تەرىپىدىن سېتىخىيىلىك ھەم مەئۇم مۇددىئادا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ، ھەر خىل دىنلاردىكى بەزى ئېدېئال چۈشەنچىلەر ئارلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان ئەبجەش قاراشلارنىڭ ئادەم ئېڭىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت. خۇراپاتلىق دىنى ئېتىقاتتىن پەرىقلىنىدىغان ئۇقۇم ۋە ھادىسە . بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىگەندە دىن بىلەن خۇراپاتلىقنىىڭ پەرقىنى بىلمەي ئىككىسىنى بىر- بىرىگە چېتىپ قۇيۇشتەك خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ .

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان دىنلار بار بۇلۇپ ، بۇ دىنلارنىڭ ئوخشىشىدىغان ، ئوخشىمايدىغان تەلىماتلىرى، قائىدىلىرى بار. بۇ دىنلار ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى قائىدە – ئەمەللىرى ئارقىلىق روھى جەھەتتىن يېتەكلەپ يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇراپىي قاراشلار بىر خىل دىننىڭ تەبىئەت ، ھاياتلىق قارىشىنىڭ ئۆزى بولماستىن ، بەلكى ئۇ ، مەلۇم ئادەم ، مەلۇم شەيئىگە ياكى مەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئۇرۇندىلىدىغان سىرلىق قىلىقلارغا چۇقۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن بىرەر تىلەككە يېتىشنى كۈتۈشتەك ئاڭ ۋە ھەرىكەتتە بۇلۇش دېمەكتۇر.

خۇراپاتلىق ئاشۇنداق خۇسۇسىيتى بىلەن كىشلەرنى نادانلىق ، قالاقلىق ھالەتلىرىگە گىرىپتار قىلىپ ، قورقۇنچاق ، ھۇرۇن ، مۇتەئەسسىپ روھى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . خۇراپاتلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دىنى ئېتىقاد ، تۇرمۇش ئېتىقادى ۋە غايە ئېتىقادى قاتارلىقلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ .

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپىكى باسقۇچىدا ئىنسانلار ئېڭىدا خۇراپىي قاراشلار بولمىغان . ئىنسانلار دەسلەپتە ئۆزىنى بېقىۋاتقان زېمىن ، ئۆسۈملۈك ، سۇ ۋە جانۋارلارنى ئۇلۇغلاپ ئۇلارغا تېۋىنغان . كېيىن يەنە ئانىلار ، ئاتىلارغا چوقۇنغان . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئەقىلى تەپەككۇر ئىقتىدارى گۆدەكلىك باسقۇچىدا تۇرغاندا شەكىللەنگەن ئىنتايىن گۈزەل ، ساپ چۈشەنچە بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگىنى پانتىزىملىق دۇنيا قاراش ئىدى .

 ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ ئاخىرىدا ئەجدادلىرىمىز ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن يېرىم ئىپتىدائىي ، يېرىم نەزەرىيلەشكەن دۇنياۋى دىن شامان( قامان ) دىنىدا ئاساس قىلىنغىنى پانتىزىملىق دىنى چۈشەنچە بولسىمۇ ، كېيىنچە دىن يېتەكچىلىرى بولغان شامان  باخشىلارنىڭ ئۆزىنى سىرلىقلاشتۇرۇش ، ئىلاھيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان غەيرى ئۇقۇملىرى كىشلەر ئېڭىدىكى روھ چۈشەنچىسى بىلەن بىرىكىپ دەسلەپكى خۇراپىي قاراشلارنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بولغان ، ھەمدە جىن ، ئالۋاستى روھلارنىڭ تەسۋىرى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . « جىن -ئالۋاستى» ئۇقۇمى ئىنسانلار ئېڭىدىكى خۇراپاتلىقنىڭ باشلىنىش مەنبەسى  بولغان .

 

داۋامىنى كېيىنكى ساندا كۆرۈڭ ! نەزىرىڭىز داۋاملىق « ئىزتىل بىلوگى» نىڭ نادىر تېمىلىرىدا بولسۇن .

 

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

4.خۇراپاتلىق

(داۋامى)

  ئىپتىدائىي باسقۇچتىكى ئىنسانلار كىچىك-كىچىك توپ بۇلۇپ مەلۇم جاينى ماكان قىلىپ ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ، ئوۋ قىلىشتا يىرىتقۇچ ھايۋانلاردىن  مۇدائىپىيەلىنىش، يات كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، نىقابلىق ئوۋ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان . ئىنسان توپلىرىنىڭ بەزىلىرى باشلىرىغا ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى  ، مۈڭگۈزلىرىنى تاقاپ ، بەزىلىرى يۈزلىرىگە ھەرخىل شەكىل – رەڭدىكى نىقابلارنى تارتقان . ئوۋدا نىقاب ئىشلىتىش پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بۇلۇپ قالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭمۇ خاس نىقابلىنىپ ئوۋ قىلىش ئۇسۇلى بولغان .ئۇلار ئوۋ غەلبىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن « نىقابلىق ئوۋ قىلىش ئۇسۇلى»(دەسلەپكى ئۇسۇل) نى ئىجاد قىلغان بەزى چاغلاردا ئىنسان توپلىرىدا يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ توپلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ تالاپەت تارتىدىغان ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇرغان. ھەممىدىن ئېغىرى ، تەبئىي ئاپەت ياكى ئوۋ قىلالماي ئاچ قالغان ئىنسان توپلىرى ياكى بۇلاڭچىلىق ، قىرغىنچىلىقنى تاللىۋالغان ئىنسان توپلىرى باشقا ئىنسان توپلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلشتەك ئىشلارمۇ يۈز بىرىپ تۇرغان . قەدىمكى كۇچار تىلىدا يېزىلغان « چاستانى ئىلىگ بەگ »ھېكايىسىدىكى « ئۇ جىنلار ئادەملەرنىڭ گۆشىنى يەپ ، قېنىنى ئىچىپ ، ئۈچەيلىرىنى بەدەنلىرىگە يۆگىۋالغان ئىدى. ئۇلار چىرايلىرىنى ( ئادەم) قورققۇدەك كۆپكۆك قىلىپ ، يامان ( ۋە ) قاتتىق ئۈن بىلەن چىرقىرايتتى … ئوي رەڭلىك چاچلىرىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۈپ ، زەھەرلىك يىلانلار بىلەن گەۋدىلىرىنى يۆگەپ …» دېگەن تەسۋىرلەر بىز ئېيتىۋاتقان بۇلاڭچىلىق ، قىرغىنچىلىقنى كەسىپ قىلغان ئىنسان توپلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئىنسان توپلىرى ئۆزى تەڭ كېلەلىمىگەن قارا كۈچلەر – ئادەم ، ھايۋانلارنى جىن – شاياتۇن ، ئالۋاستى ، يالماۋۇز ، دېۋە … دېگەندەك ناملاردا ئاتىغان .

دېمەك ، جىن – ئالۋاستى ئۇقۇمى ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ دەسلىپىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشىي ئادەم ، ۋەھشىي ئىنسان توپلىرى ھەم يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن سۈرەتلىنىشىدىن باشقا ئۇقۇم ئەمەس ( ئىنسانىيەت ئالىمىدە بۇنداق ئۇرۇق ، قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرلەر بار ). بۇ قاراشتا ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىي ، قانخور كۈچلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىكى چىنلىق ، ياخشىلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئېڭى ۋە پىسخىكىسى  ئىپادىلەنگەن .

جىن – شاياتۇن ئۇقۇمى كېيىنكى چاغلارغا بارغاندا ئۆزگىرىش ياساپ ، ئەۋلادلارنىڭ ئېڭىدا كۆزگە كۆرۈنمەس كۈچ سۈپىتىدە پەيدا بولغان . شامان ، باخشىلار بۇ خىل چۈشەنچىدىن پايدىلىنىپ « يامان روھ ، جىنلار ئادەملەرنىڭ كېسەل بۇلۇشىنىڭ سەۋەپچىسى ، ئادەمنىڭ كېسەل بۇلۇشى يامان روھ چاپلاشقانلىقتىن بۇلىدۇ . شامان ، باخشىلار يامان روھ – جىنلانى قوغلاپ كېسەل ساقايتالايدۇ .» دەپ داۋراڭ سېلىپ ، كىشلەرنىڭ جىن- ئالۋاستى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن .

زارۇ- ئاستىر دىنى بۇددا دىننىڭ بەزى ئىدېئال تەلىماتلرىدىكى جىن – شاياتۇن ئۇقۇمى ۋە ئايرىم دىنىي كاتتىباشلارنىڭ ئۆز رولىنى سىرلىقلاشتۇرىدىغان ئەقىدىلىرىنى باشقا دىن ئەقىدىلىرىگە ئارلاشتۇرىۋېتىپ دىن ئېتىقادچىلىرىنىڭ خۇراپىي قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۇلغايتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دىن ئەقىدىلىرىدىكى ئايرىم تەلىماتلار خۇراپىي چۈشەنچىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

يۇقىرقىلاردىن مەلۇمكى ، خۇراپاتلىققا ئائىت چۈشەنچىلەرنىڭ چەك-چېگىرىسى بولمايدۇ . خۇراپىي قاراشلار خۇراپاتلىققا پاتقان ئادەملەرنىڭ ئېڭى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ ئېڭىغا بىرسى ئىككى بۇلۇپ سىڭىپ كىرگەن . خۇراپىي قاراشلار تەسىر كۆرسىتىپ ئايرىم قاراش ، ئادەتلەرگە ئارلىشىپ قالغان . مەسلەن ،« يۈرۈڭ» تىلەپ « ئاۋاق ئېشى» ئېتىپ تۆت كوچا دوقمىشىغا قۇيۇش ، بىمارنى «ئوتلاپ قېقىش»،«ئاق تۇخۇ ئۆلتۈرۈپ قان قىلىش»،« دەمدە» ئىچۈرۈپ  كېسەلگە شىپالىق تىلەش ؛ قۇرغاقلىچىلىق ، يۇقۇملۇق كېسەللىك ، ھاشارەت ئاپىتى بولسا ئالدىنى ئېلىش ، مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنى قىلماي داش قازان ئېسىپ«زارە خەتمە » قىلىش ، كەلكۈن كەلسە توختى ئىسىملىكلەرنى سۇغا تاشلاپ سۇنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇش قاتالىقلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى خۇراپىي ھەركەتلەردۇر.

