ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ

2011-يىلى05-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلدى جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 19-ماي پەلەستىن بىلەن ئىسرائىل
  ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 19-ماي پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئۈچۈن «بىخەتەر ھەمدە ئېتراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن چېگرا» بەرپا قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئوباما 19-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىدە شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق ھەمدە ئامېرىكا سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنى، ئەمما ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقى مۆلچەردىكى ئۈنۈمگە يەتمىگەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا داۋاملىق ئولتۇراق ئۆي نۇقتىسى ياسىغانلىقى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى قاتارلىقلار تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىنقىلاب بولۇۋاتقان، ۋەزىيەت ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاش مۇمكىن ئەمەس دېگەن قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى مەڭگۈلۈك چېگرىسى بار ئىككى دۆلەتنى پەيدا قىلىشى كېرەك، «پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرىسى 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلىپ، ئىككى تەرەپ قوشۇلغان ئاساستا جەزىملەشتۈرۈش، ئىككى دۆلەتكە بىخەتەر ۋە ئېتراپ قىلىنغان چېگرا بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پەلەستىننىڭ ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننى ئېتراپ قىلدۇرۇش پىلانىغا قارىتا، ئوباما ب د ت دا ئىسرائىلىيەنى يېتىم قالدۇرۇش ھەرىكىتى مۇستەقىل دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتى چوقۇم ھەربىيسىزلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بولغان بىخەتەرلىك ۋەدىسىنىڭ «تەۋرەنمەيدىغان» لىقىنى قايتا تەكىتلىگەن، ئەمما ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەگە ھازىرقى ھالەتنى «داۋاملاشتۇرغىلى » بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىسرائىلىيەنىڭ دادىللىق بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى دەۋەت قىلغان.
ئوباما 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قارار قىلغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!