
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ماي خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 23:15 ئەتراپىدا، تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدا 6.0 بال يەر تەۋرىگەن، ھازىرغا قەدەر 4 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، يۈزگە يېقىن ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى كۇتاخيا ناھىيىسغا 80 كىلومېتىر جايدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەن. تۈركىيە كاندىللى (Kandilli) رەسەتخانىسى ۋە يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش ئورگىنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەنە 50 نەچچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4.6 بال يەر تەۋرىگەن.

سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبولدا تەۋرەش سېزىمى بولغان، كىشىلەر ئوچۇق جايغا چىقىپ پاناھلانغان. يەر تەۋرىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 4 ئادەم قازا قىلغان، بىرى قورقۇپ كېتىپ بىنادىن سەكرىگەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر ياشانغان ئايال يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. كۇتاخيا ئۆلكىسىنىڭ سىماۋ (Simav) رايونىدا، ئاز دېگەندە 79 ئادەم يارىدار بولۇپ داۋالانغان، قوشنا ئۇشاك يېزىسىدا 15 ئادەم يەر تەۋرەشتە يارىدار بولۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بىلدۈرۈشىچە، سىماۋ رايونىدا ئاز دېگەندە 2 قۇرۇق بىنا يەر تەۋرەش سەۋەبلىك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە ئاخباراتلىرى ساقچىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، يەر تەۋرەشتە چەتئەللىكلەر يارىدار بولمىغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!