 

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

قالاقلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 0

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار»

3. قالاقلىق

قالاقلىق – ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورمال پىسخىك ھالەت ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى مۇرەككەپ . ئۇ جاھىللىق پىسخىكىسى بىلەن يىلتىزداش كېلىدۇ ، شۇنىڭدەك نادانلىق ھەم خۇراپاتلىق ئىللەتلىرىگە چېتىلىدۇ . قالاقلىققا پېتىپ قېلىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا ، ئۇنى مەلۇم ئېرسىيەتلىك ئامىلىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ياكى مىللىي بېكىنمىچىلىكنىڭ رول ئويناۋاتقالىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا قالاق ھالەتتە قالغان مىللەت ، ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھەركىىتىدە « ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۇگۈنكى ئۆپكە ئەلا » دەيدىغان خاتا نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ، ماكان تەرەققىياتىنى ئويلىماسلىق ، زاماندىن بىخەۋەر ياشاشتەك ھالەت داۋام قىلىدۇ . قالاقلىقنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى مۇنداق بۇلىدۇ : كونىلققا ئېسىلۋېلىپ ، يېڭى شەيئى ، يېڭى تېخنىكىغا پاسسىپ پوزىتسىيىدە بۇلۇش ، ھەتتا قارىشى تۇرۇش ؛ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىلغار پىكىرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ؛ بىرەر ئىشقا ، مەسلىگە دۇچ كەلگەندە ماكان ، زاماننىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى تەرەققىياتى ، مەنپەئەتىنى كۆزلىمەي ، ئۆتكەن زامان ئېڭى ۋە ئۆتكەن زامان پىكىر قىلىش ئەندىزىسسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىش؛ ئۆزىگىلا پايدىلىق ، مىللەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان تۇرمۇش رېتىمى، ۋاقتى ئۆتكەن ناچار تۇرمۇش ئادىتىگە يېپىشىۋېلىش ؛ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ، يېتەرسىزلىكىنى  تۇنۇماسلىق؛ ئائىلە،مىللەتنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەي كۈن ئۆتكۈزۈش؛ پۇل تېپىش، تاپقان پۇلىنى تىقىپ ساقلاش ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرۈش قاتارلىقلار . بۇنىڭ بىلەن قالاقلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلار ئۆزىنىڭ ئائىلە ، مىللەت ھەم ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە قانچىلىك زىيان  يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .

قالاقلىق روھى ھالىتنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىغاندا ، بىزدىن پەرزەنتلەرنى ئوقۇتماسلىق ، مەكتەپتىن چىقىرۋېلىش ، تۇرۇبا سۈيىنى« كۈن كۆرمىگەن» دەپ ، بۇلغانغان  سۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىش؛ ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ئۇسۇلىدىن كېچەلمەسلىك ، ئىلىمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشقا ئىنتىلمەسلىك قاتارلىق  ھالەتلەرنى  تاپقىلى بولىدۇ.

ئەمما ، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقىنىڭ پەرقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ، باشقىلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قۇبۇل قىلىش بىلەن مىللىي ئەنئەنە ( مەدەنىيەت – سەنئەت، ئۆرپ- ئادەت) لەرنى چەتكە قېقىش، ئۆزگەرتىش ھالىتىنى پەرىق قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

كېيىنكى پىسخىكا ئاجىزلىق- خۇراپاتلىق.دىققىتىڭلار داۋاملىق ئىزتىل بىلوگىدا بولسۇن .

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى

   ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مول مەدەنىيەت يارىتىپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ، بۇلۇپمۇ ئېلىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان .

  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي دەۋىردىكى چىنلىق،ياخشىلىق،گۈزەللىك چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى ئېتىقادى،ئەپسانە-رىۋايەتلەردىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسى ،گۈزەل پىسخىكىسى ، ئاددى-ساددا ، پايدىلىق ئۆرۈپ-ئادەتلىرى؛ ئاتىلىقلار مەدەنىيىتى ۋە ئېكىنچىلىق مەدەنىيىتى دەۋىرلىرىدىكى چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى؛ يىپەكچىلىك،تۇقۇمچىلىق، مېتالچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى؛ دۇنياغا مەشھۇر «يىپەك يولى» مەدەنىيىتىنى يارىتىش داۋامىدىكى ئەدەبىيات-سەنئىتى،12 مۇقام مۇزىكىسى،ئىلىم-پەن كەشپىياتلىرى، ئۆز مەدەنىيىتىنى شەرق-غەرىپكە تارقىتىش، شەرق-غەرىبلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىنىڭكىگە ئايلاندۇرۇپ قۇبۇل قىلىشى داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋۋەپىقىيەتلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرىدىن ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئەمگەكچان ، ئىجادكار ، ئۇيۇشقاق، باتۇر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ئىلغارلىققا ھەم ئاجىزلىقلارغا ئىگە پىسخىك ھالەت، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي پىسخىك ھالىتى – تارىخى كەچۈرمىشلىرىنىڭ يىغىندىسى ، شۇنىڭدەك يېڭىدىن ئۆزگىرىش ياساۋاتقان ، ئىلغار پىسخىك ئامىللار بىلەن ناچار پىسخىك ئامىللار بىر-بىرىنى  يېڭىش ئۈچۈن جىددى كۆرەش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان پىسخىك ھالەت .

ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋىردىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە پىسخىك ئامىللارنى ھاسىل قىلىدىغان قانۇنىيەتلىك ئامىللار – جۇغراپىيىلىك ئۇرۇن ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ،مۇناسىۋەتلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى،ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى، نىكاھ،ئائىلە،ئۆرۈپ – ئادەت ، قائىدە- يۇسۇنلىرى، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرى، ئېرسىيىتى، ئۇدۇمى، تەربىيلىنىش مۇھىتى ، خاس يېمەكلىكى ۋە سىرىتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە بىر مۇنچە خاس پىسخىك ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي قەبىلە مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى مەزگىللىرىدە ئاساسەن بىر قەدەر ئىلغار پىسخىك ئامىللار ۋە پىسخىك خاسلىقلار ئورتاقلىقدا ياشىغان.كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەلۇم قەبىلە ، يۇرتلاردا شەكىللەنگەن يەككە پىسخىك ئامىللارنىڭ  رول ئوينىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە پىسخىك ئامىللار ئاجىزلىشىپ ياكى بېسىما ئۇچىراپ ، قىسمەن ئىللەتلەر باش كۆتۈرگەن . مىللەت ئىچىدە بۆلۈنمىچىلىك ، تارقاقلىق ھالىتى ئۈستۈنلۈكنى ئالغان . يېشىپ ئېيتقاندا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسىنى بۇزىدىغان پىسخىك ئامىللار پەيدا بولغان ھەمدە ئورتاق پىسخىك ئارتۇقچىلىق ئامىللىرى پەيتىگە قاراپ ئاجىزلاش ھالىتى شەكىللەنگەن. ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھوقوق تالىششى ، ئاچكۆزلىكى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكى، بېكىنمىچىلىكى ھەم ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ناچار بويسۇنۇش پىسخىكىسى ۋە تاشقى تەسىرلەر پەيدا قىلغان پىسخىك ئاجىزلىقلار مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىك ئارتۇقچىلىقىنى بۇزۇپ ، كۆپ قاتلاملىق ھەم ناچار خاراكتېرلىك پىسخىك ئامىللارنى پەيدا قىلغان .

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئورتاق پىسخىك ئامىللار، پىسخىك خاسلىقلار ، پىسخىك ئۇدۇم بىلەن مىللەت ئەزالىرىدىكى يەككە ۋە ئورتاق پىسخىك ئامىللار ؛ مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىك خاسلىقى ھەم پىسخىك ئۇدۇمدىن چەتنىگەن پىسخىك ئامىللار ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلغار پىسىخىك ئامىللار بىلەن ناچار پىسخىك ئامىل تەركىپلىرى قۇشۇلۇپ ناھايتتى  مۇرەككەپ پىسخىك ھالەت  شەكىللەنگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئىلغار- دۇرۇس پىسخىك ئامىللار ، پىسخىك خاس ئارتۇقچىلىقلارمۇ ؛ ناچار پىسخىك ئامىللار – ئاجىزلىق ۋە ئىللەتلەرمۇ بار . بۇ پىسخىك ئارتۇقچىلىق ( خىسلەتلەر ) ۋە پىسخىك ئاجىزلىقلار ( ئىللەتلەر ) نىڭ بەزىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىسخىك قۇرۇلمىسىدا مەۋجۈت بولغان . بەزى پىسخىك ئاجىزلىقلار ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى . ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ رولى بىلەن پەيدا بولغان ياكى شاخلاپ بارغان. بەزى ئىلغار – دۇرۇس پىسخىك ئامىللار ، خاسلىقلار ئاجىزلاشقان ، ھەتتا يوقىلىشقا  يۈزلەنگەن.

