ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ش ئا ئە تە كازافى ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدۇ

2011-يىلى05-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسمۇسىن تۈنۈگۈن سلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى بۇراتىسلاۋادا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، ھازىر كازافى ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلدى.

راسمۇسىن مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كازافى ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدۇ لېكىن بىز لىۋىيەگە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەۋەتىشنى ئويلاشمىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدە ئۈچ چوڭ ھەربىي نىشانى بار. بىرىنچى: پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئومۇميۈزلۈك ئاياغلاشتۇرۇش، ئىككىنچى: كازافى ئارمىيەسىنىڭ غەيرىي قىسىملىرىنى ئەسلىدىكى لاگېرغا چېكىندۈرۈش، ئۈچۈنچى: ياردەمگە ئېھتىياجلىق لىۋىيە ئاممىسىنى دەرھال ۋە ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشتۈرۈش.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!