فېئوداللىق ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشى ، مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە نادانلىق ، قالاقلىق ، خۇراپاتلىق ۋە باشقا ئاجىزلىقلارنىڭ چوڭقۇرلىششى ، ئىقتىساد ، ھوقوققا ئىگە بولغانلاردا ھىممەتسىزلىك، ئىقتىسادىي چەكلىمىلىك ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك پىسخىك ئامىللىرىنىڭ خاسلىققا ئايلىنىشى … سەۋەبلىك جەمىئيەتتە  نامىراتلىق ، قالاقلىق ، ساۋاتسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈپ ، ئەۋلادلارنىڭ پىسخىكىسىدا پەقەت پىسخىك ئۇدۇم ئاساسىدىكى دۇرۇس پىسخىك ئامىللارلا ساقلاپ قېلىنغان.

ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم ناچار پىسخىك ئامىللارنى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر  يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتاد غۇبىلىگ» ناملىق كىتابىدا بىر-بىرلەپ ئېچىپ بەرگەن . ئۇنىڭدىن كېيىن كىلاسسك شائىرلىرىمىزدىن ناۋايى،سەككاكى،نىزامىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس شېئىرلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن قىممەتلىك قاراشلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان .

ئۇيغۇرلاردا پىسخىك ئاجىزلىقلار ، دۇرۇس خۇي- مىجەزلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . ئۇنىڭ بىر مۇنچىسى پىسخىك ئۇدۇم ، ئەنئەنە سۈپىتىدە نۇرغۇن ئاقىل ، بىلىملىك ، مەرىپەتپەۋەر كىشلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتىدۇ ھەمدە ئاۋام خەلىقىمىز تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىۋاتىدۇ . ئەمما، ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى يۈزلىنىشىگە سېلىشتۇرغاندا ، بىزدىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار نىسپەتەن ئېغىر . بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ زامان يۈزلىنىشگە قارىشى يۆنىلىشتە كونا،ناچار پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇلغايتىشتىن باشقا يەنە ، يېڭىباشتىن ناچار پىسخىك ئامىللارغا ئۆزىنى ئۇرىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

«………………..

باش ئەگدى ئۇلارغا يەر بىلەن ئاسمان.

باشقىلار ئۇچتى ئايغا، يۇلتۇزغا.

بىزدىكى غەم بۈگۈن- توي بىلەن داستىخان»

دېگەن مىسرالاردا بىزنىڭ ھازىرقى روھى ھالىتىمىز ناھايىتى ئېنىق ھەم ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىلگەن.

فېئوداللىق جەمئىيەتتىن باشلانغان ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپچىلىق ، داغۋازلىق ھەم ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان تويلىشش پىسخىكىسى ؛ ئاچكۆزلۈك ، خۇشامەتچىلىك ، تەمەخورلۇقنى چىقىش قىلغان زىياپەت – چايلار بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى ئىللەتلەر بىلەن تولدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن تويلىشىش، داستىخان سېلىش پىسخىكىسىدىكى ھەرقىسىما ناچار ئامىللار ئىللەتلەرنىڭ بىمالال يىلتىز تارتىشى، كېڭىيىشىگە سەۋەپچى بولدى. مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدا  ئىقتىسادى چەكلىمىلىك ( بېخللىق ، ئىقتىسادنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئىلىم-پەن ئىگەللەشتىن پۇل تېپىشنى ئەلا بىلىش )، ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللەنگەن دېپلومغىلا ئىگە بۇلۇش ئىستىكى ، كىشلەردىكى بىر-بىرىدىن نەپ-ھايان ئېلىشنى قوغلىشىش، بىلملىك، ئىختىساسلىقلارنى كۆزگە ئىلماسلىق ، بىر – بىرىنى ئالداش ، مۇئامىلىدە سەمىمى بولماسلىق، تاشقى گۈزەللىكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئىچكى گۈزەللىكنى تاشلىۋېتىش ، غەيۋەتخورلۇق، دادخورلۇق، چېقىمچىلىق،ھەسەتخورلۇق، يالغانچىلىق، يۇرتۋازلىق ، ئاداۋەتخورلۇق… قاتارلىق پىسخىك ئىللەتلەر يامرىدى.

چۈشىنىش كېرەككى ، مىللەتنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى ، ئىللەتلەرنى ئېچىشتىن مەقسەت مىللەتنى كەمسىتىش بولماستىن ، بەلكى مىللەتتىكى مەنىۋى بۇيۇنتۇرۇق ـ پىسخىك ئاجىزلىقلاردىن بوشىنىپ ، دەۋىر روھىغا ماسلىشىپ ، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مەنىۋى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇپ ، مىللەتنى مەنىۋى ، ماددى جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن قىلىشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.

« ئۇيغۇرلاردىكى پىسخك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 

ھۇرۇنلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 0

ھۇرۇنلۇق

   ھۇرۇنلۇق ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەككە تۇتقان پاسسىپ ئىنكاسى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇ . ئۇنىڭ لۇغەت مەنسى كەڭ بۇلىدۇ . يەنى، ئۇ ئادەم( مىللەت ) نىڭ ئالغا ئىنتىلمەسلىك ، ئۆزىنى كۈچەيتىشىنى خالىماسلىق ، ئوبىيكتىپ رېئال ھالىتىگە شۈكرى – قانائەت قىلىپ ياشاشتەك سۇبىيكتىپ روھى ھالىتىنى ۋە خۇي – مىجەز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روھىي ئاجىزلىقنىڭ بىرى.

  ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى بەزى روھى ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە. ئۇ كىشلەرنىڭ كەسىپى ، ئېتىقاد ھالىتى ھەم ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرخىل قاتمال خاراكتىرنى شەكىللەندۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن دېھقان ، ھۈنەرۋەن ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى ، زىيالى،دوختۇر-سېستىرا ، مۇلازىمەتچى، پىركازچىك ۋە باشقا ئىش تۈرلىرىنى ئىشلەيدىغانلاردا بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدىغان كەسىپى ھۇرۇنلۇق پەيدا بۇلىدۇ . ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ، بېرىلىپ ئىشلىمەسلىك، تەر ئاققۇزۇشتىن قېچىش، قانچە نامىرات بولسا شۇنچە ھۇرۇنلۇق قىلىش ؛ قولىنىڭ ئۇچىدىلا  ئىشلەپ قۇيۇپ « ئۈجمە پىش ئاغىزىمغا چۈش» دەپ كۈتۈپ تۇرۇشلار بىرخىل ھۇرۇنلۇق تىپى بولسا ؛ ئۆگىنىشكە بېرىلمەسلىك ، تۆۋەن ئىقتىدار ، سەۋىيىگە قانائەت قىلىش،قىيىن نۇقتىغا دۇچ كەلگەندە ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ؛ ئۆگىنىشتە ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدا بۇلۇشلار ھۇرۇنلۇقنىڭ بىر خىل تىپى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئىقتىدار ، بىلىم ، شارائىتى تۇرسىمۇ ، ھېرىش – چارچاشتىن قېچىپ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق ھۇرۇنلۇقنىڭ بىر خىل تىپى بولسا ؛ جاپالىق ئىشنى قىلىشنى ھار بىلىش ، قىلالايدىغان ئىش كۆزىگە كۆرۈنۈپ ، پۇتىغا پۇتلىشىپ تۇرسىمۇ قىلماسلىق ؛ تەييار ئاش ، تەييار كىيىمگە خۇشتار بۇلۇش ؛ ھېچ ئىشقا قول تەۋرەتمەي ، زېھنىنى سەرىپ قىلماي غايىپتىن ، بىرەر كىمدىن مال دۇنيا تەمە قىلىش؛ باشقىلار ھەمدەمدە بولسىمۇ ، ياردەم بەرسىمۇ ، ئۆزىنىڭ نامىراتلىق ، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە غەيرەت – شىجائىتى بولماسلىقلار ھۇرۇنلۇقنىڭ يەنە بىر خىل تىپى ھېسابلىنىدۇ . ھۇرۇنلۇقنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزىگە تېگىشلىك ئىشنى قىلماي ياكى قىلالماي ، باشقىلارنىڭ ئېشىغا توپا سېلىپ چەكلىمىلىك قىلىشتەك ئۆزگىچە تىپلىرىمۇ بار.

ئىجتىمائىيەتتە ھۇرۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى خىلمۇ-خىل بۇلىدۇ . قالاقلىق ، خۇراپاتلىق ۋە نادانلىق روھى ئاجىزلىقلىرىنىڭ ھۇرۇنلۇق بىلەن چېتلىشلىق بۇلۇشى سەۋەبلىك ھۇرۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىنىش ھالىتى كۆپۈيىدۇ . نادانلار ھېلى ئۇ ئىشنى تەس ، ھېلى بۇئىشنى مەينەت دەپ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ . ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ، بۇنىڭدىن نارازى بۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ نامىراتلىق ھالىتىگە شۈكىرى قىلسا ، خۇراپاتلار نامىراتلىقنى تەڭرىنىڭ پىشانىمىزگە پۈتكىنى ، دەپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ .

      ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى ئۆزىدىكى ھەرخىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئادەمنى يەنە باشقا ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى سادىر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ .ھۇرۇنلارنىڭ بەزىلىرى ئوغىرلىق ، يانچۇقچىلىق قىلىپ ناتوغرا كەسىپ بىلەن ياشاش يولىنى تۇتسا ، يەنە بەزىلىرى تلەمچىلىق قىلىپ  كۈن كەچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ . بەزىلىرى ئاتا- ئانىسى ، تۇغقانلىرىغا ئىشىنىپ ، ئۇلارنىڭ تاپقىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىش كويىدا بۇلىدۇ . بەزىلرى باشقىلار قىلغان ئىشنى ، نەتىجىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھىيلە- مىكىر ئىشلىتىدۇ . بەزىلىرى   بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي ، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە ھەسەت قىلىپ ۋاستە ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ .

   دېمەك، ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى ئۆز ماھىيتى بىلەن ئادەمنى ۋىجدان،غورور ۋە ئېتىقادتىن مەھرۇم قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھۇرۇنلاردا ھايا- نۇمۇس كەملەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك ھە ئائىلىنى سۆيۈش بۇرچى يوقىلىدۇ . نەتىجىدە چېقىمچىلىق ، يالغانچىلىق ، نەپسانىيەتچىلىك ، خۇشامەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ئاجىزلىقلار ھۇرۇنلۇق بىلەن تەڭ ئۆسۈپ بارىدۇ .

   ھۇرۇنلۇقنىڭ ئادەم ( مىللەت ) ، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان  ھەر تەرەپلىمە ۋە زور بۇلىدۇ . بىرسى ، ئۇ كىشلەرنى ئىشچانلار ، ئىقتىدارلىقلارنى يامان كۆرىدىغان ئىنسابسىز، رەھىمسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ ؛ يەنە بىرسى ، ئادەملەرنى كالتە پەم ، كەلگۈسىنى ئويلىماس قىلىپ ، مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە قانائەتچانلىق ، قاششاقلىق ، قاتماللىق ۋە بېكىنمىچىلىك روھىي ھالىتىنى ئۇلغايتىپ ، مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلىتىش ، مەدەنىيەتتە چېكىندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ .

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتى ئېلىندى.

ھەسەتخورلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 20 viewsئىنكاس سانى : 0

ھەسەتخورلۇق

   ھەسەتخورلۇق ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورمال پىسخىك ھالەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسى . بۇ ئىللەت قەدىمىدىن ھازىرغىچە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ مىجەز-خۇلىقىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلمەكتە . ھەسەت ــــ پارىسچە سۆز بۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا « كۈنلىمەك، ئىچى تارلىق قىلماق ، قىزغانماق…» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئادەم پىسخىكىسىدىكى شۇ خىل روھى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ؛ ھەسەتخور ـــ پارس ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سۆز بۇلۇپ ،« ئىچى تار ، قىزغانچۇق، كۈنچى…» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ ۋە مەلۇم شەخىسىنىڭ ھەرىكەت ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ . بۇلاردىن قارىغاندا ، ھەسەتخورلۇق  ـــ بىرەر نەرسە مەلۇم ئادەمگىلا تەئەللۇق بۇلۇش ، باشقىلار ئۇنىڭغا يېقىن يولىماسلىق ، ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان  نەرسىگە باشقىلارمۇ ئىگە بولماسلىق ، ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى باشقىلارنىڭمۇ قىلالماسلىقىنى تەلەپ قىلىش ، مەندە يوى نەرسە باشقىلاردىمۇ بولماسىلىقى كېرەك ، دەپ قاراپ باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇشتەك تىپىك روھى ھالەت ۋە مەلۇم ئادەمنىڭ خۇلىق – مىجەزىدىن ئورۇن ئالغان غەيرى خۇسۇسىيەتتۇر .

ھەسەتخورلۇق ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئىنسانلار ئارىسىدىكى جىسمانىي پەرىقلەر ، قەلىب ۋە خۇي-مىجەز پەرىقى قاتارلىق قارىمۇ – قارشى روھى ھالەتلەرنىڭ ئادەملەر ئېڭىدا ۋە خۇي – مىجەزىدە پەيدا بۇلۇشى تۈپەيلىدىن ھەسەتخورلۇق بارلىققا كەلگەن.

يىلتىزى يوق دەرەخ بولمىغاندەك ، ئىنسانلاردىكى ھەر قانداق روھىي ھالەت ۋە ئىدىيىنىڭ پەيدا بۇلۇش مەنبەسى ، تۈرۈتكە بولىدىغان ئامىلى بۇلىدۇ . مۇشۇ مەندىن قارىغاندا ھەسەتخورلۇقنىڭ  يىلتىزى ــ ئادەم ئېڭىدىكى چەكتىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك ۋە ئىنسان تەبئىيتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بەزى كىشلەر شەخسىيەتچىلىك بولمىسا ، ئادەم مەۋجۈد بۇلۇپ تۇرالمايدۇ ،دېسە ، يەنە بەزىلەر ھەسەتخورلۇقنى « رىقابەت» دەپ پەردازلايدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا . ھەسەتخورلۇق زامان، ماكان ، ھەم مىللەت ئايرىمايدۇ . ئۇنى ھەرقايسى دەۋىردىن ، ھەممە مىللەتتىن تاپقىلى بۇلىدۇ . بۇيەردە ئايرىۋىلىشقا تېگىشلىك ئىش پەقەت، ھەسەتخورلۇقنىڭ شۇ دەۋر ، شۇ مىللەت ئاھالىسى ئىچىگە قانچىلىك دەرىجىدە تارقالغانلىقى ، كىشلەرنىڭ پىسخىكىسىدىن قانچىلىق ئۇرۇن ئالغانلىقىدىن بىلىشتىن ئىبارەت . بەزىلەر ھەسەتخورلۇق يۇرتۋازلىقتەك مەنىۋى كېسەللىكىنىڭ ئىپادىسى ھەم داۋاملىششىنى شۇ مىللەت ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ، تەربىيلىنىشىگە باغلىق دەپ قارايدۇ . ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورماللىقنىڭ سەۋەبىنى مەدەنىيەت، مائارىپ سۈپىتىدىن ئىزدەش رېئاللىققا پەقەت ئۇيغۇن ئەمەس . ئەگەر مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ، تەربىيلىنىشى ياخىشى بولسا ھەسەتخور بولمايدۇ ، دەپ قارىساق ، بىرقىسىم زىيالىلار ، ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالغان خادىملار ئارىسىدىكى قىزغىنىش،كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق قىلىش ھەم بىر-بىرىگە ئورا كولاشتەك ئىللەتلەرنى نېمىدەپ ئىزاھلاش كېرەك؟!

ھەسەتخورلۇق روھى ھالىتى كىشلەرگە بىردىن بىرىگە ، چوڭلاردىن كىچىكلەرگە ، ئاتا-ئانىلاردىن بالىلارغا يۇقىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ، ھەسەتخورلۇقنىڭ ئاتا – ئانىنىڭ قېنى ئارقىلىق بالىغا ئېرسىيەتلىك ھالدا ئۆتۈشىنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ . مانا بۇلار ھەسەتخورلۇق روھىي ھالىتىنىڭ قەدىمىدىن ھازىرغىچە مەۋجۈت بۇلۇپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر ئاساسلىق سەۋەبى. ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىپادىلىرىنى بىلىشتە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » كىتابىغا قارىساق ، ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز .

          « سېنڭدىن چوڭلار كۆرەلمەس سېنى»

ھەسەتخور ئەمەلدار ، ھەسەتخور خوجايىن قول ئاستىدىكى بىرەر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى ، تۇرمۇشتا خاتىرجەم ياشاپ ، باياشاد ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ .ۋە شۇنداق بۇلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارىشى تۇرىدۇ  ھەم توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ئۆزىدىن بىلىم ، مەرتىۋە ، ئابروي جەھەتتە ئېشىپ كەتكەنلەرنى ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىغا ، ئىناۋىتىگە ، ھوقوقىغا خەۋىپ كەلتۈرىدىغان مەنبە، ھەتتا دۈشمەن كۈچ دەپ قاراپ ، قەستەن قوسۇر تېپىپ زەربە بېرىدۇ ؛ ئۆز ئەتراپىغا ئىقتىدارسىز ، ئەمەلىي سەۋىيىسى تۆۋەن ، ئاق – قارىنى پەرىق .ئېتەلمەيدىغان تەخسىكەشلەرنى توپلاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى جېنىنىڭ بارىچە يۇشۇرىدۇ .

   « ھەم سېنى كۆرەلمەس يەنە تەڭ تۇشۇڭ»

ھەسەتخورلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغانلار ئۆزنى بىلەن تەڭتۇش،تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ ھەم ئىچى تارلىق قىلىدۇ . بىرەر تەڭتۇشى ياكى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىكلەر بىرەر ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشسە ياكى خۇشال بولسىمۇ ، ئۆزى بىارام بۇلىدۇ ۋە قارىشى تەرەپنىمۇ بىئاراق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ ؛ پۇرسەت تاپسىلا قارىشى تەرەپنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ، نەتىجىسىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ .

   « سېنىڭدىن كىچىلەر كۆرەلمەس سېنى»

ئادەتتىكى خادىملار ۋە كىشلەر ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق نىسپەتەن كۆپرەك بۇلىدۇ . بۇلارنىڭ ھەسەت قىلىشىمۇ ئالدىنقلاردىن قېلىشمايدۇ . بۇنداقلارنىڭ پىسخىكىسىدا ھەسەتخورلۇقنىڭ ھەممە ئالامەتلىرى بولغاندىن تاشىقىرى ، يەنە ئۇلار ھىيلىگەر ، رەڭۋاز ۋە ئىككى يۈزلىمە كېلىدۇ . ئۆزىنى نىقابلاشقا ئۇستا بۇلىدۇ . بۇنداقلار ھەسەتخور ۋە كەم ئەقىل ئەمەلدارلارغا ئامراق كېلىدۇ- دە ، ھەرخىل ھىيلە- نەيرەڭلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ماختاپ ئۇچۇرىدۇ . ئۆزىدىن چوڭ ، راستچىل ، ئاق كۆڭۈل كىشلەر بىلەن ئۇچىراشقاندا ، ئۆزىنى ئىقتىدارلىقلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان  سەمىمي ئادەم قىلىپ كۆرسىتىدۇ-يۇ ، كەينىدىن ئۇلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراپ ، كۆزىتىپ ، ئۆزى ياخشىچاق بۇلۇۋالغان  ئەمەلدارلارغا داۋاملىق «دوكىلات» قىلىپ ، ئىقتىدارلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش گوروھىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ھەسەتخورلۇقنىڭ يەنە بىر تىپى بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ئۆزىدىن قابىلىيەتسىز ، ئىقتىسادى ناچار ، تۇرمۇشى جاپالىق كىشلەرنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنە خۇشال -  خۇرام ياشاۋاتقانلىقنى ، جاپا – مۇشاقەتكە تېز پۈكمەي ئۆزىنى روھلۇق ، تېتىك تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشىپ ، خۇدىنى يوقىتىپ قويغۇدەك دەرىجىدە بىئارام بۇلىدۇ . ھەسەتخورلۇقنىڭ يەنە مۇنداق بىر ئومومىي تىپىمۇ بار بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ چىرايى ، مېڭىش – تۇرۇشى ، كىيىنىشى ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، باشقىلارنىڭ جۆرىسى ،ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارغىمۇ ھەسەت قىلىشتىن ئىبارەت .

ھەسەتخورلۇق  كېسىلى چاپلاشقان كىشلەر بەزىدە ھەتتا ئاتا- ئانىسى ، ئۆز قېرىندىشى ، بالىسى،يېقىن دوستىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ ھەسەت قىلىدۇ . بۇ خۇددى « قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا كۆرسىتىلگەن «ھەسەت بىر كېسەلدۇر داۋاسى ئۇزاق، ئۆزىنى ئۆزى يەپ سېزەر ئۇ ئاداق» دېگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ئومومەن قىلغاندا ، ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بەك مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل  جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ . ھەسەتخورلۇقنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى ئاخىرقى ھېساپتا ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشۈرۈپ ، پۇت – قولىنى بوغۇپ ، ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەمما ، بەزى كىشلەر بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشتىن تېخى بەك يىراقتا تۇرماقتا . بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش .

بۇگۈنكى كۈندە ، ھەسەتخورلۇقنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىغا قاراپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېرىش زادىلا توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ھەسەتخورلۇق خۇيىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كىشى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ، ئۆزمىچىلىكتىن خالىي بۇلۇپ ، ئومومىيلىق كۆز قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ.   

نادانلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

2.نادانلىق

نادانلىق-«نادان »سۆزىگە «لىق»قۇشۇمچىسى ئۇلىنىپ ياسالغان سۆز بىرىكمىسى .«نادان »-ئادەم پىسخىكىسىدىكى روھىي ئاجىزلىقىنى ،«نادانلىق »-ئادەمدىكى ئاشۇ روھىي ئاجىزلىقنىڭ رېئال ئىش –ھەركەتتىكى ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ .

ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئادەملەر تەبىئىي ھالدا «ئاقىل »ۋە «نادان »دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلىپ كەلدى .ئاقىللىق ۋە نادانلىق بىر ئادەمنىڭ ئەقلى ،تەپەككۇر ئىقتىدارى ،ماكان ،زامان چۈشەنچىسى ،ماكان ،زاماننى ھاياتلىققا بىرلەشتۈرۈش ئېڭى ،ئائىلە ،مىللەت ،ۋەتەنگە بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ،ئۆزىنىڭ قىمىتىتى ،رولىغا بولغان پوزىتيىسى ۋە ئۇقۇمى ،بۈگۈن ۋە ئەتىگە بولغان قارشى قاتارلىقلاردىكى تاللىشى ۋە ئىنكاسىغا قاراپ ئايرىلىدۇ .ئاقىللىق –ئادەمدىكى بىر خىل روھيى تاكامۇللۇق ،نادانلىق –روھىيى جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ گادايلىق ھىساپلىنىدۇ .ئاقىل ئادەم ئائىلە ،مىللەت ،ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى بىلەن ماكان ،زامان مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ ،شۇ زامان ،شۇ ماكاندا مىللەتكە ،ۋەتەنگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ .ئۆز شەخسىيىتىنى ھەرگىز ئائىلە ،مىللەت ،ۋەتەن ،مەنپەئىتىنى ئۈستىگە قويمايدۇ ،ئۆزىنىڭ قىمىتىنى ،قانچىلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى ،قانچىلىك تۆھپە يارىتالايدىغانلىقىنى ئاساسەن توغرا باھالىيالايدۇ ۋە شۇ بۇيىچە ئىش تۇتىدۇ .نادان ئادەملەر ئائىلە ،مىللەت ،ۋەتەن مەنپەئىتىنى ماكان ،زامان بىلەن قارىمۇ – قارىشى ئۇرۇنغا قۇيۇۋېلىپ، ئىش قىلغاندا ھامان شەخسى مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ. ھېچقانچە ئىقتىدارى بولمىسمۇ ، ئۆزىنى قالتىش چاغلاپ ، خاتا پىكىر، زىيانلىق قىلمىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ھەمىشە باش ئاغىرىقى تېپىپ بېرىدۇ ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، پۇلى كۆپەيگەنسىرى نادانلىشىدۇ ، ئەگەر ھوقوققا ئېرىشىپ قالسا باشقىلارغا قارىتا رەھىمسىزلىشىدۇ؛ ئالدىراپ – تېنەپ قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈپ ، ياكى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ ئىش قىلىپ ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ .

نادانلىق- ھەر بىر مىللەت ئاھالىسى ئىچىدە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەۋجۈت بۇلۇپ، بەزى مىللەت ئاھالىسىدە كەڭ ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ، بەزى مىللەت ئاھالىسىدە  تاقىلىشى ئاز بۇلىدۇ. بەزى كىشلەردە ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بۇلسا ، بەزى كىشلەردە ئازراق مەۋجۇت بۇلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن خالىي بۇلىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى مىللەتلەر نادانلىقتىن خېلى بۇرۇن قۇتۇلغان بولسا ، بەزى مىللەتلەردە نادانلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەش دائىرىسى ئاجىز بۇلۇشتەك پەرىقلەرمۇ بۇلىدۇ.

نادانلىقنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئۇلغۇيىشىدا مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە ساقلانغان ھەسەتخورلۇق ، چېقىمچىلىق ، تەمەخورلۇق ، نەپسانىيەتچىلىك ، جاھىللىق ، يۇرتۋازلىق ، مەزھەپچىلىك ۋە شەھۋەتپەرەسلىك قاتارلىق روھى ئاجىزلىقلارنىڭ رولى چوڭ بۇلىدۇ . چۈنكى ، بۇلار شۇ مىللەتنىڭ ئومومىي پىسخىك قۇرۇلمىسىدىكى تارىخى پىسخىك ئاجىزلىقلىرىنى تۇنۇپ يېتىش ۋە تۈزىتىش سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۆزىمىزگە كەلسەك ، نادانلىقنىڭ يۇقۇرقىدەك ئىپادىلىرىنى ئىلگىرىكى زاماندىكى ھالىتىمىز ۋە ھازىرقى ھالىتىمىزدىنمۇ خېلىلا كۆپ تاپالايمىز. مەسلەن ، ھازىر بەزى كىشلەردە پۇلى كۆپەيسىلا ئىسراپچىلىق ، بەتخەجلىكىنى مىللەتنىڭ خاس ئۆرپ- ئادىتى ئۈستىگە دەسسىتىدىغان ، تۇرمۇشى سەل ناچار بولسا جاھىللىشىپ ئاڭقاۋلىق قىلىدىغان ، كىچىككىنە ئىمتىياز ، ھوقوققا ئىگە بولسىلا ، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە باشقىلارغا غەيرى مۇئامىلە قىلىدىغان ئىللەتلەر ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.گەرچە بۇ خىل نادانلىق قىلمىشلىرى ئايرىمىلىق بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى چوڭ بۇلۇپ ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .

تەمەخورلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

1. تەمەخورلۇق

   تەمەخورلۇق – ئىنسان پىسخىكىسىدىكى غەيرى نورمال روھى ھالەتنى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئاتالغۇ.

   «تەمە» – مەلۇم ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدىكى مېھنەت سەرىپ قىلماي ، ئەقلىنى ، زېھنىنى ئىشلەتمەي، ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان بايلىق، ئىقتىدار،ھوقوق- ئىمتىيازنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بۇلۇشنى قوغلىشىش روھى ھالىتىگە قارىتىلغان. تەمەخور- تەمە پىسخىكىسىنى يۇقتۇرۋالغان ھەم ئۇنى ھەركىتىدە ئىپادىلىگەن ئادەمنى كۆرسەتسە؛«تەمەخورلۇق» تەمە پىسخىكىسىنىڭ مەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئىش – ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىنسانلار پەيدا بولغان دەسلەپكى چاغلاردا تەمە ۋە تەمەخورلۇق بولمىغان . كېيىنكى زامانلاردا غەيرەت- شىجائىتىگە تايىنىپ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئۆز كۈچى ، قابىلىيىتى، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ماددى بايلىق يارىتىدىغان  ئادەملەر بىلەن بىللە ، غايىپتىن ، تەبىئەتتىن بايلىق تەمە قىلىدىغان ئادەملەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان . ئالدىنقى خۇسۇسىيەتتىكىلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن بايلىق ياراتقان بولسا ، كېيىنكى خۇسۇسىيەتتىكىلەر تەييار تاپلىق ، ھۇرۇنلۇق بىلەن ياشىغان . ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇرەككەپلىششى ھەم ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە  ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى  نادانلىقتىن  پەيدا بولغان تەمە كۆپ قاتلاملىق  تەمەخورلۇقنىڭ بىزدىكى پىسخىك ھالىتىگە قاراپ ، ئۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىشقا بۇلىدۇ:

(1)  غايىىپ ( تەڭرى،ئىلاھ)تىن تەمە قىلىش؛

(2)  تەبىئەتتىن تەمە قىلىش؛

(3)  پۇلدارلاردىن تەمە قىلىش:

(4)  باشقۇرغۇچىلاردىن تەمە قىلىش؛

(5)  بويسۇنغۇچىلاردىن تەمە قىلىش؛

(6)  ھەر قانداق ئادەمدىن تەمە قىلىش؛

   تەمەخورلۇق- ئادەم تەبىئىيتىدىكى روھى ئاجىزلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بۇلۇپ ، « تەمە كېسىلى»گە گىرپتار بولغان  ئادەمنىڭ تاللىشىدا ئىش- ئەمگەكنى سۆيۈش ئېتىقادى، ئالغا ئىنتىلىش غايىسى ، يېڭىلىق يارىتىش- بايلىق يارىتىش تىرىشچانلىقى، ئۆزىگە (ئىقتىدارى)غا تايىنىش غورورى ئاجىز ياكى يوق بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ خۇي – پەيلى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە خۇشامەت ، تەخشىكەشلىك ، قاششاقلىق ، بەدقىلىقلىق، ئىككىيۈزلىمىلىك ، ئاچكۆزلۈك، بەدنىيەتلىك ، بېخىللىق، ھارامخورلۇق، قانائەتسىزلىك قاتارلىق ئىللەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇلىدۇ.

   ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۇچىرايدىغان تەمەخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى ھەر خىل بۇلىدۇ . بىر قىسىم پارازىتلار ئەزگۈچىلەردىن ئىقتىساد، ھوقوق ئىمتىياز تەمە قىلىپ ، ئەمگەكچىلەرگە زورلۇق – زومبۇرلۇق قىلغان . يەنە بەزىلىرى ھوقوق ، بايلىق ياكى ھاۋايى – ھەۋەسنى قاندۇرۇش تەمەسىدە ئۆزگىلەرگە ، ياتلارغا ، زالملارغا ياللانغان ، ھەتتا بەزىلىرى ھوقوق ، بايلىق تەمەسىدە دۈشمىنىگە باش ئەگكەن.

ھازىرقى دەۋىردىكى تەمەخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە رەزىل بولۇپ ، بۇنى  مۇنداق ئىپادىلەردىن كۆرۈشكە بۇلىدۇ :

يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق ھۈنىرىنى تۆھپە ساناش ؛ سوۋغات ، داستىخان تۇشۇپ قىلتىقىغا ئىلىندۇرۇش ؛ بويسۇنغۇچىلاردىن داستىخان ، پارا ئېلىش ؛ قۇبۇل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەل قىلىشنى  باھانە قىلىپ پارا ئېلىش ؛ ئەمەلدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋراڭ قىلىپ ئۆزىگە بويسۇنۇشنى تەمە قىلىش؛ داستىخان سېلىپ نەپ ئېلىش؛سالاھىيىتى، سالاپىتىنى دەسمايە قىلىپ نەپ ئېلىش ؛ يامانلىق ، زىيانكەشلىك قىلىپ باش ئەگدۈرۈش؛ كىچىككىنە ئىشقا چوڭ ئىلتىپات ئېلىش ؛ قىل ئۆتكۈزمەي پىل ئېلىش؛ ھال – كۈنى ياخشى تۇرۇپ كەمبەغەلدىن«زاكات»ئېلىش قاتارلىقلار . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نائۇستا ھۈنەرنىڭ كور خېرىدار تىلىشى؛ يالغانچىنىڭ دۆت بىلەن دوست بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىشى؛بىلىمسىز خوجايننىڭ  خادىمىنىڭ دۆت بۇلىشىنى، نادان بۇلۇشىنى كۈتۈىشى؛كۆتەڭنىڭ ئىككى مىسرا شېئىر ئوقۇپ شائىر ئاتىلىشىنى كۈتۈشى؛ بەدنىيەتلەرنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق سانىلىشىنى تىلىشى؛ ئۆزىنىڭ باي بۇلۇشىنى ، ئۆزگىنىڭ  نامىراتلىشىشىنى كۈتۈشى؛ ئۆزىنىڭ سالامەت، ئۆزگىنىڭ بالا – قازاغا ئۇچۇرىشىنى تىلىشى ؛ ئاچكۆزنىڭ ئاش يەپ پۇل بەرمەسلىكى ؛ ھارامخورنىڭ خەقنىڭ مۈلىكىنى تارتىۋېلىشى ۋە غايىبانە بايلىق ئۇچۇرتىشىنى خىيال قىلىشى قاتارلىقلار .

تەمەخورلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى رەزىل ۋە مۇرەككەپ بۇلىدۇ، بەزى تەمەخورلار كۈتكەن مەقسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ، بىر مەھەل ئالىيجاناپ قىياپەتكە  كىرىۋالىدۇ . بىراق « تەمەخورنىڭ قازىنى تولماس» دېگەندەك ، تەمەخورلار ئۆزىنىڭ تەمەسىنى قاندۇرغان ئادەمنى« نان» دىن قۇرۇق قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

تەمەخورلۇقنىڭ كەلتۈرىدىغان  ئاقىۋىتىمۇ بىر- بىرىدىن پەرىقلىق بۇلىدۇ. غايپتىن ، تەبىئەتتىن تەمە قىلىش ئادەمنى نادانلىق، قالاقلىق ھەم خۇراپاتلىق ئازگىلىغا ئىتتىرىدۇ. پۇلدارلاردىن ، ھەرقانداق ئادەمدىن تەمە قىلىش ئادەمنى ھارامخورلۇققا ، قانائەتسىزلىككە ، ئاچكۆزلۈككە مۇپتىلا قىلىدۇ. باشقۇرغۇچىدىن ، بويسۇنغۇچىدىن تەمە قىلىش ئادەمنى خۇشامەتكۇيلۇققا ، بەدنىيەتلىككە  باشلاپ ، ئاخىرىدا ھىيلە- مىكىر، سۈيقەست ئىشلىتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

تەمەخورلۇقنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ چوڭ بۇلۇپ، ئۇ ، مىللەت ئەزارلىرىدىكى گۈزەل ئەخلاقنى ئاجىزلىتىپ ، ساختىپەزلىكىنى ئۇلغايتىدۇ. مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىپ خاس ئۆرۈپ-ئادەتنى يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا مىللەت ئەزالىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقادى ، تۇرمۇش ئېتىقادى يوقىلىشقا يۈزلىنىپ ، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى تۆۋەنلەيدۇ . دېمەك ، تەمەخورلۇق مىللەتنىڭ تېنىگە چاپلاشقان مەنىۋى راك ھۈجەيرىسى بۇلۇپ ، مىللەتنىڭ قەلبىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ ، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ، غورور، غايە ۋە ئېتىقادتىن مەھرۇم قىلىپ ئادەمنى خارلىق چۆلىگە تاشلايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

ئاچكۆزلۈك

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 21 viewsئىنكاس سانى : 0

ئاچكۆزلۈك

«كۆزى ئاچقا يەتمەس پۈتۈن بۇ جاھان»

                                                 – يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    ئاچكۆزلۈك ئىنسان تەبئىيتىدىكى چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك روھى ھالىتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بۇلۇپ ، ئۇ مەلۇم ئادەم ۋە تەبىقىلەرنىڭ ماددىي ، مەنىۋى ئوبىيكتلارغا قانائەت قىلماستىن ئىبارەت پىسخىك ھالىتى ۋە ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ .

     ئاچكۆزلۈك ئىنسانلار خۇي – مىجەزىگە ئەڭ دەسلەپتە چاپلاشقان روھى ئاجىزلىق بۇلۇپ ، ئۇ ئىنسانلار خۇي-مىجەزىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان كۈشەندە ۋە بىر قىسىم ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە قارىمۇ – قارىشى ئىككى قۇتۇپقا بۆلگەن مەنبەدۇر. ئىنسان تەبئىيتىدىكى تەمەخورلۇق،خۇشامەت ، ئاداۋەتخورلۇق،قۇلچىلىق(تەخسىكەشلىك)،يۇرتۋازلىق ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ئاجىزلىقلارنى ئاچكۆزلۈك تۇغدۇرىدۇ  ھەم يېتىشتۈرىدۇ. رېئاللىققا ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىپادىلىنىشى كۆپ قاتلاملىق ۋە مۇرەككەپ بۇلىدۇ.

   ھەممىلا ئادەم ئاچكۆز بولمايدۇ. پەقەت ئايرىم ئادەملەردىلا ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسى شەكىللەنگەن بۇلىدۇ . ئاچكۆزلۈك ئادەملەرنىڭ گۆدەكلىك دەۋىرىدە يېمەك-ئىچمەككە ئاچكۆز بۇلشىدىن پەيدا بولغان بۇلۇپ ، ئادەملەرنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك يېتىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلىپ ، يېڭى ئاچكۆزلۈك تىپلىرىغا ئۆزگىرىدۇ . يەنە مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي شارائىت ياكى بىر خىل يېڭى تاللاش بەزىدە بىر خىل ئاچكۆزلۈكنى پەيدا قىلىدۇ. ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسى بەزىلەردە روشەن ھەم  كۈچلۈك،بەزىلەردە سۇس ياكى يۇشۇرۇن بولىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۇنىڭ بىر-ئىككى تىپى مۇقۇملاشقان ، بەزىلەردە ئۇنىڭ ھەممە تىپى تېپىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ، ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرگەن ئادەملەردىكى ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ ؛ بەزىلەر يېمەك- ئىچمەككە ، بەزىلەر مال-دۇنياغا ، بەزىلەر كېيىم-كىچەككە ئاچكۆز بۇلىدۇ؛ بەزىلەر ھاۋايى- ھەۋەسكە ئۆزىنى ئۇرسا ، بەزىلەر ھوقوق-ئىمتىياز ھەلەكچىلىكىدە ھىيلە –مىكىر، سۈيقەست ئىشلىتىدۇ.

(1) يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلۈكى. يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلۈكى ئادەمنىڭ كىچىكلىكىدە پەيدا بولىدىغان ئاچكۆزلۈك تىپى. ئۆسمۈرلەردىكى يېمەك-ئىچمەككە بولغان ئاچكۆزلۈك ئاساسەن بىر نەچچە خىل غىزاغا كۆزى تويماسلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بۇنداق بالىلاردا غىزانى كۆپ يەپ قورسىقى تويسىمۇ ، كۆزى تويمايدىغان  خۇي يېتىلىدۇ. مانا مۇشۇ خۇي ئاستا-ئاستا شۇ بالىنىڭ بىر پىسخىكىسىغا ئايلىنىدۇ – دە ، چوڭ بولغانچە تاماقنى زىيادە ئىستىمال قىلىدىغان، قورسىقى تويسىمۇ كۆزى تويماي ، يېمەك-ئىچمەككە ئۆزىنى ئۇرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.

   «كۆزى ئاچ ئۆلسە تويار» دېگەندەك، يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلىكىگە گىرىپتار بولغانلار بىرەر ۋاخ تاماق ياكى بىرەر قېتىملىق زىياپەت بىلەن ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بۇلىدۇ. ئاچكۆزلەر دائىم مېھماندارچىلىق، توي، نەزىر، تاماق سورۇنلىرىنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشىنى ، ئالىي غىزانىڭ بۇلۇشىنى تەمە  قىلىدۇ . ئەجدادلىرىمىز بۇنداقلارنى«گېلى تويماسنىڭ قولى گال،كۆزى تويماسنىڭ ئەقلى گال» دەپ خۇلاسىلىگەن.

(2) كىيىم-كىچەك ئاچكۆزلىكى. كىيىم –كىچەك ئاچكۆزلىكى يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلىكىگە ئوخشاش بىرخىل ئاچكۆزلۈك تىپى. ئۇ كۆپىنچە ئاياللاردا ، ئايرىم ئەرلەردە شەكىللىنىدۇ . كىيىم-كېچەك ئاچكۆزلىكىگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا ئويلايدىغىنى يېڭى كىيىم كېيىش . بۇنداق پىسخىكىلىق ئادەملەرنىڭ كۆزى كىيىم-كېچەك، زىببۇ – زىننەت تويماي ، ھە دېسە كىيىم – كېچەك ، زىببۇ –زىننەت توپلايدۇ . باشقىلار بىرەر يېڭى پاسۇندا كىيىم كىيسە ياكى زىببۇ-زىننەت تاقىسا ھەسەت قىلىپ ئولتۇرالماي قالىدۇ. بەزىلىرى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى بىلەن ھېسابلاشماي ، يېمەي-ئىچمەي ، بالىلىرىنى كىيىمسىز ، قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇپ ، ھەتتا قەرىز ئېلىپ كىيىم-كېچەك توپلايدۇ. كىيىم-كېچەك ئاچكۆزلۈكى ئاخىر ئۇلارنى «ئۇچىسىغا قارىسا كۆز چاقنايدىغان ، ئۆيىدىن چاشقان يامانلايدىغان»قىلىپ قويىدۇ .

   كىيىم – كېچەك ئاچكۆزلۈكى ئادەملەرنى سۆلەتۋازا ، ھۇرۇن قىلىپ قويىدۇ . ئىقتىسادىنى بۇزۇپ ، ئائىلىنى ، جەمئىيەتنى ئىسراپچىلىققا باشلاپ، جەمئىيەتكە «تېشى پال-پال، ئچى غال-غال»لىق ئېلىپ كېلىدۇ.

   (3)مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى. مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى ئاچكۆزلۈك ئىچىدىكى ئەڭ ناچار پىسخىك ھالەت. .ئۇ پۇل-مالغا ھېرىسمەن بۇلۇش ، ئۇنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يىغىپ ساقلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.

   مال – دۇنيا ئاچكۆزلىكىنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىدا شەكىللەنگەن تارىخى ئەڭ ئۇزاق. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە توپلىشىپ ئوۋچىلىق ، تېرىقچىلىق قىلىپ ئوۋ غەنىيمەتلىرى، ئاشلىق ، مېۋىلەردىن تەڭ بەھىرىمەن بولغان . ئوۋ قوراللىرى، تېرىقچىلىق سايمانلىرى جامائە –ئۇرۇق(توپ)نىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان . يېڭى تاش قوراللار دەۋىرىنىڭ ئاخىرقىغا كەلگەندە ، پىسىخىكىسىدا شەخسىيەتچىلىك ۋە يامان نىيەت ئۆسۈپ چىققان جامائەت باشلىقلىرى  ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرىدا مال-دۇنيا ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ئوۋ غەنىمەتلىرى  ، ئاشلىق ، مېۋە،يېپىنچا بۇيۇملىرى ، چارۋا ، ئورمان-يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتى شەكىللەنگەن. ئاخىر بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىپتىدائىي كوممونا يىمىرىپ تاشلانغان . ئاقىۋەتتە ئىنسانلار ئىچىدە مال مۈلۈككە ، بايلىققا ئىگە بۇلۇۋالغانلار ، مال-مۈلۈككە ئىگە بولالمىغانلاردىن ئىبارەت ئىككى گوروھ شەكىللەنگەن.

   مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكىگە گىرىپتار بولغانلار مال-مۈلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ئۇلاردا تەييار تاپلىق پىسخىكىسى ھاسىل بۇلۇپلا قالماي يەنە ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە تايىنىپ ئەمگەكچىلەردىن كۆپلەپ مال-دۇنيا ئۈندۈرۋېلىش ئاچكۆزلۈكى ئۈسۈپ چىققاچقا ، ئېكىسپالاتسىيە ۋە زۇلۇم ۋۇجۇدقا چىققان .

   مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ پۇل-مالغا بولغان ئاچكۆزلۈكى بەك كۈچلۈك بولىدۇ . قولىغا خىېلى كۆپ مال-دۇنيا كىرسىمۇ ئۇنىڭغا قانائەت قىلمايدۇ. بۇخىل ئاچكۆزلۈك ئادەتتە ھوقوق-ئىمتىيازغا ئېرىشكەنلەر ، سودىگەر-زەردارلار ۋە پۇل-مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن ھۈنىرى ، ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلاردا پەيدا بۇلۇپ ئۆسۈپ بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ پۈتۈن پىكىر-خىيالى مال-دۇنيا توپلاشقلا قارتىلىدۇ. باشقىلاردىن نەپ ئېلىش،توپلاش،ئۇنى قانداق ساقلاش ۋە كۆپەيتىش – ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىدۇر.

«كۆزى ئاچ كىشى بولماس مالغا باي، پۈتۈن دۇنيا بولسا ئۇنىڭ، يەنە ئۇگاداي». مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى ئادەملەرنى بېخىل، پىخسىق ، قانائەتسىز قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئاچكۆزلەر مال-دۇنياغا ئىگە بولغاندىن كېيىنمۇ ، يەنە مال-دۇنياغا كۆزى تويمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى مال-دۇنيا ئاچكۆزلىرى ئىلگىرى يىغقان مال-دۇنياسىنى ئالتۇن –كۈمۈشكە ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى يات قول تېگىشىتىن ساقلايمەن دەپ تام قېتىغا تىقىش، كۈلۈڭغا ، دەرەخ تۈۋىگە كۆمۈپ ساقلاش، پۇلغا يەر ئېلىش ھەلەكچىلىكىدىلا ياشىغان . بىر قىسىم ئاچكۆزلەر ھازىرمۇ شۇ ئەندىزىلەردىن چەتنىگىنى يوق .

ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ، يېتىمنىڭ ھەققىگە قارا ساناش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، دۆلەتنىڭ، كوللىكتىپنىڭ پۇلىغا، مۈلىكىگە خىيانەت قىلىش يولىدا ھەرخىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىشتەك ئەخلاقىي بۇزۇقلۇقنىڭ سادىر بۇلۇپ تۇردىغانلىقى دەل مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى.

مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى مال-دۇنيالىق بولغانلاردا ھوقوق-ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھوقوقدارلارغا خۇشامەت قىلىپ ئۇلارنى تورغا ئىلىندۇرماقچى بۇلۇشىدۇ. ئەتىراپتىكىلەرگە ئىچى قارىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كۆزلگە ئىلمايدۇ. بۇ پىسخىك ھالەت ئۇلارنى ئېتىقادسىز، غۇرۇرسىز ھلاغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار ھارام مالغا ئىگە بۇلۇش، مال-دۇنياسىنى قولدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن ئەل، مىللەت ۋە ئائىلىسگە خىيانەت قىلىدۇ.

(4) ھوقوق، ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكى. ھوقوق، ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكى ئېكىسپىلاتاتور سىنىپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغان ھۆكۈمرانلار ھەمدە ئۇلارنىڭ غالچىلىرى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پىسخىكىسىدا شەكىللەنگەن شۇنداقلا شەكىللىندىغان يىرىك ئاچكۆزلۈك تىپى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا مەلۇم شەخسى غەرەز ياكى غەيرىي نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە ياكى ئىجتىمائىي نەپنى قولغا كەلتۈرۈشنى خىيال قىلدىغان ئادەملەردە پەيدا بۇلىدىغان بىنورمال ھەرىكەت.

ئۆتمۈشكە نەزەر سالغاندا، ھوقوق، ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكىگە مۇپتىلا بولغان خاقان-پادىشاھلار، ئىلىكخان، ۋەزىر-ۋۇزرالار ئىچىدە ھوقوقنى دەپ قېرىندىشىنى، ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن؛ بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ ھوقوقىنى قوغدىغان، ھوقوق تالىشىپ ئەلنى پارچىلىغان، ھوقوققا ئېرىشىش ئۈچۈن دوستلىرىغا ساتقىنلىق قىلغانلار بولغان. بەزى ھوقوق-ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكى پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقانلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى، زېمىنىنى كېڭەيتىش، باشقىلارنى قۇل قىلىش غەرىزىدە ئۇرۇش قوزغاپ قانلىق قىرغىنچىلىققا سەۋەبچى بۇلۇپ، ئىنسانىيەتكە دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلتۈرگەن. ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى ۋەيران قىلىشقان.  

ھوقۇق، ئىمتىياز ئاچكۆزلىكى پىسخىكىسى ئادەمنى رەھىمسىز، قارانىيەت ھەم غورۇرسىز قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق پىسخىكلىق ئادەم باشقىلارغا رەھىمسىز بۇلىدۇ. ھەممىدە ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىدۇ. خەلققە، قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنمەيدۇ. ھوقوقنى، ئېمىتىيازنى ساقلاش ياكى ئۇنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۇملۇق پىلانلايدۇ؛ باشقىلارغا قارا چاپلايدۇ. ئاق كۆڭۈل، ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يوق قىلىش كويىدا بۇلىدۇ. ئۆزىدىن چوڭ ئەمەلدارلارغا ئورا كولايدۇ. ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنى بېسىپ، ئىقتىدارى، تۆھپىسى بارلارنى پۇتلايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئاغزىدە ۋەتەن، مىللەت دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىسىمۇ، ئاستىرتتىن ۋەتەن، مىللەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ.

ھوقوق ئېمتىياز ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى بىر بۆلۈك ئىنسانلارغا ھەمراھ ئامىل. ئۇ ھەرقانداق ماكان، زاماندا ھامان ئايرىم كىشلەرنىڭ پىسىكىسىدىن تېپىلىدۇ. ئۇلار بىر ياكى بىر نەچچە خىل ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائي ئورنى، ئىقتىسادى ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ باشقا ھەرخىل سۈپەتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىغا تۇسالغۇ بۇلالمايدۇ. ساختىلىق كۆز بۇيامچىلىق بىلەن قولغا كىرگۈزىۋالغان مەلۇم ھوقوقى، ئېمتىيازى ياكى سالاھىيتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان ئورۇنغا چىقىشنى خىيال-تەمە قىلىدۇ. بۇ يولدا ئۆزىگە تۇسالغۇ دەپ قارىغان كىشلەرنى كۆزدىن يوقىتىش ۋاستىلىرىن قوللىندۇ.

ھوقوق، ئېمتىياز ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى ھوقوقدار، ئېمىتىيازلىقلارنىڭ قول ئاستىدا ۋە ئەتراپىدا يۈرگەنلەرنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ ئۆتىدۇ. ئۇلار خۇجايىننىڭ ھوقوق، ئېمتىيازىنى ئارق تېرەك قىلىپ باشقىلارغا زۇلۇم سالىدۇ. خۇجايىننىڭ كەيىياتىغا قاراپ، خۇجايىنى يامان كۆرگەننى دۈشمەن تۇتۇپ، خۇجايىننى ھىجايغانغا خوشامەت، يالاقچىلىق قىلىپ، مەنسەپ ئىنئام تەمە قىلىدۇ. «پادىشاھ ئۈزسە بىر ئالمىنى،نەۋكىرى ئۈزەر مىڭ ئالمىنى» دېگەندەك، غالچىلارنىڭ ئەلگە كەلتۈردىغان قىلمىش-ئەتمىشلىرى ھوقوق-ئېمتىيازلىلارنىڭكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.

ھوقوق، ئېمتىياز ئاچكۆزلۈكى مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ. ھوقوقلۇق، ئېمتىيازلىقلارنىڭ ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىدا ۋە ھوقوق، ئېمتىيازنى قولغا كىرگۈزۈش قەستىدە يۈرگەنلەردە ھارام ئىقتىسادقا ئېرىشىش غەرىزى يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھوقوق، ئېمتىيازغا ئىگە بۇلۇپلا بېيىش ئۈچۈن خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، ئارتۇق ئىگەللىۋېلىشنى باشلايدۇ. يىغقان ھارام ئىتىساد، مۈلۈكنىڭ بىر بۆلىكىنى ئۆزىگە ھامىي بولغان ھوقوقدارغا توشۇپ «تەخت» نى چىڭىتىش ۋە يوغىنتىش كويىدا بولىدۇ. بۇ خىل تەبىئەت ئۇلاردىكى تەمەخورلۇق، ھىيلىگەرلىك، ئاداۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق ۋە يالغانچلىق قاتارلىق ئاجىزلىقلارنى تەڭ يېتىلدۈرگەن بولىدۇ.

(5) ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى. ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى ئاچكۆزلۈك ئىچىدىكى ئۆزگىچە تىپ. ئۇنىڭ ھالىتى ۋە ئوبېكتى غەيرىي ۋە بىر قانچە خىل بۇلىدۇ. شەھۋەتپەرەسلىك، ھاراق-شارابقا بېرىلىش، قىمارغا بېرىلىش، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش، زەھەرلىك چىكىملىككە بېرىلىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ كونكىرېت خىللىرى. ئۇنى جىنس ئايرىمىسى، ئىجتىمائىي ئورۇن پەرقى، ئىتىسادىي ئەھۋال بويچە شەكىللىندىغان خاراكتىرلاردا پەرىقلەندۈرۈش مۇمكىن.

شەھۋەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى زىناخورلۇق، پاھىشىۋازلىق، خوتۇنبازلىقلاردا روشەن ئىپادىلىندۇ. بۇ خىل ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلار ئەقلىدىن، ئېتىقادىدىن، غۇرۇرىدىن ھەم ئىنسانىي سۈپىتىدىن مەھرۇم قېلىپلا قالماي، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-ساپاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەخلاقىي بۇزۇقلۇقنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

ئىچىملىككە، چېكىملىككە بېرىلىش ئوخشاشلا ئادەمنى ئېتىقادتىن مەھرۇم قىلىپ، ئادەمنى ھۇرۇنلۇق، تەمەخورلۇققا باشلاپ، ئەقلىدىن، ئىقتىسادىدىن ھەم ياشلىق باھارىدىن ئايرىيدۇ.

ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئامىل. ئىلگىرى ئۆتكەن بەزى پادىشاھ، ئەمەلدارلار ھوقوقىغا تاينىپ شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىپ ئەلنىڭ ئامانلىقى، خەلقنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمىغان، ھازىرقى كۈندىمۇ، بۇنداق پىسخىكىلىق ئادەملەر يەنىلا پەيدا بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھاياسىز، بەتئەخلاقلىق تەبىئىتى بىلەن جەمئىيتىمىزدە ھەرخىل ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشماقتا.